مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1320|ئىنكاس: 17

رېستوران مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9149
تۆھپە نۇمۇرى: 1200
توردا: 4005 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 10:18:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇربانجان ئىبراھىم

مەدەنىيەت يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت سەۋىيىسى كۈنسايىن ئۆسۈپ، يېڭىلىنىپ بارماقتا. 80-يىللاردىن باشلاپ رىستۇران شەھەرلەردە قەد كۆتۈرگەن ھەم شۇنداق يېڭىلىق تۇيۇلغان بولۇشى، قوي گۆشىنى تولا يەپ دورامچىلىققا كۆنۈپ قالغان كىشىلەر ئۆز ھالىغا قارىماستىن چېپىشقان.
رېستوران خەنزۇچىدا ‹‹餐厅›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى تەرجمە قىلساق ‹‹تاماق زالى›› دېگەن مەنە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئاتالغۇ بىزگە چەتتىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمدى ئويلاپ باقساق ‹‹تاماق زالى›› بولغاندىكىن بىز ياخشى غىزالىنىپ قايتىپ چىقساق بولاتتى. ئەپسۇس، بىز كاللىمىز بىلەن ئويلىنىپ باقساق غىزالىنىشقا سەرىپ قىلغان پۇلدىنمۇ موھىم بولغان نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم بولىمىز.
بىر ئادەم بىر قىتىم نۇرمال غىزالىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقتى ھەم پۇلىنى سەرپ قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىجابىي بولامدۇ ياكى سەلبىيمۇ؟
مەن فولكلورشۇناس ئەمەس، تەتقىقاتچىمۇ، يازغۇچىمۇ ئەمەس. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچىسى. بىزدە ‹‹بىلگەن بىلگىنىنى دەر، بىلمىگەن نېمىنى›› دەيدىغان گەپ بار. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خاتالىقلاردىن خالىي بولۇش تەس. ئەمما مەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بۇ كعحعك تىما ئەمەس، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇشۇ ماقالەم ئىجابىي تەسىر قوزغىيالىسا مۇرادىم ھاسىل. چۈنكى، ئوقۇغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرگە ئىجابىي يول كۆرسىتىپ بىرەلمەيدىغان، ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالمايدىغان، دەردىگە داۋا، دىلىغا ئوزۇق بولالمايدىغان ئەسەر يېزىلىشى بىلەنلا مەغلۇپ بولىدۇ.
ئەسلى گەپكە كەلسەك، رىستۇران مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مەن تۆۋەندىكىلەرنى ھىس قىلدىم:
1. رىستۇران ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى كېمەيتىپ، نورمال تۇرمۇش رېتىمىنى بۇزدى.
ئادەتتە بىر ئادەم قورسىقى راسا ئېچىپ ناغرا چېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەتتە-سەككىز كويلۇق تاماققا تويىدۇ. ئەمما رىستۇراندىچۇ؟ ئۆيىمىزدە قىلىپ ئادەتلىنىپ بولالمايدىغان سەيدىن 30-40كويلۇق يىسەكمۇ ئالتە-يەتتە كويلۇق گۆش پولو يىگەنچىلىك بولمايمىز. قورۇمعلعرعنعڭ قىممەتلىكىچۇ تېخى؟ داپەنجى(چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى) 45كوي، ئايرىم يىسە ئىككى ئادەم يەپ بولىدۇ. ئاشۇ پۇلغا ئېسىل ئاشپۇزۇللاردىن غىزالانسىچۇ؟ 20كويغا تويمامدۇ؟
رىستۇرانغا بىردىن – ئىككىدىن كىرمىگەندىكىن، ئەرزانراق بولار دىيىشىڭىز مۇمكىن. ئون ئادەم بىر شىرەدە ئولتۇردى دېگەندىمۇ 300كوي دېگەن گەپ. بالىلىرى ‹‹ئالتە كويغا لۇغەت ئېلىپ بەر›› دېسە ئاغزىنى ياريىلىمدە چاپلىۋىتىدىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بىر قېتىملىق يەپ-ئىچىشىغا شۇنچە پۇلنى خەجلەشكە رازى. شەھەر ۋە ناھىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا كەڭ تۈردە ئەۋج ئېلىۋاتقان چايلار بۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ بىر قىسىم تويلار رىستۇراندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-دۈشمەنلىرى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىق ئۈچۈن قولى قىسقىلىق قىلغان جايلىرىغا قەرز ئېلىپ كاتتا ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ‹‹غورا غورىنى كۆرسە ئالا بولۇر›› دېگەن ماقال – تەمسىل بىزنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. شۇڭا رىستۇرانغا كىرىپ باقمىغانلار كىرىپ باققانلاردىن ئۇ يەرنىڭ ‹‹جەننەتتەك ئېسىل›› تەرىپلىرىنى ئاڭلاپ سىناپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى، سىناپ باقتى. سىناق ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئىدىسون لامپۇچكىنى 99قېتىم سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسا، ئۇيغۇرلار رىستۇراننىڭ پايدىسىنى بىر قېتىمدىلا سىناپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. كۆنۈپ كەتتى، زەنجىرسىمان باغلاندى.
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ھەپتىدە بىرەر قېتىم رىستۇرانغا يىغىلىش قىلىپ كىرىش بىر خىل ساقايماس كىسەلگە ئوخشاش ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالدى. ئويلاپ باقايلى، ئۇلارنىڭ پۇللىرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن يىتىپ ئاشامدۇ؟ يانچۇقىغا پاتماي بىقىنىغا ئۈسسۈگىدەك بارمۇ؟ بۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ۋىجدانەن ئويلىنىپ بېقىشىغا تىگىشلىك مەسىلە. ئەگەر تۇرمۇشىدىن ئېشىنسا ئۆي، شەخسىي تازىلىققا، بىلىم ئىگەللەشكە، بالىلىرىنى ئادەمدەك تەربىيەلەشكە …سەرپ قىلسا بىساتى قۇرۇپ كىتەرمىدى؟
رىستۇرانغا كىرىدىغانلارنىڭ قايسى تەبىقىدىكى كېشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:
1) ئوقۇتقۇچىلار؛
2) ئىدارە ئورگان خىزمەتچىلىرى؛
3) زىيالىيلار،يازغۇچى-شائىرلار؛
4) ئوقۇغۇچىلار؛
5) بعر قعسعم ھاللعق تعجارەتحعلەر.
سىز بەلكىم رىستۇرانغا كىرىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئوقۇتقۇچىلار ئەمەستۇ، ئۇلار دېگەن ئاڭلىق ئادەملەر تۇرسا دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس. مائارپقا مەسئۇل باشلىقلار كەلسە، كەتسە، بىرەر جايغا بىلىم ئاشۇرۇشقا (بىرەر ھەپتىلىك بولسىمۇ)ماڭسا، قايتىپ كەلسە؛ بىرەر ئوقۇتقۇچى، مۇدىرلار شۇنداق بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرلىرى دەرھال ‹‹يانچۇق كولاش يىغىنى›› ئاچىدۇ. كەم بولسا 30كوي، بولمىسا 50كوي، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشىدۇ تېخى. مەكتەپلەردە قىشلىق كۆمۈر تۈگەپ قېلىپ ئوقۇغۇچىلار سوغۇقتىن تىترەپ كەتسە كۆمۈرگە پۇل يوق؛ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەشكە پۇل يوق؛ خەتەرلىك سىنىپلارنى يېڭىلاشقا، سىنىپلارنى بىزەشكە پۇل يوق؛ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا، كىسەل بولۇپ قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا …پۇل يوق. ئىشقىلىپ كۆپلىگەن ئىجابىي ئىشلارغا پۇل يوق، رىستۇرانغا بار .بەزىلەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ‹‹ۋىييەي، ئۇ… بۇ…››دەپ غوتۇلدىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۆيىگە مەلۇم نەرسە سېتىۋېلىشقا تەييارلاپ قويغان پۇللىرىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. باشقا ئىدارە-ئورگانلاردىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بار. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەمىناتىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگۇدا چەتئەلدىكىدەك مائاشىنى خەجلەپ بولالماي ئېشىپ قالىدىغان ئىشلار بىز يەتمەكچى بولغان كوممۇنىزىم بولۇشى مۇمكىن. بىر قېتىملىق رىستۇرانغا 50كوي كەتتى دېگەندىمۇ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغانلار ئۈچۈن بىر خالتا ئۇن كەلسە بىر ئاي يىتەر ھە ؟ پۇل تېپىش باشقا گەپ، ئۇنى جايلاپ خەجلەش باشقا گەپ.
2. رىستۇران ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى.
«ياپۇنلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ناھايىتى تىز، ئادەتتە يول ياقىسىدا 5-10مىنۇت پاراڭلىشىپ تۇرغان ياپۇننى كۆرگىلى بولمايدۇ» (ئابدۇقادىر جالالىدىن ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2005-يىل 5-ئاي نەشىرى). مانا بۇ بىز 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە زىمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقارغان ياپۇنلۇقلارنىڭ ۋاقت قارىشى.
ۋاقت ئۆتتىمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. ۋاقت-ئۆمۈر دېمەكتۇر، ۋاقت بىكار ئۆتتى دېگەنلىك ئۆمۈر بىكار ئۆتتى دېگەنلىك. ‹‹ۋاقت-ئالتۇندىن قىممەت››. «ئالتۇن ئىنسانلار بىلگەن ئەڭ قىممەت مېتاللاردىن بىرى. ھەر بىر ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئۆمۈرئەلۋەتتە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، لېكىن بۇنى كىم تونۇدى؟ لاي سۇدەك ئۆتكەن ئۆمۈر ھېچقانداق قىممەت، مەنە يارىتالماي ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقت نەقەدەر ئىسراپچىلىق،نەقەدەر زور جىنايەت (ئابدۇلئەھەت ئابدۇرشىت بەرقىي، «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي نەشىرى).
بىر سورۇندا ئون ئادەم بار بولسا ئۇلار بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشى ئۈچۈن كەم بولغاندا بىر-ئىككى، بولمىسا ئۈچ-تۆت سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىشىدۇ. بىر ئۈستەلدىكى ئون ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشىغا تەخمىنەن30سائەت سەرپ قىلىنسا بىر رىستۇراندىكى 20شىرەدە غىزالانغانلارنىڭ 600 سائەت (25كۈن) بولىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئىسراپچىلىق ھە! بىر ناھىيە، بىر شەھەردە قانچىلىك رىستۇران بار؟ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىچۇ؟ بۇ توغۇرلۇق ئېنىق مەلۇماتقا ئىرىشەلمىدىم.
ياپۇنلۇقلار يول بويىدا 5-10مىنۇت پاراڭلاشمايدىكەن، بىر مىنۇت ۋاقتمۇ ئۇلار ئۈچۈن غەلبە ئىكەن. بىز بىر سائەت بۇياقتا تۇرسۇن، تۆت-بەش سائەتنى ئويۇن -تاماشا پاتقىقىغا پاتقۇزۇۋىتىپ دىلىمىز يايراپ كېتىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ھوزۇرلۇق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى يوقتەك ھىس قىلىمىز. رىستۇراندا يەنە بىر دەم ئولتۇرۇۋالغۇمىز كېلىدۇ. بۇ ۋاقتلارغا ئىچىمىز ئېچىشمايدۇ، ئەكىسىچە خۇشال بولىمىز، باشقىچە ئادەم بولۇپ قالىمىز، ئەمەلىيەتتە بىز يەنىلا بىز. ‹‹ۋاقت – ئالتۇندىن قىممەت››، ‹‹ۋاقت-ئاتقان ئوق›› ئىدى. بىز بۇ ھېكىمەتلەرنىڭ تېگىگە قاچان يىتىمىز؟ ياپۇنىيە ھازىر دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت دۆلىتى. بۇنى ياپۇنلارنىڭ ۋاقتتىن توغرا پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە .
تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە بىر سېكونت، بىر دەقىقە تىز يۈگۈرگۈچى چىمپىيون بولىدۇ، بومبىلار سېكۇنت، دەقىقە توشقان ھامان پارتىلايدۇ، مانا بۇمۇ ۋاقت ئۇقۇمى . رىستۇرانغا كىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشىنى تەھلىل قىلىشقا ۋاقتى يوق، رىستۇرانغا بار ؛ ئۆز كەسپى بويىچە ئىزدىنىپ بىرەر پارچە ماقالە يېزىشقا ۋاقتى يوق؛ ھەر قايسى ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ نىمىنى قىلسا خەلققە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سېلىشقا، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقتى يوق، رىستۇرانغا بار. مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ خەلققە قولايلىق يارىتىپ بىرىشكە ۋاقتى يوق، رىستۇرانغا بار… دېمەك، بىز ئۆزىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىشكە، قىلىشقا چىقىرالمىغان ۋاقتلىرىمىزنى رىستۇرانغا يىتىپ ئاشقۇدەك چىقىرالايمىز. ھەممىمىز رىستۇراندا بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ۋاقتلىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە قەرزدار.
«سەئۇدى ئەرەبىستاندا كوچىدا بىرمۇ بىكار ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ . بىكار يۈرگەننى باشقىلار كۆرسە ‹بىكار يۈرۈشتىن ئۇيالمامسىز؟› دەپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. بىكار يۈرگەنلەرنى ساقچىلار ئېلىپ كىتىدۇ» (ئەختەم ئۆمەر، «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»). ئەمدى بىزنىڭ بوش كەتكۈزۈۋاتقان ۋاقتلىرىمىزنى كىم سۈرۈشتە قىلىدۇ؟ ئەسلىدە جۇڭگۇدىمۇ ۋاقتنى بىكار ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى جازالايدىغان قانۇن تۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولسا دۆلەتنىڭ يۈكى كۈندىن كۈنگە يەڭگىللىگەن بولاتتى . ۋاقت مەنىسىز ئۆتۈۋاتقان جايدا قانداقمۇ بەرىكەتتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى –بەختىڭ كەتتى››. بىز ئوبدان ئويلىشىپ باقساق بولاتتى. بىزنىڭ رىستۇراندا بىكارغا، ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋاتقىنىمىز بىزنىڭ بەختىمىز ئىدى. ۋاقتىمىز شۇنداق بىكار كىتىۋەرسە بىز قاچانغىچە بەختسىزلىك چۆلىدە بەخت ئعزدەې يۈرۈيمىز؟
3. رىستۇران بىزگە يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تائاملىرى يىيىشلىكلىكى، ئەرزانلىقى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق. بىز بۇنىڭدىن پەخرلەنسەك بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تاماقلارنى كۆپ يەيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەرزان دەپ يەۋىرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
رىستۇراندىكى بىر شىرەگە بۇيرۇتۇلغان تائاملار، سەي-قورۇمىلارنىڭ تۈرلىرى كۆې بولغاچقا شىرەگە تەستە پاتىدۇ. پاتماي قالغانلىرى پات-پات كەلتۈرۈلىدۇ. ئولتۇرغانلارئاشۇ تاماقنىڭ ھەممىمسىنى يەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ياق! رىستۇراندا ئۆزىنىڭ قالتىس ئادەملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەيدىسىنى ئالدىغا چىقىرىپ گىدىيىپ كىرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى قورساقلىرى ېعآعلداې كەتسىمۇ چوڭچىلىق قىلىپ ‹‹تۆرىلىرى››نىڭ ‹‹پو›› كوماندىسى بىرىشىنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولىدۇ.
بىز رىستۇرانغا كىرىپ چىقىش بىلەن بولدۇق، ئەمما قايسى شىرەدە قانچىلىك تاماقنىڭ يىيىلمەي ئېشىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ باقمىدۇق. ‹‹ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە، ساقلىق تىلىسەڭ ئاز يە›› دىضەن بۇ ماقالنى بىز پەقەت شۇنداقلا كۆرۈپ قويىمىز خالاس. ئۇنىڭدىكى مەنە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. رىستۇرانغىمۇ كىرەيلى، چوڭچىلىق، مەنمەنچىلىك، سۆلەتۋازلىق قىلىپ يەپ بولالمىغۇدەك بىر مۇنچە نەرسە بۇيرۇتقۇچە ئۆز لايىقىدا قىلساق بولىۋىرەتتىغۇ!!!
تاماق مىقدارى بىلەن ئاشقازاننىڭ مۇناسىۋىتى زىچ . سىز ئاز تاماق يەپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز بىرەر ۋاق كۆپرەك يىسىڭىز يەپ بولالمايسىز. تاماقنى كۆپ يەپ كۆنۈپ قالسىڭىز بىرەر ۋاق ئاز تاماق يىسىڭىز تويمايسىز.ئاز، قۇۋۋەتلىك يىسىڭىز كۆپ، قۇۋۋەتسىز يىگەندىن ئەلۋەتتە ياخشى. ئون قويغا بەش جىڭ قوناق بەرسە تويمايدۇ، 10جىڭ سامانغا تويىدۇ. قايسىسى قۇۋۋەتلىك؟ ھېچكىممۇ سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىن پۇلىڭىزنى ساناپ ئېلىپ ‹‹ماۋۇنىڭغا لەغمەن يە، ماۋۇنىڭغا پولو يە، بولمىسا بۇرنۇڭغا مۇشت يە›› دىيەلمەيدۇ.
بىر رىستۇراندا بىر كۈندە ئېشىپ قالىدىغان تاماقلارنىڭ مىقدارى ئاز ئەمەس. ئۇ تاماقلار ئۇدۇل چوشقىلارغا بىرىلەرمىش. بىر شىرەدىن بىر كۈندە 50كويلۇق تاماق يىييىلمەي تاشلىۋىتىلدى دېيىلسە، 20شىرەدىن 1000كويلۇق تاماق تاشلىۋىتىلىدىغان گەپ. بىر دېھقان بىر يىلدا ئېتىزدىن 1000كوي تەستە كىرىم قىلالايدۇ. بىز كوچىدا ھەقىقى تىلەمچىدىن 5موچەننى ئايايمىز، ئاشخانىدىن بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بىرىشنى چاكىنىلىق، نۇمۇس دەپ بىلىمىز. تاماقلارنىڭ رىستۇراندا ئىسراپ بولۇپ كىتىشىدىن نومۇس قىلمايمىز، كۆزىمىزگە ئىلىپ قويمايمىز. بىر رىستۇراندا بىر كۈندە ئېشىپ قالغان ئاشۇ 1000كوي پۇل بىلەن 20نامراتقا بىر خالتىدىن ئۇن ئېلىپ بەرگىلى بولىدۇ. بەش كۈندە شۇنداق بولۇۋەرسە، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يىللىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش راسخوتىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىر ئايدا ئىسراپ بولغان پۇلغىچۇ؟ 7-8زىيالىينى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئاپىرىدە قىلغىلى بولىدۇ. بىز تاماقنى ئاز بۇيرۇتۇپ ئىسراپخورلۇقنى تىزگىنلىسەك مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ يول ئېچىلاتتى ئەمەسمۇ؟ ئاپەت رايۇنىدىكى قېرىنداشلارنى، سىنىپلىرى ئۆرۈلۈپ كىتىش ئىھتىمالى بار بولغان سەبىي بالىلىرىمىزنى قۇتقۇزغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟ بىز ئىسراپ قىلىۋاتقان شۇ پۇللارنى ئادىمىيلىككە، ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىمىزگە خەجلىسەك پەرىشتىلەر گۇناھ دەپتىرىگە خاتىرىلەپ، ئاخرەتتە سوئال-سۇراققا قالارمىدۇق؟
ئەگەر رىستۇران ئايرىم بىر مۇلازىمەتچىنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ بىزدىن يۇقارقىدەك ئىشلارغا ئىئانە يىغسا كىم مەرتلىك بىلەن 5-10كوي تاشلىيالايدۇ؟ ئەكىسىچە ئاغزىنى ‹‹يار يىلىم››دە يەملىۋىتىشىمىز مۇمكىن ھە! رىستۇران ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپىقىلى بولىدىغان ئاممىۋى سورۇن. ئاز ياكى كۆپ تېپىشى تاماق، سەي، ھاراق، ناخشىلىرىنى ياخشى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .مۇلازىمەتچىسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئادەم يەنە بۇيرۇتۇپ سالىدۇ. (ئەگەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق مۇلازىمەت مۇشۇنداق بولسا بىز باشقىچە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتۇق). گىرمانىيىدە ھەر بىر تاماقخانا، رىستۇراندا ئادەمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن تاماق بۇيرۇتىدىغان بەلگىلىمە بار ئىكەن، مىقدارىدىن ئاز بۇيرۇتسا بولىدىكەنۇ، كۆپ بۇيرۇتسا يول قۇيۇلمايدىكەن. ئۇلار ئىسراپچىلىقنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنىدىكەن، بىز بولساق مەردلىك، سېخىيلىق دەپ چۈشىنىمىز. مانا بۇ ئىككى مىللەت كاللىسىدىكى بىر ئۇقۇم.بىزدىكى رىستۇران خوجايىنلىرى پۇلنى بەك تۇنۇپ كەتسىمۇ، ئادىمىيلىكنىۇ تۇنۇشى كېرەك. ئۇلارمۇ شۇ بەلگىلىمىنى سىناق قىلىپ بېقىشى، ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا يازغان ‹‹چوشقىلارغا بايرام›› دېگەن ساترىك ھىكايىسى بىر ئاچچىق ساۋاق، ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ‹‹دېھقاننىڭ نېنى›› دېگەن ناخشىسى ئىسىمىزدىغۇ؟
ئۇنتۇما ئەي ئىنسان، يىلتىز قاينىتىپ،
ئوماچقا زار بولۇپ ئۆتكەن كۈنۈڭنى.
ئالتۇنغا بىر بۇردا زاغرا تاپالماي،
ھاياتتىن خوشلاشقان ئەجدادلىرىڭنى.
ھەممىمىز ئادەم. بىز بۇ ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىپ، شۇ پولنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلساق نۇرغۇنلىغان قەلبلەرنى ئىرىتەلەيمىز، ھەقىقىي ئادەملەرنى ئارىمىزغا قوشالايمىز.
.3 رىستۇران ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسەتتى
مەيلى سىز ئىشچى ياكى كادىر بولۇڭ، ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بولۇڭ، قوماندان ياكى ئەسكەر بولۇڭ، دوختۇر، ئۇچقۇچى، مۇلازىمەتچى… بولۇڭ قەيەردە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىتراپ قىلغانكەنسىز، ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزغا رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك. رىستۇرانغا كىرىۋاتقان بەزى ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ياكى بەزى ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى باشقا ئىدارە – ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقىنى ياكى خىزمەت قىلمىسىمۇ ھالال ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولىشى مومكىن. ئۇلار رىستۇرانغا كىرىدۇ. ئەرلەر ئاز-تولا ئىچكەندىن كىيىن يۇرەكلىرى قىززىپ تىجىمۇ شوخلىشىپ كىتىدۇ-دە، ئولتۇرغان قىز-ئاياللارنى ئۇسسۇلغا، تانسىغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇزىكا ئاخىرلاشقىچە ئوينايدۇ. سىز بەلكىم بۇنى قورسىقىڭىزنى كەڭرى تۇتقان ھالدا ئۆتكۈزۈۋىتەرسىز، كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سالارسىز ياكى بۇدېگەن ھازىر نۇرمال ئىش دەپ قارارسىز. ئەگەر شۇنداق بولۇۋەرسە بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئايالىڭىز، يولدىشىڭىز، ئاچا-سىڭىللىرىڭىز باشقىلارنىڭ بەللىرىنى قاماللىغىنىچە غەيرى نەزەردە تىكىلىپ تانسا ئوينىسا بۇنى توسمىسىڭىز ھەم توسىيالمىسىڭىز سىزدىكى ئەرلىك غورۇر، ۋىجدان قېنى؟ سىز ئادەممۇ ئەمەسمۇ؟ ھىسىيات بىراقلا ئۆتۈشۈپ قالمايدۇ، ئۇ قايتا-قايتا پاراڭلىشىش، كۆز بېقىشىش، بەللىرىنى، قوللىرىنى تۇتۇش جەريانىدا تەدرىجى ئۆتۈشۈپ قالىدۇ. جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن جىدەل-ماجرالار شۇنىڭدىن پەيدا بولۇۋاتمامدۇ؟ ئاياللار رىستۇراندا ئۆز ئىرىدىنمۇ ھاللىق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ كۆڭۈل بىرىشىپ، ‹‹ئالىمەن، تېگىمەن ›› دىيىشىپ بولۇپ ئەرلىرىنىڭ بېشىنى ئوچاق، ئالەمنى مالەم قىلىدىغان ئىشلار بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان، ئەمما بۇنىڭ تېگىگە يىتەلمەيۋاتقان، نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئويلاپ باقالمىغان رىئاللىقنىڭ ئاچچىق پاكىتى ئىدى.
تېخى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چاكىنا، ۋىجدانسىز، غورۇرسىز بىر قىسىم ئادەملەر قىز – ئاياللارنى ئۆز ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۆز ئىدارىسىدىكى چىرايلىق قىزلارنى باشلىقلار بىلەن بىلەن بللە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدىغان، ھەرخىل ئىمتىيازلارنى سوسكا قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئەمەل ئوستۇرۇش كويىدا بولىدىغان ئادەملەر ئەتىراپىمىزدا تالاي يۇرىدۇ.
ئابلىكىم كەلكۇن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئىتوت ئورۇنلاپ غولغولا قوزغىۋەتتى. ئابلىكىم كەلكۈن شۇ ئىتوتنى ئورۇنلىغاندىن بىرى ‹‹ئاتا -ئانىمىز بىزنى سىرىتقا چىققىلى قويمايۋاتىدۇ، يازمىسىمۇ بوپتىكەن›› دىگۈچىلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم. گەرچە ئۇ ئاتا – ئانىلار ‹‹دوپپىسىنى ئال دىسە بىشىنىمۇ قوشۇپ ئالغان›› بولسىمۇ، بۇ تەدبىرنىڭمۇ ئىجابى تەرىپى بار ئەلۋەتتە.
‹‹كۆردى ، كۆرمىدى، بىلدى، بىلمىدى›› دەپ باشقىلارغا غەيرىي نەزەردە تىكىلىش-چىرىگەن ئىددىيەنىڭ بەلگىسى. ئىددىيە مۇشۇنداق چىرىۋەرسە ئاقىۋەت نىمە بىلەن ئاخىرلاشماقچىدى. چوڭ بىر تۇپ دەرەخنىمۇ بىر نەچچە تال قۇرت غاجاپ قۇرۇتىۋىتەلەيدىغۇ. سىز شۇ دەرەخكە نىسبەتەن نىمە ئىدىڭىز؟
ئەرلەر، ئوغۇللار قىز-ئايا للارنى ئاسىرىغان، قىز – ئاياللار ئۇلارغا كۆيۇنگەن جەمىيەتتە ۋاپادارلىق ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ . ئادەم ئومرىدە بىر قانچە ئادەمنى يامان يولدىن چىقىرالمىسا، ئۆز ھاياتىنى مەنىسىز ئوتكۇزدۈم دىسە بولىدۇ. بۇنىڭ شەرتى ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇش.
«بىزدە بىلىم تىخى ئۆز قىممىتىنى تاپقىنى يوق. بىلىم ئۆز قەدرىنى تاپمىغان جەمىيەتتە قىزلارغا نىسبەتەن چىرايلىق بولۇش بىلىملىك بولۇشتىنىمۇ ئەلا بىلىنىدۇ. چۈنكى، قىز – ئاياللاردىكى گۈزەللىك بىيۇكىراتلارنى بىر ئىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە يارايدىغان ئۈنۈملۈك قۇرال» (ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005-تىل 3-ئاي 1-نەشىرى) .
بۇ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ:
بەسىرە شەھىرىنىڭ ھاكىمى بىر كۈنى، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېغىغىغا كىرىپتۇ. باغۋەننىڭ ئىپپەتلىك، نومۇسچان ۋە ئىنتايىن گۈزەل ئايالى بار ئىكەن. ھاكىم بۇ گۈزەل ئايالنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ ۋە بىر ئىشنى باھانە قىلىپ باغۋەننى يىراق بىر يەرگە ئىشقا بۇيرۇپتۇ. ئاندىن ئايالغا باغنىڭ ھەممە ئىشىكىنى تاقاپ كىلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئايال ھەممە ئىشنى ئورۇنداپ كەلگەندىن كېيىن،ھاكىم:
- ھەممە ئېشىكنى تاقىدىڭىزمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ئايال بىرلا ئىشىكنى تاقاشقا ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ھاكىم ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغانكەن، ئايال مۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ:
- ئۇ مېنىڭ ۋىجدانىم ۋە ئىرىمگە بولغان ساداقىتىمنىڭ ئېشىكى ئىدى.
ھاكىم بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خېجىل بولۇپ:
- سىڭلىم مىنى ئەپۇ قىلىڭ، – دەپتۇ ۋە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇ ئايالدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ .
بەلكىم ئاشۇ ئايال ھاكىمنىڭ سۆزىگە ماقۇل بولغان بولسا، كۆپ ئىنئامغا ياكى ئاز تولا ھوقۇققا ئىرىشكەن بولاتتى. لېكىن پۇل ۋە باشقا ئىمتىيازلارنى ئىرىگە بولغان ساداقىتىگە، مېھرى-مۇھەببىتىگە تەڭ قىلمىغان. بەزى قىز-ئاياللار رىستۇراندا ئاز-تۇلا ئىمتىياز، ھوقۇق ئۈچۈن باشلىقلارغا ياكى باشقا ئەرلەرگە قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئالالىسا شۇنچىلىك خوش. بۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نە ئىرى نە يۈرۈۋاتقان يىگىتى بولسۇن؟ ئۇلاردىكى ۋاپادارلىق شۇنچىلىك. ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ئىشەنىچ، ۋاپا-ئەقىدىنىڭ، ھۆرمەتنىڭ سۇسلىشىشى ياكى يۇقىلىشىدا تەسىرى كۆز يۇمغۇسىز.
قىز-ئاياللىرىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار كاللىسىنى سىلكىۋەتمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. قىز-ئاياللاردىكى ۋاپادارلىق يۇقىرىقى ئايالدىكىدەك، ئەرلەردىكى غورۇر ھاكىمدىكىدەك بولسا ئۆز ئارا گۇمان قىلىش، ئەنسىرەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ قىز-ئاياللار ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ،ئەرلەر ئۆزىنى تىزگىنلەشنى بىلگەن جەمئىيەتتە ئىناق ئائىلە بەرپا بولىدۇ .
باشقىلار سىزنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ غەيرى نەزەردە تىكىلگەندە ئۇنى رەت قىلالىغۇدەك يۈرەك ۋە جۈرئەت سىزدە بارمۇ؟ئۇلارنىڭ سىزگە شەھۋانىي كۆزلرى بىلەن تىكىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ھاياسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگىنىڭىزدە، كۆزئاالدىڭىزدا يولدىشىڭىز، يىگىتىڭىز لەنەت كۆزلىرى، كىرىشكەن چىشلىرى …غەزەپلەنگەن ھالىتى پەيدا بولۇپ ئۇ ئادەمنى ئۆزىڭىزدىن ئىتتىرەلەمسىز؟ تىللىيالامسىز، چىقىپ كىتەلەمسىز ؟
ئەرلەرئاياللارنى ئاسرىشى ،قوغدىشى كىرەك. ئۇلارغا ئەرلىك مىھرى بىلەن كۆيۈنىشى كىرەك. ئاياللىرىنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ئويۇن تاماشا قىلىشىغا يول قويۇش –ئايالىنى جۈملىدىن ئۆزىنى ھاقارەتلىگەنلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلغانلىق. ئەرلەر ئااياللارغا قانچە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئاامىلە قىلسا ئاياللار تىزلا تاپتىن چىقىپ كىتىدۇ. قىز ئاياللار تاپتىن چىقتى دىگەنلىك –مىللەت تاپتىن چىقتى دىگەنلىك. چۈنكى،ئاياللار بىر قولىدا دۇنيانى، يەنە بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتكۈچى .شۇنداق زەئىپ روھ بىلەن دۇنيانى قاچانغىچە، قانداق تەۋرەتكىلى بولىدۇ؟ ساپ بولمىغان ئىددىيە بىلەن قانداقمۇ پەرزەنتنى ساپ ئىددىيىگە ئىگە قىلالىسۇن ؟
مەسئۇلىيەتسىزلىك قىرغاقلىرىدا قاقۋاشلارچە دەلدۈگىنىپ يۈرگەن ئەرلەر شۇنى تۇنۇپ يىتىشى كىرەككى، ھەممىمىزنىڭ ئايالى، سۆيگىنى، ھېچبولمىغاندا ئاچا-سىڭىللىرىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز باشقا ئاياللارغا، قىزلارغا كۆز قىسىپ غەيرى نەزەردە تىكىلسەك ئايالىمىز، سۆيگىنىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا باشقا ئەرلەر بىلەن قولتۇقلىشىپ يۈرسىمۇ بۇنى ئەمەلىيىتىمىزنىڭ بىزگە قايتۇرغان ئاددىي جاۋابى دەپ تۇنۇماي ئامالىمىز يوق .
دانالارنىڭ يېزىشىچە قىز-ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىدا ئون بۆلەك بار: ھايا، سەۋىر، ئۆزىنى تارتىش، پاكلىق، قانائەت، ئېغىر-بېسىقلىق، ئۇچۇق چىراي، ئىخلاس، تەرتىپ، ساخاۋەت. (ئالىمەتۇل بەنات) بىزدە ‹‹مىدىرلاپ تۇرغان يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن يىپ ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ›› دېگەن گەپ بار. ئاياللارئۆزىنى پاك تۇتالىغاندىلا ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشقا ئۇل سالالايدۇ. رىستۇران يۇقىرىدا قەيىت قىلغىنىمىزدەك ئىجتىمائىي ئەخلاققا زور تەسىر كۆرسەتتى. رىستۇراندا غەيۋەت قىلىشمۇ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەكتە .رىستۇران بۇ خىل ئىللەتكە يىشىل چىراق يېقىپ بەرمەكتە .رىستۇراندا تېخى بەزى ئەرلەرنىڭمۇ غەيۋەتخور بولۇپ كىتىشى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ.
-ھەي قاراڭلار ئاۋۇ پالانى بۈگۈن يەنە كونا كىيىمىنى كىيىپتۇ. ئىرى پۇل بەرمىگەن بولغىيمىدى. ياشاشنى بىلمەيدىعان مەتۇ.
-ئاشۇنداق ئەرگە تەگكەندىكىن خوپ بولدى ئۇ مايماققا. يا ئەر يەڭگۈشلىمەي .
-ئاۋۇ پالانى پالانى بىلەن تانسا ئويناۋاتىدۇ. ئىرى تۇرسا.
- ئىرىنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆي قاراۋۇلى قىلىپ قويغان گەپ، خەپ توختا سەنمۇ ئىرىمگە چېقىشتۇرغان، مەنمۇ سىنى بوش قۇيۇۋەتمەيمەن .
-پالانى تۇغۇپتىكەن ئىرى ئاران شۇنچىلىك نەرسە ئەكەپتۇ ،دىۋانىلار .
-پالانى يېقىندىن بېرى باشلىققا بەك يېقىن بولۇپ كەتتى، قارىغاندا مۇناسىۋىتى بار ئوخشايدۇ .
-پالانىنى ئىرى ئۇرۇپ كۆك ئەرۋاھقا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ ،ئورنىدا مەن بولسام …
-پالانىنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى كىيىم تۇرىدۇ ، بىرەر باي بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ دە مەينەت .
ئىشقىلىپ بۇ سۆزلەر رىستۇراندىكى بەزى قىز-ئاياللارنىڭ ئېغىزىدىن دائىم دېگۈدەك چىقىپ تۇرىدۇ. غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت مىۋىسىگە چۈشكەن ئاپەت خاراكتىركىك پارازت قۇرت. بۇ قۇرتقا تاقابىل تۇرماي بولمايدۇ. بۇ قۇرت يۇقمىغان مىۋىدىن قانچىلىك قالغاندۇ؟ ئۇلار خەققە ‹‹قىلمىغاننى قىلدى، دىمىگەننى دىدى›› دەپ قارا سۇۋاپ، ئەمدىلا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماڭغانلارنىڭ يولىغا تىكەن ئۈندۈرۈپ، چاپۇتلاپ يىقىتىپ ئاعزى قان ھالەتنى كۆرگۈچە دۇمباق چالىدۇ. باشقىلار ئۈستىدە قانچە كۆپ غەيۋەت قىلالىسا ئۆزىنى چوڭ بىلىپ كىتىدۇ. بالاغا باشقىلار قالغان. بالاغا قالغانلار دەردىنى تارتالمايۋاتقان، غەيۋەتحورلار بۇنى كۆرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدىن ئالەمچە خۇشال بولۇۋاتقان. بۇ بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان رېئاللىق. باشقىلا رئۈستىدە ئىجابىي گەپلەرنىلا قىلىدىغان، گىپى بولسا يۈز تۇرانە ئېيتىپ ئورتاقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگىنىمىزدە قەلبىمىزنى چىرمىۋالغان غەيۋەتخورلۇق يىلتىزىدىن قۇرۇپ تۈگەيدۇ .
غەيۋەتحورلۇق توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار:
ئىراندا ھۆكۈم سۈرگەن سەلجۇقىيلارنىڭ ئالتىنجى سۇلتانى سەنجەر مازىينىڭ ۋەزىرى سۇلتانغا بىر ئادەمنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
- بۇئىنتايىن ئەسكى ئادەم، ئۈستىڭىزدىن ھەر خىل بولمىغۇر گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرىدۇ. دۆلىتىڭىز ئۈچۈن بۇ ئادەمگە جازا بىرىشىڭىز كېرەك ئىدى. سۇلتان سەنجەر مازىي :
- بولىدۇ. ئەتە ئۇ ئادەمنى سىنىڭ دىگىنىڭدەك جازالايمەن – دىدى.
ۋەزىر خاتىرجەم بولۇپ ئۆيىگە قايىتتى. سۇلتان ئەتىسى دېگەن ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭعا ئات، تون ۋە پۇل ئىنئام بەردى. بۇ ئادەم سۇلتاننىڭ سوۋغاتلىرىدىن خۇشال بۇلۇپ ئۆيىگە قايىتتى. ۋەزىر سۇلتاننىڭ بۇئىشىدىن ھەيران بولۇپ :
- ئۇنىڭغا جازا بەرمەكچىدىڭىز، ئەكىسىچە سوۋغات بىرىپ ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدىڭىز، بۇ ئىشىڭىز مىنى ھەيران قالدۇردى –دېدى.
سۇلتان ۋەزىرگە :
- ئەگەر ئۇ ئادەم سىنىڭ دوستۇڭ بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت قىلمىغان بولاتتىڭ. ئۇ سىنىڭ دۈشمىنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۈستىدىن شىكايەت قىلدىڭ. مەن سىنىڭدەك غەيۋەتخور چېقىمچىنىڭ گىپىگە قۇلاق سالمايمەن. جازالاش توغرا كەلسە سەن جازالىنىشىڭ كېرەك. ساڭا ئوخشاشلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالسام، خەلقنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىدۇ. بۇ ھال دۆلەتكە نۇقسان يىتىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى. ۋەزىر ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالدا قالدى. بىز شۇنداق قىلالمايمىز، بىزنىڭ ئىشىنىش، ئىشەنمەسلىكىمىز سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە باغلىق.غەيۋەت قىلىشنىڭ كەينىدە نۇرغۇن مۇددىئالار يۇشۇرۇنغان، رىستۇراندىكى شۇ غەيۋەتخورلۇق بىزگە تىللىشىش، ئۇرۇشۇش، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش ۋە باشقا تۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلدى.
ھاراقنىڭ (رىستۇراندا ئىچىلىۋاتقان )ئىجتىمائىي ئەخلاققا بولغان تەسىرى.
ھاراق- ئەرنى بۇزغۇچى ئەشەددىي دۈشمەن، ھاراق- ئىنسانلار ئىجاد قىلغان ساراڭلىق دورىسى، ھاراق- ساغلام تەرەققىياتنىڭ قاتىلى. (ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى بولغانلىرى ) ھاراق رىستۇراندىكى ھەر بىر شىرەگە دېگۈدەك كەلتۈرۈلىدۇ، كەلگەندىمۇ ئىسپىرىت مىقدارى تۆۋەنلىرى ئەمەس، كۆپىنچە ئەرلەرنى رىستۇرانعا ھاراق ئىچىپ ‹‹تەڭشەلگىلى›› كىرىدۇ دېسەك خاتالاشمايمىز. ھەممە ئىش، ھەممە ھاياسىزلىق شۇ ھاراقتىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ مەست قىلغۇچى. ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ئادەم مىڭە نىرۋىلىرىنىڭ ھەركىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مىڭىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە باش قېيىش، ئوڭ -تەتۈر سۆزلەش باشلىنىدۇ. مەست ياكى چالا مەست بولغان ئەرلەر قىز ئاياللارنىڭ كۆزلىرىگە قادىلىپ، بەللىرىنى مەھكەم تارتىپ چاپلاشتۇرۇپ ئوينىغۇسى كېلىدۇ .كاللىسى سەل قىزىغان، قۇلاقلىرى مىدىرلىغان ئەرلەر ئاسانلا باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ .مۇشتلىشىدۇ، يۈز-كۆزلىرىنى، قاپاقلىرىنى زىدە قىلىۋالىدۇ، بىرەرسى شۇنچە تىگىپ كەتسە بۇ ئۇشۇقچىلىقلارعا چىداپ تۇرالماي، جان ئاچچىقىدا يېنىدىكى قىز ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىر تۇنۇتۇپ قويىدۇ، ھەر خىل پاجىئەلەر چىقىدۇ. مەستلىكى يىشىلگەندىن كېيىن ‹‹مەن ئاخشام نېمە بولدۇم›› دېگۈچىلەرنى تالاي ئۇچرىتىمىز، ئەتىسى يەنە ئىچىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە ‹‹پالانى ھاراقكەش، پوكۇنى زابوي››دېگەندەك سەت لەقەمنى قويۇپ ۋۇسۇڭنىڭ پىشانىسىدىكى تامغىدەك ئويۇۋىتىمىز، ھاراق- جىنايەت يولىغا مەجبۇرلىغۇچى ياراق .
ماتىرياللارغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيعۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھاراققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىرسىنىڭ مەستلىكىدە موتوسىكىلت مىنىپ ماشىنىلارغا سوقۇلۇپ كاللىسىنىڭ يېرىلىشى، پۇت- قوللىرىنىڭ سۇنۇشى ھازىر قۇلىقىمىزغا نۇرمال ئاڭلىنىدۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ تېگىدە نۇرغۇن ئەخلاقسىزلىق يۇشۇرۇنعان، مەستلەر رىستۇراندىن چىقىپ ماشىنا تۇسۇپ ئۆيلىرىگە ماڭىدۇ. شوپۇر قۇچقاچنى قار ياغقاندا تۇتقىنىدىن خوش. ئۇلار ئۆيلىرىگە كىتىۋالغانلىقىدىن، ئەتىسى، ئۆگۈنى ئۇلارنىڭ نامى سېسىپ بولىدۇ. ئۇبرازىغا داغ تىگىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھايۋاندەك يول-يوللارغا تەرەت قىلىدۇ، قۇسىدۇ .بىر ئىدارىدىن بىر ئادەم شۇنداق قىلسا نەزەر دائىرىسى تار ئۇيغۇرلىرىمىز شۇ ئىدارىدىكى باشقىلارغىمۇ شۇ نوقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ .
ھاراق بىزنى تۇگەشتۇرۋىتىدۇ،جەمىيەتتىكى ئىناۋىتىمىزنى، ئەرلىك غۇرۇرىمىزنى، ئادىمىيلىك قىممىتىمىزنى ،ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى دەپسەندە قىلىدۇ. باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا يۇزىمىز تۆۋەن بولىدۇ. تىرىك تۇرۇپ يامان ئاتىلىش يوقلۇقتىنمۇ يامان. بىز ھاراقنى كەتمەن قىلىپ ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز .
مۇنداق بىر ھىكايە بار .
بىر پادىشاھ بىر ئادەمنى ئوردىسىغا چاقىرىپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىعا بىر ئايال، بىربوۋاق بىر شىشە ھاراق كەلتۇرۇپتۇ .
- سەن يا ئايالغا چېقىلىسەن، يا بالىنى ئۆلتۇرىسەن، يا ھاراق ئىچىسەن، ئۈچ تەلەپنىڭ بىرىنى ئورۇندىمىساڭ جازالىنىسەن، – دەپتۇ .
ھېلىقى ئادەم ھىلى ئايالغا، ھىلى بالىغا قاراپتۇ، ئايالغا چېقىلىشنى راۋا كۆرمەپتۇ، بالىنى ئۆلتۇرۇشكە چىدىماپتۇ . ئاخىرى ھاراق ئىچىشنى تاللاپتۇ . نەتىجىدە مەسىتلىكتە ئايالغىمۇ چېقىلىپتۇ ، بالىنىمۇ ئۆلتۇرۇپتۇ .
بۇھىكايىدىن ھاراقنىڭ قانچىلىك خەتەر ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكىلى بولىدۇ . بەزى ياش، ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەر رىستۇرانلاردىن مەس چىقىپ ئىشرەتخانىلاردا كۆڭۇل ئىچىپ قونۇپ قىلىپ ئەتىسسى ئاياللىرى بىلەن تاكاللىشىدۇ . ئاخىرى گىپى چەك باسماي زورلۇق قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز چاتاق چىقىرىدىغا ن ئىشلار تالاي .
‹‹ۋۇسۇڭ ›› فىلىمىدە جىڭياڭ داۋىنىدىن ئۆتۇش ئالدىدا مەي ئىچمەكچى بولىدۇ .مەيپۇرۇش ئۈچ ئاپقۇردىن ئارتۇق ئىچكەنلەرنىڭ داۋاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لىكىن ۋۇسۇڭ ئون يەتتە ئاپقۇر ئىچىدۇ، ئۈچ ئاپقۇر ئىچسە مەست بولىدىغان مەي ئون يەتتە ئاپقۇردا ئۇنى مەست قىلىدۇ. بۇنى تەھلىل قىلساق، ھېلىقى دۇكاندار ئادىمىيلىكنى پۇلدىن ئۈستۇن كۆرىدۇ. ھازىرقى رىستۇران مۇلازىمەتچىلىرى ئىچكەنلەر ئۆلۈپ قالسىمۇ كارى يوق. ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئىچىشىنى تىلەيدۇ. كۆپرەك ئىچكەنلەرنىڭ ئۆيىگە كىتەلىشى ۋۇسۇڭعا يولۋاس ئۇچىرىمىغاندەك ئىش.ئەمما بەزىلەر يولۋاسقا يەممۇ بولۇپ كىتىدۇ .
ھاراق ئىچىپ ئايالىنى تىللاش ، ئۇرۇش ، ھەتتا خېتىنى بىرىپ بالىلىرىنى يىتىم قىلىشتا رىستۇراننىڭ تەسىرى يوقمۇ ؟ يىقىندائاڭلىسام بەزى ئاياللارمۇ ھاراققا كۆنۈۋاپتىمىش‹‹شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ›› بويچە تەھلىل قىلساق، بۇ رىستۇراننىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئەخلاقىغا زور تەسىرى. ئەرلەرنىڭ ھاراق ئىچىشىنى چەكلىيەلمەيۋاتساق، ئاياللارنىڭمۇ ئىچىدىغان بولۇپ كىتىشى ‹‹غورا غورىنى كۆرسە ئالا بولۇر ››دېگەندەك بىر ئىشقۇ؟
بىز ئىلگىرى ئىشلارغا دىنىي يوسۇن بويىچە مۇئامىلە قىلاتتۇق. ھازىر بولسا قانۇن بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلالايدىغان ئاڭغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ›› دېگەن ماقال بار. قېنى بۇنىڭ جاۋابىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزى تاپسۇن ؟
5-رىستۇران مەدەنىيىتى ئۇيغۇر پەرزەنت تەربىيىسىگە تەسىر كۆرسەتتى .
پەرزەنت تەربىيىسى-مىللەتنىڭ، كەلگۈسىنىڭ تەربىييىسى. ھەر بىر قوۋم ئەزالىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئاز دەپ بالىلىرىنىمۇ رىستۇرانغا بىللە ئېلىپ كىرىدىغان ناچار ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇلار بەلكىم بالىلىرىنى ئىسىل مۇزىكىلاردىن، تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىۋالسۇن دەپ شۇنداق قىلغاندۇ، ياكى بالىلىرىنى باققىلى ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن يېنىمدا تۇرسۇن دېگەندۇ…ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قارىتىپ قويۇپ تانسا ئوينىسا، ھاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە ئۇلارنىڭمۇ دوراپ باققۇسى كەلمەسمۇ؟ بۇھەقتە ئەيساجان تۇردى ئاچچىق مۇنداق دېگەنىدى:‹‹سەن بالىلىرىڭنى قارىتىپ قويۇپ ھاراق ئىچسەڭ، تاماكا ھەكسەڭ، ھاراق، تاماكا ئەكەلىشكە بۇيرۇساڭ كەلگۈسىدە ئۆيۈڭنىڭ ھەممە تېمىغا ‹بالام ھاراق ئىچمە، بالام تاماكا چەكمە ›دەپ يېزىپ قويساڭمۇ ئۇلارنى تۇسۇيالمايسەن.(شىنجاڭ ياشلىرى )
يەھۇدىيلار كىتابلارغا ھەسەل سۈرتۈپ بالىلىرىغا يالىتىپ ئۇلارغا ئىلىم -پەننىڭ قەدىر-قىممىتىنى تونۇتىدىكەن. بىزچۇ؟ بىز بالىلىرىمىزغا ئويۇن-تاماشىنىڭ، كەيپ-ساپانىڭ نېمىلىكىنى تۇنۇتىۋاتىمىز. رىستۇرانغا كىرىپ ھەممىنى كۆرۈپ ئولتۇرغۇچى بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆسۈپ يىتىلىشىدىن پىسخىكىلىق ئۆسۈپ يىتىلىشى زور بولىدۇ. ئىشنىڭ چاتاق يىرى مۇشۇ يەردە. سىز بالىلىرىڭىزنى ئادىمىيلىك ساپ مۇھەببىتىدىن ئايرىۋىتىسىز. سىز بالىلىق بولسىڭىزلا ‹‹ئاتا-ئانا››ئەمەس، بەلكى، ھەقىقىي ‹‹ئاتا-ئانا››نىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىغاندىلا ‹‹ئاتا-ئانا››بولالايسىز.
ئەرلەر ياكى ئاياللار رىستۇراندا باشقىلار بىلەن ئاسانلا تونۇشۇپ قېلىپ بىر ئوبدان بەختلىك ئائىىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ بەختلىك تۇرمۇشى ئاسماندىن پوككىدە چۈشۈپ قالمىغان بولغىيىدى؟ توي قىلىشتىن ئىلگرى ‹‹ئۇنداق قىلاي، بۇنداق بولاي›› دەپ بىرىشمىگەن ۋاپادارلارنىڭ بىر دەمدىلا مەئىشەتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ۋاپاسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ نارەسىدە ئوماق بالىلىرىنى يىتىم قىلىشى ئەقىل بىلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش ئىدى. سىز بۇياقتىن توي قىلىپ، ئۇياقتىن ئاجرىشىپ كىتىپ، بالىلىرىڭىزنى يېتىم قىلسىڭىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز، نەپرەتلەنسىڭىز بولىدۇ. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىڭىزدا ھېچ كىم سىزنىڭ ئەقەل كۆزىڭىزنى تۇسۇۋالمىغان. ھازىر دېگەن يىگىرمە بىرىنجى ئەسىر، يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدەك تۇماق بىرنى قويسىلا ئۆرۈلۈپ كەتمىسىلا ئەرگە بىرىۋىتىدىغان ئىشلار يوق تۇرسا؟
كۆپىنچىمىز ‹‹سەرسان روھ ››فىلىمىنى كۆرۈپ بولغان، پۇلنى چىن مۇھەببەتتىن ئەلا بىلگەن ئادەم ئاخىرى شەرمەندە بولىدۇ. سىزغۇ ئايالىڭىز، يولدىشىڭىز بىلەن تىللىشىپ، ئۇرۇشۇپ دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاجرشىپ كىتىپ ‹‹باشقىلار››بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنمۇ بولارسىز، لېكىن ئاشۇ يىتىم قالغان بالىلىڭىز ئالدىدا ۋىجدان ئازابى تارتماسسىزمۇ؟ ‹‹مىھرىبا ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويۇلغان گۈلگە ئوخشايدۇ، رەڭگى، پۇرىقى بولسىمۇ يىلتىزى يوق›› (لاۋشى ) مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قانچىلىغان پەرزەنتلىرىمىز يىتىم قېلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلارنى كىم ئادەم قىلىپ تەربىيەلەۋاتىدىغاندۇ؟ كىم ئۇلارغا مەھرۇم بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى بىرىۋاتىدىغاندۇ؟ دادا بالىغا دادىلا بولالايدۇ، ئانا بولالمايدۇ، ئانا زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا ھەم دادا، ھەم ئانىمۇ بولالايدۇ. ئانا بالىغا بەرگەن مېھىر-مۇھەببەتنى دادا بېشىنى تاشقا ئۇرسىمۇ بىرەلمەيدۇ. ‹‹قىز دادىسىغا، ئوغۇل ئانىسىغا ئامراق ››دېگەنلىك ئەقلى كەمتۈكلەرنىڭ چىقارغان يەكۈنىمىكىن دەيمەن، چۈنكى، بەدەنگە چاپاندىن كۆڭلەك يېقىن .
«ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى- ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، ئائىلە مەكتىپىنىڭ ،ئىنساننىڭ بەختسىزلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى. بىر دۆلەت ياكى مىللەت مەلۇم دەۋىردە ھەر قانچە كۈچلۈك بولۇپ كەتسۇن ئائىلە چۈشكۈنلىكىنى ھەل قىلالمىسا، ئائىلىدىن ئىبارەت مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقالمىسا بۇنداق دۆلەتنىڭ (مىللەتنىڭ )ئاقىۋىتى ۋەيرانچىلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خۇدى مەكتەپلىرى خارابە ،مەرىپەتسىز جەمئىيەتنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش. (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشد بەرقىي ، كۆز ئىچىدىكى كۆز ،سۆز ئىچىدىكى سۆز شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى )
دادىسىدىن ئايرىلغانلار يېڭى دادىغا، ئانىسىدىن ئايرىلغانلار يېڭى ئانىغا ئىرىشىشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆگەي دادا، ئۆگەي ئانا ئالدىدا قانچىلىك قورۇنۇش، قانچىلىك يىتىملىك ھىس قىلار ھە؟؟؟ ئاشۇ كۈنلەردە ئۆز ئاتا-ئانىسى كۆز ئالدىغا كىلىۋېلىپ ‹‹جېنىم دادا، جېنىم ئانا مىنى نېمىشقا يىتىم قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمە دېگەن ۋاپاسىز ،ۋىجدانسىز ھە؟ ››دەپ نالە قىلغىنىدا ئۇلار مۇشۇ دۇنياغا ئارتۇق كىلىپ قالغان بىر ئادەمدەك ھىس قىلماسمۇ؟ ئۆگەي دادا ،ئۆگەي ئانا ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان نۇرغۇن يىتىم بالىلار جەمئىيەتتىكى يامان كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ، نەچچىلىرى تۈرمىلەرگە كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا شۇنداق قىلىدۇ. ئۆز ئاتا-ئانىسى بولغان بولسا شۇ كۈنەە قېلىشىغا چىداپ تۇرارمىدى؟ ياق، بولۇپمۇ بالىسىنى ئۆز تىنىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدىغان مىھرىبان ئانىلار بالىسىغا ئازراق زىيان يىتىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹شەھەرگە كىرگەن بالا ›› ھېكايىسىدە بالا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىپمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانىسىغا تارتىشىدۇ؟ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالا ئۈچۈن ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئارتۇق بايلىق بولمايدۇ. پۇلنى تاپىمەن دەپ تاپارسىز، لېكىن مېھىر –مۇھەببەتنى تاپىمەن دەپ تاپالامسىز؟ بۇ تېرەكتىن مىۋە كۈتكەندەكلا بىر ئىش .
بەزى ئوقۇتقۇچىلار رىستۇرانغا كىرىپ قانغۇچە ئىچىپ ئەتىسى مەستلىكىدىن يىشىلمەي سىنىپقا كىرىدۇ. بېشى ئاغرىىپ، چىكىلىرى زىڭىلداپ تۇرغاندا دەرس سۆزلەشكە خوشياقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىنىپ ھەيئەتلىرىگە ئىش تاپىلاپ ئارام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ تىنىدىن ئېچىمال ھاراق پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ. ھازىرقىدەك بەش ياشتىن يۇقىرى بالىلار ھاراقنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق پۇرايدىغانلىقىنى بىلىپ كەتكەن جەمئىيەتتە ،ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىشىغا ئۈلگە قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەت ئەرشتىن-پەرشكە موللاق ئېتىپلا قالماستىن، يەنە مۇئەللىمنى دوراپ بېقىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ. شۇڭىلاشقا ھاراقكەش ئوقۇتقۇچىلاردىن بىر قانچە ‹‹ئىز باسارلار››نىڭ يىتىشىپ چىقىشى، ھەتتا سىنىپقا ھاراق ئىچىپ كىرىشى ناھىيە، شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوچراپ تۇرىدۇ. شۇ ئۇقۇغۇچىلار چوڭ بولغانسىرى نېمە ئىشلارنى قىلماس ھە؟بۇنىڭدا شۇ رىستۇراننىڭ تەسىرى يوقمۇ ؟ جان پوككىدە چىقىپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ قويساق بولاتتىغۇ ؟
6 -رىستۇران شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى .
رىستۇراننىڭ بىر كۈنلۈك ئىشتىن توختاش ۋاقتىنى رىستۇران ئۆزى بەلگىلەپ كەتمەيدۇ. خېرىدارلار قاچان قايتسا ئاندىن توختايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى ئەمەس پۇلنى كۈتكۈچى. رىستۇران نۇرمال بولغاندا كەچ سائەت ئون ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كەچ تاقىلىدۇ. شۇ چاغقىچە ۋاراڭشىپ چىقىۋاتقان ناخشا-مۇزىكا، قىيا-چىيالار ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەتراپتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن بۇنىڭغا بەزى ئائىلىلەر كۆنۈپ كەتكەن. ئەسلىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كىرەك ئىدى. بەزىلەر ئۇنىمۇ قىلىپ باققان. رىستۇران –باجخانا، ساقچىخانا، دوختۇرخانىلارغا كىرىم كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئورۇن. ئۇنىڭدىن ئۇلارغا تىگىدىغان نەپلەر خېلى كۆپ بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تىڭشايدىغانلار چىقمايدۇ. رىستۇران خوجايىنلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پۇلنى خەلقنىڭ تنىچ مۇھىتىدىن ئارتۇق كۆرۈۋاتسا ئۇلار كۆچۈپ كىتىشى كېرەكمۇ ؟
مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي) قوشنىلىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن گۆشنى ھەرىدەپ كىسىدىكەن، بىناغا چىقىپ، چۈشكەندە ئايىغىنى سېلىۋىتىپ ئاستا ماڭىدىكەن. مانا بۇ بىر پەزىلەت ئىگىسىنىڭ خەلقنىڭ تنىچ مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلىشى .
رىستۇران خۇجايىنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رىستۇران مۇلازىمىتىنىڭ مەخسۇس كەسپىدە ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللىگەن، زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بولغان بۇلۇشى ناتايىن. ئۇلار پەقەت پۇل ئىگىسىلا خالاس. ئۇلارغا ‹‹رىستۇرانى شەھەر سىرتىغىراق سال›› دەې كىم ئوتتۇرىغا چىقالىدى؟ بۇ مەسئۇلىيەت زادى كىمدە؟ بەلكىم ئۇلار پۇلۇڭ بولسا سەنمۇ سال، پۇل دېگەننى ئادەم بار جايدا تاپقىلى بولىدۇ ››دىيىشى مۇمكىن. ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بىرىشكە توغرا كىلىدۇ ،بىرىنچىدىن ،ناخشا-مۇزىكا ئاۋازى بەك يۇقىرى بۇلۇپ كەتمەسلىكى ؛ئىككىنچىدىن ،رىستۇراننىڭ تاقىلىش ۋاقتى مۇۋاپىق بەلگىلىنىشى ھەم پات-پات ياڭراتقۇدا ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى كىرەك ،تاملارغا چاپلاپ قۇيۇلۇشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلساقلا زىخمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ .بۇنىڭدىن ‹‹دوغاپچى ئاپتاپ تىلىسە تاڭگازىچىنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ›› دەپ خۇجايىنلار دەرغەزەپ بۇلۇشىمۇ، پىسەنت قىلماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇنىمۇ دېمەي بولمايدۇ ، بۇ جاھاننىڭ سورىقى بار .
7- رىستۇران كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى .
كىشىلەرنىڭ رىستۇرانغا كىرىشتىكى مەقسىتى كۆڭۈل ئېچىش. ئۇنداقتا ھازىرقى رىستۇرانلاردا كۆڭۈل ئاچقىلى بولامدۇ؟ ‹‹كۆڭۈل ئېچىش» دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرلار قانداق سۈيئىستىمال قىلىۋاتىدۇ؟ خىزمەت ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش، كەيپىياتىنى تەڭشەش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ۋە باشقا مەقسەتلەردە كىرىۋاتقانلار ياڭراتقۇدىن قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك چىقىۋاتقان ئاۋازلارغا كۆنۈپ كەتتى. ئۇنداق يۇقىرى ئاۋاز كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيلا قالماستىن، ئەكىسىچە ئادەمنى تېخىمۇ ھارغىنلاشتۇرۇۋىتىدۇ. رىستۇراندا ناخشا-مۇزىكا باشلانغاندا، ئادەم يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمگە چىڭراق گەپ قىلسا تەستە ئاڭلايدۇ. بۇنداق يۇقىرى ئاۋازنى شاۋقۇن دېسەكمۇ بولىدۇ .شاۋقۇنىنىڭ زىيىنىنى كۆپ ئادەم بىلگەچكە تىلغا ئېلىش بىھاجەت. ئادەم رىستۇراندا بىر-ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ سىرىتقا يېنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلامدۇ؟ ياق …سىز رىستۇرانغا دائىم كىرىپ تۇرسىڭىز مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئاڭلش سىزىمڭىزنى تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز قانداق نەتىقە كېلىپ چىقار ؟؟؟
ئولتۇرۇشنىڭ گېزىكى بولغان قىز-ئاياللار ،بالىلارنىڭ تىنى ئېچىمال ھاراق بۇسى، تاماكا ئىسىدا، يۇقىرى ئاۋازدا تەسىرگە ئۇچرىماسمۇ؟ تاماكا چەككۈچىلەردىن يېنىدا تۇرغۇچىلارنىڭ بەكرەك زەھەرلىنىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان. ئۇنداقتا ئۆز تىنىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاسرىمىسىڭىز باشقىلار كىلىپ ئاسراپ بېرەمتى؟
دۇنيادا بەلكىم ئۇيغۇرلاردەك ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى بولغان ھاراقنى ئىچىدىغان مىللەتتىن يەنە بىرسى يوقتۇ؟ شۇڭىمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭدىكى رىستۇرانلارغا كىرىپ ھاراق ئىچىشتىن كىلىپ چىققان جودالارنى كۆرۈپ بىزنى زاڭلىق قىلىشىمۇ تەبئىي. چۈنكى، چەتئەللىكلەر تامىقىغا ھاراقنىمۇ قېتىپ، بەدىنىدىكى ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تۇلۇقلايدۇ. بىز بەدىنىمىمزدىكى كېرەكلىك بولغان ئەزالارنى تۈگەشتۈرۈۋاتىمىز. ئىچسەك ئاز ئىچمەيمىز. يەنە كىلىپ ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى بولغان ساراقلارنى ‹‹سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن››دەپ ئىچىمىز. بىزنىڭ كاللىمىزدا دەردىمىز بارمۇ قانداق ؟
تۈگۈنچە
ئەقىللىق ئوقۇرمەن، سىز، بىز ھەممىمىز بىر قوۋمنىڭ ئەزاسى، بىز ئۆز قوۋىمىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈزلەنمسەك باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ ھېچكىم بولۇپ قېلىۋىرىمىز .
مەن پەيلاسوپ، شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ››دېگەن كېتابىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، ئاپتۇرنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، قەلىمىگە بەرىكەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلىدىم ھەمدە ئۇ تەۋسىيە قىلغان تېما ئۈستىدە ئىزدەندىم، تەكشۈردىم .‹‹ئەمدىلا21 ياشقا كىرىپ بۇنداق تېمىلارغا ئېسىلىۋالسام قانداق بولار ؟››دېگەن قاراشتا بولدۇم .
مەيلى سىز قايسى خىل كەسپ ئىگىسى بولۇڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەسئۇلىيىتىڭىز بىلەن ئويلىنىپ قايل قىلارلىق جاۋابقا ئىرىشىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن تەۋسىيە قىلىمەن

مەنبە http://uyghuracademy.com


بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59193
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3858
تۆھپە نۇمۇرى: 590
توردا: 1169 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 11:40:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەلدىنلا مەدەنىيەت سەۋيەدە تۆۋەن ، چۆنتىگى بوش ، بايقۇشلار نەدە مۇشۇنداق يەرگە ئامراق بولۇدىكەن . پۇلىڭنى بۇزما ، ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلمە دەپ نەسىھەت قىلسىڭىز ئۇلار خوش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن سىزگە ھومۇيۇپ قارايدۇ . دۇنيادا بۇنداق ئەلدىن يەنە بىرى تېپىلماس !

100 دوكتۇردىن بىر كارخانىچى ئەلا !
بۈگۈن ماڭمىساڭ ، ئەتە يۈگرىشىڭگە توغرا كېلىدۇ !
دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە رىقابەتچىلىرىڭ كىتاب ۋاراقلاۋاتقان بولۇدۇ !
ئۇيغۇر ، كۆپلىگەن كارخانىچىلارغا مۇختاج !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21108
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6204
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش ئەڭ ئەقەللىي ھەل قىلىش چارىسى. ئاغزىدا شەھەر ئىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەر بىر ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر، مۇسۇلمان دىگۈچىلەر كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىشى زۆرۈر.
رەخمەت، ئەھمىيەتلىك تىمىنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىگىزگە.

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايىل قىلارلىق دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ ياخشى يىزىپسىز...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت ، رېستۇرانمەدەنىيتىنىڭ  زىيىنىمۇ چوڭ بۇلىۋاتىدۇ...
ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە پۇل ئىسراپچىلىقى ...دىگەنكىدەك...

بىزنىڭ بۇ يەرلەردە داپەنجىسى 60-70 يۈئەنلەرگە بۇرۇنلا چىقىپ بولدى تېخى...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12766
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنى بۇرۇن ‹‹شەرەپ تاختىسىدىكى گاداي مۇئەللىم›› دەم مازاق قىلىشاتتى ، ئەمدىلىكتە ئىسراپخورلۇقتا ئەيىپلىنىۋاتىدۇ ، مەكتەپتە ئىشلىمەك ، ئوقۇتقۇچى بولماق نىمە دىگەن قىيىن ھە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 12:22 PM  


سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئاخچا پۇلنى تىجىگنىڭ بىرئاخچا پۇل تاپقان بىلەن باراۋەر«نوشىرىۋان ئادىل»

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاھھۇي ، قاقشاپ قويىمىز جۇمۇ بىز ئامما لېكىن ..
بىچارە ئۇيغۇرلار ... بولدى ، ماۋۇ رىستۇران ئاچقان خوجايىنلار رىستۇرانلىرىنى تاقىۋەتسۇن ، مەن دەپ قوياي ...
بىزگە ھەممە نېمە زىيان قىلىدىغان ئوخشايدۇ زادى ...

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېيملارنى كۇندە ئۇقىسام دەيمەن، ئەجرىڭىزگەرەھمەت.

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4767
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 06:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يول بويىدا 5-10 مىنوت پاراڭلىشىپ تۇرغان ياپۇنلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ،،،،،،، ئوھ ،،،،،،، مىسرانىمغا تىما-ئىنكاس يازىمىز دەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمىزنىڭ كۆزى ئۇچۇق كىتىپتۇ. كۆڭلۈم يېرىم بولاۋاتىدا.... ما تىمىنى نەچچە مىنوتتا يېزىپ بولدىڭىز؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 06:29 PM  


نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش