مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1717|ئىنكاس: 21

ئەركەكلەرگە: سىز كۈيئوغۇل بولدىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33990
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4509
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 11:38:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تويىڭىز بولدى، يەلكىڭىزگە قويۇلغان بۇ يۈك _ ئائىلە، بۇ يۈز ئار ۋە يۈز  كار دېمەكتۇر. بىر تەرەپكە قارىسىڭىز _سۆيۈملۈك جۈپتىڭىز، سىزنى ئۆمۈرلىرىدىن ئۈزۈپ ياسىغان ئاتا-ئانىڭىز، يەنە بىر تەرەپتە قېرىنداشلار، سىز ئۈچۈن ئۆيلەر سېلىنىدى، پۇللار سەرپلەندى، ئاتا-ئانىڭىز سىز تۈپەيلى كېلىنلىك بولدى. ئۇلار ئۈچۈن سىز بۈگۈندىن باشلاپ <<چوڭ>> بولۇپ قالدىڭىز. بۇ <<چوڭ>> بولۇشىڭىزنى ئۇلار تۇغۇلغان كۈنىڭىزدىن باشلاپ تاكى تويىڭىزغىچە كۈتتى. ئۇلارنىڭ سىزگە ئاتالغان دۇئالىرىنى كىتاب قىلسا بولىدۇ. ئۇ دۇئالار ئاتا-ئانىڭىز نەزىرىدە تويىڭىزدىن باشلاپلا ئىجابەت بولىدىغاندەك تۇيۇلۇۋېرىدۇ. ئەتراپتىكىلەر سىزنى جىددىي كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى تارازىغا سالىدۇ، بىراق، سىز ئانچە زېرەك ئەمەسسىز؛ ئاتا-ئانامنىڭ كىچىك بالىسىمەن، ئۇلار مېنىڭ ھەممە ئېغىرلقىمنى كۆتۈرۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىز، تويىڭىزغىچە قانداق ياشىغان بولسىڭىز، تويدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق ئۆتۈۋېرىسىز، ئوغۇللىقىڭىزغا دەز كېتىش شۇنىڭدىن باشلىندۇ.
     ئاتا-ئانا ئۆيلىنىپ <<چوڭ بولۇپ>> قالغان بالىسىدىن چوڭلار كۈتىدىغان ۋاپانى كۈتىدۇ. كىچىككىنە گېپىڭىز ئېغىر بىلىنىپ، ئازراقلا ئىشىڭىزدىن رەنجىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۆستىگە سىزدىكى جىمى سەلبى جەھەتلەرنى (بۇرۇندىن باشلاپ شۇنداق بولسىڭىزمۇ) كېلىنىدىن كۆرۈشكە باشلايدۇ، كۆرىسىزكى، بىگۇناھ كېلىنمۇ خۇنۇك كۆرىنىدۇ، بۇ سەتىرلەرنى ئوقۇپ، سىز ناچار ئاتا-ئانىلار ھەققىدە يېزىپىسز، دېيىشسىڭىز مۇمكىن. ياق، ئەسلا ئۇنداق ئەمەس. ئوغۇل-قىزى تۇرمۇش قۇرغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى شۇ تەرزدە نازۇكلىشىپ قالىدۇ. بۇ تەبئىي ھالدۇر! يەنە قىزىقى شۇكى، كېلىننى ئۆز قىزىدەك ئاۋايلىغان قېيىنئانىمۇ كۆڭلىنىڭ بىر تەرىپىدە ئۇنىڭىدىن ئىمتىھان ئېلىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك، بىردىنلا ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىشىگە باشلىسىڭىز، ھەرگىزمۇ بۇ ھالەتكە كېلىننىڭمۇ تەسىرى بولغاندۇر، دېمەيدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن بولۇشىۋېرىدۇ، بۇنىمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتى، دەپ چۈشەنمەك كېرەكتۇر.
     ئوغلانىم، كۆكسىمىزدە ئۇرۇپ تۇرغان يۈرەك ئۈچۈن، بۇ يورۇق دۇنيانى كۆرۈپ تۇرغان كۆزىمىز، تۇتۇپ تۇرغان قولىمىز ۋە بېسىپ بېرىۋاتقان ئاياغلىرىمىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز ئالدىدا قەرزدارمىز. تەقدىرىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوشقان ھەسىسى بىباھادۇر، ئۆزىمىزنى ۋە جۈپتىمىزنى قويۇپ تۇرۇڭ، بالىچاقىمىزدىنمۇ ئاۋۋال شۇلارنىڭ ئالدىدىكى بۇرچىمىز موھىمىدۇر. ئۇلار ئەڭ قىممەتلىك ئامانەت، قولدىن كېتىشكە ئاز قالغان نېمەتلىرىمىزدۇر، ئەگەر ئۇلارنى رازاى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەس ئىكەنمىز، ئۆمرىمىز ئاچچىق كۆرگۈلۈكلەردىن خالىي بولمىغاي.
     توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئادەم قېرىغانسىرى يا ئەسەبى، يا تىلى ئاچچىقلىشىدۇ، يا ساقلىقى غايىب بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەردىن ھەر دائىم ھەم كۆڭۈلدىكىدەك مۇئامىلىنى كۈتكىلى بولمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا دوست-يارانلار، قولۇم-قوشنىلارمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. پەقەت پەرزەنتلا بەزمەسلىكى شەرت! مانا شۇنداق پەيىتتە بىزگە سەۋر، ئۇلارغا بولسا مېھىر، ئىتىبار-غايەت كېرەكتۇر. شۇڭا ئوغلانىم، ئائىلىك بولغاندا ئەڭ موھىمى مۇشۇ ھەقتە كۆپرەك ئويلاڭ ۋە ئىشىنڭكى، سىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ئارىسدا قانداق ئىقلىم بولغان بولسا، ئەتىگە سىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرىسىدىمۇ شۇ تەكرار بولغۇسىدۇر.
      سىز شۇنداق قىلىشقا ئۈگىنىڭكى، ئاتا-ئانىڭىز سىزگە ماسلىشىپ مۇئامىلە قىلمسۇن، سىز ئۇلارغا ماسلىشىڭ، ماسلىشىش ياشلارغا ئاساندۇر. قېرىلارنىڭ شۇ تۇرۇشى ھاياتنىڭ مىڭبىر چىغرىقىدىن ئۆتكەن ھالەتتۇر.
سىز ئۆزىڭىزنى شۇنداق تۇتۇڭكى، بالام ھەممە ئېتىبارىنى ماڭا قارىتىۋېتىپتۇ، دەپ ئىشەنسۇن، سىز شۇنداق كۆرۈنۈڭكى، بالىمىز بىزدىن ھېچنەرسىنى ئايىمايدۇ، دەپ بىلسۇن.
     سىز ئۇلارغا شۇنداق مېھىرىبان بولۇڭكى، ئۇلار شۇنداق قابىل بالىمىزنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ قويمايلى، دەپ ئۆزلرىنى قائىدىگە سېلىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرسۇن.....
     ماغدۇرىدىن كەتكەن، بىمار ئاتا-ئانىنى كۆز ئالدىدا پەرۋىشلەشنى بىلگەن پەرزەنت ھەققىي پەرزەنتتۇر. تەڭرىم ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلغۇسىدۇر.

                                تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا
                                                         ------------<<ياشاش تىلسىمى>>دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 12:56 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ  كەلگۈسىگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى !!!

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



مىنى ھىچ بىرەرسى كۈيئوغۇل قىلاي دىمەيدا ؟.....   ئومدان بىر قېينئانامنىڭ بولىشىنى تىلىگىلى نىۋاخ ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
APANDIM0903 + 10 خۇدايىم بىرە....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70474
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3284
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 12:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلن بولماق تەس ئوخشايدۇ .ئوغلى ياخشى بولسا ئۇزىدىن ،ناچار بولسا كىلىندىن كورىدىكەن.   بۇمۇ بىر ئەمىليەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74187
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 01:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ كۈيۈئوغول بولغۇم بار ،بۇمۇ تەس ئوخشىمامدا

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20369
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 782 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 01:02:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېين ئاتا-قېين ئانڭىزنى ھۈرمەتلەڭ چۈنكى سىزمۇ بىر كۈنى قېيىن ئاتا- قېيىن ئانا بولىسز.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13688
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7802 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 01:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھتىن  مۇسلىمە بىر ئايالنىڭ يولدىشى بولۇشنى . كۈيۈمچان بىر ئانىنىڭ كۇيئوغۇل بولىشىنى  ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەپ سەۋەبىنى قىلساق مۇرادىمىزغا يەتكۇزە ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 02:21:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇققانغان كۈيئوغۇل بولغاندىنمۇ نازۇك  ئىش بارمىدۇ؟.......................................

ھەرۋاقىت.... بەخىتلىكمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57034
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4161
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 03:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 12:22 PM
مىنى ھىچ بىرەرسى كۈيئوغۇل قىلاي دىمەيدا ؟.....   ئومدان  ...

ئالدىرماڭ، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى بار.

ساڭا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن رەببىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5935
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 03:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 885 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 04:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇن ئالساڭ ،ئانىسىنى ئال .  مۇشتاق بىر گەپ بۇلدىغان :qiray13 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-31 04:47 PM  


دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش