ئىككى دۇنيا سائادىتى نىمە؟
ياراتقۇچىنىڭ <سۆيگەن بەندىلىرىمگە ئىككى دۇنيا سائادىتىنى بېرىمەن> دېگەن ۋەدىسى بار. ئۇ يىتىش ئىنتايىن قېيىن ھەم ئىنتايىن ئاسان بولغان سازاۋەرلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ قېيىنلىقى شۇكى،<نەپسىنى يىغىش> دىگەن غايەت زور ئەمەلنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆتۈش كېرەك. بۇ پۇل -بايلىق، ئەخلاقىي نەپس، شۆھرەتپەرەسلىككە كۆڭۈل قويۇشتىن ساقلىنىش دىگەنلىكتۇر. بۇنىڭ تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىش مۇمكىن، كىشى ئۆزىنى باشقۇرۇشنى بىلسە بولدى، بۇ شۇنىڭ بىلەنلا پۈتىدىغان ئىش!
دۇنيا سائادىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئاسانلىقى شۇكى، بەزىدە ئۇنىڭغا يىتىشنى ئارزۇ قىلىشتىن ئاۋال ئۆزىدە ئاللقاچان مەۋجۇت بولغان ياراتقۇچىنىڭ ئىنئاملىرىنى كۆرۈشنى بىلسە بولدى: ياشاش ئۈچۈن زۆرۈرىيەتلەر- سۇ، نۇر، ھاۋا، يېمەك، كىيمەكنىڭ بارلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلسە،جىسىم-جېنىنىڭ، ئەقىل-ئىرادە قۇۋۋىتىنىڭ ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە شۈكۈر قىلالىسا، ئاتا-ئانىلىق، پەرزەنتلىك، ئائىلە زوقى، قولىدىن كېلىدىغان كەسپ-كار زوقىنى ھېس قىلالىسا، ئادەم ئۆزىنى ئىختىيارسىز سائادەتمەن سېزىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخت بارمۇ،دەپ خۇرسەن بولىدۇ. ئەگەر ھەربىر ئىنسان ئۆز خاراكتېرىنى شۇنداق ياساشنى بىلسە، ئۇنىڭ تۆت تەرىپىدىن ياراتقۇچىنىڭ قانداق مۇكاپاتلارنى ياغدۇرۇشىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىسىز!
زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئىككى دۇنيا سائادىتىگە نىيىتى ياخشى، ئىشى ياخشى ئىنسانلار سازاۋەر بولىدۇ. بۇنداق قارىساڭ، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا قىمىرلاپ يۈرىدۇ. بىر ھۈنەرنىڭ، بىر نىيەتنىڭ ئارقىسىدىن تىنماي ھەرىكەتتە. بەزىدە <ئۆمرۈڭ كىتىۋاتىدۇ، جېنىڭ سەرپلىنىۋاتىدۇ، ھەي، بەرىكەت تاپقۇر، شۇنچە ھەرىكىتىىڭنى ياخشى ئىشلارغا، يەنى ساۋاپ توپلاشقا سەرپلىمەمسەن، نىمىشقا ئۆز زىيىنىڭغا ئىشلەيسەن؟> دىگەن گەپنى ۋارقىراپ تۇرۇپ ئېيتقۇڭ كېلىدۇ. ئۆز زىيىنىغا ئىشلەش خاتا ئىشلارغا قول تىقىش دىمەكتۇر. خاتا قىلماسلىق، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن كاتتا ئىلىمنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ياش بالا بىلمەي ئادىشىشى مۇمكىن. چوڭ ئادەملەر بولسا خاتانى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ. ئەقىل- تەپەككۈرى ئاق قارىنى ئاجرىتىپ، ئۇستازلىرى يول كۆرسىتىپ كىتابلار ماياك بولۇپ تۇرۇشىغا قارىماي، ئەقىلنىڭ ئەمەس، نەپسىنىڭ كەينىدىن كىتىدۇ، شۇ تەرزدە گۇناھ سادىر بولىدۇ.
ھەي ئىنسان، ئېيتقىنچۇ؟ بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ راھەتلىنىشنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا ئۆزۈڭنى توختات! ئۆزۈڭنى توختىتىش ئۈچۈن مەدىكار يالىمىساڭمۇ بولىدىغۇ؟ ئاخىر بۇ ئۆزۈڭنىڭ قولىدىكى ئىشقۇ؟! ئادەملەرگە ياقمايۋاتقان، ئادەملەرنى خاپا قىلىدىغان ئىشنى ئادەملەر بار يەردىمۇ يوق يەردىمۇ قىلما! دۇئا ئالىدىغان ئىشلارغا كىرىش! باشقىلار سېنى كۆرگەندە يايراپ كەتسۇن! سېنى ئىزدەپ، ساڭا ھاجىتى چۈشۈپ تۇرسۇن! بارماقلىرىڭ ئالاۋىدىننىڭ سېھىرلىك تايىقىغا ئايلىنىپ قالسۇن: نىمىگە قول تەگكۈزسەڭ گۈللەپ كەتسۇن! يۈرىكىڭدىكى ئاپتىپىڭ بىلەن ھەممىنىڭ <مىكروب>ىنى ئۆلتۈرۈپ جانلىرىنى ئىللىتىپ يۈر! سەن بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكىنىڭدىمۇ، قلغان ياخشىلىقلىرىڭ يەتتە سۇلالىلىنىڭ يوللىرىنى ئېچىپ، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزارتىپ ، رىزىقلىرىنى ئاشۇرۇپ- تاشۇرۇپ يۈرسۇن!
ئىككى دۇنيا سائادىتىنى ھەممىنى سۆيمەك ۋە ھەممىگە سۆيۈلمەكتىن تاپقايسەن، ئىنشائاللا!
-تۇرسۇنئاي سادىقوۋا نىڭ <ئۆمۈر بىر كېلۇر> ناملىق كىتاۋىدىن
تالانتلىق شائىرە، ناتىق، ئەخلاقشۇناس تۇرسۇنئاي سادىق 1944-يىلى ئەندىجان شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىلى ئۆزبىكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن تاكى پىنسىيە يېشىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپ شېئېرىيەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، بىرقانچە شېئىرلار توپلىمى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر بولغان، يېقىندا ئاپتورنىڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مەنىۋىيەت، ئائىلە، ئەدەپ ئەخلاققا ئائىت يۈرۈشلۈك كىتابلىرى شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان.
مەن ھەم ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە ئالاھىدە قىزىقىپ قالدىم، بولۇپمۇ ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى، تەپەككۇرى.... بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى خېلى كۆپ مەسىلىلەردە ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
تورداشلارغا ئاپتورنىڭ مۇشۇ يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەم ئۆزۈمدە بارىنى تورداشلار بىلەن تەڭ بەھرلەندۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىمەن ، ئاللاھ خالىسا.