قىشتا ساغلام ياشاش ئۈچۈن قانداق كۆكتالارنى يىيىش كېرەك كۈتۈنۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم ؟ قىش كىردى ، سوغۇق ۋە قۇرغاق بولغان بۇنداق پەسىلدە تۆۋەندىكى كۆكتاتلارنى يەپ بەرسە ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق. 1-كىچىك يىسىۋىلەك . بۇ ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ ، كىچىك يىسىۋىلەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە كالىتسى يەنە تۆمۈر ، فوسفور ، كاروتېن بولۇپ ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ ، ئاشقازان ئاغرىقىنى توختىتىدۇ . 2- چېچەكسەي . بۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋېتامىنلار بولۇپ ، ھەر 200 گىرام يېڭى چېچەكسەي ، قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بىر كۈندىكى كىرەكلىك بولغان ۋېتامىنىڭ 75 % نى ئىگەللەيدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ۋېتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، ھەر 100 گىرامدا 80 مىللىگىرامغا يىتىدۇ ، كۆپ ئۇچرايدىغان چوڭ يىسىۋىلەك، سېرىق بۇرچاق ئۈندۈرمىسىگە قارىغاندا ، 3 ~ 4 ھەسسىچىلىك بولۇپ ، ئاپلىسىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك . 3- كەرەپشە . كەرەپشە سوغۇق خاراكتېرلىك كۆكتات بولۇپ ، جىگەرنى تىنىچلاندۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ ، تەركىبىدە ئاقسىل ، قەنىت ، كاروتىن ، ۋېتامىن س ، ئاممۇنىي كىسلاتا قاتارلىقلار بولۇپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىشتھانى ئېچىپ بەلغەمنى بوشايتىش رولى بار . 4- تاتلىقياڭيۇ . بۇ قۇۋىتى ئىنتايىن يىمەكلىك بولۇپ ، ئادەم بەدىنىنى كۆپ مىقداردىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاقسىلى ،قەنىت ، ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن Cبىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ ئارقىلىق كەم ماغدۇرلۇقنى تۈگىتىپ ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ . دائىم تاتلىقياڭيۇ يەپ بەرسە جىگەر ۋە بۆرەكتىكى بىرىتۈرگۈچى توقۇلمىنڭ قىسقىرىشىنى توسۇپ ، كوللاگېن كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 5-كاللەك بەسەي . بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋېتامىن C پەمىدۇرنىڭكىگە قارىغاندا 3.5 ھەسسە يۇقىرى ، كالىتسىنىڭ مىقدارى تەرخەمەكنىڭكىدىن 2 ھەسسە يۇقىرى ، كاللەك بەسەي تەركىبىدە ، ئاز مىقداردا مولبىدېن ۋە مانگان بولۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنزىم ۋە ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتىرىيال ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ پايدىلىق . 6- ئۈندۈرمە . سېرىق پۇرچاق ، يىشىل پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ، ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە شۇنداقلا ناترىي ، فوسفور ، تۆمۈر ، كالىتسى قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك بولغان ئىلمېنىتلار بار . پۇرچاق ئۇنگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى ماددىنى ساقلاپلا قالماي ، يەنە ۋېتامىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدىكەن . 7- سۈتلۈك كۆك چېچەك. بۇنىڭ گۆشى يۇمشاق بولۇپ ، خام ياكى پىشۇرۇپ يىسىمۇ بولۇۋىرىدۇ . سۈتلۈك كۆك چېچەكنىڭ تەركىبىدە كالىينىڭ مىقدارى ناترىنىڭكىدىن 27 ھەسسە كۆپ ، ھەمدە تەركىبىدىكى ۋېتامىنلار سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كىسەللىكى بار بىمارلارغا ئىنتايىن پايدىلىق . 8- سەۋزە . سەۋزىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋېتامىن بولۇپ ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ . كۈزنىڭ ئاخىرى سەۋزىنى دۈملەپ يىگەن ياخشى ، قورۇپ يىسىمۇ بولىدۇ . دۈملەپ يىگەندە سەۋزىنىڭ93 % نى ساقلىغىلى بولىدۇ، قورۇپ يىگەندىمۇ 83 % نى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . 9-تۇرۇپ . تۇرۇپ تەركىبىدە ئاز مىقداردا سۇ ، ۋېتامىن C ، بەلگىلىك مىقداردىكى كالىتسى ، فوسفور ، كاربونلۇق بىرىكمە ، تۆمۈر قاتارلىق ۋېتامىنلار بولۇپ ، كۈزدە كۆپ كۆرۈلىدىغان تاماق ھەزىم بولماسلىق ، ئىسسىقتىن زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدۇ . 10- كولكاز . ببۇنىڭ تەركىبىدە كراخمال ، قۇۋەت كۆپ بولۇپ ،ھەر 100 گىرامدا 91 كالورىيە ئىسسىقلىق ، 2.4 گىرام ئاقسىل ، 0.2 گىرام ماي ، 20.5 گىرام كاربونلۇق بىرىكمە ، كالىتسى 14 مىللىگېرام ، فوسفور 43 مىللىگېرام ، تۆمۈر 0،5 مىللىگېرام قاتارلىقلار بولۇپ ، ھەزىم بولۇشنى ياخشىلاپ ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-29 11:08 AM
|