|
|
|
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىزقېرېنداشلار. مەن تۆۋەندە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمى يۇسۇندا چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاشۇ ھەرخىل پىلاستىنكىلارنى قانۇنسىز ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىپ نەشىر قىلۋاتقان،ئەسلى پىلاستىنكا ئېگىسىنىڭ روخسىتسىز تور دۇنياسىغا چاپلاپ تارقىتىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىدە بىر چوڭقۇر مۇنازىرە ئېلىپ بارساق دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
سۆزىمىزنى باشلاپ كەتسەك،بەلكىم مۇشۇن مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم قېرېنداشلار مۇنداق بىر ئورۇننىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بىلىشى مومكىن ئۇبولسادەۋىر كۇلىبى مانا مۇشۇ كۇلۇپنى يوقلىقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرساھەدىكى كىشىلىرىمىز ئاز بولمىغان جاپالارنى تاتتى،لېكىن ئۇلار شۇنچە جاپانى تارتقىنىغا پىسەنت قىلماي يەنە چىداپ ئالدىغا مېڭىپ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ئىدى.بىز بۇرۇن مۇنبەرلەردە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي ،ئەجەپ بىر يېڭى كىنو،يىڭى سەنئەت -كېچىلىكى بارلىققا كەلمەيدىغۇ دەپ مۇنازىرلەرنى قىلغان ئىدۇق،ئەمدى بۇنۇڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى!!!يېقىندا دەۋىر كۇلىبى يېڭىدىن تۇنجى سان دەۋېر كۇلۇپ يىغىلىشىنى جاپالىق ھالدا ئۆتكۈزۈپ سىنغا ئېلىپ بازارغا سالغان ئىدى،بازارغا سېلىپ كۈن ئۆتمەي يەنە شۇ پىلاستىكا ھايانكەشلىرنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ ،بۇپىلاستىنكىنىڭ ئوغۇرلىغان نۇسقىسى بازاردا سېتىشقا باشلىۋالدى،مەن مۇشۇ يەردە بىر سوراپ باقاي؟سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار دەۋىر كۇلىبىنى قوللىغىنڭلارما؟؟؟ياكى بولمىسا دەۋىر كۇلىبىغا ياردەملىشىپ كەڭ تەشۋېق قىلۋاتامسىلەريە؟؟؟ھەممەيلەن بىلمىز ئۇلار ئۇنداق مەخسەتتە ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭكى كىچىككىنە مەنپەتىنى دەپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ساتقۇچىلاردۇر.ئەمدى بىز بۇ پىلاستىنكا ھايانكەشلىرنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇپ بۇنىڭدىن مۇ قەبىھ ئىشتىن بىرنى قىلغان كىشى بىلەن تۇنۇشۇپ باقايلى،ئەسلى مەن ئاشۇ كىشىنىڭ تور بوشلىقىنى يوللاپ قوياي دىگەن لېكىن دەۋىر كۇلىبىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى قەدىرلىگەن ئاساستا بۇيەرگە يوللىمىدىم،چۈنكى توربوشلىقىدا كۇلۇپنىڭ فىلىمى بار ئىكەن.بىز بىلەلمەي قالدۇق ،پىلاستېنكا ھايانكەشلىرى ئۆز تۇرمىشىنى قامداش ئۈچۈن دەپ باھانە ئىزدىسۇن،ئۇنداقتا مۇنۇ مەھلھۇنغا ئوخشاش تور دۇنياسىغا يوللىۋاتقان بەدبەخلەرنى نىمەدەپ ئويلىساق بۇلار؟؟؟ھازىر سېنا مىكرو بىلوگىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۇئىش ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرۋاتىدۇ،ھەم ھەممە بىرلىشىپ ئۇمەلھۇننى تېپىپ چىقماقچى بۇلۋاتىدۇ.ئۇ مەلھۇننى تېپىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس،چۇنكى ھازىر كۆپۈنچى چوڭ تور بەتلەر ھەممىسى ھەقىقى ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى يولغا قويغان،ئاشۇ تور قۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ مەلھۇننىڭ ماتىريالىنى تېپىپ چىقسىلا بۇلدۇ. مەن سۆزۈمنى ئۇزارتىۋەتمەي مىنىكى دېمەكچى بولغانلىرىمنى بەلكىم تور داشلار ئېنىق چۈشەندىغۇ دەيمەن.
مەن تۆۋەندە بۇكۇلۇپقا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە رەسىمنى يوللاپ قوياي،بۇرەسىملەر پۇتۇنلەي قانۇنلۇق
دەۋىر كۇلىبىنىڭ تۇنجى ساندىكى ئەزىز مېھمىنى مەخموت.سۇلايمان[img][/img]
يەنە بىر ئەزىز مېھمىنى ئابدۇكېرىم.ئابلېز[img] [/img]
دەۋېر كۇلىبىنىڭ رىياسەتچىلىرى:قەيسەر.ھەبىبۇللا[img] [/img]
گۈلشەن.مەمەتتۇرسۇن[img] [/img]
قەلبىنۇر.قېيۇم
[img] [/img]
زۇلپىقار.كۈرەش رەجەپ [img] [/img]
دەۋىر كۇلىبىنىڭ مەخسىتى ۋە مەزمۇنى:
[
ئەگەر دەۋىر كۇلۇبىنى تېخىمۇ چۈشىنەي دىسىڭز بۇيەرگە كىرىڭ: http://dawir.karwan.cn/show.php?mid=13
بىر ئېغىز گەپكە يېغېنچاقلاپ قوياي:سىز نىكى بىردانە ساختا پىلاستىنكىنى ھايانكەشلەرنىڭ قۇلىدىن ئالغانلىقىڭىز،مىليون ئۇيغۇرغا زىيان سالغانلىقىڭزدۇر!!!
مەنبە:ئۆزەم(ئەلدىيار)
|
|
|
|
|
|