مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3368|ئىنكاس: 41

قىز بولماق ئاسان ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن قەيسەر قىزمەن !

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 01:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دات باسمىسۇن نازۈك قوللارنى

روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ

چاتما خاتىرلەر



يېقىندا بىر جۈپ ئەر-ئايال بىزگە قوشنا بولۇپ كۆچۈپ كەلدى.ئۇلار دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا ئىجىل-ئىناق ئۆتۇۋاتقاندەك قىلغان ،لېكىن،كېيىن نىمە بولدى،جەڭگە-جېدىلى ئەدەپ قالدى،ناھايەت،بىر كۇنى ئۇلارنىڭ جەڭگى-جېدىلى بىېستۇرغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتتى.

شۇ كۇنى ئەمدىلا ئىشتىن كېلىپ تۇرۇشۇمغا ئۇلارنىڭ ئۆيدىن دەھشەتلىك ۋاقىراشلار،بىر نەرسىنىڭ ئىتىلغان ،چىقىلغان ئاۋازى بىلەن چىقىراپ يىغلىغان يىغلىغان ئاۋازى كەلدى.

باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىششنى بىئەپ كۆرگەنلىكىمدىن ئۇلار بىلەن كارىم بولمىدى.

ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەندە تۈيۈقسىز ئىشىكىم چىكىلدى،ئاچتىم .

ئۆڭ-سۈلى يوق بىر ئۆچكەن بىر ئايال ھاسىراپ تۇرۇپ :<يۇرۇڭ ئۇكام،ياردەم قىلىڭ،ماۋۇ قارا نىيەت قىزىمنى ئۆلتۇرۇپ قوياي دەپتۇ>دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇلارنىڭ ئۆيگە چىقتىم .

ئۆيدە ساپا-ئىشكاپلار ئۆرۇلگەن ،يىرتىلغان ،چىنە -قاچىلار چىقىلغان ھالەتتە قالايمىقان تاشلىنىپ تۇراتتى.قىزنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يۈزلىرىنى يۆگىۋالغان  بولۇپ ،ئۇ ساپادا سىڭاريان ھالدا ئۇنسىز ياتاتتى.

يىگىت بولسا يۇزلىرى تاتلانغانكۆڭلەكلىرى يىرتىلغان ھالدا ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.ئۇ مېنى كۆرۇپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنۋىتىپ ئورۇندىن تۇرۇپ كۆرۇشتى.

ئانا بولسا بېرىپ قىزىنىڭ يۈزلىرىدىكى چاچلىرىنى تۈزەپ ،مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.

- بۇ..بۇ..نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ شۇنداق ياخشى ئۆتۇۋاتاتتىڭلارغۇ...- دېدىم مەن ئۇزاق جىملىقتىن كېيىن نېمە  دېيىشىمنى بىلمەي.

- ھەئە،-يىگىت بشىنى تۆۋەن سىلىپ ،- بىز ياخشى ئۆتكەن ھەم ياخشى ئۆتىشىمىز كېرەك ئىدى.چۈنكى بۇ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە ئۇرۇپ-تىللىشىمىز،مۇشىتلىشىمىز دەپ توي قىلمىغان ئىدۇق.،ئەمما ،بىر ئۆيدە ئايال بولغان ئادەم تاماق ئېتىشنى بىلمىسە ،بۇ ئۆيدە قانچىلىك مېھىر-مۇھەببەت بولىدۇ،دەيسىز ؟....

بىمىسە ئۈگۈنۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ بۇنداق ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىۋەتكۈچە...- دېدى

قىزنىڭ ئانىسى  بىز تەرەپكە قارىماي.

-كۈندە سەھەردە قۇرۇق چاي بىلەن قۇرۇق ناندا ناشتا قىلىپ ئىشقا كېتىمەن.ئۇ ئۆيدە قالىدۇ.كەچتە قايتىپ كىلىمەن.مېنى مۇشۇ ئەتىراپتىكى ناۋاينىڭ تاش كۆمۇرنىڭ ئىسى سىڭگەن بەتنام نانلىرى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.

نەچچە قېتىم قارىتىپ قويۇپ،ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە تاماق ئەتتىم .نەچچە قېتىم ئاچ قورساق ياتتىم .دائىم ئاشخانىدىن يەۋىرىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ئۈرۈمچىدەك بۇ يەردە بىر ئۆينىڭ چىقىمىنى قامدىماق ئاسانمۇ؟ شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆيدە قازان قايناپ باقمىغىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى.شۇڭا بۈگۈن كەلسەم ،يەنە شۇ ناننى تەييارلاپ تۇرۇپتۇ....

قارىغاندا يىگىت دەيدىغىغانلىرىنى  دەپ بولغاندەك قىلاتتى.دېمىسىمۇ،قالغان ئىشلارنى ئۆينىڭ ئىچى،قىزنىڭ ھالىتى،يىگىتنىڭ تۇرقى سۆزلەپ تۇرۇۋاتاتتى.نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم .چۈنكى ئەگەر مىنىڭ ئۆيۇمدىمۇ بۇ قوشنىمىزنىڭ ئۆيدىكىدەك ھالەت يۇز بەرسە،مەنمۇ چىدىماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. نىمىلا بولمىسۇن ،بۇ ئۆيگە كىرگەن ئىكەنمەن،ئۇلارنى مۇۋاپىق ياراشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئامالىنى قىلىشىم كېرەك ئىدى.

شۇڭا ئايالىمنى چاقىردىم  ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە بۇ قىز بىلەن ئانىسىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئىلىپ چىقىشنى بۇيرۇدۇم.ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن يىگىت كۆڭلىدىكىنى تولۇق تۆكتى--يۈزىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى......

شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاشخانىلاردىمۇ،ئاپتۇبۇستىمۇ قىزلارنىڭ ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمدىن:<قېنى تېپىپ باقە ،ماۋۇ قىز تاماق ئىتەلەمدۇ-يوق ؟ بولغۇسى يولدىشىغا ،بالا -جاقىسىغا ،ئۆيگە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلالامدۇ-؟>دەپ ئېمتىھان ئىلىپ تۇردىغان بولدۇم.ئەمما بەزىلەرنىڭ تاما ئېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتىم .چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قوللىرى خېمىزغا تىقىشقا باب كەلمەيىتتى--تىرناقلىرى قارچۇغىنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆستۇرۇلگەن ئىدى. يەنە بەزىلىرىنىڭ پاراڭلىرىدىن ،تۇرقىدىن تاماق ئىتەلمەيدىغانلىقى ،ھەتتا تاماق ئېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ < مەدەنيەت بوستانى>پىروگراممىسىدا ئەدەبىي ئوبزۇرچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ <ئايال كىشىنىڭ ئەڭ يېقىملىق،سۈيۈملۈك ھالىتى قازان بېشىدىكى كۆرۈنۈشىدۇر >دېگىنىنى ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە.بەلكىم مۇنداقلا دېيىلگەن گەپ بولمىسا كىرەك.دىمىسىمۇ قىز بولغۇچى تاماق ئىتەلمىسە ،بۇ خۇددىي قوياش نۇرۇ نۇر چاچالمىغانغا،گۈل پۇراق چاچالمىغانغا ئوخشاش كۆڭۇلنى غەش قىلىدىغان ئىش.

يېقىنقى يىللاردىن بىرى ھەقىقەتەن قىزلارنىڭ تاماق ئىتىشنى تەرىك ئىتىشى ئېغىرلاپ كەتتى.بۇنىڭدا سەۋەب كۆپ.<ھايات رىتىمى تېزلىشىپ كەتتى،تاما ئىتىشكە ۋاقىت يەتمەيدۇ....>دېگەنگە ئوخشاش،بۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.ئەمما، ھەممىگە شۇنى سەۋەب قىلىش ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

گەپ ئايال كىشىنىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە تاماق ئىتىپ بىرىشىنىلا ئەمەس،بەلكى،تاماق بىلەن مېھىر بىرىشتە ،ئىللىقلىق بىرىشتە،ئېسسىقلىق بىرىشتە! بۇ پەقەت ئايال كىشىگە خاس بولغان ئاياللىق لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشۇشى مۇمكىن.

بىر ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى دەستىخانىدا ھېس قىلىشى مۇمكىن.دەستىخاندا مېھىر بولمىغان ئۆيدە مېھىر-مۇھەببەت ،كۇلكە -خوشاللىقنىڭ بولۇشى ناتايىن .

مانا  ناتۇنۇش بىر قىز ئاپتۇبۇستا كېتىپ بىرىپ بىر دوستىغا تېلېفۇن قىلدى:<ۋاي ئاداش قازان بىشىغا بىرىۋالدىڭمۇ؟ سىرىتتا يىسەڭلار بولدى ئەمەسمۇ ؟ نەگىمۇ ئاپىرارسىلەر پۇلۇڭلارنى تىجەپ....>گەپنىڭ ھەممىسى پۇلدىمۇ؟ پۇلى كۆپ ئادەملەر ئۆيدە تاماق يىمىسىمۇ بۇلامدۇ؟ شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەككى،ئەگەر پۇلىمىز كۆپ دەپ ئۆيدە تاماق ئېتىلمەيدىغان ئائىلە بولسا ،ئېنىقكى بۇنداق ئۆي بۇزۇلۇشقا  قاراپ يۈزلىنىدۇ.تاماق ئىتىشنى خالىمايدىغان ئايال پۇلنى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.شۇنداق ياتلىق بولمىغان قىز ئاتا-ئانىسىغا ،كېلىن بولغۇچى ئىرى،قېيىن ئاتا-ئانىسىغا ،ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە ئىسسىق تامىقى بىلەن مېھىر يۈرگۈزىدۇ،مۇھەببەت يەتكۈزىدۇ،بەخىت يەتكۈزىدۇ!

بۈگۈنكى قىز-ئەتىكى ئايالدۇر.ئەمما، بۈگۈنكى كۈلكىسىنىڭ ئەتە يىغا ئىگەللەپ كەتمەسلىكى،بۈگۈنكى  سۈرمىدىن ياشارغان كىرپىكنىڭ ئەتە تۇزلۇق ياشتا سۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى چىنىقتۇرىشى،تاماق ئىتىشكىمۇ،كىر يۇيۇشقىمۇ ئازراق ۋاقىت ئاجىرتىپ قويۇشى لازىم .



ئەقىل كۆزۇڭ رەھنەما بولسۇن




جەنۇبلۇق بىر تونۇشۇم تېلېفۇن قىلىپ ،بىر دوستىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى،ئۇنى ئىغىر كۆرمەي يىگىتنىڭ قولىدىكى ئادىرىس بىلەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بىرىشىمنى  تەلەپ قىلدى.

مەن ئارتۇقچە سوئال سورىماي ماقۇل بولدۇم.

ئەتىسى تونۇشۇمنىڭ دوستى كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بىرىپ ئۇ  ئىزدىمەكچى بولغان قىز بىلەن كۆرۇشتۇم.يىگىت كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ ھەقىقى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى:

يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە ،زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى قىز ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ قىز بولۇپ،ئەسلى بەكمۇ ئەخلاقلىق،ئېتقادلىق قىز ئىكەن.بىر كۇنى ئۇ ياتىقىدا سەرس تەييارلاپ ئولتۇرسا ،ئۇنى يەنە بىر دوستى سېرىتنى بىللە ئايلىنىپ كېلىشنى ئېيتىپتۇ.<دەرسىمنى ئۆگىنىۋالاي >دېسە< ۋاي،بولدى قىلە،بىر كۈن ئۈگەنگەندىن كېيىن،بىرەر سائەت ئايلىنىپ كەلسەك ھېچنىمە بولمايدۇ> دەپ سۆرىگىنىچە سىرىتقا ئىلىپ چىقىپتۇ.

مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇلارنى بىر كىچىك ماشىنىدا ئىككى ئەر ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.ئىش مانا شۇنىڭدىن باشلىنىپتۇ.ئۇلار ماشىنا بىلەن شۇ ماڭغىنچە شەھەرنىڭ خېلى سىرتىغا چىقىپ سورۇن تۇزۇشۇپتۇ.مەجبۇرلاپ ،دوق قىلىپ يۇرۇپ بۇ ئەخلاقلىق قىزمۇ < بىر يۇت >ۇپ،كەينىدىن ئىككى ،ئۈچ .....يۇتۇپ ئىچىشكە باشلاپتۇ..........!

ئەڭ يامان بولغىنى قىز ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار تەرپىدىن پات-پات چاقىرتىلىپ تۇرۇپتۇ.قىز ئۆزىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن  چاغدا بەكمۇ كىچىكىپ قالغان ئىكەن...

قىزنىڭ ئانىسى تۇغۇتىدا قازا قىلغان ئىكەن،دادىسى بولسا بارى -يوق بىرلا پەرزەنىتى -مۇشۇ قىزغا ھەم ئاتا،ھەم ئانا بولۇپ بۇگۈنگە ئۇلاشقان،ئۇنى ھەر قانچە جاپا تارىتساممۇ مەيلى،دەپ ئالىي مەكتەپكە يولغا سالغان ئىكەن. شۇڭا ئۇرۇق-تۇققانلار قىزنىڭ مەكتەپتىن  ھەيدەلگەنلىكىنى ،ئۇنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپ قالغانلىقىنى دادىسىدىن سىر تۇتۇپ يۇرۇۋىتىپتۇ....

يىگىت شۇلارنى سۆزلەۋېتىپ:< ئۇنى دوستى سېتىۋەتمىگەن بولسا ،بۇ كۈنگە قالماستى...>دەو كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى.

ھاياتنى يالغۇز ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس .دەسىتسىز ئادەمنىڭ كۇنىمۇ مەنسىزدۇر.لېكىن،دوسىتنىڭ ھەممىسى  سىز ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمەس.يېقىنقى يىللاردىن بىرى  نى-نى ياخشى قىزلار <دوسىت>لىرىغا ئەگىشىپ يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى،ھەتتا بەزىلىرىنىڭ  بىئەجەل بۇ دۇنيادىن  كەتكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىدىم .بۇنداق مىساللار كۆپ!

<قاغا بىلەن دوسىت بولساڭ ،يىيىشىڭ پوق>، <يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار،قازانغا يولۇقساڭ قارىسى> دەيدۇ ئەجدادلىرىمىز . بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس.

دوسىت تاللاشمۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.قىزلار ئۆزلىرىنىڭ دوستى ئوقۇشتا،ئەمگەكتە ،بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىشتىلا ئەمەس ،ئومۇمىي قىزىقىشلىرىدا ۋە ھاياتىدىكى مەقسەتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى،بىر-نىرگە مېھرىبان ،ھەمدەمدە بولىشى ۋە غەمغۇرلۇق كۆرسىتىشى بىلەن ئۆ-ئارا يىقىن دوسىت بولۇشىدۇ.

بالاغەت يىشىدا سىرداش دوستى بولمىغان قىزلار كەم ئۇچىرايدۇ.كۆپىنچە قىزلار ئانىلىرىغا ئۇيۇلۇپ،تارتىنىپ

ئېيتالمايدىغان  گەپلىرىنى  دوسلىرىغا ئېيتىپ بىرىدۇ.

ياخشى دوسىتنىڭ بولۇشىمۇ سىز ئۈچۈن بەخىت.ئۇ قىيىنچىلىقىڭىزنى تەڭ ھەل قىلىپ ،باش قېتىنچىلىقلىرىڭىزغا تەڭ باش قاتۇرۇپ ،سىزنىڭ ھايات يولىڭىزنى  دادىل داۋاملاشتۇرشىىزغا ياردەم بىرىدۇ.شۇڭا ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئادەمنى دوسىت تۇتقان ياخشى.

ھۆرمەتلىك قىزچاق،ئەتىراپىڭىزغا نەزەر سېلىڭ ۋە دوسلىرىڭىزنى ئوبدان كۈزتىڭ.دوستىڭىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا،يۇرۇش-تۇرىشىغا،گەپ-سۆزلىرىگە ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن ئوبدان قاراڭ.ئۇ سىز بىلەن بىرگە بولغىنىدا كىيىم -كىچەكنىڭ،زىبۇ-زىننەتنىڭ ،يېيىش-ئىچىشنىڭ ،ئويناپ -كۇلۇشنىڭلا گېپىنى قىلىۋاتامدۇ؟ باشقا ئەھمىيەتلىك پاراڭ ،ئىشلارغا ئۇنىڭ مەيلى قانداق ؟ ئۇنىڭ چوڭ بىلىدىغان ،ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان  ئادەملىرى سىزگە ياقىدىغانلارمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟.....مۇشۇ نۇقتىلارنى كۈزىتىپ ئاندىن بىراۋ بىلەن سىرداشقان،سىر بەرگەن،دوسىتلاشقان بولسىڭىز،سىزگە خوشاللىق يار بولغاي!

ئەگەر سىز قانداقتۇر ئۇنىڭ ياغلىما  گەپلىرى ،ئۆزىنى ئۆتكۈزۈپ ماختاشلىرى،سىز ھەۋەس قىلدىغان مودا كىيىنىشلىرى ،ئائىلە كىلىپ چىقىشى...قاتارلىق تەرەپلەرگە ھەۋەس قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن دوسىتلاشقان بولسىڭىز ،بۇنداق دوسىت سىزنى ھامان ئوڭدا قويىدۇ،ھېچ بولمىسا بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە ئىچىدە كۇلۇپ،ئامەت قۇشى قونغاندا،يېنىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

دوستىلىق ھەققىدە ھېچكىم ئېيتىپ بەرمىگە،ئېيتىپ بولالامايدىغان  تەرەپلەر ككپتۇر.

بۇنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشى ،تەپەككۈر قىلىشى بىلەن باغلىق.

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 02:05 PM  


ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13686
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7801 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ھەممىدىن تەسى ئادەم بولماق تەس ... ئۇنى ئۇششاق تارماققا بولسەك ھەرخىل چىقىدا ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5541
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6541
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20366
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 779 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما گەدەنكەشىڭ گەپلىرىنى:qiray134

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3927
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ئاپىرىن . مانا مۇشۇنداق تەربىيى ئەھمىيىتى بار تىما بىلەن ئۇچۇراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر .

غەيۋەتخۇر گەپ تۇشۇغۇچى پىتنە خور ،كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تېلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9118
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا تېما

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73716
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

مەن قەيسەر قىزمەن !

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 02:08 PM
مېنىڭچە چالا بولۇپ قاپتۇ. تاماق ئىتەلمىگەن ئايالنى ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مۇنبەردىشىم گەدەنكەش يوللىغان تىمامغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس قالدۇرغانلىقىڭىزدىن ھەم پىكىر بەرگەنلىكىڭىزدىن سۈيۈندۇم .رەھمەت سىزگە.

بۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى  ،ئاپتۇرمۇ ،مەنمۇ خاتا قويمىغان .مەنمۇ  تىمىنىڭ باش قىسمىغىلا< چاتما خاتىرلەر> دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم .ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن بارلىق خاتىرلەرنى تولۇق يوللىيالمىدىم .

بۇ تىما پەقەت ئاياللارغا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى قىزلىرىمىزنى ئاساس قىلغان  ئىكەن.

مەن بۇ تىمىنى تەربىيۋى ئەھمىيتى بار دەپ ئويلاپتىمەن .كونا تىما ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەپتىمەن .تورداشلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن.

مۇنبەردىشىم گەدەنكەش سىز شىنجاڭ ياشلىرى2011-6-سانىنى بىر ئوقۇپ باققان بولسىڭىز تىمىنىڭ خاتا قويۇلمىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولاتتىڭىز....ئاللاھ سىزگەرەھمەت قىلسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 03:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74061
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3836
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 03:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا قىز بولماق تەس، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولماق تەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش