مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3678|ئىنكاس: 59

ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش مىزانى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72816
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-1-9
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:05:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش نىزامى




(2010–يىل7–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
  1 – ماددا بۇ نىزام ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
  2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.
  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۇيغۇر مۇقامى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹تۇرپان مۇقامى››، ‹‹قۇمۇل مۇقامى››، ‹‹دولان مۇقامى›› قاتارلىق مۇقاملارنىڭ ئومۇمىي نامى (تۆۋەندە مۇقام دېيىلىدۇ) بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىدۇر.
  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قوغداش مۇقامنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ساقلاش، قوغداش، تەشۋىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
  3 – ماددا مۇقامنىڭ مۇنۇ ئوبيېكتىلىرى قوغدىلىدۇ:
(1) مۇقام ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، ئۇسسۇللىرى؛
(2) مۇقامنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش ماھارىتى؛
(3) مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت، بەدىئىي شەكلى شۇنىڭدەك چالغۇ، كىيىم – كېچەك، جابدۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاش ھۈنىرى؛
(4) مۇقامغا دائىر تىپىك ئىپتىدائىي ماتېرىيال، نەرسە، سورۇن ۋە ئەسلىھە؛
(5) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلار؛
(6) مۇقامنىڭ قوغدىلىدىغان باشقا ئوبيېكتىلىرى.
  4 – ماددا مۇقامنى قوغداشتا قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، كەلگۈسى پىلانىنى تۈزۈش، قەدەملىك يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى ساقلاش كېرەك.
  5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى ئوبلاستلىق، (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) لەر (تۆۋەندە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېيىلىدۇ) مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇقامنى قوغداش خىزمىتىگە مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
  6 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ.
  مالىيە، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، مىللەت – دىن، ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇقامنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
7 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى؛ مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
8 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەل ئىچىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنى بېكىتىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەمدە نام بېرىش، يۆلەش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋارىسلىق قىلغۇچى شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋارسلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
9 – ماددا مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇستا مۇقامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، مۇقامنى رەتلىشى، تەتقىق قىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى، كۆرسىتىشى ۋە تارقىتىشى كېرەك.
  باشقا كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ مۇقامنى ئورۇنلاش، كۆرسىتىش، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
  10 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقام بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى قۇتقۇزۇش، توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى، مۇقامغا دائىر ئەسەرلەرنى تەييارلاش، نەشىر قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
  11 – ماددا سەنئەت ئىنستىتۇت – مەكتەپلىرى ۋە شارائىتى بار ھەردەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەرنىڭ مۇقامغا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئۆگىتىشىگە؛ مۇقام تەتقىقات پائالىيىتى، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
  12 – ماددا ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى مۇقام بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.
  13– ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىپىك مۇقامغا دائىر تاشقى ئالاقە پائالىيىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام ئىلمىي نەزەرىيەسى، قوغداش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  14– ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇئەييەن سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغدىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى)، مىللىي خاسلىققا ئىگە كوچىلار (تۇرالغۇلار)، مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيىت – بايرام، مۇقام بايرىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇقامنى تارقىتىش ۋە كۆرسىتىشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.
  مۇقام ئورۇنلىنىدىغان، كۆرسىتىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچى ئاسرايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ.
  15 – ماددا مۇقامنى مول، مۇكەممەل، ئۆزگىچە شەكىللەر بىلەن ئورۇنلايدىغان، كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان مۇئەييەن رايونلاردا مۇكەممەللىكنى ساقلاش يۈزىسىدىن مۇقام ئېكولوگىيەسى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشقا بولىدۇ.
  16 – ماددا مۇقامنى قوغداش خىزمەت خىراجىتى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ:
(1) مۇقام بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش خاراكتېرىدە قوغداش، شۇنىڭدەك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار، نەرسىلەرنى توپلاش، ساقلاش؛

(2) مۇقامنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش؛
(3) مۇقام ئېكولوگىيەسى مۇھاپىزەت رايونىدا مۇقامنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاشقا ماددىي ياردەم بېرىش؛
(4) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش؛
(5) مۇقام ۋارىسلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش؛
(6) مۇقامنى كۆرسىتىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆگىتىش؛
(7) مۇقامنى ئورۇنلاش، كۆرسىتىش سورۇنلىرى، ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش؛
(8) مۇقامغا دائىر چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەرنى ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش؛
(9) مۇقامنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش؛
(10) مۇقامنى قوغداشقا دائىر باشقا ئىشلار.
17 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇقامنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
مۇقامنى قوغداشقا ئىئانە – ھەدىيە قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە، باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
18 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىكى مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەر ئىئانە – ھەدىيە قىلىشىغا ياكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ساقلىشىغا، باشقۇرۇشىغا ۋە كۆرگەزمە قىلىشىغا بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىئانە – ھەدىيە قىلغۇچىغا مۇكاپات ۋە ئىئانە – ھەدىيە گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.
  19 – ماددا مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەر، سورۇنلار ۋە ئەسلىھەلەردىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى توپلىغان، سېتىۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ئۇنى ياخشى ساقلىشى لازىم.
  20 – ماددا مۇقامدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىشتا ياكى باشقا پائالىيەت قىلىشتا، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەمدە مۇقامنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى ۋە مۇئەييەن ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بۇرمىلاشقا، كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
  21 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  22 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ زىيان سالغان بولسا، ئورۇنغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  23 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  24 – ماددا مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋەئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇقامنى قوغداش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا جاۋابكارلىرىغا ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  25– ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
  26 – ماددا بۇ نىزام 2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنبە:http://kanun.cn/Article/View.asp?id=535

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى - جەۋھىرى ،ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى


ئاڭلاش سېستىمىسى

ئەسكەتىش : دىتالدىكى تېلفۇن ۋە چ چ نۇمۇرلىرىنىڭ ۋاقىتى ئۆتكەن ، ئىناۋەتسىز

دېتالنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى:





ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى - پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ، ئەمگەكچان-ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى ، ئىستەك خاھىشلىرى ، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت - نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا ، بەدىئىي ، ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ - خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا << شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە>> دەپ تەرىپلەنمەكتە.

ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئارقا كۆرىنىشىمۇ كەڭ ۋە چۇڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىرقانچە زاماندا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستكارلىرى ، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئىجادقىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر. ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن ، تۇلۇقلانغان ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام 360 ئاھاڭ ، 4492 مىسرادىن تەركىب تاپقان ھەمدە ئۇيەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قۇشاق - بېيتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

مانا بۇ سېستىمىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالايسىز، دىتالنىڭ تۈزۈلىشى ئۆزگىچە، ئۇسلۇبى كۆركەم ،قاچىلاش ھاجەتسىز يېشىل دىتال بۇلۇپ ،  دېھقان ئوغلى دىن بارلىق كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىغا سوۋغات .دىتالنىڭ سىغىمى 114 م ب . دىتالغا كىرگۈزىلگەن مۇقام mp3 ھۆججىتى توردىن يىغىلغان.
( ئىشلەتكەندە ئېكران تەڭشەش  دىگەن ھۆججەتنى چىكىپ ئىكراننى 1024-768 تەڭشەپ ئىشلىتىڭ)
دىتالغا ئىشلىتىلگەن ماتېرياللار زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزى باشقۇرۇشىدىكى <<ئۇيغۇر مۇقام تورى>> باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ رەتلەنگەن

ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستتېتى تېل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ << ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىستلىرى>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.


http://www.intil.biz/home/data/a ... qw66lm1l163811l.jpg
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://www.vdisk.cn/down/index/8695904
( يۇقۇرىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىپ بىرئاز ساقلىساق  ئاستىداچۈشۈرۈش ئورنى چىقىدۇ)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 07:09 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zvmrat + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
jasuryigit + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
زامانى + 500 نادىر تىما
Dakyanos + 255 ماختاشقا تېگىشلىك
ramu + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
مارشال + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1863   باھا خاتىرىسى

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9789
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:23:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت سىزگە...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 31189
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7481 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:37:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر مۇقاملىرى دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام،يۈرىكىم جىغىلدايدۇ.
ئەمگەكچان،ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ كەلگەن،نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلۇق شىۋىرغانلاردىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتماي،ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تەڭ ياشاپ كەلگەن،دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزگەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ كەلسەم،مۇقامنىڭ پارلاق تارىخى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.
ئەزىزانە دىيارىمدا ئاماننىساخان،ئۇستاز قىدىرخان،تۇرداخۇن ئاكىلارنىڭ شۇ مۇقام ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلغان،ئۈن-تىنسىز مېھنەت تۆكۈپ،مۇشۇ دەۋرگە ئەكەلگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇرانە روھى،قەلب ئىزھارى،ئۇلاردىكى تىرىشچانلىق،مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ.
مۇقام تارىخىي مۇساپىلەردە نۇرغۇن شىۋىرغانلارنى باشتىن كەچۈردى،يوقىلىش گىردابىغىمۇ بېرىپ قالغان،بىز ئۈچۈن تەۋەرۈك مەدەنىي مىراسىنىڭ يەنە بۇ ئەسىردە جۇلالىنىپ،بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىننى ئويلىسام،كۆڭلۈم شۇنداق خوشال بولىدۇ.
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،تېنىمدە ئۆز مىللىتىم ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىپ تۇرۇپمۇ،مۇقامنىڭ ياڭراق،ھەرخىل مەزمۇنلارغا تۇيۇنغان،مول رەڭدارلىق،ئىندىۋىدىئاللىققا ئىگە بولغان بۇ بىباھا خەزىنىنى كۆپ تىڭشىساممۇ،ئەمما،ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چالالمايمەن،مۇقام توغۇرلۇق بىرەر ناخشىنىمۇ ئېيتىشنى بىلمەيمەن،بۇ ئىشلارنى ئويلىسام،ئۆزەمنىڭ تولىمۇ بىر يارىماس بەندە ئىكەنلىگە ئۆكۈندىغان چاغلىرىممۇ بۇلۇپ قالىدۇ.
ئاڭلىسام،2011-يىلى 8-ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى،جوڭگۇ كىلاسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمىيتى بىرلىشىپ،شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدە مۇقام ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىپتۇ ۋە يۇپۇقنى ئېچىش مۇراسىمى ئورنىتىپتۇ.بۇ ئىش مېنى بەك سۆيۈندۈردى،ھاياجانلىق سۈكۈتلۈك تەشۋىش خىياللىرى تۇرداخۇن ئاكىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇقامنى قوغداپ قېلىشتىكى ئېسىل خىسلىتى،تىرىشچانلىقى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن مەن قىلالمايۋاتقان،ئورۇندىيالمايۋاتقان بۇ ئىشلار ئۈستىدە يەنە تىرىشىش نىيىتىگە كەلدىم.


غازى ئەھمەت ئاكىمىزنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپمۇ،تەن-سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي،بۇ ھەيكەل ياساش ئىشىدا باشچى بۇلۇپ،جاپالىق خىزمەت قىلغان كەچۈرمىشلىرى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇيغۇر روھىيەت خەزىنىسىنىڭ بىباھا بايلىقى بولغان مۇقامغا بولغان ئۆگىنىش،ئىشتىياقىم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى.
مەن غازى ئەھمەد ئاكىغا سالامەتلىك،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق مېڭىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!
رەھمەت سىزگە!بۇ دېتالنى ئىشلەپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز،مەن ھەركۈنى بۇ ناخشىلارنى ئاڭلايمەن،چۈنكى ،بۇ ناخشىلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشى،ياشاش پەلسەپەسى،ئۇزۇن تارىخى مۇقامدا توۋلىغان ناخشلىلارغا سىڭىپ كەتكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 07:00 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jasuryigit + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
زامانى + 500 ئېسىل تېتىملىق يازما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13043
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5496 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:41:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن-كۆپ رەخمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!
جاپا چىكىپسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69694
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3244
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:44:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ    مۇقام.مۇقام پەخېر لېنمەن  سەندېن :qiray121:qiray121:qiray121:qiray121

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16458
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 5848 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:11:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن   ئىككى يىل  بۇرۇنلا چۈشۈرىۋالغان ... ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

كۈمۈڭلار مېنى ئەجەل تۇمانى تولسا قارچۇققا
ئەجدادىم ئارماندا كەتكەن قەدىم شەھەر بارچۇققا
نە ھاجەت كۆز قىيالماي غەم شارابىن ئوتلىماق
روھىم كېزەر ئەرشتە جىسمىم كىرس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3942
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:13:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ كىلۋاتىسىز ..كۆپ تەشەككۈر !!!!:qiray18

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5857
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:30:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرلىك ئىشتىن بىرنى قىپتىكەنسىز، تەشەككۈر.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73777
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3386
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:41:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت:qiray12:qiray12:qiray12:qiray12:qiray12:qiray12:qiray12:qiray12

مەرھابا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11366
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:07:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،بەك ياخشى تېما يوللاپسىز.

ئولۇغ اللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
   星期八
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش