ئانامنى قايتۇرۇپ كېلەيلى، دادا
(بىر سەبىي تىلىدىن)
جان دادا، ئېيتقىنا بارمۇ ئېسىڭدە،
خۇدۈڭنى يۇقىتىپ قىلغان ئىشلىرىڭ.
ئەسلىتىپ قويسام مەن شۇلارنى بۈگۈن ،
غۇچۇرلاپ كېتەرمۇ يەنە چىشلىرىڭ.
ئاڭلاپ تۇر رەنجىمەي، ئاڭلاپ تۇر دادا،
ئۆز يۈرەك پارەڭنىڭ قەلب سۆزىنى،
پەردازسىز ئېيتىمەن ھەممىنى تولۇق،
سەن قىلغان-ئەتكەننىڭ نەقلا ئۆزىنى.
شۇ كۈنى سەن راسا ئىچىپ ئۆلگۈدەك،
تۆت پۇتلاپ- دەلدەڭشىپ كەلدىڭ ئارانلا.
تارتىپ مىڭ مۇشەققەت قويساق ياتقۇزۇپ،
بۆرىدەك ئېتىلدىڭ نىمجان ئانامغا.
ھەيۋەڭدىن قورقۇپ ھەي... بىچارە ئانام،
بۇقۇلداپ ئالدىڭدا تىترەيتتى غال-غال.
ئانامغا ئاتقان مۇشت تەگكەچ ھاۋاغا،
ئۇزاتتىڭ ئانامنىڭ چېچىغا چاڭگال.
ئاھ ئېسىت، بىگۇناھ، يۇۋاش ئانامنىڭ
چاچلىرى تارتىلىپ يۇلۇندى تال-تال.
يېلىنسا يالۋۇرۇپ كېسەلچان ئانام،
ھېچ پەرۋا قىلمىدىڭ بولدى بەك ئۇۋال.
ھەيرانمەن جان دادا، ئېيتىپ بەر ماڭا،
قەيەردىن كەلگەندۇ ساڭا شۇنچە كۈچ.
ياشاندىم... دەپ دائىم شۇنچىلىك يەڭگىل
ئىشنىمۇ قىلىشقا ئىدىڭغۇ بەك ئۆچ.
چىدالماي جەبرەڭگە پاناھسىز ئانام،
نائىلاج كېتىپتۇ بىزلەرنى تاشلاپ.
بىزنىڭغۇ يىغلىشىپ ئۆتتى كۈنىمىز،
قالغىنىڭ بولمىدى گەردەننى قاشلاپ.
ئىسسىقسىز يۈرۈيمىز بولدى ئۈچ- تۆت ئاي،
بىزلەرگە قاراشقا يەتمەيدۇ ۋاقتىڭ.
«مەم-مەم...» دەپ تەلمۈرسە كەنچى كۆز نۇرۇڭ،
پەرۋاسىز يەنىلا قاۋاققا چاپتىڭ.
ئاشمىدى تاپقىنىڭ ئىچىپ-چېكىشتىن،
ئۆتتى بەك غۇربەتتە ھەر بىر كۈنىمىز.
ئويلىغىن ئانىدىن قالدۇق ئايرىلىپ،
ئانىسىز تۇرمۇشقا قانداق كۈنىمىز!؟
بولدى بەس! تاشلىغىن ئىچىپ-چېكىشنى،
بەرمىگەچ ئۇ ساڭا زەررىچە پايدا.
سېنىڭدىن كەچۈرۈم سورايلى تەكرار،
ئانامنى قايتۇرۇپ كېلەيلى دادا!
( مەنبە: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-29 10:20 AM