1-جىنازىغا ئەگىشىشكە قىلىنغان ئەمىر توغرىسىدا
مۇئاۋىيە ئىبنى مۇقەررىن بەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ، بەرا مۇنداق دىگەن ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى يەتتە تۈرلۈك ئىشقا بۇيرىدى . يەتتە تۈرلۈك نەرسىدىن مەنئى قىلدى .بىزنى جىنازىغا ئەگىشىشكە ، كىسەللەرنى يوقلاشقا ، چاقىرغان يەرگە بېرىشقا ، زۇلۇمغا ئۇچىرغانلارغا ياردەم بىرىشكە ، سالام بەرگۈچىلەرنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشقا ، چۈشكۈرگۈچى ئەلھەمدۇلىلا ( خۇداغا شۈكرى .) دىسە ، ئۇنىڭغا يەرھەمۇكەللا ( خۇدا ساڭا رەھمەت قىلسۇن ) دىيىشكە بۇيرىدى ھەمدە بىزنى كۈمۈش قاچىلارنى ئىشلىتىشتىن ،ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشتىن ، تاۋار دۇردۇنلارنى ، زەر ئارلاش يىپەك رەختلەرنى كىيىشتىن ( بۇ يەردە ئاياللار ئەمەس ، ئەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ .) تېشىغا يىپەك رەخت قاپلانغان ئىگەر ئۈستىگە مىنىشتىن مەنئى قىلدى .
2_ بالىسى ئۆلگەن ئادەمگە بولىدىغان ساۋاپ توغرىسىدا
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛ بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ سەغىرە بالىسى ئۈلۈپ كەتسە ، ئاللاھ ئۇلارغا رەھمە تقىلىش يۈزىسىدىن ئۇ ئادەمنىمۇ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ .
3- مىيىتكە يېغلاشنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا
مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان : ماڭا يالغاننى چاپلاش ، باشقا بىر ئادەمگە يالغاننى چاپلىغانغا ئوخشىمايدۇ ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى چاپلايدىكەن ، ئۇ ئادەم دەۋزەختىن جاي ئالسۇن .مۇغىرە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ؛ كىمكى مىيىتكە يېغلايدىكەن ، ئۇنىڭ يېغلىغانلىقى تۈپەيلىدىن مىيىت ئازاپقا قالىدۇ .
4_ ياقا يىرتىپ يېغلاشنىڭ رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : يۈزلىرىنى تاتىلاپ ، ياقىلىرىنى يىرتىپ يېغلىغانلار ۋە ئاللا تۇۋا سېلىپ يېغلىغانلار بىزنىڭ سۈننىتىمىزگە مەنسۇپ ئەمەس كىشىلەردۇر ، دىگەن .
5- ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ئادەم توغرىسىدا
سابىت ئىبنى زەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى يالغاندىن ئۇلۇغلاپ قەستەن شۇ دىن بىلەن قەسەم ئىچسە ، ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك بولىدۇ .( ئىماندىن ئاجرايدۇ )كىمكى ئۆزىنى تىغ بىلەن ئۆلتۈرۋالسا ، بۇ ئادەم دەۋزەختە شۇ تىغ بىلەن ئازاپلىنىدۇ .
مەنبە :
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-17364.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-1 08:37 PM