|
|
|
|
بىزگە قانداق ئوقۇتقۇچىلار كېرەك شۇنچە تەبىئى
ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئېنژىنېرى ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇستازى . ئۇلار ئۆزىنىڭ نۇرى ئارقىلىق باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى نۇرلۇق مەشئەل . مەن بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى قەدىرلەيمەن ،ئۇلۇغلايمەن. بەرھەق ، بىر ئۆسمۈرنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن ئائىلىدە ئاتا-ئانىنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بولسا ، مەكتەپتە ۋە جەمىئەتتە ئوقۇتۇچىنىڭ رولى ئەڭ زور بولىدۇ ،ئۇ كەلگۈسىدىكى ئالىم ، ھەربىي ، سەنئەتكارلارنى تەربىيىلىگۈچى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زىممىسىدە ئادەتتىكى كىشىلەردىنمۇ زور بولغان بېسىم تۇيغۇسى بولىدۇ . لېكىن مەن يېقىندىن بىرى ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا ئازراق قەلەم تەۋرەتكۈم كىلىپ قالدى ،بەلكىم گەپ سۆز لىرىم ئانچە جايىدا ئەمەستۇر ،شۇنداق بولسىمۇ ئەيىپكە بۇيرۇماي مۇنۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن . مىنىڭ مەقسىدىم ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىد قىلىش ئەمەس ، مىنىڭ ئۇنداق سالاھىيىتى يوق . مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم پەقەتلا ھازىر يۈز بىرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر . بىر لاياقەتلىك ئپقڭتقوچى قانداق بولىشى كېرەك ؟؟؟تۆۋەندە مەن شۇ توغرىلىق ئازراق كۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
1. مۇھىمى ئۆز كەسپىنى سۆيۈش ، ئۇنى قەدىرلەش ئىدىيسى .بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى سۆيىشى كېرەك، بۇ ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭدا كەسىپنى سۆيۈش ئىستىكى بولغان ۋاقىتتا ئاندىن بۇ كەسىپنى ياخشى قىلىشقا بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل بولىدۇ . ئاندىن مەيلى ئۇ قانچە ناچار بولۇپ كەتسۇن ، ئاستا-ئاستا ئلگىرلەپ بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ يىتىلەلەيدۇ . ئەگەردە ئۇ بۇ كەسىپنى سۆيمىسە ، ئۇ ھەر قانچە مۇنەۋۋەر كىشى بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزگە نېمە كىرىكى ؟ لېكىن ھازىر جەمىيىتىمىزدە شۇنداق بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار پەيدا بولدىكى ، ئۇلار ئۆز كەسپىنى پەقەتلا سۆيمەيدۇ ، بۇنى قىلىشنى پەقەت خالىمايدۇ ، لېكىن جان بېقىش تۈپەيلى ئامال يوق كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولىۋالغان ......بۇلارنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلار قانداقراق تەربىيىلىنەر ؟ ئوقۇتقۇچى ئەسلى ھەرقايسى جەھەتلەردە تولۇق يىتىلگەن مۇنەۋۋەر ئاۋانگارتلار قىلىشقا تېگىشلىك كەسىپ ، لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، قىلغىلى خىزمەت يوقلار كىلىپ ئوقۇتقۇچى بولىدىغان بولىۋالدى . بۇ زادى كىمدىكى خاتالىق ، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدىغان مەسىلە .
2. يۇقىرى بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى . ‹‹نېمە ئىش قىلساڭ قىلمامسەن ، سەن مىنىڭ بالاممىدىڭ ؟›› بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىدىيىسىدە بۇ جۈملە ھەرگىزمۇ شەكىللەنمەسلىكى كېرەك ، بىر ئوقۇتقۇچى بولغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان يۇقىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى شەكىللىنىشى كېرەك . ئوقۇغۇچىلار نېمە قىلىشىنى تولۇق بىلگەن بولسىدى ھەرگىزمۇ‹‹ ئوقۇغۇچى›› دېگەن نامنى ئېلىپ ئولتۇرماس ئىدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى تەربىيلەپ چىقىشى تەبئىيلا ناھايتى مۈشكۈل جەريان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار شۇنچىلىك ئۇلۇغ . لېكىن ئۇ مۇشۇنىمۇ قىلالمىسا ، ئۇنى نېمە دېگۈلۈك .
3.يۇقىرى بولغان بىلىمنى يەتكۈزۈش قابىلىتى . ھازىرقى مائارىپىمىزدىكى بىلىملەر شۇنچىلىك ئۆلۈككى ، ئۇقۇغۇچىلار ئۇلارنى ئۆگۈنۈشنى ئۇنچە خالاپ كەتمەيدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچى قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ، بىلىمنى ئۇلارغا كۆپرەك ئۆتكۈزۈشنى بىلىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى بىلىم كەمتۈكلۈكى تۈپەيلىدىن ، تىزلا جەمىئيەت تەرپىدىن شاللىنىپ كىتىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا بىلىمنى ياخشى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىزدىنىپ چىقىرىشى كېرەك .
4. يۇقىرى بىلىم ساپاسى . بۇ ھەربىر ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا . ئوقۇتقۇچى ئەسلى ئەل يۇقىرى تەمىناتقا ئىگە بولىشى ۋە ئەڭ يۇقىرى بىلىم ساپاسىغا ئىگە كىشىلەر بولىشى كېرەك . لېكىن ھازىر ...... شۇنداقتىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز بىلىم قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئوقۇتقۇچى دېگەن نامغا چۇشلۇق ئىش قىلىشى كېرەك .
جەمىئيەت يۈكسەلمەكتە ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان بېسىممۇ تەبىئىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ، بۈگۈن ئۆزۈمگە باقماي سەل ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولىشىم مۇمكىن .شۇنداقتىمۇ ، خاتا يەرلىرىگە قارىماي ، توغرا يەرلىرى بولسا ، ئۆزەڭلار بىلىپ بىر نېمە قىلاسىلەر ......مىنىڭ قەلبىمدە ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا شۇنداق ئۇلۇغ ، شۇنداق قەيسەر ..........
مەنبە :ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|