يۈ شياڭلىننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
يۈ شياڭلىن (佘祥林) خۇبىي ئۆلكىسى جىنشەن ناھىيىسى يامىنكوۋ بازىرىدىن بولۇپ ، 1966 – يىلى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تۇغۇلغان ، ئەسلىدە شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ ئامانلىق چارلىغۇچىسى . 1998 – يىلى ئايالىنى ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق بولۇپ مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 2005 – يىلى 3 – ئايدا ئۇنىڭ «ئۆلتۈرۋىتىلگەن» ئايالى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قىلىپ ، ئۇ جىنايەتسىز دەپ جاكارلىنىپ تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلگەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئون كىچە ئون كۈندۈز ئۇرۇلۇش جەريانىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان .
قىسقىچە دىلو ئەھۋالى :
يۈ شياڭلىن خۇبىي ئۆلكىسى جىنشەن ناھىيىسى يامىنكوۋ بازىرى خىچاڭ كەنتىدىن بولۇپ ، 1994 – يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۇنىڭ ئايالى جاڭ زەييۈ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تۇققانلىرى يۈ شياڭلىننى ئايالى جاڭ زەييۈگە زىيانكەشلىك قىلدى ، دەپ گۇمانلىنىدۇ . شۇ يىلى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ، لۈ چوڭ كەنتىدىكى بىر سۇ كۆلچىكىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىتى بايقىلىدۇ . جاڭ زەييۈنىڭ تۇققانلىرىنىڭ تونۇپ پەرقلەندۈرۈشى بىلەن بۇ جەسەتنى جاڭ زەييۈنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى بىلەن بىردەك دەپ قاراپ ، ج خ ئورگانلىرى دەرھال دىلو تۇرغۇزۇپ بۇ دىلونى تەھقىقلەشكە باشلايدۇ .
1994 – يىلى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈن يۈ شياڭلىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلىدۇ .
1994 – يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جىنشەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى يۈ شياڭلىننى قەستەن قاتىللىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويىدۇ .
1994 – يىلى 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جىنشەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۈ شياڭلىننى قولغا ئىلىشقا تەستىقلايدۇ .
1994 – يىلى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تەپتىش مەھكىمىسى يۈ شياڭلىننى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەشكە يوللايدۇ .
1994 – يىلى 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى سوت مەھكىمىسى 1 – سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ يۈ شياڭلىننىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بىرىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىدۇ .
يۈ شياڭلىن بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي ، خۇبىي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بىرىدۇ .
خۇبىي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا قاراپ چىقىپ 1995 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى (1995) 20 – نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى چىقىرىپ ، 1 – سوت ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، بۇ دىلونى ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتىدىن سوت قىلىشىغا قايتۇرىدۇ .
1997 – يىلى 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى مەمۇرى رايونلارنىڭ دائىرىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن جىنشەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر دىلونى جىنمىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللاپ بىرىدۇ .
1997 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى جىنمىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلونى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن يۈ شياڭلىننىڭ قىلمىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازاغا توشمايدۇ دەپ قاراپ بۇ دىلونى يەنە جىنشەن ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىشىگە يوللاپ بىرىدۇ .
1998 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ، جىنشەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن يۈ شياڭلىنغا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن 5 يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىدۇ .
1998 – يىلى 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جىنمىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۈ شياڭلىننىڭ نارازىلىق ئەرزنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، نارازىلىق ئەرز تەلىپىنى رەت قىلىپ ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ كېسىم چىقىرىدۇ . ھەمدە بۇ كېسىمنىڭ ئاخىرقى كېسىم دەپ بىكىتىدۇ .
شۇنىڭدىن كېيىن يۈ شياڭلىن تۈرمىدە جازا ئۆتەيدۇ .
مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشى
2005 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى «ئۆلۈپ » كەتكىنىگە 11 يىل بولغان جاڭ زەييۈ ئۆيىگە قايتىپ كىلىدۇ .
2005 – يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يۈ شياڭلىن ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك بىر كۈن ئىدى . ئۇ سەھەر تۇرۇپ كۈندىلىك ئىشىنى باشلاي دەپ تۇرىشىغا ، تۈرمە ساقچىسى كىلىپ ئۆزى بىلەن بىللە مېڭىشىنى ئىيتتى . ئۇ تۈرمە ساقچىسىغا ئەگىشىپ تۈرمىنىڭ سوراقخانىسىغا كىردى . سوراقخانىدا 5 – 6 ئادەم ئولتۇراتتى . يۈ شياڭلىن ئوتتۇرىدا يۇۋاشلىق بىلەن تۇردى .
جىنشەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جىن چۈنجى : سىنىڭ دىلورىڭدا يېڭى دەلىل – ئىسپات بايقالدى ، دېدى .
يۈ شياڭلىن بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىدى ، سوراقخانا بىردەملىك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى .
بىردەمدىن كېيىن مەھكىمە باشلىقى جىن چۈنجى : جاڭ زەييۈ قايتىپ كەلدى ، دېدى .
يۈ شياڭلىن يەنىلا جىمجىت تۇراتتى .
سوتچى ئۇنىڭ دەرھال تۈرمىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ، 10 كۈندىن كېين يېڭىۋاشتىن سوت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
شۇنىڭ بىلەن يۈ شياڭلىن تۈرمە ساقچىسىنىڭ ھەمرالىقىدا كامىرغا قايتىپ ئۆزىنىڭ كېيىم – كېچەكلىرى ۋە 1994 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە يازغان 7 پارچە كۈندىلىك خاتېرىسىنى ئىلىپ چىقتى .
ئۇ ئاستا قەدەملىرى بىلەن تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىقتى .
2005 – يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى يۈ شياڭلىن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن ئىدى .
ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ئۇ يەنە بىر قېتىمىلىق سوتقا قاتنىشاتتى . بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولىغا كويزا سىلىنمىدى ، ئۇچىسىغا مەھبۇسلار كىيىمى كەيمىدى .
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا خۇبىي ئۆلكىسى جىنشەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت زالىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى . سوتنى سىرتتىن ئاڭلىغىلى كەلگەنلەر نەچچە يۈز ئادەمدىن ئاشاتتى .
نەچچە مىڭ ئامما سوت سىرتىدا تۇردى . پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 نەچچە ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ 100 دىن ئارتۇق مۇخبىرى جىنشەن ناھىيىسىگە توپلاشقانىدى .
سوتچى خۇدوشىڭ يۈ شياڭلىن جىنايەتسىز دەپ جاكارلاش بىلەن بىرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، مەزكۇر جىنايەتسىز دىيىلگەن ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن دۆلەت تۆلىمى بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نىمە دىيىشنى ئويلىغانلىقىنى سورىغاندا ، يۈ شياڭلىن : ھۆكۈمەتكە ئىشىنىمەن ، ھۆكۈمەتنىڭ مېنىڭ ئاق ئىكەنلىكىمنى جاكارلاپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ! دېگەن .
2005 – يىلى 10 – ئايدا يۈ شياڭلىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دۆلەتتىن 10 مىليون يۈەن دۆلەت تۆلىمى بىرىشنى ئىلتىماس قىلدى ، نەتىجىدە ئۇنىڭغا 700 مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمى بىرىلدى .
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 佘祥林案
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com