|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، كىچىكىمدىن مۇشۇ ئوغلاق تارتىشىش جېڭىنى كۆر گىنىم ئېسىمدە ،لېكىن چوڭ بۇلۇپ ئىش بۇ ئىشلارنىڭ قىممىتىنى بىلىپ يەتكەندە بولسا كۆرەي دېسەم يوق ،ياكى بولسىمۇ بەكلا ئاز ئىدى، بۈگۈن قاياقتىن كۈن چىقتىكىن بۇ پۇرسەت ئاخىرى ماڭا نىسىپ بولدى،ھاۋانىڭ سوغۇق بۇلىشىغا ،ئاتلارنىڭ تۇرۇپ تۇرۇپ باستۇرۇپ كىلىشىگە قارىماي،شۇنداق بىر خىل ھاياجان بىلەن كۆردۈم،بۇ مارالبېشىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىدىكىلەر قوشنا ناھىيە يېزىدىكلەر بىلەن ،ئېلىپ بارغان ئوغلاق (ئادەتتە قىسقارتىلىپ ئوغلاق دىيىلدۇ) بۇلۇپ،40 ئەتىراپىدا ئات قاتناشتۇرۇلغان ئىدى،ئوغلاق شۇنداق قىززىدىكى ،ھاياجانلانغىنىمدىن ، ئوغلاقنى تالىشىپ ماڭغان ئاتتىن قاچالماي سۇقۇلۇپ كېتىپ ،ئاغرىقنىمۇ ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن بىلىپتىمەن.شۇ جەرياندا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۇچۇق بولمىسىمۇ تۈۋەندىكى رەسىملەرنى تارتقان ئىدىم تورداشلاربىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىش شۇنداقلا بىزنىڭ مۇشۇ جەڭگىۋار ،ئەرلەك جاسارەتنى نامايەن قىلغۇچى تەنھەركەت تۈرىمىزھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ بېقىش مەقسىتىدە مۇنبەرگە يوللىدىم.
كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىقى ياۋرۇپالىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىدىن قېلىشمايدىكەن،ئەر ئايال،كىچىك كىچىك بالىلارمۇ ئەشۇ ئاتنىڭ ئارىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ كۆرىشىدىكەن، بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتى، ئەشۇ چېپىشىۋاتقان ،ئاتنىڭ ئۈستىدە ھۇقۇيتۇپ توۋلاپ كىتىپ بارغان ئەزىمەتلەرنىڭ چىھرىدىن بۇۋام ئېيىتقان ھېلىقى روھنى كۆرگەندەك بولدۇم، شۇنداقلا كۆڭلۈمدە بۇنىڭ داۋام ۋاقتى ھەققىدە سۇئال پەيدا بولدى.............ئات ئۈسىتىدە ئولتۇرساق ھېچكىم قوغلاپ يىتەلمەيدىغان،ئات ئۈستىدە ئالدىغا ئوقنى قانداق ئاتسا ئارقىغىمۇ شۇنداق ئاتىدىغان بىر خەق ئىكەنمىز بىر چاغدا،ئەشۇ ئات بۈگۈن كۆز ئالدىمدا چاپماقتا،كۆز تەگمىسۇن شۇ تۇلپارھەم ئۈستىدىكى پالۋانلارغا.......
|
|
|
|
|
|