سىز ئىچىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىغىنى بىلەمسىز؟
ئادەتتە بىز ئىچىۋاتقان، يىشىل چاي، شاپتۇل شەربىتى، قىزىل كالا، گازلىق سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى قانداق ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قوشىدۇ بىلەمسىز؟ شاپتۇل ئىچىملىكىنى مىسال ئالايلى، ئۇنى شاختا پىشقان مېۋىلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ زاۋۇتتا شىرنىسىنى چىقىرىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق بىرنەرسە قوشسا قوشۇپ قوشمىسا شۇ پېتى قۇتىغا قاچىلاپ ئەپچىقىپ ساتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداق ئىش يوق. ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇنداق ئىش يوق. ئىچىدىن مېۋىنىڭ ئۆزى چىقمىسا ئۇنىڭغا مېۋە ئىشلەتكەن بولۇشى ناتايىن… ئەمەلىيەتتە شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ شاخ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. چۈنكى ئۇنى شاپتۇل بىلەن ئەمەس يېمەكلىك قوشۇمچە ماتېرىياللىرىدىن ئىشلەيدۇ.مەن ھازىر بىر يېمەك-ئىچمەك شېركىتىدە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن شۇڭا ئىچىملىك ئىشلەش جەھەتتىكى بەزى ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن. بۈگۈن مەن كەڭ تورداشلارغا قولۇمدىكى بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، قىسمەن ئىچىملىكلەرنىڭ ماتېرىيال خۇرۇچلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي. شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ تەڭشەش رىتسىپى تۆۋەندىكىچە (خەنزۇچە يېزىۋېرەي)
ھەر كىلوگرام تازىلانغان سۇغا
阿斯巴甜 200g
ak糖 200g
甜蜜素 300g
柠檬酸 1.3kg
柠檬酸钠 400g
cmc 800g
山梨酸钾 250g
乙基麦芽酚 60g
盐 200g
色素 بۇنى رەڭگە قاراپ مۇاپىق تەڭشەيدۇ
مانا بۇ ئاستىدىكىلەر شاپتۇلنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان نەرسىلەر
w3112黄桃 100g
1023桃 500g
4052桃 300g
قانداق، سىز ئويلىغاندەك ئەمەسمىكەن… ئەمدى بۇلارنىڭ باھاسىغا كەلسەك: (ھەر كىلوگرامى\يۈەن)
阿斯巴甜 180
ak糖 90
甜蜜素 18
柠檬酸 12
柠檬酸钠 11.2
30 cmc
山梨酸钾 35
乙基麦芽酚 140
盐 2.4
色素 35
w3112黄桃 35
33 1023桃
4052桃 30
رەڭ تەڭشىگۈچ(色素) نى قوشساق جەمئى185.11 يۈەن بولىدۇ.
دېمەك بىر توننا سۇغا تۆت كىلو ئالتە يۈز گرام ماتېرىيال ئارىلاشتۇرسا بۇنىڭدىن ھەر بوتۇلكىسىنى 2.5 كىلوگرامدىن ھېسابلىغاندا، ئارىلىقتىكى ئىسراپ بولغان قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە 400 بوتۇلكا شاپتۇل ئىچىملىكى چىقىدۇ. قانداق، شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ پايدىسى ياخشىمىكەن؟ بىراق مەن بۇ يەردە تەمىنلىگىنى ئۆلچەملىك رىتسىپ، باشقىلار يەنە نېمىلەرنى قوشىدۇ ئېنىق ئەمەس.
ئەمدى تەمى قىزىل كالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىچىملىك بارغۇ بىڭنيۇ (冰牛) دەيدىغان. شۇ ئىچىملىككە قاراپ باقايلى. بۇ شاپتۇل ئىچىملىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ. پەقەت ئەڭ ئاستىدىكى ئۈچ خىل ماتېرىيالنىڭ ئورنىغا:
红牛香精 600g قوشساق بۇ بىڭنىۇ ئىچىملىكى بولىدۇ.
بەلكىم بۇ يازما بەزى كارخانىلارنىڭ مەخپىيەتلىگىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بولىشى مۇمكىن. بىراق مېنىڭچە كەڭ ئىستىمالچىلار ئۆزى ئىستېمال قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ نېمىلەردىن ئىشلىنىدىغانلىغىنى بىلىشكە ھوقوقلۇق دەپ قارايمەن. ئەگەر مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلاپتۇ دەپ ئاغرىنىدىغانلار بولسا، ئىچىملىكىنىڭ قۇتىسىغا ئۆزى ئوبدان بىر قاراپ باقسۇن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازمامنى باشقا جايلارغا كۆچۈرمەسلىگىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە: بىلىم-كۇچ مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-2 02:05 AM