مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4603|ئىنكاس: 60

جىن كەلگەن كىچە 2   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىپ قال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73955
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                   جىن كەلگەن كىچە2
                                                                      ھېكايە
          نەۋرە ئۇكامدىن ئاشۇ كىچىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرگەندىن بېرى ئۇنىڭ دىگەنلىرى كاللامغا كىرىپلا ۋالدى.ھەتتا بەزىدە يېرىم كېچىلەردە ئۇيقۇم قېچىپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ دىگەنلىرى ئېسىمگە كىلىپ قالسا،دەرھال يوتقان بىلەن بىشىمنى چىڭ پۈركىۋالاتتىم-دە،يادىمغا كەلگەن ئايەتلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ كىتەتتىم.پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۈمۈپ كىتەتتى.
          كىيىنچە ئۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا كاللامدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى.چۈنكى مەن شۇ قېتىم سەھرادىن قايتىپ كەلگىنىمچە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بارمىدىم.شۇنداقتىمۇ كىيىن دادام ئاپام لارنىڭ زورلىشى بىلەن بېرىپلا كىلىدىغان بولۇپ بارغاندا مەھەللىدى-
كىلەردىن ۋە ئۆيدىكىلەردىن ھېلىقى ‹توختەم ساراڭ›نىڭ مەن كىلىشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۆلۈپ كىتىپ بولغانلىقىنى،ئۇنى ئۆزىنىڭ كونا مازار ‹ئۆيى›گە كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدىم.شۇنداقتىمۇ ئۇ مازارلىقتىن قورقاتتىم.مەھەللىدىكى دوستلىرىم ئۇ مازارلىق يېنىدىكى دەريا بۆلىكىدە سۇغا چۈشۈپ كىلىشنى ئېيتقاندا يوقىلاڭ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بارمايتىم.
         شەھەر تۇرمىشىنىڭ ئالدىراشچىلىقى مېنى ئۇ ئىشلارنى قايتا ئويلاشقا پۇرسەت بەرمىدى.ھەم مېنىڭ كاللامدىمۇ شەھەردە جىن يوق دىگەن ئۇقۇم كۈچلۈك ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن مەلۇم بىر كۈنى كاللامدىكى ئۇقۇملارنى تۈپتىن ئۆزگەر تىۋىتىدىغان ئشتىن بىرسى يۈز بەردى.
        ئۇ كۈنى مەن دوسلۇرۇم بىلەن تورخانىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالغاچقا،كەچ سائەت 11لەردىن ئاشقاندا تورخانىدىن يېنىپ چىقتۇق. مەندىن باشقا ئۈچ دوستۇم بىر ياتاقتا بولغاچقا تاكسى توسۇپلا كېتىپ قالدى.بۇتورخانىمۇ ئاۋات بازار بولىدىغان يەردە بولغاچقا ئۇۋاقىتتا ئانچە يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدىم.ئۇنىڭ بۇنىڭغا قاراپ مېڭىپ مەھەللەمنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ قاپتىمەن. ئۇنىڭدىن ئاۋال ھەردائىم مەھەللەمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خاتىر جەم ھالدا تىلىفۇنۇمنى ئىلىپ تىلىفۇنغىلا قاراپ ماڭاتتىم.پۇتۇم ئۆزلىكىدىن يولنى تېپىپ مېڭىپ ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە توختايتتى.شۇكۈنىمۇ ئادىتىم بويىچە تىلىفۇنۇمنى ئىلىپ چ چ غا چىقىپ كېتىۋاتاتتىم. مەن ئادەتتە ئۆيگە بۇنداق كەچ قايتمايىتتىم.شۇڭىلاشقىمىكىن،مەھەل-
لەمنىڭ جىمجىتلىقى دىققىتىمنى چالغىتتى.كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تاقاق ئىدى.ئىككى تەرەپتىكى يول چىراغلىرىنىڭ غۇۋا نۇرىدا كوچا بىرخىل سۈرلۈك تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى.بىردىنلا كۆڭلۈمگە ۋەھىمە ئولاشتى...تۈز ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاركوچىدا بارغانسىرى ئىچكىرلەپ كېتىۋاتاتتىم.كوچىدا بىرەر ئادەممۇ بولمىسا بولمايدىكەن. دەپ ئويلىدىمدە سەگەكلىك بىلەن ئەتراپقا قارىدىم.
       ئالدى تەرەپتىن بىر نەرسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى.ئۇف خۇداغا شۈكۈر ئادەم باركەن.ددەپ ئويلىدىمدە ئۇنىڭ بىلەن تىزراق ئۇچرىشىشنى ئويلاپ قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم.تۇساتتىن ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىم 50-60مىتىرچە قالغاندا ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم.چۈنكى ئۇ قاپقارا نەرسە كىيىۋالغان بولۇپ كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئايالچە ئۇسسۇل ئوينىغىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. يۈرۈكۈم قارتلا قىلىپ كەتتىدە دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم.يۈگۈرۋاتىمەن  قولۇمدىكى تىلىفۇن تۇيۇقسىز تىتىلداپ كەتتى قورقۇنىچتا ئۇنىمۇ چۆرىۋەتتىم.تۇيۇقسىز كاللامغا ئۇنىڭدىن قانچىلىك يىراقلاشقاندىمەن دىگەن ئوي كەلدى-دە،يۈگرەشتىنمۇ توختىماي كەينىگە قارىدىم................ياق!!!............ئۇ خۇددى شوخ پەدىگە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاياللاردەك ھەركىتىنى تىزلەشتۈرۈپ مەن بىلەن دەمبەس قەدەم كىلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ يىرگىنىچلىك ئاۋازلار بىلەن بىر نەرسىلەرنى توۋلىشى بىشىمدىن تۈتۈن چىقىرۋەكەنىدى. قۇلاق تۈۋۈمدە بىر ئايالنىڭ سەت كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ بار كۈچۈمبىلەن ئۆزۈمنى چوڭ يول بويىغا ئاتتىم.                            +                                                                       +                                                               +
يىرىم كىچە بولغاچقىمىكىن يولدا بىرمۇ ماشىنا يوق....مەن سائەتكە قاراش ئۈچۈن تىلىفۇنۇمنى ئىزدىدىم.ھەراست دىگىنىمچە بىشىمنى شۇنداق كۆتۈرشۈمگە ئالدى تەرىپىمدە 5-6قەدەم نېرىسىدا بىرنەرسىنىڭ ئايالچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم...بىشىم قىيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.قۇلاق تۈۋۈمدە ئايال كىشىنىڭ يىرگىنىشلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.
    -خىيال0097!شەھەردە جىن يوق!شەھەردە جىن يوق!      

پادىشاھ ئوۋغا چىقىپ قاغىنى شۇڭقار دىسە،
سەن ئۇنى قاغادىمەي،ئەگىشىپ شۇڭقار دىگىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63015
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:17:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ،خېلى بولىدىكەن،3_مۇ باردۇ...........:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1212
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3031 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا جىنغا ئۇچرىغان ئوخشىمامسىز؟  مەنغۇ جىننى كۆرۇپ باقمىدىم لېكىن راسلا جىن بار........

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1225
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 73820
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى مەن چۈشۈرۋېتەي ھە
شۇنىڭ بىلەن يىرىم كىچە بولغاچقىمىكىن يولدا بىرمۇ ماشىنا يوق....مەن سائەتكە قاراش ئۈچۈن تىلىفۇنۇمنى ئىزدىدىم.ھەراست دىگىنىمچە بىشىمنى شۇنداق كۆتۈرشۈمگە ئالدى تەرىپىمدە 5-6قەدەم نېرىسىدا بىرنەرسىنىڭ ئايالچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم...بىشىم قىيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.قۇلاق تۈۋۈمدە ئايال كىشىنىڭ يىرگىنىشلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.ھودۇققۇنۇمدىن پۇتلۇرۇم كالامپايلىشىپ قەدەملىرىم ئاستىلاپ قالغاندەك تۈيۈلاتتى. توختاپ قالسام بولمايدىغانلىقىمنى  مەنلا ئەمەس يىنىمدىكى جىنمۇ بىلەتتى  ،‹‹ماڭا تەس،جىنغا ئويۇن›› بولۇۋاتاتتى،تۇيۇقسىز مۇرەمنى بىر ئايالنىڭ قول تارىتتى ...................
-‹‹ئورنىڭدىن تۇر ،ئىشقا ماڭدىغان ۋاقتىڭ بوپ قالدى تېز تەييارلىق قىل كىچكىسەن ›› قۇلاق تۇۋۇمدە ياڭرىدى.
ئەسلى چۈشۈمكەندە................... رەھمەت ئاپا  ئوغلۇڭ قورۇققان نەرسىدىن يەنە سەن قۇتۇلدۇرۋالدىڭ،رىئال ئوڭۇمدا بىلەلمىگەن ئانا كۆيۇمىنى چۇشۇمدە بىلىۋالغان ئىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 04:37 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بەرگى + 20 قانداق چۈشەركىن دەپ ك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3443
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2379 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىن راس بار ...
مۇسۇلمان كىشى شۇڭا جىن شەيتانلارنى قوغلايدىغان دۇرتلارنى كوپرەك ئوقۇشى كېرەك.

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8759
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4173 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بوۋام جىن خوتۇن ئاپتىكەن.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19016
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5395 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 05:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بوۋام جىن تۇتىۋاپتىكەن،،، 70 ئەۋلادىغا چېقىلماسمىش ھا ھا ھا كىچىك ۋاقتىمدا قورققان بىلەن ھازىر قوقمايدىغان گەپ ...:qiray14

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 1730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7482
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 7154 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 05:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulfay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 08:46 PM
مېنىڭ بوۋام جىن خوتۇن ئاپتىكەن.

تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ،شۇنداق قىزقىپ قالدىم.

دىل ئازار،خۇدا بىزار~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 05:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ  رەھمەتلىك مومامنىڭ ئانچەمۇنچە جىنلىرى  باكەنتۇقمىش.
ئاپاملادىن ئاڭلىشىمچە  مومام كىچىك ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى  بىلەن مىھمانغا بېرىپ كەچ قاپتۇ .
ھەممىسى ئۆيدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا مومام يوق ،.ئىزدەپ ھويلىغا چىقسا بىر مۈشۈكنى تۇتۇپ ئويناپ ئولتاغىدەك ،شۇنىڭ بىلەن مومامنىڭ دادىسى مۈشۈكنىڭ  تۈكىدىن  يۇلىۋېلىپ بىزنىڭ ئەۋلادىمىزغا چېقىلمايسەن دەپ قويىۋېتىپتىكەنمىش .
  كىچىك  ۋاقىتلىرىمىزدا مومام تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ نېرى  تۇرۇڭلا ئاۋۇلا  كىرىۋاسۇن ،ئاۋۇلا يەنە كەلدى دەپ بىر نىمىلەنى دەپ  كىتەتتى ،. بىز كۆرمىگەندىكىن  مومامنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرىۋاساق شۇنداق خاپا بولۇپ كېتەتتى نېرى تۇر دەپ .
ئەمدى بۇ گەپلە راسمۇ يالغانمۇ بىلگۈچى ئاللا دەپتىكەن . ئىشقىلىپ شۇ زامانلادا جىقتىكەن بۇنداق ئىشلارھە .
   ماۋۇ  ھېكايىڭىز يامان ئەمەس چىقىپتىكەن بىراق ئاخىرى چۈشمەپتۇ دوستەك .

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62785
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 05:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەردىمۇ جىن بار .:qiray10

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش