بالام ھازىر مەكتەپ يېشىغا يەتتى. ئۇنى ھازىرغىچە كومپىيوتىر بىلەن بەك كۆپ ئۇچراشتۇرمىدىم. 
 
ھېلىمۇ ئىسىمدە ، ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم يىغلاپ كەتكەندە ،ئۆزۈم كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولغاچقا ، ئويۇندىن بىرنى ئېچىپ گول قىلغان ئىدىم . نەدىن بىلەي ، ئۇ ھەرقېتىم كومپىيوتىرنى كۆرسىلا شۇ ئوياننىڭ جىدىلىنى قىلىدىغان بولدى . مەن قەتئى نىيەتلىك بىلەن ئۇنىڭغا قايتا ئويۇن ئېچىپ بەرمەي ، بىرەر يېرىم يىلدا ئاندىن ئۇنتۇلدى. 
 
مىنى نېمانچە قىلىپ كەتكەندۇ دەپ قالماڭلار ؟ ئۇ كومپىيوتىر بىلەن تۈنجى قەدەمدە ئويۇن ئارقىلىق ئۇچراشسا ، كومپىيوتىرنى ئويۇن ئوينايدىغان نەرسە ئىكەن دەپ قالمىسۇن دېدىم . دېمىسىمۇ كومپىيوتىرنى ئېچىۋېلىپ كۇنبۇيى ئويۇن ئوينايدىغان ، كوت - كوتتا پاراڭلىشىدىغان ئادەملەر بىلەن شۇنداق خوشۇم يوق ( خوشۇمنىڭ يوقلىقىغا مۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىنى دېمەيسىز . مىنىڭچە ئۇلارنىڭ كۆپ قېسىمى كومپىيوتىر بىلەن ئويۇن ئارقىلىق ئۇچراشقان بولىشى مۇمكىن ) 
بالىلارنى كىچىكىدىن كومپىيوتىر بىلەن ئۇچراشتۇرماي بولمايدۇ . چۈنكى بۇ يۇزلىنىش . بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق 
بولمايتتى . ئەمدىكى گەپ قانداق ئۇسۇلدا بالىلارنى كومپىيوتىر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش كېرەك ؟ 
 
بۇ ھەقتە مەن مۇنداق ئويلىدىم : 
1. بالامنىڭ تولۇق ساۋادى چىققۇچە كومپىيوتىر بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرماسلىق ( قەتئىي ئۇچراشتۇرماسلىق مۇمكىن ئەمەس، بالام ھازىر كومپىيوتىردا ئانچە - مۇنچە رەسىم سىزىپ يۇرىيدۇ ) . ساۋادى چىققاندىن كىين ، رەسىم سىزىش ، مەلۇم دىسكىغا كارتون يۇشۇرۇپ قويۇپ ، ئىسمىنى دەپ بىرىپ ، تىپىپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كومپىيوتىر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش 
2. مەلۇم مەسىلىگە ئۇچرىغاندا ، تورنىڭ ماترىيال ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشنى ئۆگىتىش . كارتون كۆرىدىغان ۋاقتىدا توردىن كارتون تېپىپ كۆرەلەيدىغان بولۇش ، چۈشەرەلەيدىغان بولۇش( ئەلۋەتتە ، چوڭلارنىڭ نازارەتچىلىگى ئاستىدا ) 
 
مىنىڭ ھازىرچە كاللامغا كەلگىنى شۇنچىلىك .
بالىلارنىڭ كومپىيوتىر بىلەن ئۇچرىشىش ، ئاينىپ كەتمەي توغرا پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۇرۇش ھەممە ئاتا - ئانىلار ئويلاۋاتقان ، ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە بولىشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالمىساق يۈرەك پارىللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن . بۇ بەكمۇ ئېغىر پاجىئە.
 
شۇنداق ئىكەن بۇ ھەقتە تەجرىبىسى بارلار تەجرىبىسىنى ، ئويلىغانلىرى بارلار ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا ، ئورتاقلىشىپ باقساق . بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلار بولسۇن ياكى ئويلىمىغانلار بولسۇن ، بۇ ھەقتە كالتىراقمۇ بولسا چۈشەنچىگە ئېگە بولىۋالساق . 
بەلكىم بۇ ھەقتىكى ئەستايدىل پىكىرلىرىمىز ، ئەڭ كەم بولغاندا بىر نەپەر بالىنىڭ تور تەلۋىسىگە ئايلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالار . شۇڭا ئويلىغانلىرىمىزنى ئەستايدىل پوزىتسىيە بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق .
 
باشقا تاققۇ - تۇققۇ يازمىللىرىم
بۇ يەردە