خان ئاغزى مايماق ئەمەس
( ساتىرا )
ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشقاندا مۇئەللىمدىن دەرىس ۋاختىدا ئۈگەنگەن "خان ئاغزى مايماق" دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى سورىغان ئىدىم.
مۇئەللىم ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇپ قوياي دەپ تۆۋەندىكى مىسالنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى: _ بىر كۈنى بىر بوۋاي ئىشەككە نەۋرىسىنى مىندۈرۈپ ئۆزى ئىشەكنى يىتىلەپ كىتىۋاتسا يولدا ئولتۇرغان بىر توپ كىشىلەر : _ ماۋۇ قىرىنىڭ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشەككە نەۋرىسىنى مىندۈرۈپ ئۆزى يىتىلەپ ماڭغىننى قاراڭ، -دەپ زاڭلىق قىلىپتۇ. ئەتىسى بوۋاي ئىشەككە ئۆزى مىنىپ، ئىشەكنى نەۋرىسىگە يىتىلىتىپ مىڭىپتۇ . بۇنى كۆرگەن ھىلىقى كىشىلەر:_ بالىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان ماۋۇ تاش يۈرۈك قىرىنى كىچىك بالىنى ئاسىرماي ئۆزى ئىشەككە مىنىۋالغىننى، _ دەپ غۇدىراپتۇ. يەنە ئەتىسى بوۋاي ئىشەككە ھەم ئۆزى مىنىپ ھەم نەۋرىسىنى مىندۈرۈپ مىڭىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھىلىقى كىشلەر :_ ھايۋانغا ئىچى ئاغرىمايدىغان رەھىمسىز قىرى،_ دەپ ھاقارەتلەپتۇ. بوۋاي يەنە ئەتىسى ئىشەكنىمۇ، نەۋرسىنىمۇ يۈدۈپ كىتىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن ھىلىقى كىشلەر بوۋاينىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ باشقا تەرەپلەرگە قارىغان بولۇپ تۇرۇشۇپتۇ. مۇئەللىم مىنىڭ جاۋابىم تۈگىدى دەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى .
بۇ مىسالنىڭ «خان ئاغزى مايماق» دىگەن سۇئالىمغا بىرىلگەن جاۋابى ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىدغان بولۇپ قالدىم.
تۈنۈگۈن يەنە بىر مۇئەللىم «خان ئاغزى مايماق» دىگەن بۇ ماقال-تەمسىلگە ئۆزگىچە بىر مىسالنى كۆرسەتتى.: ـ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ھەرقايسى بۆلۈملەرگە ئۆز دائىرسى بويىنچە بىر ئايلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئەگەر قايسى بۆلۈم، قايسى خادىم ئىدارىمىزنىڭ خىزمەت تۈزۈمىدىكى تەرتىپ ۋە تەلەپلەر بوينچە ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئورۇنلىمىسا، ـ ئىدارە خىزمەت تۈزۈمىىدكى بەلگۈلىمە بويىنچە بىر تەرەپ قىلىدۇ:-دەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپتۇ. ئىدارىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۆز دائىرسى بويىنچە خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە شەھەر ئىچىدىكى چوڭ يوللارغا سۇ چاچىدىغان شوپۇرنىڭ خىزمىتىنى جەريانىنى كۆرۈپ بىقىڭ: ـ چوڭ يولغا سۇ چاچىدىغان شوپۇرغا بىرىنچى ھەپتىدە يولغا سۇ چاچمىدى دەپ جەرىمانە قويۇپتۇ. ـ سەۋەبى ، شۇ ھەپتىدە كىچە-كۈندۈز توختىماي يامغۇر ياققان ئىكەن.
ئىككىنچى ھەپتىسى چوڭ يولغا سۇ چاچىدىغان شوپۇرغا يەنە جەرىمانە قويۇپتۇ. ـ سەۋەبى، ئىككىنچى ھەپتىدە يامغۇر يىغىۋاتسا، كۆرۈپ تۇرۇپ ماشىنىنىڭ مىيىنى ئىسراپ قىلىپ يولغا سۇ چاچتى. بۇ مەسىلىگە قارتا شوپۇر قانداق ئىنكاس قايتۇرىشى كىرەك؟ ئىدارە باشلىقى قانداق ئىنكاس قايتۇرشى كىرەك؟
مانا بۇ مىسال «خان ئاغزى مايماق» ئەمەس سۆزى مايماق. بۇنى ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ:ـ دەپ مۇئەللىم مەندىن سۇئال سورىدى. مەن بۇنى ھازىر چۈشىنىپ يىتەلىدىم . خاننىڭ ئاغزى مايماق ئەمەس، سۆزى مايماق ئىكەن........
ئاپتۇرى: مەخەت ئابدۇرىھىم