|
|
|
|
دۆلىتىمىز «نىكاھ قانۇنى» نىڭ 10– ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس:
1. قوش نىكاھلىق بولغان؛
2. نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان؛
3. نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان، نىكاھلانغاندىن كېيىن ساقايمىغان؛
4. قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش يېشىغا يەتمىگەن.
دەۋالاشقۇچىلار بۇ تۆت خىل ئەھۋالنىڭ بىرىدە سوت مەھكىمىسىگە نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاپ بېرىش توغرىسىدا ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «’ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى‘نى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» ( 1 ) نىڭ 8 - ماددىسىدا: « دەۋالاشقۇچىلار نىكاھ قانۇنىنىڭ 01 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىك ئەھۋالى يوقالغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن.
تىخىمۇ كۆپ قانۇن توغورسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز پاك ئادۋۇكاتلار مۇنبىرىگە
كىرىڭ http://www.adukat.net/bbs
|
|
|
|
|
|