مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 344|ئىنكاس: 2

مىكرو سۆھبەت: كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدە سۇئال-جاۋاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10617
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 10:22:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلداۋا ئىلاۋىسى: ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلام، چىرايلىق بىر جۈپ كۆزى بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما كۆز ئىنتايىن نازۇك ئەزا بولۇپ، ئەگەر ئادەتتە ئاسىراشقا دىققەت قىلىنمىسا، ئاسانلا كۆز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكلىرىدىن: يىراقنى كۆرەلمەسلىك (近视)، يېقىننى كۆرەلمەسلىك (远视)، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى (干眼症)، نامازشام قارىغۇسى (夜盲症)، كور بولۇپ قېلىش (失明)، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق (弱视)، نۇر يىغالماسلىق (散光)، تراخوما (沙眼)، كۆزگە ئاق چۈشۈش (白内障)، ياشانغانلىقتىن كۆزى تورلىشىش (老花眼)، گلاۋكوما (青光眼) قاتارلىقلار بار.
ئۇنداقتا، كۆزنى قانداق قىلغاندا توغرا، ئۈنۈملۈك ئاسىرىغىلى بولىدۇ؟ قېنى دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مىكرو سۆھبەت (مىكرو ساغلاملىق) مەزمۇنىدا بولسۇن!

تۇنجى سانلىق مىكرو سۆھبەت: ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە سۇئال جاۋابنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

سۆھبەت قىلىنغۇچى: ۋاڭ دوختۇر (ۋراچ) مەركىزى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆز كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى.

سۇئال: مېنىڭ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئۇزۇن. كۆز ئاسرايدىغان تەكلىپ بەرسىڭىز.
جاۋاپ: كومپيوتېرغا قارايدىغان ۋاقتىڭىزنى  قىسقارتىڭ. ھەر بىر سائەت كومپيوتېرغا قارىغاندىن كېيىن كۆزىڭىزنى 15 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇڭ. يەنە كۆز چارچاشقا قارىشى تۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسىڭىز، كومپيوتېر ئېكرانىغا رادىئاتسىيەنى توسىدىغان سۇلياۋنى چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: كۆزۈمدە نۇرغۇن قىزىل سىزىقچىلار بار. كۆزۈمدىن دائىم ياش چىقىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇيقۇمنىڭ  سۈپىتىمۇ ناچار ئەمەس. بۇ ئۇزۇن مۇددەت كومپيوتېرغا قارىغانلىقتىنمۇ؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ؟
جاۋاپ: بەلكىم  كومپيوتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(结膜炎) ياكى ياش نەيچىسى تار بولۇش ياكى ياش قانالچىسى تار بولۇش بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: ياشانغانلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىنى داۋالايدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟  مەن بۇ  يىل 60 ياشقا كىردىم. يېنىڭ كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىم بار. ئەسلىدە پاشا ئۇچۇش (飞蚊症) كېسىلىم بار ئىدى. ھازىر پاشا ئۇچۇش كېسىلىم كۆپ ياخشى بولۇپ قالدى. كۆزۈمدىكى ئاقتا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق. مەن ئاساسلىق كۆزۈمگە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى توختىتىش دورىسى (白内停眼药) نى تېمىتىمەن. بۇ كېسەلنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟
جاۋاپ: دورا تېمىتىش  ئارقىلىق كۆزدىكى ئاقنىڭ تەرەققى قىلىپ كېتىشىنى توسقىلى بولىدۇ. كۆزىڭىزگە كۈچلۈك نۇر ياكى ئۇلتىرا بىنەپشە  نۇرنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. كۆزدىكى ئاق تەرەققى قىلىپ ياخشى ھالدىكى كۆرۈش قۇۋىتى 0.3 ياكى 0.4 تىن تۆۋەن بولسا ئوپراتسىيە  قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: پاشا ئۇچۇش (飞蚊症) كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: پاشا ئۇچۇش كېسىلى ئەينەكسىمان تەنچىىنىڭ سۇيۇقلىنىشتىن شەكىل ئۆزگۈرۈشى ۋە ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ دۇغلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ كېسەلنى دورا ئارقىلىق  پەسەيتكىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

سۇئال: دوختۇر، ياخشىمۇ سىز، مېنىڭ كۆزۈمدە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(结膜炎) بار. بەزىدە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقى نەچچە كۈن توختىماي قىچىشىدۇ. يەنە بەزىدە ياخشى بولۇپ قالىدۇ. نەچچە قېتىم دوختۇرغا كۆرۈندۈم. 色酸酐那、(سېسۈەن گەننا)، 氟美瞳 (فومېيتوڭ) قاتارلىق كۆز دورىلىرىنى ئىشلەتتىم. لىكىن يەنىلا بەزىدە ياخشى بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە بۇرۇنقىدەك . بەزى دوختۇرلار 氟美瞳 نىڭ ئۆزى بىر خىل ھورمون، كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېدى. بەزى دوختۇرلا ھە دېسىلا ماڭا مۇشۇ دورىنى بۇيرىۋاتىدۇ. بۇ قانداق ئەھۋال؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ رەھمەت.
جاۋاپ: ھورمونلۇق دورىنى ھەقىقەتەن كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆپ ئىشلەتكەندە ھورمون خارەكتېرلىك گلاۋكوما (激素性青光眼) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(过敏性结膜炎) بولمىسا ھورمونلۇق دورا ئىشلىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. ئادەتتە بىرىكتۈرگۈچى پەردە  ياللۇقىغا داۋالاشنىڭ تەرتىپلىك بولىشىغا ۋە دورىنى داۋالاش باسقۇچىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە  يەتكۈزۈپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

سۇئال: مېنىڭ ئىككى كۆزۈمنىڭ گرادۇس سانىنىڭ پەرقى 100 گرادۇس ئەتراپىدا، يەنە نۇر يىغالماسلىق (散光) ئەھۋالىمۇ بار. ھازىر كۆزئەينەك تاقىساممۇ بىر نەرسىلەرنى تەستە كۆرىمەن. كۆزئەينەكنى ئېلىۋەتسەم بەك بىئارام بولۇپ كېتىمەن. مېنىڭ بەك ئوپراتسىيە قىلدۇرغۇم بار. سىزچە مۇشۇنداق قىلسام مۇۋاپىق بولامدۇ؟ مېنىڭ سول كۆزۈم 320 گرادۇس، ئوڭ كۆزۈم 210 گىرادۇس.
جاۋاپ: ئەگەر كۆزئەينەك ماس كەلمىسە ئوپراتسىيە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن كۆزئەينەك تاقاش ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل.

سۇئال: قاپىقىم بەك تارتىدۇ. يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ كۆزۈمدە كېسەل بارلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ بۇ يەنە بويۇن ئۇمۇرتقىسى كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟  بۇرۇن كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقاپ كۆزۈم ياللۇغلىنىپ قالغان ئىدى. كۆز قارچۇقۇمنىڭ ئەتراپى قىزىل بولۇپ قالسا بەك پىسەنت قىلماپتىكەنمەن. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقىمىدىم. لېكىن كۆزۈمنىڭ ئەتىراپىدا قىزىل سىزىق بار. دوختۇر پىگمېنتنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن بولغان دېدى. بۇلارنى يوقىتىۋېتىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
جاۋاپ: بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇپ قالغاندا كۆرۈنمەس كۆز ئەينەك تاقىماسلىك كېرەك. بۇنى كۆز دورىسى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. كۆزدىكى پىگمېنتلارنى يىغىلىپ  قېلىشىنى داۋالىماق تەس.

سۇئال: ئانافىلاكسىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى (过敏性结膜炎) بىلەن تراخوما (沙眼) بىرگە بولغاندا قانداق داۋالىسا بولىدۇ؟  ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم 色甘酸钠 (سېگەن سۈەننا) بىلەن 富马酸依美斯汀 (فۇماسۈەن يىمېيسىتىڭ) سۇيۇقلىقى. يەنە ئانافىلاكسىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ئانافىلاكسىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن تەك ساقىيىپ كېتمدۇ؟
جاۋاپ: ئانافىلاكسىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى ئادەتتە ئانافىلاكسىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانافىلاكسىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە تىراخومانىڭ دورىسنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتسە بولىدۇ. تىراخومانى داۋالايدىغان كۆز دورىسىنى كۆپلەپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سۇئال: كۆزۈمنىڭ ئېقىدا كىچىك قان ئۇيۇپ قالغان جايلار بار. قارىسام قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىدىن كېلىپ چىققاندەك تۇرىدۇ. بۇ قانداق ئەھۋال؟
جاۋاپ: ئەگەر يېقىندىن بېرى شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا بىرىكتۈرگۈچى پەردە قاناپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بولسا قىل تومۇر ئۆسمىسى(微血管瘤) بولۇشى مۇمكىن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: ۋاڭ دوختۇر، ياخشىمۇ سىز، شامال بولسىلا ئىككى كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. قىشلىقى ياش بەك جىق چىقىدۇ. بۇنىڭغا كۆپ يىللار بولدى. دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆپ قېتىم تەكشۈرتتۈم. ياش نەيچىسى(泪管) توسۇلۇپ قالماپتۇ. بۇ قاندق ئەھۋال؟  قانداق دورا يەپ داۋالانسام بولىدۇ؟ رەھمەت.
جاۋاپ: شامالدا ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك كۆزىدىن ياش چىقىدۇ. چۈنكى سوغۇق ھاۋا ياشنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، ياش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ياكى 泪小点 تار بولۇش ئەھۋالى بولمىسا داۋالاتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سۇئال: كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن ئوپراتسىيە قىلدۇرغان. قانداق بولسا بۇ ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ؟
جاۋاپ: كۆرۈش تور پەردىسى ئورنىغا كەلگەن بولسىلا ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ.

سۇئال: دوختۇر، مېنىڭ كۆزۈم بەزىدە توساتتىن بەك قىچىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزۈمنىڭ ئېقىمۇ قىزىرىپ قالدى. ئۆزۈم دورا سېتىۋېلىپ نەچچە قېتىم تېمىتسام ياخشى بولۇپ قالدى. لېكىن دورا تېمىتقاندا بەك ئاغرىپ كېتىدۇ. يەنە ئارىلاپ قايتا قوزغىلىدۇ. شامال بولسىلا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. دائىم كۆزۈمنى قۇرغاق ھېس قىلىمەن. مەن ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت كومپيوتېرغا قاراپ ئولتۇرىمەن. بۇ ئەھۋاللار كۆزۈمدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟
جاۋاپ:  دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە  ياللۇغى ياكى  كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: مېنىڭ كىرپىكىمنىڭ ئۈستىدە كىچىككىنە بىر مونەكچە بار. بۇرۇن ئاغرىمىغانلىغى ئۈچۈن دىققەت قىلماپتىكەنمەن. تۇتۇپ باقسام بەك قاتتىق بىرنەرسە ئىكەن. بۇ قانداق ئەھۋال؟
جاۋاپ: بەلكىم يىڭناسقۇ (睑板腺囊肿) بولۇشى مۇمكىن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسىڭىز ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: يېقىندىن بۇيان كۆزۈمدىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ ئاستىدىن قان چىقىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال ئېغىرمۇ؟ دورا يېيىش ياك تېمىتىش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: يۇقىرى قان بېسىم بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. دورا يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېرىم ئايدىن بىر ئايغىچە ئۆزلۈكىدىن سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

سۇئال: بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ ساقايغاندىن كېيىن كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقىسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: تەرتىپلىك ۋە توغرا دورا يېگەندە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى 2-3 ھەپتىگىچە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ساقىيىپ يېرىم ئايدىن كېيىن كۆرۈنمەس كۆز ئەينەك تاقىسا بولىدۇ.

سۇئال: تۆنۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ كۆزۈمدە خۇددى بىر نەرسە باردەك بولۇپ قالدى. كۆز دورىسى تېمىتساممۇ پايدىسى بولمىدى. بەزىلەر ئىسسىق ھاۋا كىرىۋاپتۇ دەيدۇ. بۇنى قانداق قىلىمەن؟
جاۋاپ: دوختۇر خانىغا بېرىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: بىر دوستۇمنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى ئېغىر ئىدى. ئۇزاق ۋاقىت بىر نەرسىگە قارىسا كۆزى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىدىكەن. بېشىمۇ ئازراق ئاغرىيدىكەن. بۇ كۆز بېسىمى (眼压) زىيادە  يۇقىرى بولغانلىقنىڭ ئالامىتىمۇ؟ بۇنىڭ قانداق خەتىرى بار؟ بۇنى قانداق داۋالىسا بولىدۇ؟
جاۋاپ: يىراقنى كۆرەلمەسلىكى ئېغىرلار كۆز چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز بېسىمىنى ۋە كۆز تەكتىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان كۆزۈمنى بەك قۇرغاق ھېس قىلىمەن. دائىم كۆزۈمنى چىمچىقلىتىمەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم ھېچ ئىش يوق دېدى. نەچچە خىل ماركىدىكى كۆز دورىسىنى تېمىتساممۇ ھېچ پايدىسى بولمىدى. بۇنى قانداق قىلسام بولار؟
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ ياش سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىش تەجرىبىسى قىلىپ بېقىڭ. ئەگەر كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى بولسا كۆز قۇرغاقلىشىش كېسلىنى داۋالايدىغان دورىنى تېمىتسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغى(葡萄膜炎)نىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟
جاۋاپ: ئۈزۈمسىمان پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كېسەلنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. مەسىلەن رىماتىزىم، تۇبېركۇليوز دېگەندەك. قاتتىق چارچاش ۋە ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. كېسەل قوزغالغاندا مۇۋاپىق ھورمون ياكى ئىممۇنولوگىيىلىك چەكلەش دورىسى(免疫抑制剂) بىلەن داۋالىسا بولىدۇ.

سۇئال: بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ قاناتسىمان ئۆسمىسى(翼状胬肉) قاندق داۋالايمىز؟ رەھمەت.
جاۋاب: ئەگەر ئۆسمە مۈڭگۈز پەردىگە ئىككى مىللىمىتېر كىرىپ كەتكەن بولسا ئوپراتسىيە قىلىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە قۇم بوراندىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سۇئال: كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى قانچىلىك ياخشىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كەتكەندىن كېيىنكى ئوپراتسىيە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ئوپراتسىيىسىگە كىرمەيدۇ پەقەت كۆرۈش تور پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوپراتسىيەدىن ئىلگىرى كېيىن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

سۇئال: گلاۋكوما (青光眼) ياخشى بولمامدۇ؟ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىغىلى بولمامدۇ؟
جاۋاپ: ئادەتتە ئەسلىگە قايتمايدۇ. ئەمما كۆز بېسىمىنى(眼压) كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نېرۋىنى قۇۋەيلەيدىغان دورىلارنى ئىچىش كېرەك.

سۇئال: مېنىڭ كۆزۈمگە ئون نەچچە يىل بورۇن كىچىككىنە تاش پارچىسى كىرىپ كەتكەن. ھازىرغىچە ياش ئاقىدۇ ۋە چاپاق بولىدۇ. كۆزۈممۇ كىچىكلەپ كەتتى. دائىم كۆز دورىسى تېمىتىمەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دورا يېسەممۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك؟ قانداق  قىلسام مۇۋاپىق بولىدۇ؟ كۆزۈم كىچىكلەپ كەتتى دېگىنىڭىز كۆز قارىچۇقى يىگىلەشمۇ؟ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولىشى مۇمكىن.
جاۋاب: ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: دادام 63 ياش، كۆز ئەينەك تاقاپمۇ يىراقنى ئوچۇق كۆرەلمەيدۇ. كۆزى سەل قىزىل. بۇ قانداق ئەھۋال؟ بىر مەزگىل定志丸 (دىڭجىۋەن) يەپ ئازراق ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار. يەنە كۆز تورلىشىش ياكى كۆزگە ئاق چۈشۈش ئالامىتىنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار.

سۇئال: مەن ھەركۈن دېگۈدەك كۆرۈنمەس كۆز ئەينەك تاقايمەن. يېقىندىن بېرى كۆزۈم بەك قۇرغاقلىشىپ كەتتى. كۆزۈمدە خۇددى بىر نەرسە باردەكلا ھېس قىلىمەن. كۆز دورىسى تېمىتسام ئانچە بەك پايدىسى بولمىدى. كۆزۈم بىر نەرسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغانمىدۇ؟ يەنە دائىم كومپيوتېرغا قاراپ خىزمەت قىلدىغان ئادەم كۆزنى قانداق ئاسرىسا بولىدۇ؟
جاۋاپ: كۆرۈنمەس كۆز ئەينەك تاقاش بەزىدە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى(干眼症) ۋە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى (结膜炎) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: مېنىڭ كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەيدۇ. 600 گرادۇس. نۇر يىغالماسلىق 350. مۇشۇ ئەھۋالدا ئوپراتسىيە قىلغىلى بولامدۇ؟ يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىنىڭ كۆزگە  قانداق تەسىرى بار؟
جاۋاپ: ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆز قۇرغاقلىشى كېسەللىكى (并发症)، نۇر چېچىلىش (眩光) ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىپ كېتىش قاتارلىقلار.

سۇئال: كۆز ئەينەكنى ئاز تاقاش كۆزگە پايدىلىقمۇ؟  مېنىڭ كۆزۈمنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئاران 150 گرادۇس. لىكىن بىر مىتېر نېرىدىكى نەرسىنىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيمەن. بۇ نۇر يىغالماسلىق(散光) ياكى گلاۋكوما(青光眼) نىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنى ۋە كۆز بېسىمىنى (眼压) تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. شۇچاغدىلا نۇر يىغالماسلىق(散光) ياكى گلاۋكوما(青光眼) بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

سۇئال: 60 ياشلىق ئايال، كۆزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە سېرىق داغ بار. كۆزىگە ئاق چۈشكەن. سول كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.3 ، ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.5 . بۇنىڭغا بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟
جاۋاپ: سېرىق داغ ھەممە ئادەمدە بار. مۇھىمى سېرىق داغدا كېسەللىك ئۆزگۈرۈشى بارمۇ يوق تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. كۆزدىكى داغ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا  ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

سۇئال: كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىشتىن كېيىنكى ئوپېراتسىيە ۋە پەردىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ يەنە قايتا تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ؟ رەھمەت.
جاۋاپ: ھەر يىلى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ بېرىڭ.

سۇئال:  كۆزۈمنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئۇچىدا قىزىل مونەكچە بار. بۇنىڭغا قانداق دورا يېسەم بولىدۇ؟
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ قىزىل مونەكچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ ئاندىن قانداق داۋالاشنى ئويلىشىڭ.

سۇئال: ئېنىق كۆرەلمەيمەن. كۆرۈش قۇۋۋىتىم تۆۋەنلەپ كەتتى. كۈندۈزى بەزىدە نورمال بولۇپ قالىدۇ. قاتتىق كۈلۈپ كۈزۈمدىن ياش چىققاندا ئوچۇق كۆرىمەن. بۇ قانداق ئەھۋال؟
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: كۈندۈزى دائىم قاپىقىم تارتىدۇ. بۇ قانداق ئەھۋال؟
جاۋاپ: ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

سۇئال: كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىنى دائىم بىر نەرسە سۈرىۋەتكەندەك بولىمەن. بۇ قانداق ئەھۋال؟
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە  ياللۇغى(结膜炎)كى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى(干眼症)بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: كۆزدە تاش بولسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ ئۇنى قانداق داۋالايمىز؟ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان  ئۇسۇل بارمۇ؟
جاۋاپ: كۆزدىكى تاش كۆرۈش قۇۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر تاش بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئۈستىگە چىقىپ قالسا ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

سۇئال: مەندە 100 گرادۇستىن يۇقىراراق ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بار. كۆرۈش قۇۋۋىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

سۇئال: دىئابېت كېسىلى بىمارىنىڭ كۆزىدە كېسەللىك پەيدا قىلسا كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆزنى قانداق ئاسرايمىز؟ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟
جاۋاپ: قان شېكىرىنى كونترول قىلىڭ. ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۆز تەكتىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ. زۆرۈر بولغاندا كۆز تەكتىگە 荧光造影 ۋە لازىر نۇربىلەن داۋالاش ئېىلىپ بارسا بولىدۇ.

سۇئال: ئانام يېقىندا سالامەتلىك تەكشۈرۈش قىلىپ يېشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قۇيۇلدى(ئانام 61 ياش). بۇ ئەھۋال ئېغىرمۇ؟ ئانام بۇنىڭدىن كېيىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ ئانامنىڭ بۇرۇنلا كېچىدە كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ئىدى. بۇ نىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ رەھمەت.
جاۋاپ:  ئېغىر ئەمەس. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلانسا بولىدۇ. كۆزدىكى ئاقنىڭ تەرەققى قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. كېچىدە كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە قارىتا كۆز تەكتىنى تەكشۈرتۈپ، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى پىگمېنتلارنىڭ ئۆزگۈرۈش بولغان بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

سۇئال: ۋاڭ دوختۇر، ياخشىمۇ سىز. ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرسام چاپاق سەل كۆپ. ئادەتتە كۆزۈمنى ئۇۋىلىسام يېپىشقاق سۈزۈك نەرسىلەر ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانداق كۆز دورىسىنى ئىشلەتسەم بۇ ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ؟
جاۋاپ: بۇ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(结膜炎) ئانتىبىئوتىك(抗生素) كۆز دورىلىرىنى ئىشلىتىپ بېرىڭ.

سۇئال: ياخشىمۇ سىز، بالام ئارانلار 6 ياش، يەسىلىدە تەكشۈرتكەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ شەندوڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن. قارىچۇقنى كېڭەيتىش (散瞳) قاتارلىق ھەرخىل تەكشۈرۈش قىلىپ ھەقىقى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئىكەن، 50 گرادۇس بولسىمۇ كۆز ئەينەك تاقىسۇن دېدى. مېنىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتكۈم بار ئىدى. لېكىن خەۋەرگە قارىغاندا توڭرىن دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتىدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن. شۇڭا ھازىرچە مىكرو بىلوگدا مەسلىھەت سوراپ باقاي دېگەن ^_^ ، بالام تېخى كىچىك، شۇڭا كۆز ئەينەك تاقىمىسۇنمىكىن دېگەن. رەھمەت.
جاۋاپ:  50 گرادۇس بولسا كۆز ئەينەك تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. بالىڭىزنىڭ كۆز ئەينەك تاقىغان ۋە تاقىمىغاندىكى كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ 1.0 دىن يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ  بېقىڭ.

سۇئال: كۆز خالتىسى(眼袋) نى ئېلىۋەتكىلى بولامدۇ؟  قانداق ئېلىۋېتىمىز؟
جاۋاپ: ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئىككى خىل ئۇسۇل، يەنى تېرىنى كېسىش ۋە بىرىكتۈرگۈچى پەردىنى كېسىش ئۇسۇلى بار.

سۇئال: كىرپىكىم دائىم كۆزۈمگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ قاندق ئىش؟ مېنىڭ كۆز دورىسى ئىشلىتىدىغان ئادىتىم بار. ئۇزۇن مۇددەت كۆز دورىسى ئىشلىتىش كۆزگە زىيانلىقمۇ؟ رەھمەت.
جاۋاپ: قاپاق ئەتراپى ياللۇغى(睑缘炎) بارمۇ يوق تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: كۆزدىكى ئاقنى قاچان ئالدۇرسا بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ بەزىلەر ‹‹پىشقاندا›› ئالدۇرسا بولىدۇ دەيدىكەن. يەنە بەزىلەر قاچانلا ئالدۇرسا بولىدۇ دەيدىكەن. قايسىسى توغرا؟
جاۋاپ: ئەينەك  تاقىغاندىكى كۆرۈش قۇۋىتى 0.3 ياكى 0.4 تىن تۆۋەن بولسا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

سۇئال: كۆز ئالدىمدا بىر يىپسىمان قارا نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كۆرۈنگەن نەرسە تەۋرەپ، شەكلى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ سۇيۇقلىشىشىمۇ؟ بۇنى قانداق داۋالايمىز؟
جاۋاپ: پاشا ئۇچۇش كېسىلى (飞蚊症) ئەينەكسىمان تەنچە دۇغلىشىش(玻璃体混浊) نى داۋالايدىغان دورىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېغىر بولغانلارنىڭ تۇغۇتى ئوڭۇشلۇق (顺产) بولغاندا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش(网膜脱落) كېلىپ چىقامدۇ؟  ماڭا جاۋاپ قايتۇرسىڭىز، رەھمەت.
جاۋاپ: مۇنداق ئەھۋال بەك ئاز ئۇچرايدۇ. 妊高症 (رېنگاۋجېڭ) نىڭ كۆرۈش تور پەردىسى قاناش ۋە تەپچىرەپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

سۇئال: دوختۇر ياخشىمۇ سىز، مېنىڭ كۆز قۇيرۇقىمدا دائىم ئاق رەڭلىك ئاجراتمىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ قاندق ئەھۋال؟ نەچچە يىل بولدى. بۇ قاپاق پىلاستىنكا بېزىنىڭ ئىقتىدرى توسالغۇغا ئۇچراش  (睑板腺功能障碍) مەسلىسىمۇ؟ شۇنداق بولسا داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: ياللۇغ قايتۇرسىڭىز ۋە قاپاق پىلاستىنكا بېزى(睑板腺)نى ئۇۋىلاتسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: چاچما ئىششىق (散粒肿) نى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن  يەنە قايتا قوزغالدى. ئىسسىق ئۆتكۈزسىلا(热敷) بولامدۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟
جاۋپ: قايتا قوزغىلىپ يېرىم ئايدىن كېيىنمۇ ياخشىلانمىسا دوختۇرنىڭ پىكىرىگە ئاسەن ئوپراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: دائىم 长针眼 بولۇپ قالىمەن. بۇ قانداق ئىش؟
جاۋاپ: قاپاق پلاستىنكا بېزى(睑板腺) راۋان بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سۇئال: فۇشىمىڭ (富士明) كۆز چاپلىمىسى پاش ئۇچۇش كېسىلىنى ئۈنۈملۈك ساقايتالامدۇ؟
جاۋاپ: ھازىرغا قەدەر ھەرخىل كۆز چاپلىمىلىرىنىڭ پاشا ئۇچۇش كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك پاكىت يوق.

سۇئال: بەش ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ ئېقى كۆكىرىپ قالدى. بۇ قانداق ئىش؟
جاۋاپ: نۇرغۇن بالىلار مۇشۇنداق. بەلكىم ئاقسىللىق پەردە (巩膜) نىڭ نېپىز بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

سۇئال: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ كۆزۈم ئاغرىسىلا چىشىممۇ ئاغرىپ كېتىدۇ؟ بىر تەرەپتىكى مەڭزىممۇ ئاغرىيدۇ. بۇ قانداق كېسەل؟ بۇنى قانداق داۋالايمىز؟ رەھمەت.
جاۋاپ: دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز بۆلۈمى ۋە ئېغىز بوشلۇقى بۆلىمىنىڭ ھەر ئىككىسىگە تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: نەرسىلەرنى كۆرسەم تۈز ياكى يۇمىلاق ئەمەس. بۇنى قاندق داۋالايمىز؟
جاۋاپ: كۆز تەكتىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: بەزىدە كۆزۈمدە پاختىسىمان نەرسە (絮状物) پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ قاندا ئىش؟ سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟
جاۋاپ: ئەينەكسىمان تەنچە دۇغلىشىش(玻璃体混浊) ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: مەن كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقايمەن. كۆزۈم قىزىرىپ قالدى. قاندق قىلسام بولىدۇ؟
جاۋاپ: كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقاش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى ئازايتىڭ. بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(结膜炎) بارمۇ يوق تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.

سۇئال: ۋاڭ دوختۇر، ياخشىمۇ سىز، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى پىگمېنتنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ بۇ ئىرسىيەت قالامدۇ؟
جاۋاپ: گېن ئارقىلىق داۋالاش ۋە كۆرۈش تور پەردىسىدىكى پىگمېنتلارنى كۆچۈرۈش ھازىر ھايۋانلار تېندە تەجرىبە قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرچە ئېنىق بېكىتىلگەن دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يوق. بىر قىسىم كىشىلەر گېن ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلادقا ئىرسىيەت قالدۇرىشى مۇمكىن.

سۇئال: دادام يېقىندا تەكشۈرۈش قىلىپ گلاۋكوما (青光眼) كېسىلى بارلىقى ئېنىقلاندى. ئەمما كۆز بېسىمى(眼压) يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟
جاۋاپ: كۆز بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. گلاۋكوما بولۇش ۋاقتىغا  ۋە كۆز ئاستىدىكى كۆرۈش نېرۋىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك.

سۇئال: چوڭلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىنى داۋالىغىلى بولمامدۇ؟ كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقىسا بولامدۇ؟
جاۋاپ: چوڭلاردىكى كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىز بولۇشنىڭ %30 داۋالاپ ساقايتىش ئۈمۈدى بار. ئادەتتىكى كۆز ئەينەك ياكى كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقىسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: رەڭدار پەردە كىرپىكسىمان تەنچە ياللۇغى(虹膜睫状体炎) كۆپ قېتىم قايتا قوزغالدى. بۇ نېمە سەۋەپتىن؟ تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋپ: بۇ ئەۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەل بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. مەسىلەن، تۇبېركۇليوز (结核) ۋە رىماتىزىم دېگەندەك. چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ.

سۇئال: ۋاڭ دوختۇر، سىزدىن سوراپ باقسام، بەزىدە كۆزۈمدە قۇم باردەك ھېس قىلىمەن بۇ قانداق ئىش؟ 500 گرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقايمەن. رەھمەت.
جاۋاپ: بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى(结膜炎) ياكى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى(干眼症) بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

سۇئال: ئاپام يېقىندىلا سېرىق داغنى تېشىش(黄斑裂孔) ئوپېراتسىيەسى قىلغان. ھازىر ئازراق  ئىششىق بار. ئەگەر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىششىق يانسا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىدىكىدىن ياخشى بولامدۇ؟
جاۋاپ: سېرىق داغنى تېشىش(黄斑裂孔)   ئوپېراتسىيەسى قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلانغانلار كۆپ ئەمەس. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى ئىششىق يانغاندىن كېيىن كۆزۈتۈپ بىلگىلى بولىدۇ.

سۇئال: كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ: بىر قىسىمىنى ساقايتقىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكىسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.



-------------------------------
مىكرو سۆھبەت: ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=149
مىكرو سۆھبەت: تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=256
تېخىمۇ كۆپ مىكرو سۆھبەتلەر ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدە!
http://bbs.eldawa.com/forum.php بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eldawa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 10:23 AM  


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 12:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە بەك ياخشى چىقىپتۇ .....

...؟...!!!

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73809
تۆھپە نۇمۇرى: 273
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 05:59:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ. تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش