باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا...
( مەن مەلۇم بىر جايدىكى دوستلار سۆھبىتىدە ئەمەل تەمەسىدە تىپىرلاپ يۈرگەن بىرسى ھەققىدە ئاز-تولا سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم-دە، قولۇمغا قەلەم ئالغان ئىدىم. بۇ، ئەنە شۇ چاغدىكى بايانلارنىڭ ئاددىيلا تېز سىزمىسى ئىدى، خالاس. بۈگۈن كونا يازمىلىرىمنى رەتلەۋېتىپ،بۇ ئەسەرنى مۇنبەرگە يوللاپ قويغۇم كەلدى )
( ساتېرا)
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
قانات ياساپ ئۇچارمەنمۇ سامادا.
كىرىپ ياكى تويماس نەپىسم كەينىگە،
خۇمار بولۇپ قالارمەنمۇ تەماغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئەمەل پەيزىن سۈرەرمەنمۇ راساغا.
بولۇپ قېلىپ ياكى ئۆتمەس گال پىچاق،
قالارمەنمۇ ئوخشاپ ئەخلەت-چاۋارغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
سورارمەنمۇ يۇرتنى شەرمى-ھايادا.
چاپارمەنمۇ ياكى ئابرۇي قوغلۇشۇپ،
قۇلاق سالماي ئەلدىن چىققان ساداغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
چۈشەرمەنمۇ ئۇسۇل ئۇيناپ ساماغا.
مەي-شاراپتا بۇلغاپ ئەقلۇ-ھۇشۇمنى،
چىقالمايمۇ يۈرەرمەنمۇ تالاغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
تۇتۇلارمەن چەكسىز جەۋرى-جاپاغا.
ئەمما قىلچە پىسەنت قىلىپ كەتمەيمەن،
خەقلەر رەنجىپ قىلغان تەنە-تاپاغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئاھىم يېتىپ بىر كۈن ئۇلۇغ خۇداغا.
ئۆزگىچىلا بىجىرىمەن ئىشلارنى،
ھېچبىر قۇلاق سالماي سۈلھى-سالاغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئولتۇرىمەن يۇمشاق لۆم-لۆم سافادا.
تىزلىنىدۇ شۇچاغ چوقۇم ئالدىمدا،
ھاجەتمەنلەر ئوخشاپ گويا چاكارغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
يولۇقىمەن كۈندە مىڭ خىل داۋاغا.
سورىمايمەن ھېچبىرنى بەدەلسىز،
(ئاپتاپقىمۇ چىقىماس مۈشۈك بىكارغا).
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
كۆمۈلىمەن كۈندە ھەمدۇ-ساناغا.
ساقلاش ئۈچۈن مەنسىپىمنى بىر ئۆمۈر،
ئەگىشىمەن تاڭ شامىلى-ساباغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
قوشۇلىمەن بۈيۈك سەپكە-قاتارغا.
شۇچاغ كىملەر مەپتۇن بولۇپ، كىم-كىملەر...
قاچاركىن-تاڭ يولۇققاندەك ۋاباغا؟
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
كۆزۇم چۈشەر چوقۇم قەددى زىباغا.
داپقا چۈشكەن ماياقلاردەك سەكرىتىپ،
كۆندۇرىمەن پەرىلەرنى ھاباغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئۆمرۈمدە بىر تويارمەنمۇ غىزاغا.
خۇشامەتنىڭ تامىقىدا ئاچ قارنىم،
يېرىلىپلا ئۆلەرمەنمۇ ئىزاغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
قەددىم ئوخشار گويا بۈيۈك چىنارغا.
ئوڭدىن كېلىپ شۇچاغ ھەممە ئامىتىم،
ئۆيۈم تولۇر ئالتۇن-كۈمۈش، دىنارغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
چېھرىم چۆمەر پارلاق نۇرغا-زىياغا.
توققۇزۇم تەل بولۇپ ھەتتا ھېچكىمگە،
ھاجىتىممۇ چۈشمەس بىرتال گىياھغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
يولۇقمىسام دەيمەن ھېچبىر بالاغا.
كورنى كۆرسەم قىساي شۇڭا ھەممە ۋاق،
ئوخشىتىپراق كۆزلىرىمنى ئەماغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئەسلا يېقىن يولىمايمەن گۇناھغا.
چۈنكى نۇرغۇن ساۋىقىم بار، يىقىلدى-
يېقىن كېلىپ قالسا كىم، تىك قىياغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
تارتىلمايمەن ھېچبىر سوراق-جازاغا.
چۈنكى تولۇق ئەمەل قىلماي قالمايمەن،
چوڭلىرىمغا بەرگەن ۋەدە-ۋاپاغا.
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
يۈز تاپىمەن بۇ ماكاندا-بازاردا.
ئارمىنىم يوق ياشىۋالسام يەپ-ئىچىپ،
بۇ ئالەمدىن كەتكۈچىلىك مازارغا.
1996-يىل 13-سىنتەبىر
( مەنبە: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )
بۇ تېما بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۆتكەپ كېلىنگەن مەنبە ئادرېسى:
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=9845
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-30 10:10 AM