ئوڭدىسىغا يىتىڭ...
كۇندىلىك تۇرمۇشتا،كىشىلەر كۆپنچە ئەھۋالدا ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش ھالىتىدە بولىدۇ.ئۆرە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئاشقازان،بۆرەك،بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالارنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئادەم ھەركۇنى بىر نەچچە قىتىم ئون مىنۇت ئوڭدىسىغا ياتقاندا ئىچكى ئەزالىرىغا بولغان بىسىمنى يىنىكلىتىپ،ھارغىنلىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.ئاشقازىنى ساڭگىلاپ كەتكەن،پۇتىنىڭ كۆك قان تومۇرى كىڭىيىپ كەنكەن،گىموروي،قان بىسىمى يۇقىرى،يۇرەكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى نورمال بولمىغان،بەل ئومۇرتقىسى ئارلىقىدىكى سۆڭەك كۆپۇپ چىققان،ھەددىدىن ئارتۇق سەمىرىپ،قورساق قىسمى بوشاپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئوڭدىسىغا 10-15 مىنۇت يىتىپ بىرىش ئىنتايىن پايدىلىق.
قاچا يۇيۇش پاراشوكى
1. مايلىق بولمىغان قازان-قومۇشلارنى يۇيغاندا، قاچا يۇيۇش پاراشوكى ئىشلەتمەسلىك لازىم. مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى يۇيغاندا،ئاز مىقداردا ئېشلىتىش ھەمدە پاكىز چايقاش كېرەك.
2. قاچا يۇيۇش پاراشوكىدا ئېشقار مىقدارى كۆپ بولغاچقا تېرىنىڭ ماي ئاسراش قەۋىتىگە زىيىنى بار.شۇڭا يۇيۇش ۋاقتى قىسقا بولۇش،سۇدا پاكىز چايقاش ھەم تىرە ئاسراش مىيى سۈركىشى لازىم.
3.قول زەخمىلەنگەندە قاچا يۇيۇش پاراشوكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك،شورلۇق ماددىلارنىڭ ۋە زىيانداش ماددىلارنىڭ يارا ئېغىزىدىن بەدەنگە تارقاپ،باشقا كىسەللەرنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. قاچا يۇيۇش پاراشوكى بىلەن باشنى،يۇزنى،بەدەننى يۇيماسلىق كېرەك. بولمىسا چاچنى خۈنۈكلەشتۇرۇپ،تىرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ،بالدۇر قورۇق چۇشۇرۋىتىدۇ.
مەنبە: "شىنجاڭ ياشلىرى" ژورنىلى 2002.7 -سان