|
|
|
|
يىگىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز غەمكىنلەشمەڭ
يىگىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قىزلار ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي،كۈن-كۈنلەپ غەمكىن يۈرىيدۇ.ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك،بۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق پايدىلىق تەرەپلىرى بار. ئىشەنمىسىڭىز،تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ كۆرۈڭ:
1.شەنبە-يەكشەنبىلىرىڭىز خاتىرجەم ئۆتىدۇ،ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىمەن،دەپ ئالدىراش يۈرمەيسىز. 2.يىگىتىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنىمەن،دەپ بولۇشىچە ئۇپا-ئەڭلىك سۈركەپمۇ يۈرمەيسىز. 3.سودا-سارايلارنى ئۆز مەيلىڭىزچە ئايلىنىپ،يىگىتىڭىزنىڭ زېرىكىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيسىز. 4.يىگىتىڭىزنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالغاندا ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ئادەم بولمايسىز-دە،ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرىسىز. 5.ئۇچرىشىشنىڭ ئازىيىشى پۇل تىجىشىڭىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. 6.تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئاتا-ئانىڭىزغا ھەمراھ بولالايسىز.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئويلىنىشىڭىزغا،ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ماس كىلىدىغان يىگىتنى تېپىشڭىزغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش:مەن بۇنى گېزىتتىن كۆچۈرۈپ كەلگەن،كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە مەن مەسئۇل بولمايمەن~! :qiray134:qiray134:qiray134:qiray132:qiray132
مەنبە:<<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>>3235-سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-30 07:44 PM
|
|
|
|
|
|