مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2094|ئىنكاس: 44

بالا كەلسە قوش كەپتۇ. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18178
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 05:32:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زاماننىڭ تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قىسمەن ئادەملەر پۇل تېپىشقا ۋاستە تاللىمايدىغان،ھالال ھارامنى ئايرىمايدىغان بولۇپ كەتتى،تېخمۇ يامىنى ئوغرلار كۈپكۈندۈزدە ئۆيمىزگە كىرىپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت،پۇل-پۈچەكلىرىمىزنى ئوغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ.يۈزىنىڭ قېلىنلىقى تېخى،خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك ياكى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا قول سالغاندەك قىلچىمۇ ھۇدۇقمايدۇ.بۇنداق ئىشلار بەزىللىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلدى بەزىللىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلمىگەن بولسىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز،كۆرىۋاتىمىز.تۆۋەندە يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي.

قايسى بىر كۈنى ئۆيدە تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز توك كەتتى.ئادەتتە بۇ بۇنداق ئىشلار كۆرۈلۈپ باقمىغان بولغاچقا ھەيران قېلىپ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باقاي ئۆيدىكى كاشلىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈيدىمۇ توك يوقمۇ دەپ چىقسام ئۇ ئۆيدىمۇ ئوخشاشلا توك يوقكەن.كىرگەن ئىكەنمەن ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قاپتىمەن.خوشلىشىپ ئۆيگە كىرسەم ئىشىڭ يوغان ئۇچۇق بىرسى كەينىنى قىلىپ تېلۋۇزۇر قۇيغۇچنىڭ تارتمىللىرىنى ئاختۇرغىلى تۇرۇپتۇ.دەمالىققا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن.ئىسىمگە كىلىپ _كىم سىز؟بۇ ئۆيدە نىمىڭىز بار؟نىمىشقا رۇخسەتسىزلا ئۆيۈمگە كىرىسىز؟دىسەم ئۇ بالا خىيالىغا كەلتۈرمەي بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن،ئاكام ئامبۇر ئەچىق دىگەن دەپ يەنىلا ئاختۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ،ئاكىڭىز كىمۇ؟ دەپ سورىىسام ،قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئامبۇر ئېچىق دىگەن. يوقكەنغۇ ...دەپ بىر نىمىلەرنى غودۇڭشىپ چىقىپ كىتىۋاتىدۇ،قارسام 16ياشلاردىكى بالا.گىلەملەرگە دەسسەپ بىر قىلۋېتىپتۇ.ھەي ئامبۇر بۇ يەردە...ئۇنىڭ كەينىدىن ئامبۇرنى ئېلىپ چىققىنىمدا بىرسىنىڭ پەلەمپەيدىن يۈگرۈپ چۈشۈپ كىتىۋاتقان ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى.ئوغرى...تۇيۇقسىز كاللامدىن بۇ گەپ چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى.ئۆيگە ئوقتەك كىرىپ ئىشكاپتىكى كىتاپنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويغان 1500يۈئەننى ئىزدىدىم.خۇداغا شۈكرى ئۇ بۇ يەرنى ئاقتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي بۇ پۇل جايىدا قالغان ئىدى.كۈپكۈندۈزدە ما ئىشنى كۆرۈڭ كۆز ئالدىمدىن قاچۇرۇپ قويدىما بۇ ئوغرىنى ئۆزەمنىڭ دۆتلىكىمدىن ئاغرىنغاچ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋالنى ئېيتسام توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇپلا قالدى.پەستىكى قوشىنلار خەنزۇ،تۇڭگان لار بولۇپ بۇ بىنادا 4لا ئۇيغۇر بار ئىدۇق.لىكىن ھەممىسى ماڭا تۇنۇش ئۇلارنىڭ نەدىمۇ بۇنداق ئىنىسى بولسۇن ھەممىسى گىپىمنى ئاڭلاپ توۋا دەپ ياقىسنى تۇتۇشتى.
ئەمدى ماۋۇ كىتاپنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان 1500 يۈئەننىڭ گىپىگە كەلسەك بۇنى بايدىن بىر تۇنۇشۇم 8-ئاۋغۇسىت پۇلات-تۆمۈر زاۋۇتى تەرەپتە تۇرىدىغان نەۋرە ئاكىسىغا ئاپىرىپ بىرىشىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ يېزا ئامانەت بانكا كارتا نۇمۇرۇمنى سورىۋېلىپ سېلىپ بەرگەن ئىدى.ئىشنىڭ تولالىقىدىن ئەتە ئاپىرىپ بىرەي ئۆگۈن ئاپىرىپ بىرەي دەپ ۋاقتىم چىقمايۋاتاتتى.ھېلىمۇ باياقى ئوغرى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولسا بىكارلا خەققە قەرىز بۇلۇپ قالىدىكەنمەن ئەمەسمۇ.ئەمدىكى گەپ ماۋۇ 1500 يۈئەننى نەگە يۇشۇرۇپ قۇيۇش.يانچۇققا سالسام چۈشۈپ قالسا يەنە ئوخشاش زىيان پورتمال دىگەننى ئوغرى بەك تىز كۈرىدۇ تېخى.ئۇيەرگە قاراپ بۇ يەرگە ئىڭىشىپ بۇ پۇلنى تىقىپ قويغىدەك بىرەر مۇۋاپىق جاي تاپالماي تۇرغىنىمدا  كاللامغا بىر ئىش كەلدى، ماۋۇ تېلۋۇزۇرنىڭ ئاستىغىلا تىقىپ قويمايمۇ.بۇ ئامالىمدىن قالتىس سۈيۈندۈم.تېلۋۇزۇرنى ئوغرى كەلسىمۇ كۆتۈرۈپ ئاستىنى ئاختۇرۇپ يۈرمەيدۇ.ھېچكىمنىڭ خىيالىغا بۇنىڭ ئاستىدا پۇل بارلىقى كىرىپ چىقمايدۇ.ئوغرىغۇ كىرمەس ئەمدى،شۇنداق بولسىمۇ <<ئۆزەڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما>> دىگەن كونىلارنىڭ بىر گىپى بار ئەمەسمۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن مەيلى قوشنامنىڭ ئۆيىگە چىقاي مەيلى باشقا يەرگە چىقاي ئىشىككە قۇلۇپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇم.
لىكىن قايسى كۈنى كەشىم يەنە ئوڭدا كەتتى.ئۇ كۈنى ئەتىسى چاغانلىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بىرىدىغان بولغاچقا جىددى تۇتۇش قىلىپ قولىمىزدىكى ئىشنى تۈگەتمىسەك بولمايتتى.شۇڭا ئاخشىمى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10 لارغىچە ئىشلەپ ئۆيگە قايتتىم.ھاردۇق يەتكەچكىمىكىن يوتقانغا كىرىپلا قاتتىق ئوخلاپ كىتىپتىمەن.ھەم  تىزلا چۈش كۈرۈپتىمەن_چۈشۈمدە بىر چاشقان پۇتۇمنى ھەدەپ چىشلەۋاتقۇدەك..پۇتۇمنى چاشقاندىن قاچۇرۇمەن دەپ تامغا ئۇرىۋالدىمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم شۇ ئارلىقتا بىرسى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى كىم دىيىشىمگە  بىرسى ئوقتەك چۈشۈپ كەتتى.توۋا.....ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ توكنى ياقتىم چۈشۈممۇ بۇ ئوڭۇممۇ؟ئەستا ما بىخەستەلىكىمنى..ھارغاندا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ..ئىشىكنى تاقىۋېتىپ توكنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن يوتقانغا شۇڭغۇدۇم.بىراق كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى.بايا  راسلا ئۆيگە ئادەم كىرگەنمىدۇ؟
ئوغرى...يەنە تۇيۇقسىز بۇ گەپ كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىدە چاقماق تىزلىكىدە بېرىپ توكنى ياندۇرۇپ ئاياق تەرىپىمگە سېلىپ قويغان ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدىكى پورتمالنى ئىزدىدىم.پورتمال بار ئىدى،ئەمما پورتمالنى شۇنداق ئېچىپلا شۇنى بىلدىمكى ئوغرى بۈگۈن شىركەت چاغانلىق بەرگەن 300 يۈئەننى يەنە پورتمالدىكى بار پۇل بۇلۇپ جەمىي 437كوي 4مو(تۆتيۈزئوتتۇزيەتتە كوي 4مو) نى پاكىزلا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.شۇ چاغدا تېلۋۇزۇرنىڭ ئاستىدىكى 1500 يۈئەن ئىسىمگە كىلىپ تېلۋۇزۇرنى ئاستا كۆتۈرۈپ قارىسام بۇ پۇللار جايىدا تۇراتتى.ھىچ بولمىسا خەقنىڭ ئامانىتى بولسىمۇ ساق قالغان ئىدى.شۇ كۈنى 437يۈئەن4مو ئۈچۈن قىلدەك تولغىنىپ تاڭنى يامان تەستە ئاتقۇزدۇم.ئاپتاپتىن باشقىنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان بۇ ئۈرۈمچىدە بۇنچىلىك پۇل دىگەنگە ھىچ بولمىسا 10 كۈن جاننى گۈلدەك باققىلى بولاتتى.نى-نى مۇساپىرلار بارغۇ ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ سۇغۇقىدا بىر نانغا زار بۇلۇپ تورخانىلاردا ئۇ يەر-بۇيەرلەردە يېتىپ يازنىڭ تىزرەك كىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان.ھىچ بولمىغاندا ئاشۇنداقلاردىن بىر ئىككىسىگە ئىككى قاچا سۇيۇقئاش ئېلىپ بەرگەن بولسام ئۆمۈر بۇيى ئۇنتۇلۇپ قالماستى.يا ھېلىقى چۈشۈمدىكى نەس چاشقان پۇتۇمنى بالدۇرراق چىشلىمەيدۇ.
بولۇپتۇ باشقا كەلگەن بالا-قازا مۇشۇ پۇل بىلەن كىتەر دەپ ئويلاپ بۇ ئىشنى بولدى قىلدىم.لىكىن قانچە كۈن ئىچىم بىر قىسما يۈردۈم.شۇنىڭدىن كىيىن ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋال بىر قېتىم ئىشىكنى تاقىغان تاقىمىغانلىقىمنى تەكشۈرۋېتىپ ئۇخلايدىغان بولدۇم.بىر ھىساپتا خېلى جىق ئىشلاردا تەجىربىلىك بۇلۇپ قالدىم.
ئىش بۇنىڭلىق بىىلەنلا تۈگمەپتۇ.<بالا كەلسە قوش كەپتۇ> دىگەندەك بۇ ئىشلار تېخى ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەن ئەمەسمۇ.ئۈلۈشكۈن 8-ئاۋغۇسىت پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى تۇنۇشۇمغا پۇلنى ئاپىرىپ بىرەي دەپ تۇرسام كورلىدىكى ئاچام تېلفۇن قىلىپ قالدى.يولدىشى ئىككىسى ئۈرۈمچىگە بىر ئىش بىلەن ماڭغانمىش .ھەم مىنىڭ قېشىمغىمۇ  كىلەرمىش.شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇل يەنىلا شۇ تېلۋۇزۇرنىڭ ئاستىدا قالدى.بېكەتكە بېرىپ ئاچام بىلەن يولدىشىنى بىر كۈن ئىشلىرىنى بىجىرىشىپ بىرىپ كەچتە ئۆيگە ئەكەلدىم.كەچلىك تاماقتىن كىيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ يېزنەم تېلۋۇزۇرنىڭ گىپىنى قىلىپ قالدى.كونىراپ قاپتىمۇ قانداق؟ھەم بەك يوغانكەن كونا زاماننىڭ.ئالماشتۇرسىڭىز بولغىدەك دىۋىدى مەنمۇ خۇددى ئاغزىم قىچىشقاندەك ساتاي دىسەم 150 يۈئەننىڭ گېپىنى قىلىدۇ.200 گە ئالسا سېتىپ ئازراق پۇل قۇشۇپ نىپىز ئېكرانلىقتىن بىرنى سېتۋالاركەنمەن دىسەم تەس جۇمۇ ھازىر كونا نەرسىلەرنى ئەرزان ئالىدۇ دېدى.شۇنداق قىلىپ پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قېلىشتۇق.تۆنۆگۈن ئەتىگەن سائەت9لاردا  يېزنەم بىكەتكە بىلەتكە ماڭدى، چۈنكى بىلەتنى بىر كۈن بۇرۇن ئېلىپ قويمىسا ھازىر چاغانلىق قايتىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا بىلەت قىس ھەم باھاسى قىممەت ئىدى.مەنمۇ يېزنەمنىڭ كەينىدىنلا ھايال بولماي شىركەتتىن كەلگەن تېلفۇننى تاپشۇرۋېلىپ شىركەتكە ماڭدىم.ئۆيدە ئاچام بىر نىمىلەرنى قىلىپ قالدى.شىركەتكە بېرىپ ئۆيدە مېھمان بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇزاق ھايال بولمايلا قايتتىم.ئۆيگە كىرىسەم ئاچام كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ.كىرئالغۇنى ئىشلەتمەي قۇلىڭىزدا يۇيۇپسىزغۇ دەپ سورىسام بۇ كىرئالغۇنى ئىشلىتىشنى بىلمىدىم ،ئاز نەرسە بولغاندىن كىيىن قۇلۇمدىلا يۇيۋېتەي دىدىم دىدى.
چاپاننى سېلۋېتىپ تېلۋۇزۇرنى ئاچاي دەپ قارسام تېلۋۇزۇر يوق.ئاغزىم گەپكە كەلمەي تېلۋۇزۇر قېنى؟ دىگەنى ئاران دىيەلەپتىمەن.ئاچام شۇ چاغدا ماڭا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمىگەن ھالدا شۇنداق بىر خوش خەۋەرنى ئېيتتى.
مەن چىقىپ كىتىپ بىردەمدىن كىيىن  كونا ئۆي جاھازىللىرى سېتىۋالىدىغان بىر بالا بىنانىڭ ئالدىغا  كونا ئۆي جاھازىللىرى بولسا سېتىۋالىمەن... دەپ ۋارقىرىپ 3چاق موتسىكلىتنى ھەيدەپ كىلىپ قاپتۇ.ئاچام ئاخشام يېزنەم ئىككىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاچقا دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ بۇ ئۆيدە بىر تېلۋۇزۇر بار كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ دىمەمدۇ.نەقىگە كەلسە سېتىپ قويسام ئۇكام خاپا بولمايدىغۇ دەپ ئويلاپ ئەنە ئاشۇ تېلۋۇزۇر شۇ كۆرۈپ بېقىڭ دەپتۇ.ئۇ بالا تېلۋۇزۇرنى كۆرۈپ بېقىپ بولىدىكەن قانچە پۇل دەپتىكەن ئاچام ئاخشام مىنىڭ 200يۈئەنگە كەلسە ساتارمەن دىگەن گىپىمنى ئاڭلىغاچقا 300 يۈەن دەپ باھا قۇيۇپ قۇيۇپ ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ.مانا ھەدە پۇل بۇ بالىمۇ باھا تالاشمايلا 300 يۈئەننى سافاغا قۇيۇپ قۇيۇپ تېلۋۇزۇرنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ ئاچام خوشال بۇلۇپ ئىنىم 200 يۈەنگە ساتالمىغان مالنى 300گە ساتتىم دەپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ كىرلىرىنى يۇيۇپتۇ.قۇلى ئىشتا بولغاچقا پۇلنىمۇ ئالماي كېرسۇلۇغا قۇيۇپ قۇيۇڭ دەپتۇ.قاراڭ بۇ ئاچامنىڭ ساددىلىقىنى...بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.ئاچامدىن باشقا ئادەم بولغان بولسا نىمە دەۋىتىشىمنى بىلمەيتتىم.ھېلىمۇ ئۆزەمنى ئاران تۇتىۋالدىم.ئۆزەمگىمۇ ئاز ئاچامدا نىمە گۇناھ ..كىم مىنى تېلۋۇزۇر ساتىمەن دىسۇن دەپتۇ.ھەممىنى قىلغان ئاشۇ پور كۆتەك يېزنەم.گەپ كوچىلاپ.......
شۇنداق قىلىپ ئاچاملارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويماي دەپ تېلۋۇزۇرنىڭ ئاستىدىكى پۇل توغۇرلۇق بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدىم.يىقىلىپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاستا مېڭىپ كىلىپ كېرسىلۇ ئۈستىدىكى 300 يۈئەننى ئالدىم. ھەنىم بولسا مۇشۇ بولسىمۇ قاپتۇ بۇنىڭغىمۇ شۈكرى دەپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قايتا بىر قاراپ باققۇم كەلدى دە شۇنداق قاراپلا ئۇڭدامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم .3 ۋاراق ماۋزىدۇڭ ھەممىسى ساختا ئىدى.........

مەنبە~كارۋان.
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56982
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 06:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئىشمۇ يە بۇ.؟

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 7074 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 06:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  ماۋزودوڭنىڭ ھەممىسى يالغانمىكەن :qiray131:qiray131:qiray131:qiray131

بالا  قوش قوشلاپلا كىپتىغۇ سىزگە

سۈكۈت  !


      تازا دەگەندەك ياخشى چارە ئەمەس  ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 06:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس بولغان ئىشمۇيا؟   سىنارىيەمۇ بۇ؟                 نىمانداق قىزقارلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60874
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 06:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپتە توۋا،29-چىسلا بىزنىڭ ياتاققىمۇ ئوغرى كىرىپتۇ،ياتاقتا سەككىز قىز باتتۇق،ھەممەيلەننىڭ يېنىدا ئاچقۇچ بارتى بولمىسا.ھەممىمىز ئىش ئورنىمىزغا كەتتۇق،ئوقۇيدىغانلىرى دەرىسكە كەتتى،كەچلىكى تاماق يەپ سەل كەچ قالغان ۋاقىت ئىدى،ياتاقتىكى بىرەيلەن تېلىفۇن قىلىپتۇ،ياتاقتىن بىر ئوغۇل بالا چىقىپ كەتتى،ئېسىلىۋالسام قولۇمنى چىشلىۋالدى دەپ،بارساق بىر تەرەپتىن ئاختۇرۇپتۇ،بىر ياتاقدىشىمىزنىڭ ياتاق ئۈچۈن تۆلەيمەن بۈگۈن ۋاقتىم توشتى دەپ تىقىپ قويغان 200 يۈەن پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ،ياتاقتا نەرسە قويۇشتىنمۇ قوقۇيدىغان بولۇپ قالدۇق ھازىر،ئوغرى دېگەن ئاجايىپكەن نومۇس قىلماي قىزلارنىڭ نەرسىسىنى بۇلىغاندىكىن.
بوپتۇ بېشىڭىزغا كەلگەن بالا-قازا شۇنىڭ  بىلەن بولسىمۇ كېتىپ قالا.

تەڭ ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11792
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5681 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 06:58:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5- قەۋەتتىكى  gamkenگە :‹‹ ھازىر،ئوغرى دېگەن ئاجايىپكەن نومۇس قىلماي قىزلارنىڭ نەرسىسىنى بۇلىغاندىكىن.››  بۇ گىپىڭىزچە ئوغرى چۇقۇم ئۇقۇللارنىڭ نەرسىسنى ئۇغۇرلىشى كىرەكما ؟؟؟؟؟؟؟؟  مىنىڭچە كىم بىخەستە بولسا ئۇغۇل - قىز ، ئەر - ئايل ھەممىنىڭكىنى ئوغۇرلايدۇ ، ئۇلارنىڭ نىزامنامىسدە قزلارنىڭكىنى ئۇغۇرلاشقا بولمايدۇ دەپ يوقمىكىن دىرمەن ، دىققە قىلىڭ بۇندىن كىيىن

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1641
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 07:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە بىكادىنلا  2000دىن ئۇشۇق زىيان بۇپتۇ سىزگە كۇڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئامەتمۇ كىلىپ قالا قوشلاپ. (ئۇغرىغا ئالدۇرغان پۇلنى بالا قازا كۇتۇرلىپ كىتە دىسە بولمايدۇ ، خۇددى يۇتۇپ كەتكەن موزۇيۇم ئۇلۇپ كەتكەن بالامغا نەزىرلىك بۇلادىگەندەك)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 07:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  خە خە خە  ....  نېمە دىگەن قىزىقارلىق ....:qiray124

بۇلاپتا   سىزگىمۇ خۇدايىم بىرەر قوشلاپ :qiray13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 07:10 PM  


دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9364
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 07:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئوغۇرلار بەك يامەنكەن ،مەنمۇ ئىككى ھەپتىنىڭ .الدىدا مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇقتۇم

爱你不是我的错遇到你才我的错

گۈزەل ئىلى دىيار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15642
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7723
تۆھپە نۇمۇرى: 656
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 08:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس شۇنداق بولدىمۇ يە بۇ ئەسىرىڭىزمۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش