زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان مەۋھۇملۇق
ھەرخىل تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن مەلۇم بولدىكى، ماددىي جىسىم ھەرقاچان ۋە ھەر زامان ،ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. ئەڭ قىسقىسى دەپتەرگە يېزىلغان خەتمۇ ماكان ۋە زامان تەرىپىدىن دەپتەر يۈزىدە ئىپادىلىنىدۇ.
بىراق بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى ماددى جىسىم بولۇپ،ئۇ ئاڭ ياكى تەپەككۇر ئەمەس،ئەمما ،مۇشۇ مەۋجۇدىيەت ئاڭ تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن .
ئىدىئالىزىمدا تىلغا ئېلىنغان ئاڭ ، ماددىي جىسىم ئەمەس،ئۇ مەۋھۇملۇق شەكلىدە بارلىق شەيئىلەرگە قوماندانلىق قىلغۇچى.ئۇ مەۋھۇملۇقى بىلەن زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالىغان.
ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن << ئات ۋە ئات مىنگەن كىشى>>دېگەن ئەسىرىدە ،ئادەمنىڭ روھىيىتىنىڭ (يەنى ئاڭ تەپەككۇرىنىڭ) ئادەمنىڭ جىسمىنى باشقۇرۇپ ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىدىغانلىقىنى ،تەپەككۇرسىز ئىنساننىڭ قۇرۇق جىسىم ،كېرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دېمەك تەن ئادەمنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى تەسۋىرلىسە،روھ مەۋھۇملۇق ئىچىدە تەننى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ھالەتتە تەننى كونترول قىلىدۇ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن يەنە < ئات مىنگەن كىشى تەپەككۇرسىز بولسا ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ >دەپ ئېيتقان .
تەپەككۇر زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا،ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت پائالىيىتى تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە يېڭى بايقاشلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. ئىنسان روھىيىتى تەن بارالمىغان يەرلەرنى ھەر زامان ،ھەر قاچان كېزەلەيدۇ.كائىناتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئەركىن ھالەتتە ئىزدىنەلەيدۇ،روھ تەننى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىتماي تۇرۇپ ،جاھاننىڭ سىرلىرىنى تەن ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ.
بۇ كىشىلەر دەۋاتقان ئەقلىي يەكۈننىڭ نەتىجىدى ئەمەسمۇ ؟
بىزگە ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى بايقاپ قالدۇرۇپ كەتكەن نىيوتوننىڭ جىسمىمۇ يەر شارىدىن چىقىپ كەتمىگەن . پەقەت ئەقلى تەپەككۇرى ئارقىلىق جىسمى بارالمىغان يەرلەرنىڭ سىرىنى ئاچقان ،ئۇ يەنە ئۆزى ياشىغان دەۋر تارىخى چەكلىمىسىدىن ھالقىيالمىغان بولسىمۇ كائىناتنىڭ سىرى ئۈستىدە روھىيىتى ئارقىلىق بۇ چەكلىمىلىكلەرنى يېڭىپ ئىزدىنەلىگەن .
ئىلىم -پەن تەرەققىياتىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى ،دەل زور تەپەككۇرغا باي دانىشمەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ ئىزدىنىشىدىن كەلگەن.زامانىمىزدىكى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى سېتىفىن خاۋكىڭ ئەپەندى مېيىپ ھالەتتە تۇرسىمۇ،ئۆز تەپەككۇرىنى توختاتقان ئەمەس ،تەپەككۇرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.بۇنداق كىشىلەر ئۆز مېيىپلىقىدىن ئەمەس ،بەلكى تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى تېنى ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەسلىكىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ.
ئەڭ قىسقىسى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىنسانىيەتنىڭ بۇ خىل قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى تېخى ھېس قىلىپ يېتەلىگەنى يوق...
ئۈلۈشكۈن 11:01 AM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (82.73 KB)
مەزكۇر سۈرەتتىكىسى سېتىفىن خاۋكىڭ ئەپەندى،ئۇ مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ،ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ روھىيىتى ساغلام
.
مەنبە: ئا.جۇدۇنى