|
|
|
|
بۇ يىل ماڭا ئامەت بار ئۇخشايدۇ، يىڭى يىل باشلىنىپلا كەيپىياتىم ئاجايىپ ياخشى، ماڭا خۇشاللىقلار خېلى نىسىپ بۇلىۋاتىدۇ، خىزمىتىممۇ بارغانسىرى كۈڭۈللۈك بىلىندىغان بولۇپ قالدى، بورۇن بىر خىل ھارغىنلىق ئىچىدە ئىشلەيتىم، بىراق ھازىر ئۇنداق ئەمەس، جاپالىق ئىشلەپ پۇل تىپىپ تۇرمۇش قامداش مەقسەت ئەمەس، خۇشاللىق ئىزدەپ ئىشلەيدىغان بولدۇم، شىركەتتىمۇ ئۆزگىرىش چوڭ، بۇرۇن شەنبە يەكشەنبىلەردىمۇ ئىشلىگىلى ئارانلا تۇراتتۇق، كىچىكىپ قالساق بىر مۇنچە گەپ ئىشتەتتۇق، مانا ئەمدى ھەر شەنبە يەكشەنبە دەم ئىلىش، كىچىكىپ قالساقمۇ ئانچە بەك چىڭ تۇتمايدىغان بولدى، پەقەت خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ۋاقتىدا، ياخشى چىقساقلا باشلىقمۇ رازى، بىزمۇ بارغانسىرى كۈڭۈللۈك ئىشلەيدىغان بولدۇق .
مانا چاغاندىمۇ خەنزولار بىلەن ئۇخشاش 7 كۈن دەم ئالدۇق، دەسلەپكى كۈنلەرنى ئۆيدە ياخشى ئارام ئىلىپ ئۆتكەزدىم، 25 - چىسلا << تۇرپان قۇياش نۇرى ساياھەت شىركىتىدىكى >> ساياھەت يىتەكچىسى دۇستۇمنىڭ دەۋىتىدە بىر خەنزو تۈەن بىلەن قۇشۇلۇپ قار تىيىلىش ساياھىتىگە ئاتلاندىم، بىز ئەتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى بەش يىرىم بىلەن تۇرپاندىن يولغا چىقتۇق. مەنزىلىمىز نەنسەن تەرەپتىكى <<يىنفىڭ قار تىيىلىش مەيدانى>> ئىدى، بۇ تۈەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلە بۇيىچە ساياھەتكە چىققانلار بولۇپ، جەمئىي 7-8 ئائىلىكقۇ دەيمەن، ھەممىسىلا ئەر ئايال بىردىن بالىسى بار ئىدى، ئۇلار بىزنى چىچۈەنخۇنىڭ مەلۇم جايىدا ساقلاۋاتقان ئىكەن، شۇنۇڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق، ساياھەت ماشىنىسىدا ساياھەت يىتەكچىسى رەيھانگۈل بىلەن مەن ئىككىمىزلا ئۇيغۇر ئىدۇق، ئۇنىڭ قىزغىن، خۇشچاقچاق، يۇمۇرلۇق گەپلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرمۇ يول بۇيى زىرىكمەي خۇشال كەيپىياتتا ماڭدى، بۇ قىزنىڭ مىنى ئەڭ قايىل قىلغىنى راۋان چۈشۈنۈشلۈك ھەم قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرلۇق قىلىپ ساياھەتچىلەرگە پۈتۈنلەي دىگۈدەك تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مىللى ئۆرۈپ ئادەتنى بەكرەك تەشۋىق قىلغىنى، ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈرۈشكە كۆپرەك كۈچەپ كەتكىنى بولدى، بىز شۇ تەرىقىدە سائەت شىنجاڭ ۋاقتى 10-يىرىملار بىلەن مەنزىلىمىز<< يىنفىڭ قار تىيىلىش مەيدانى >> غا يىتىپ كەلدۇق. ۋاھ ، بۈگۈن بۇ يەردە ئادەم بەك كۆپ ئىدى، قاراپ باقسام كۆپىنچىسى ئائىلىۋى ساياھەتچىلەردەك قىلاتتى، دۇستۇم باشلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككىمىزمۇ قار تىيىلىشقا باشلىدۇق، راستىنى دىسەم مىنىڭ بۇنداق يەردە قار تىيىلىشىم تۇنجى قىتىم بولغاچقا بەك قورقۇپ تۇراتتىم ، دۇستۇم ماڭا قار تىيىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئانچە مۇنچە دەپ بېرىپ ئاندىن يىقالماقچى بولسىڭىز يانغا يىقىلىڭ بەك چۈشمەيسىز دىدى، مەن ماقۇل دەپ تەييارلىق ھالەتتە تۇرغىنىمدا، ئۇ تۇيۇقسىلا كەينىمدىن ئەمىسە ماڭدۇق دەپ بوش ئىتتەرگەنتى شۇ تىيىلغانچە كىتىۋاتىمەن، يا ئۆزەمنى تۇختىتالمايمەن، ۋاقىراپ جاقىراپ ئالدىمدىكى قار تىيىلىۋاتقانلارغا سۇقۇلۇپ كەتمەي دەپ يول بېرىڭلار، پوش پوش دەپ كىتىپتىمەن ، يائاللا ماڭغانچە سۈرئەت تىزلىشىدىكەن، قۇلۇمدىكى تايىقىمۇ تۇختىتالمايدىكەن ئادەمنى، قورقۇنۇچتىن ئۆزەمنى بېرىپ بىرسىنى سۈزدىغاندەكلا ھىس قىلىپ كەتتىم، ئاخىر كونتۇرۇللىقىمنى يۇقۇتۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم، ھىلىمۇ 3-4 مۇللاق ئىتىپلا تۇختاپ قالدىم، قولۇمنىڭ بىغىشى سەل ئاغرىغاندەك بولدى، بەك قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلدى، مەنلا يىقىلدىممىكىن دىسەم ئويناۋاتقانلارنىڭ تولىسى يىقىلىدىكەن، مەن تۇنجى يىقىلىشتىلا بۇ ئۇيۇندىن ۋاز كەچمەكچى بولغان ئىدىم، قارىسام دۇستۇم كارامەت تىيىلىپ قۇيىدىكەن پۇكۇس چىقىرىپ، ئۇنىڭ تىيىلىشلىرىغا مەستانە بولۇپ ۋايجان قاچانلاردىمۇ ئۈگۈنۈپ بولغانسىز دىسەم مەنمۇ بىر قانچە قىتىم قاتتىق يىقىلىشلاردىن كىيىن ئۆگەنگەن دەيدۇ، شۇنۇڭ بىلەن مەنمۇ قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ ئۈگۈنۈشكە بەل باغلىدىم، ئۇدا بىر قانچە قىتىم يىقىلىپ قۇپۇپ دىگۈدەك ئاخىر خېلى ئۇزۇنغىچە يىقىلماي تۈز ھالەتتە ھەم تىز تىيىلىشنى ئۈگۈنۈۋالدىم. ھەجەپ خوش بولدۇم دىسە ئۇنۇڭدىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى ئون ئىككى يىرىمدا چۈشلۈك تاماق يىدۇق، چۈشلۈك تاماق پولۇ ئىكەن، بىز قۇشۇمچە باشقا نەرسىلەرنىمۇ بۇيرۇتۇپ ئوبدان تاماقلانغاندىن كىيىن يەنە ئويناشقا ماڭدۇق، دۇستۇم ئەمدى ئات مىنەيلى دىگەنتى مەن مىنىپ باقمىغاچ سەل قورۇقتۇم ئەمما يەنىلا قۇشۇلدۇم . دەسلەپ قورقۇنۇچلۇق بىلىنىپ ئاتچى قازاقنىڭ يىتلەپ مىڭىشى بىلەن ئاران بىر باشقا چىقالىدىم، كىيىن يەنە غەيرەت قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە بولدى سەن يىتىلىمە ئۆزەم مىنىپ باقاي دەپ مىندىم، قارىسام ئوبدانلا مىنىۋاتىمەن، دۇستۇم ئالدىمدا چىيا چىيا قىلىپ يۈگۈرتۈپ ماڭغىلى تۇردى، مەنمۇ خوشلۇقۇمدا چىيا قىلىپ ئاتنىڭ قورسۇقىغا بىرنى تەپتىم ئات بىر يۈگۈرگەنتى تاس قالدىم يىقىلىپ چۈشكىلى، كىيىن تەبىيلا ئۈگۈنۈپ كەتتىم ، ئۇيۇنلارنىڭ ئىچىدە ئات مىنىش ماڭا ھەممىدىن كۈڭۈللۈك تۇيۇلدى. بىز نۇرغۇن رەسىملەرگە چۈشتۇق. ئىشقىلىپ بەك كۈڭۈللۈك ئويناپ كۈچقۇرۇن ئۈرۈمچىگە قايتتۇق. كەچلىكى شىندۇ مىھمانسارىيىغا چۈشتۇق، دۇستۇم ساياھەت يىتەكچىسى بولغاچ ئۇنۇڭغا ئالاھىدە ئىتىبار باركەن، ياتاقنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىچىدە كومپىيۇتېر بارىنى بىزگە بەردى، ئەتىسى ئىختىيارى پائالىيەت ئىدى، دۇستۇم بىلەن راسا بازار ئايلاندۇق، كەچقۇرۇن تۇرپانغا قايتىپ كەلدۇق. ئىشقىلىپ بۇ دەم ئىلىش مەن ئۈچۈن شۇنداق كۈڭۈللۈك ئۆتتى، ئەمما ئىشخانىغا بارالمىغاچقا تورغا چىقالماي مۇنبەرنى دوسلارنى ئاجايىپ سېغىندىم دەڭلا! مانا 30- چىسلا ئىشقا كىلىپلا مۇنبەرگە خاتىرەمنى يوللاي دىگەن ئىدىم، بىراق سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ ۋاقتىم يەتمىدى. بۈگۈن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن، ئەمدى دوسلارغا قار تىيىلىش مەيدانىدىكى رەسىملەردىن ئازراق سۇناي! ۋايجان جاپا تارتىپ تارتقان رەسىملىرىمنى ھىچ بىر يوللىيالمايۋاتىمەن دىسە ....
سەل تۇرۇپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاي ئەمىسە!
مەنبە: مەن
|
|
|
|
|
|