جاۋ زوخەي (赵作海)دىلوسىنىڭ باش – ئاخىرى
دىلو ئەھۋالى :
1998 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھىرى جېچىڭ ناھىيىسى ۋاڭ جى يېزىسى جاۋلو كەنتىدىكى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ جىيەن ئوغلى جاۋ زولياڭ ج خ ئورگىنىغا كىلىپ دىلو مەلۇم قىلىپ ، تاغىسى جاۋچىڭشياڭنىڭ 1997 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن 4 ئايغىچە ئىزدىرىكى بولمىغانلىقىنى ، شۇ كەنتتىكى جاۋ زوخەينىڭ تاغىسى جاۋچىڭشياڭغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق گۇمانى بارلىقىنى ئېيتىدۇ ، ج خ ئورگانلىرى دەرھال ئالاقىدار تەكشۈرۈشلارنى قانات يايدۇرىدۇ . 1999 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى جاۋلو كەنتى قۇدۇق قىزىش جەريانىدا ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن بىر باشسىز جەسەتنى بايقايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ج خ ئورگانلىرى جاۋ زوخەينى زور گۇماندار دەپ قاراپ 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويىدۇ . 1999 – يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە جاۋ زوخەي 9 قېتىم سوراق قىلىنىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىدۇ . 2002 – يىلى 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار جاۋ زوخەينى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەيدۇ . 2002 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار جاۋ زوخەيگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ . خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق 2003 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقارقى ھۆكۈمنامىسىنى تەستىقلاپ كېسىم چىقىرىدۇ .
2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى يۇقارقى جىنايى ئىشلار دىلوسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى ، دەپ قارالغان جاۋ چىڭ شياڭ تۇيۇقسىز كەنتتە پەيدا بولۇپ قالىدۇ .
شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال تەپتىش مەھكىمىسىدىكى تەپتىشلەر بىلەن بىللە جاۋلو كەنتىگە كىلىپ كەنت كادىرلىرى ،بىلەن سۆھبەتلىشىش ، جاۋ چىڭ شياڭنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەتلىشىش جاۋ چىڭ شىياڭنىڭ تۇققانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يۇقارقى قەستەن قاتىللىق دىلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەل مۇشۇ جاۋ چىڭ شياڭ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ .
جاۋ چىڭ شياۋ ئۇلارغا ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ :
1997 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى (دېھقانلار كالىندارى بويىچە 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كىچىدە) مەن جاۋ زوخەينىڭ دۇ xx نىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىدىن بىر ئاز ئاچچىقلىنىپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىمىزدە ئىشلىتىدىغان كۆكتات توغرايدىغان چەيدونى ئىلىپ دۇ xx نىڭ ئۆيىگە كەلگەن جاۋ زوخەينىڭ بىشىغا بىرنى چاپتىم . جاۋ زوخەينىڭ مەندىن ئۆچ ئېچىلىشىدىن قورقۇپ شۇنداقلا جاۋ زوخەينىڭ مۇشۇ زەربىدە ئۆلۈپ كىتىشىدىن قورقۇپ نەرسە – كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سەھەردە ۋەلسىپىت مېنىپ 400 يۈەن پۇل ، يوتقان ، كىملىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئىلىپ سىرتقا چىقىپ ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلىپ كۈن كەچۈردۇم . ئۆتكەن يىلى يارتا پالەچ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ پۇل يوق داۋالىتالماي ، كەنتكە قايتىپ كەلدىم .
جاۋ زوخەي بىلەن جاۋ چىڭ شياڭ ئەسلىدە كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلەردىن بولۇپ ، دائىم سىرتلارغا چىقىپ بىللە ئىشلەپ پۇل تاپاتتى . بىراق ئىقتىسادى تالاش – تارتىش سەۋەپلىك ئىككەيلەن بىر ئاز زىدىيەتلىشىپ قالغانىدى . جاۋ چىڭ شياڭ ئىزچىل جاۋ زو خەينى ئىلگىرى شىئەندە بىللە ئىشلەش جەريانىدا مېنىڭ 1800 يۈەن پۇلۇمنى ئىلىۋالدى ، دەپ قاراپ كۆپ قېتىم جاۋ زوخەيدىن بۇ پۇلنى بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بىراق جاۋ زو خەينى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان .
1997 – يىلى جاۋ زو خەي بىلەن گەن شياۋخۇ (ئايال) نىڭ مۇناسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھىس قىلغان جاۋ چىڭ شياڭ 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كىچىدە ، جاۋ زو خەينى بىشىغا كۆكتات توغرايدىغان چەيدو بىلەن بىرنى چىلىپ ، جاۋ زو خەينى ئۆلتۈردۇم دەپ قاراپ كىچىلەپ نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قاچقۇنلۇق تۇرمۇشىنى باشلىغان . جاۋ چىڭ شياۋ ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن كۆكتات توغرايدىغان چەيدو بىلەن چىپىلغان جاۋ زوخەي ئەڭ چوڭ گۇماندار بولۇپ قالغان .
بۇ 13 يىل مابەينىدە جاۋ چىڭ شياڭ ئىزچىل ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلىپ كۈن كەچۈرگەن . ئۇنىڭ 1 – ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسى مۇشۇ مەزگىلدە ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، 1 – قېتىم 1999 – يىلى ئۇ مەلۇم ناھىيىنىڭ مېھمانسارايدا قونماقچى بولغاندا تىزىملىتىشقا ئىشلىتىلگەن ؛ يەنە بىر قېتىم 2003 – يىلى «سارىس كىسىلى» تارقالغان مەزگىلدە ئۇ كۆچمە نوپۇس دەپ قارىلىپ ساقچىخانا تىرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن . بىراق ج خ ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن «ئۆلۈپ» كەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىمىغان .
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تۈرمىنىڭ كۆرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋ زوخەينىڭ تاغىسى ، ئاچىسى خېنەن ئۆلكىلىك 1 – تۈرمىگە كىلىپ جاۋ زو خەي بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ «ئۆتتۈرىۋەتكەن» ئادەمنىڭ «تىرىلگەن» لىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان . جاۋ زو خەي باشتا بۇنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلىپ تۇرغان ، بىردەمدىن كېيىن قاتتىق ئۈن سىلىپ يىغلىغان .
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە جاۋ زو خەي تۈرمە ساقچىنىڭ باشلىشى بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تۈرمىگە تەسىس قىلغان سوت نەق مەيدانىغا كىرگەن . سودىيە قانۇنى تەرتىپ بويىچە جاۋ زو خەينىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ قويۇپ بىرىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا ، جاۋ زو خەي ئۆزىنى بىسىۋالالماي قاتتىق ئۈن سىلىپ يىغلىغان .
قايتىدىن سوت قىلىش تەرتىپىنىڭ قوزغىتىلىشى
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋ زو خەي دىلوسىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مەزكۇر دىلونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش تەرتىپىنى قوزغىتىشنى قارار قىلغان .
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ سالاھىيەت كىملىكىنى بىكىتىشكە ئالاقىدار تاپشۇرغان . خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ لىيۇڭ سوت ھەيئىىتى يىغىنىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان . خېنەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى خې خىڭياڭ بۇ قېتىملىق سوت ھەيئىتى يىغىنىغا قاتناشقان . شۇنداقلا دىلونى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋ زو خەينى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئىشلەنگەن دىلو دەپ قارىغان . شۇنىڭ بىلەن سوت ھەيئىتى مۇنۇلارنى قارار قىلغان :
1. خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2003) 13 – نومۇرلۇق قايتا قاراپ چىقىش كىسىمنامىسى ۋە شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2002) 84 – نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ ، جاۋ زو خەينى جىنايەتسىز دەپ جاكارلاش ؛
2. خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كىچىلەپ قانۇن ھۆججىتى تەييارلاپ خادىم ئەۋەتىپ بۇ قارارنى يەتكۈزۈش ۋە تۈرمە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئادەمنى قويۇپ بىرىش ؛
3. جاۋ زو خەينىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، دۆلەت تۆلىمى تەرتىپىنى قوزغىتىش .
بۇ قارار چىققاندا جاۋ زو خەي تۈرمىدە جازا ئۆتەپ بولغىنىغا 11 يىل بولغانىدى .
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «دۆلەت تۆلىمى قارارنامىسى» چىقارغان .
2010– يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جاۋ زو خەي شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بەرگەن 650 مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمى بانكا چىكىگە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇپ ئالدى .
شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى دۇ جيەنخۇ ئاخبارات ۋاستلىرىغا ئاشكارىلاپ ، ئەينى ۋاقىتتا جاۋ زو خەي دىلوسىنى بىجىرگەن سوتچىلاردىن جاڭ يۈن ، خۇ شۈەنمىن ، مۇۋەققەت سوتچى ۋىي شىنجىلاردىن ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان .
ئەينى يىلى جاۋ زو خەينى قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان ساقچى گو شوۋخەي بىلەن جۇ مىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى .
2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، ج خ مېنىستىرلىكى ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مېنىستىرلىكى ۋە ئەدلىيە مېنىستىرلىكى بىرلىكتە «ئۆلۈم جازاسى دىلولىرىنى بىجىرىشتە دەلىل – ئىسپاتقا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ۋە «جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىپ تاشلاش توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلىپ ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا بۇ بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ، جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ ، ھەر بىر دىلونى تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى .
2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ج خ ئورگانلىرى 30 كۈن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ، ئەينى يىلى جاۋ زو خەي دىلوسىدا پارچىۋىتىلگەن جەسەتنى ئۆلتۈرگەن 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ۋە گۇماندارلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت جاۋ زو خەينىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 6 ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سىلىپ بەرگەن . شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يەنە جاۋ زو خەينىڭ كونا ئۆيى ئاساسىدا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە يەنە 6 ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سىلىپ بىرىشنى قارار قىلغان .
جاۋ زو خەي بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە يەر تىرىپ كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 赵作海案
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى