مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1735|ئىنكاس: 33

نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ يوق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4486
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ ھەيران قالدىم بۇ قانداق ئىش ئەمدى،ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شۇنچىلىك زەن سېلىپ ئاڭلاپ ئولتۇرغان بولساممۇ بىراق يەنىلا كاللامدا نېمە ئۈچۈن دېگەنلا سۇئال.قىزنىڭكىنى توغرا دەي دېسەم ئاتا-ئانىسىچۇ؟ئۇلارمۇ قىزنى يامان يولغا مېڭىپ قالمىسۇن دەپ تېجەشلىك چوڭ بولسۇن دەپ شۇنداق قىلغان بولغىيتى،كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمىدى،يەنىلا مەزمۇنىغا قاراپ باقايلى.

ئۈرۈمچىگە چۈشكىنىمگە ئىككى كۈن بولدى،ئەمدى ئوقۇيدىغان مەكتەپنى ئۇقۇشمىسام بولمايتى،دوستۇمنىڭ ياردىمىدە بىر مەكتەپنىڭ دەرىسىنى تىڭشىدۇق،خەنزۇتىلىدا ئاساسىم بولسىمۇ بىراق تەلەپپۇزۇمنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايتى،دەرىسنى خېلىلا ياخشى ئۆتىدىكەن ئويلاشمايلا 3 ئاي پۇلىنى تۆلىۋەتتىم،خىزمەت ئىشىممۇ ھەل بولدى،ئىشقا چۈشكىلىمۇ 10 كۈندىن ئېشىپ كەتتى،دەسلەپ بۇ يەردە تۇرۇش ئېغىر كەلگەن ئىدى،بارا-بارا كۆنىۋالدىم،سىنىپتا بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان ئاددىي-ساددىلا يۈرۈيدىغان ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق بولغاچقا خېلىلا چىقىپ قالدۇق،ئۆز-ئارا تېلىفۇن نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇشتۇق،ئۇ قىز مەن كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كىرگەن ئىكەن،دەرىستە يامان ئەمەسلا ئىدى،ئىقتىدارى مەندىن يۇقىرى كەلسە كېلەتتى،نېمىشقا يەنە ئوقۇغانلىقىغا ھەيران بولۇپ بىرە -بىرە سورىسام،بۇ ئاساسىم ھېچ قانچە ئەمەس مەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۆگۈنۈپ ئاندىن يۇرتۇمغا قايتىمەن دەپلا قوياتتى خالاس.قاچانلا قارىسا بىر خىل ئىشتىن چۈشۈپلا دەرىسكە كېلەتتى،دەرىستىن چۈشۈپ بىللە تاماق يەيلى دېسەممۇ ئۇنىماي ياتاققا كېتەتتى،بىر قېتىم ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي ئاشخانىغا ئەكىردىم،تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولۇپ پۇلىنى تۆلىۋەتتىم،بىردەم بولغاندا قىز قولۇمنى تارتقۇشلىدى،قارىسام قولىدا پۇل باركەن بىلدىمدە بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئەمدى دېسەم ھەدە كەچۈرۈڭ يېنىمدا پۇل ئاز بولۇپ قالدى،ھەممىنى بىراقلا تۆلىيەلمەي قالىدىكەنمەن ئۆزۈمنىڭكىنىمۇ بولسىمۇ ئېلىپ قېلىڭ دەپ.
بەكلا خىجىل بولدۇم خۇددى قىزنىڭ ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغاندەك بىر قىلىقنى قىلىپتىمەن،بولدى سىڭلىم كېيىنچە مەنمۇ سىزنىڭكىنى خەجلىۋالىمەن،ھازىر سېلىپ قويۇپ تۇرۇڭ.ھە راس ئاتا-ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
-دادام تىجارەتچى سودىسى خېلىلا ياخشى،ئاپام ئۆيدە شۇ بىزگە قارايدۇ يەنە ۋاقىت چىقسا دادامغا ھە ھۇ دېيىشىدۇ.
-ھە تۇرمۇشىڭلارچۇ ياخشىدۇ؟ئەسلى سورىماي دېگەنتىم لېكىن قىزنىڭ كىچىك تۇرۇپ بۇ يەرگە چىقىپ قالغانلىقى،ھەم مىسكىنلىكىگە قاراپ بىلىپ باققۇم كەلدى.
-تۇرمۇشىمىز ياخشى،ئىككى يەردە ئۆيىمىزمۇ بار،بىرى بىنا يەنە بىرى ئادەتتىكى ئۆي،ئىشقىلىپ كىشىگە بويۇن قىسمايمىز.
-ھە ئۇنداقتا ياخشىكەنغۇ،ئۇ تەرەپتىمۇ جىققۇ بۇنداق كۇرسلار نېمە دەپ بۇ يەرگە كېلىۋالدىڭىز،تېخى ئەمدىلا 18 كىرىپسىز؟
قىزدىن سادا چىقمىدى،ئىچىمدە چوقۇم كىشىگە دېيەلمەيدىغان بىر دەردى بار دەپ ئويلۇدۇم.
-بولدى بۇنى دېيىشمەيلى نەدە ئىشلەۋاتىسىز ئىزدەپ قالسام تاپالماي قالماي يەنە؟
-************دىكى ****قەۋىتىدە******ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن.
-ۋوي ۋوي مانداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭە،مەكتەپتە نېمىشغا ئوقىمىغان ھۈنىرىڭىزمۇ ياخشكەنغۇ.
-تۇللۇقسىزغا چىققاندا كېسەل سەۋەپلىك مەكتەپتىن چېكىنگەن ھازىر تەلتۈكۈس ساقىيىپ بولدۇم.
-ھە بوپتۇ مەكتەپتە ئوقىيالمىسىڭىزمۇ ھۈنىرىڭىز ياخشىكەن.
شۇ پاراڭلار بىلەن تاماقنىمۇ يەپ قايتىپ چىقتۇق،مېنىڭ قېشىمدا قونۇپ قېلىڭ،ياتىقىڭىزمۇ يىراقكەن دېسەم ئەتە چوقۇم يېنىڭىزدا قونىمەن،جىق گەپلىرىم بار لېكىن ماڭا ئۆچ بولۇپ قالماڭ،مەن سىزنى ئاچامدەكلا كۆرىمەن،تۇنۇشقىنىمىزغا ئۇزاق بولمىدى،لېكىن ماڭا شۇنداق يېقىنىمدەك بىلىنىسىز دېدى قىز.
ھەيران قالدىم،نېمىشقا سىزگە ئۆچ بولۇپ قالىمەن گېپىمىز گەپ ئەمىسە ھە.
يولدا مېڭىۋېتىپ قىزنىڭ گەپلىرى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى،ئائىلە تۇرمۇشىمۇ شۇنداق ياخشىكەن،نېمىشقا يېقىنراق جايدىن ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرماي ئىجارىسى ئەرزان لېكىن ئىشەنچىلىك دەپ كوچا ئاپتۇستا ماڭسىمۇ 10 نەچچە بېكەتتىن كېيىن ئاندىن بارالايدىغان جايدا تۇرىدىكەن،چوقۇم بىر گەپ بار،ئەتە ئاڭلايچۇ بولدى ئارتۇق خىيال قىلماي.
چۈش بىلەن تېلىفۇن كېلىپ كەتتى،قارىسام ئايشەمگۈلكەن
-ئەسسالام ئەلەيكۇم ھەدە چۈشتە نېمە يەيسىز،ئىش ئورنىمىز يېقىن بولغاندىكىن بۈگۈن سىزنى مەن مېھمان قىلاي،ئاخشام سىز مېھمان قىلدىڭىز.
-ھە ماقۇل نەدە كۆرىشىمىز.
-ھازىرلا چۈشۈڭ ئىش ئورنىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولدۇم.
-ھە ماقۇل كېىتپ قالماڭ ھە.ئىشلىرىمنى قويۇپ قويۇپلا چىقتىم.
يەنە شۇ بۇرۇنقى سىما بىر خىللا چاپان ئاددىي لېكىن يارىشىملىق كىيىنگەن،ئۆزى سېمىزرەك بولسىمۇ تىزىدا كىيىۋالغان يوپكىسى،ياراشتۇرۇپ چىگىۋالغان ياغلىرى يەنىلا ئۇماق كۆرسىتەتتى.
-يائاللا كۈن قاياقتىن چىققاندۇ؟نېمە مېھمان قىلىسز؟دېدىم مەن قېلىنلىق قىلىپ.
-نېمە دېسىڭىز شۇ.
بىر ئاشخانا بولىدىغان تاماقلىرى بەكلا ئەرزان لېكىن شارائىتى ھەم تازلىقى ياخشىتى،قىزغا ئارتۇق چىقىم بولىشىنى خالىماي سەل يىراقراق بولسىمۇ شۇ ئاشخانىغا باشلىدىم.توخۇ لەغمىنى 6 يۈەن ئىدى،بەكلا ئەرزان.
-نەچچە پۇل بولدى؟
-12 يۈەن.
-نېمە ئىككىسىمۇ ياكى بىرىمۇ؟
-بىر توخۇ لەغمەن 6 يۈەن ئىككىسى 12 يۈەن چۈشىنىلىك.دېۋىدى ئاشپەز كۈلىۋەتتىم.
-تاماقلىرى بەك ئەرزان بۇ يەرنىڭ.دېدىم مەنمۇ گەپلەرنى تەستىقلاپ.
-ھە مەن نەچچە كۈندىن تاماق يەيدىغان ئاشخانىلارنىڭكى تاماقلىرىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى 10 يۈەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ يەردە يەيچۇ.دېدى قىز.
-كەچتە بالدۇراق كېلىڭ دەرىسكە،بىللە تاماق يەپ ئاندىن مېنىڭكىگە كېتەيلى،ياتاقداشلىرىم بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قوياي،يا بولمىسا سىزنىمۇ ئەكىلىۋالاي ئۇ يەردىكى تۇرۇش ۋاقتىڭىز توشسا.
-ھە ماقۇل شۇنداق قىلامىز،لېكىن ئىجارىسى سەل قىممەتكەن،كەچتە كۆرىشەيلى دەپلا كېتىپ قالد ى قىز.
دەرىسمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈلدى،ئىشلىرىم ئېغىر بولمىغاچقا ئانچە چارچاپ كەتمەيتىم.يۈرۈڭ تاماق يەيلى.
-ماھىرە ھەدە بولدى،چۈشتە تاماق يىدۇق ئەمەسمۇ،كەچتە نان بىلەن چاي ئىچىپ ياتايلى.
-ۋاي ئاللا جېنىم ئۇكام ما قورساق يېرىم كېچىدە ئادەم بامۇ دېسە قانداق قىلىمىز،ياتاقنىڭ ئۆگزىسىدە يا بىر گاسا يوق ساناپ ياتىدىغان.
-گېپىمنى ئاڭلاپ سەت كۈلىۋەتتى،ئۇرۇقلايمىز.
-ماندا دەڭە ئەسلى ئۇرۇقلايمەن دېگەن گەپكەندە ھە بوپتۇ ئۈرۈمچى ياراشتىمۇ قانداق مەنمۇ سەمىرىپ قالاي دېگەن ئىدىم،چاي ئىچەيلى ئەمىسە.
ياتاقتىكى قىزلارمۇ بەكلا چىقىشقاقتى،پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ سائەت 10:30 بولۇپ كېتىپتۇ توكنى ئىتىۋالدى،بىزمۇ ئارام ئالايلى دەپ ياتتۇق،ئايشەمگۈل بىلەن ئىككىمىز بىللە ياتتۇق.مەقسىتىم قىزنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىش ئىدى،بۇنداق دىسەم ئىشپىيۇندەك قىلىق قىپتۇ دەپ قالماڭلار يەنە.
-گەپنى نەدىن باشلايمىز دەڭە جانىم تۆنۈگۈن دەپ بىرىمەن دېگەن گەپلىرىڭىزنى.
-لېكىن ماڭا ئۆچ بولۇپ قالماڭ جۇمۇ ھەدە،بۇ گەپنى ھېچ كىمگە دەپ باقمىغان ئىدىم،مەڭگۈ ئىچىمدە يۇشۇرۇپ قالاي دېگەن لېكىن،ئاشكارلانمايدىغان  ئىش يوقكەن،ئىچىمگە سىغدۇرۇپ بولالمايدىكەنمەن.
-نېمىشقا ئۆچ بولۇپ قالىمەن،ۋەدە بېرەي بۈگۈن قانداق بولساق بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق،خالىسىڭىز ھەدەم دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ،مېنىڭ بىرلا ئىنىم بار سىڭلىم يوق،سىزنى سىڭلىم قىلىۋالىمەن تېخى.
ئايشەمگۈل ئېغىر بىر تىنىۋىتىپ سۆزىنى باشلىدى.
-ئاپام بىلەن دادام ئىككىسى توي قىلغاندا ئاپامنىڭمۇ ھەم دادامنىڭمۇ ئاپىسى يوقكەنتۇق،ئىككىلىسىنىڭ ئاپىسى كىچىك ۋاقتىدىلا تۈگەپ كەتكەن ئىكەنتۇق،دادامنىڭ ئاپىسى ئۆگەي بولغاچقا دادامنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىكەنتۇق،تويى بولغاندىكىن ئاپامنىمۇ سىغدۇرماپتۇ،چوڭ داداممۇ بىر قاتمال ئادەم بولغاچ ئارلاشمايدىكەنتۇق.دادام توي قىلىپ 3 ئاي بولغاندا چوڭ دادام تويغا كەتكەن چىقىملارنى تۆلەيسەن،ئايرىم ئولتۇر دەپ بەلەك چىقىرۋىتىپتۇ،لېكىن بەرگىنى بىر پارچىلا كېگىزكەن،دادام بىلەن ئاپام شەھەرگە كېلىپتۇ،دادام بىر دوستىدىن پۇل قەرىز ئېلىپتۇ،ھەم ئىجارە ئولتۇرۇپتۇ،دادام خەقنىڭ ياردەملىشىدىغان ئىشلىرى بولسا ياردەملىشىىپ دېگەندەك تۇرمۇشىنى قامداپتۇ،كېيىن بىر دوستىغا ياردەملىشىپ يۈرۈپ ئاز-تولا قولى پۇلمۇ كۆرۈپتۇ،تويغا كەتكەن چىقىمنىمۇ تۆلەپ بوپتۇ،ئۇ ئارىدا ئاپامنىڭ بىر قېتىم بويىدىن ئاجراپ كېتىپ نەچچە يىلغىچە بويىدا قالماي،دورا قىلىپ يۈرۈپ دېگەندەك،مەن قورسىقىدا قاپتىكەنمەن،داداممۇ شۇنداق خوش بولۇپتۇ،مەنمۇ تۇغۇلدۇم دادام بىرە بىرە دەپ قوياتتى،بۇ شۇمتەكنىڭ ئايىقى يارىشىدۇ بىزگە توغۇلىشى بىلەن تەڭلا تىجارىتىم شۇنداق ياخشى بوپ كەتكەن خۇدايىم بەرگەن قىزىم بۇ دەپ،مەن دادامغا بەكلا ئوخشايتىم،ھازىرقى ھالىتىمنى سېلىشتۇرسام،بىز قىز بولۇپ قالغىنىم بولمىسا مېنى بىر كۆرگەنلەر دادىسىغا بەك ئوخشايدۇ جۇمۇ دەيتى،بىرە يەردە ماڭساممۇ،ۋاي سىز پالانىنىڭ قىزىغۇ ھە مۇنداق ئىش باتتى دادىڭىزغا دەپ قويسىڭىز دەپ دادام بىلەن كۆرىشەلمىگەنلەر مېنى ئۇچراتسا تاپىلاپ قوياتتى.
مەن ئىككى ياشتىن ئاشقان يىلى ئۇكام تۇغۇلدى،بىر 4 جان بولغان ئىدۇق،ئائىلىمىزمۇ شۇنداق بەخىتلىك ئىدى،باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قوشنا ئولتۇرساقمۇ كۆڭلىمىز توق ئىدى،بىزمۇ چوڭ بولدۇق،مەن 7 ياشقا كىرگەن يىلى دادام مېنى مەكتەپكە بەردى،ئوقۇشۇمنى ئانچە ياخشى دەپمۇ كەتكىلى بولمايتى،شۇنداقتىمۇ تىرىشاتتىم،ساۋاقداشلىرىم ئاساسەن دېگۈدەك تۇرمۇشى بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىدى،كىچىكلىكتە ئاپامغا ئاپا باشقا ساۋاقداشلىرىمى 1 كوي 2 كوي خەجلەيدۇ كەچ بولغۇچە،ماڭا ئاران 5 موچەن بېرىسىلەر دەيتىم،ئاپام بولسا بالام بىز باشقىلارغا ئوخشىمايمىز خەقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇشى بار كېيىنچە سىزمۇ چوقۇم جىق جىق خەجلەيسىز دەيتى،مەن خوش بولۇپ ئولتۇراتتىمكەن.
مەن 3-يىللىققا چىققان يىلى بىز بىر زىمىن ئېلىپ ئۆي سالدۇق،ئۆي بىر-بىرىدىن چىرايلىق ھەم چوڭ-چوڭ ئىدى،ئايرىم ھوجرىمۇ قىلىپ بەرگەن ئىدى،كۈندىن-كۈنگە تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى،كىيىمنىمۇ ئېسىل-ئېسىل ئېلىپ بېرەتتى لېكىن كۈندە جەجلەڭ دەپ 5 موچەنلا بېرەتتى،بەزىدە ئاچچىقىممۇ كېلىپ قالاتتى،جىق-جىق  بەرسە مەنمۇ تىجەپ خەجلەتىم دەپ،يۇقىرى سىنىپقا چىققانسىرى بالىلارنىڭ خەجلىشى يوغىناشقا باشلىدى،لېكىن مېنىڭ كۈندۈلۈك خەجلىشىم 1 يۈەنگە ئۆسكەن ئىدى،بەزى نەرسىلەر ئېلىش كەلسە ئاپام بىللە بېرىپ ئېلىشىپ بېرەتتى،بىر كۈنى ساۋاقداشلىرىم باغچىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئېيىتتى،ئاپامغا شۇنداق دېسەممۇ قوشۇلمىدى،ئۇ كۈنىمۇ بارمىدىم،كېيىنكى بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى خېلىلا يېقىن ئۆتەتتۇق،شۇ يەرگە بېرىپ كېلەي دېسەممۇ نېمە ھال بۇ كىچىككىنە تۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن دەپ،ئەتە-ئۆگۈن چوڭ بولىسىلەر تويىغا بارسىڭىز بولىدۇ،بارىمەن دېسىڭىز بېرىڭ مەندە بېرىدىغان پۇل يوق دەپ تۇرىۋالدى ئاپام،چىڭ تۇتقىنى ياخشى لېكىن ھەددىن زىيادە چىڭ تۇتىۋالغىنى ماڭا بېسىم بولۇپ قالغان ئىدى،خەقنىڭ باللىرىمۇ ماڭا ئوخشاش بالىغۇ،ئۇلار بىرە يەرگە باراتتىم دېسە ئاتا-ئانىلىرى بالدۇراق قايتىپ كېلىڭ،قالايمىقان يەرگە بارماڭ دەپ بارغىلى قويىدىكەن،نېمىشقا مېنى بارغىلى قويمايدۇ؟خەقنىڭ باللىرى تۇرمۇشى بىزدىن ناچار بولسىمۇ يانچۇقىدىن ئاز دېگەندە 5 يۈەن ئۈزۈلمەيدۇ،نېمىشقا مەن شۇ 5 يۈەن پۇلنى يانچۇقۇمغا سېلىپ يۈرەلمەيمەن؟بىرە خاتا كەتكەن ئىشىم بولسا پالانىنىڭ بالىسى ئانداقكەن مانداقكەن،پوقىنى دورىيالمايدۇ دەپ تۇرىۋالغان،شۇنداق ۋاقىتلاردا دېگۈم كېلىدۇ،مەن خەققە ئوخشىمايمەن ھەم خەقچىلىك بولالمايمەن دەپ،لېكىن يەنىلا ئاتا-ئانىدا مىجەزىم ئېغىر بولغاچقىمۇ دەردىمنى كۆزۈمدىكى ياشتىنلا ئالاتتىم،دادام ئاپامنىڭ ئالدىدا يىغلىيالماي يوتقانغا كىرىۋېلىپ يىغلايتىم،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپام داداملار تۇققان يوقلاش ئۈچۈن كەتكەن ئىدى،ئۆيدە بىر نەۋرە ئاچام ئۇكام ئۈچىمىز بارتۇق،بىر نەرسە لازىم بولۇپ قالغان ئىدى،بۇ نەرسە ئاپامنىڭ كىيىم سالغان ساندۇقىدا ئىدى،باشقا ۋاقىتتا قۇلۇپلاقلىق تۇراتتى ساندۇق،ئۇ كۈنى قانداق بولغان ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ،ئىچىدىن شۇ نەرسىنى ئىزدەۋېتىپ قاتتىقلا بىر نەرسىگە قولۇم ئۇرۇندى،ئېلىپ قارىسام بىر لاتىغا يۆگەپ قويۇلغان خېلىلا كۆپ پۇل ئىكەن،جايىدا قويۇپ ئۇ نەرسىنىمۇ تاپالماي قايتىپ چىقتىم،لېكىن شەيتىنىم كۈچلىكمىن بىلمىدىم،دادام ئاپاملارنىڭ مېنى قاتتىق باشقۇرۇشلىرى يەنىلا كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى،خىيالىمدا مەنمۇ ئادەمغۇ خەجلىشىم كېرەككۇ،ئاتا-ئانامنىڭ تىجارىتى بار،پۇلنى يەنە تېپىۋالىدىغۇ دەپ ئويلاپ ئۆيدىن ھېچنىمە ئالماي پۇلنى ئېلىپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،ئۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغدى،بىر كېچە تالادا يۈردۈم،ياتاقتا يېتىشمۇ خىيالىمغا كەلمەپتۇ ئۇ ئاران 12 ياش ۋاقتىمتى،لېكىن بەدەن شەكلىم چوڭراق بولغاچ باشقىلار دەماللىققا 16-17 لەرگە كىرىپتۇ دەپ ئويلاتتى،بىر گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىۋالدىم،ئەتىسىگە بىر نەچچە قۇر كىيىم سېىتۋېلىپ پويىز ئىستانىسىسىغا باردىم،ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم،ئەمەلىيەتتە بارغان بىلەن ھېچ يەرنى بىلمەيتىم،پەقەت تېلىۋىزۇردىن كۆرىۋالغان خەلقئارا چوڭ بازارنىلا بىلەتتىم،ئەتىىسى سائەت 12 دە چۈشتىلا ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم، باشقىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ۋوگزالدىن چىقىۋالدىم،ئەمدى ئالدى بىلەن خەلقئارا بازارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاندىن بىرە يەرگە ئورۇنلىشىش بولدى،خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالىدىغا كېلىپ ئۇ يەر بۇ يەرگە مېڭىپ يۈرۈ پ بىر ئاشخانىدىن قورساق توقلاپ قايتىپ چىقىۋاتسام بىر تىل ئۆگۈنۈش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى تارتقىتىپ بەردى بىر بالا قاراپلا كاللامغا تىل ئۆگۈنۈش خىيالى كېلىپ ئۇ بالىدىن مېنى باشلاپ كىرىشىنى ئېيىتتىم،خەلقئارا چوڭ بازارغا يېقىنلىكەن،كىرىپ دەرىسىنى تىڭشىغاندىن كېيىن بىر يىللىق ياتاق ھەم ئوقۇش پۇلى بولۇپ بىراقلا 2000 نەچچە يۈز يۈەننى تۆلىۋەتكەن ئىدى،ياتاققىمۇ ئورۇنلاشتىم كام نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كارۋىتىمغا بىر تال پەردە ئالدىم،ياتاقتا ھېچكىم قالمىغان ۋاقىتتا ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئولتۇرۇپ پۇللارنى ساناپ باقتىم،خەجلىگىنىم بىلەن قوشۇپ چىقارسام ساپمۇ ساق 26000 يۈەنكەن لاسسىدە بولۇپ قالدىم،بىر تۇتاملا پۇلنىڭ بۇنچىلا كۆپ چىقىدىغىنىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم،ئاتا-ئانامنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن يەنى كېيىنكى تىجارەتلىرى ئۈچۈن يىغقان بۇ پۇلنى مەن يەنى سەترەك ئېيىقاندا مەندەك بىر ۋاپاسىز قىز ياق ياق ئوغرى قىز ئېلىپ قاچقان ئىدى،ئاتا-ئانامغا قارا يۈزۈممۇ قالمىدى،پۇل جىق بولغاندىكىن قوقماي جەجلەپ يۈردۈم،ياتاقتىكىلەرمۇ شۇنداق ۋاي دەيتتى،ئەسلى ئۇلارمۇ ماڭا ئەمەس پۇلۇمغا ۋاي دەيتىكەنتۇق،بۇنى كېيىنكى كۈنلەردە بىلدىم،كېلىپ 2 ئايدەك بولغان ۋاقىتتا مۇشۇ ياتاقتا ياتقان پەرىزات ئىسىملىك قارامايلىق بىر قىز يوقلاپ كەلدىم دەپ كەلدى،ئۇ قىز بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم،بىللە تاماق يەپ بىللە ئايلىنىپ يۈردۇق،3 كۈنگىچە ياتاقتا تۇردى 3-كۈنى كەچتە ئويناپ كېلەيلى دېدى مەن بېرىپ باقمىغان بارمايمەن دېسەم ۋاي ئۇكام قالايمىقان يەر ئەمەس خاتىرجەم بولۇڭ دېدى،مەنمۇ ماقۇل بولدى،بۇرۇن بولىدىغان ھازىر بارمىكىن يوقمىكىن بىلمەيمەن چەۋەنداز دەپ شۇ يەرگە كىرىپ ئوينىدۇق،پەرىزاتنىڭ يىگىتى يېنىدا بىر ئوغۇل بالا 4 بولۇپ بارغان ئىدۇق.

داۋامى بار..................
مەنبەسى:ھەقىقىي بولغان ئىش،كىشى ئىسىملىرى ياسالما


بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما، بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما.

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1024
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا نىمە ئۇچۇنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاپ تېپىلىپ بولسا  كىم ئەتە ئۇچۇن تىرىشىدۇ!

ھىكايىنىڭ داۋامىنى  ئوقۇپ بولوپ  بىر نىمە دەي ھە

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

بەخىت ئىزدىمە،ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13053
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ ؟؟؟  پۇلىنى ئوغرىغا بىرەمدا ؟؟؟  بولدىلا مەن تەسەۋۋۇر قىلماي يەنىلا سىزنىڭ داۋاملاشتۇرشىڭىزنى ساقلاي ............... لىكىن  تىزرەك بولۇڭ ،  بەك  تەقەززا قىلۋەتمەي

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك بۇ قىز 13 .14لەرگە كىرگەن ئىكەندە،ماۋۇ بەڭۋاشلىقنى

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:16:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن، تىزرەك يوللىۋىتەرسىز ساقلاۋېرىپ كۆزلىرىم تېشىلىپ كەتمىسۇن يەنە :qiray124

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4486
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
دېگىنىدەك خاتىرجەم بېرىپ يېنىپ كەلدۇق،ئادەم دېگەن شۇنداق توۋا ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ دېگەندەك،پۇلنىڭ پەيزىنى سۈرگەن چاغدا ئاتا-ئانامنى ئويلاپمۇ قويماپتىمەن،پەرىزات ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن ئۆيىگە كېتىدىغان بولدى،كۈنلىرىم يەنىلا ئوخشاش دەرىسكە بېرىش بىكار بولسام كىتاپخانىغا بېرىپ،بازار ئايلىنىش بىلەن ئۆتەتتى،پەرىزات كېتىپ 1 ھەپتىدىن كېيىن تېلىفۇن قىلىپتۇ،مەن تەرەپكە كەلسىڭىز ئوينىتاي دەپ خەپ دەيمەن ھەممىسى شۇ كىچىكلىك ھە.مەنمۇ ھە دەپ باردىم،3 كۈن تۇردۇم ھەممە يەرنى دېگۈدەك چۆرگىلەتتى،پەرىزات ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى،دادىسى بىلەن ئاپىسىى ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن،دادىسى پەرىزاتنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن،شۇڭا كاللىسىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىدىغان قىزكەنتۇق،3 كۈندىن كېيىن بىز ئۈرۈمچىگە بىللە قايتىپ كەلدۇق،كېلىپلا ياتاققا ماڭسام ياتاق باشقۇرىدىغان بالا ياتاققا كىرگىلى قويمىدى،بىر تۇرۇپ شۇ بالا بىلەن تىلى بىرمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،نېمىشقا كىرگىلى قويمايسىز دېسەم،سىز قالايمىقان قىز بالا بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈيسىز شۇڭا ياتاققا كىرگۈزمەيمەن دەپ،پەرىزات بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى،مېڭە بولدى بۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماي ياتىدىغان يېرى يوقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىمىكىنە دەپلا مېنى تارتىپ ئەكەتتى،نەچچە قېتىم بانكا كارتىسى بىجىرەي دېسەم ئامال بولمىغان،چۈنكى مېنىڭ كىملىكىم يوقتى،باشقىلار بىجىرىپ بېرىشكە قوشۇلدىيۇ،ۋاقتىم چىققاندا دەپ تۇرىۋالدى،شۇ ۋاقىتقىچە پۇلنى بىر سومكا ئېلىپ سومكىنى ئىچىدىكى يانچۇقىنىڭ ئەستىرىنى تىشىپ ئاستىغا سېلىپ ساقلايتىم،سومكامنى يېنىدىن ئايرىمايتىم،شۇ كۈنى كەچتە پەرىزات پاراڭلىشىپ تۇرغان بالا بىر دوستىنى ئېلىپ چىقىدىغان ھەم راسا ئوينايدىغان بولدۇق،بىزمۇ ھە دەپ تاماق يەپ بازار چۆرگىلەپ يۈردۇق،كەچتە ھەممەيلەن يىغىلىپ ئوينىغىلى باردۇق،ئەمەلىيەتتە پاراڭلىشىپ تۇرغان ھېلىقى بالىمۇ پەرىزاتنىڭ يەنە بىر يىگىتى ئىكەن،يېنىدا باشلاپ كەلگەن بالىمۇ ئىلمىي ھەم مۇلايىم بالا ئىكەن،تونۇشۇپ قالدۇق،پەرىزات بىلەن بىر مېھمانخانىدا تۇردۇق،ئۇ بالا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم،شۇ ئارلىقتا دەرىسكىمۇ بارمىدىم،ھەپتە بولغۇچە ئۇ بالا بىلەن شۇنداق يېقىن بولۇپ كەتكەن ئىدىم،ئوچۇقىنى ئېيىتسام جۈرئەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،كۆڭۈل دىگەن ساراڭ دەپ نەچچە نەچچە بىللە ئوينىغىلى چىقتۇق،لېكىن ماڭا قەتئىي قالايمىقان چاقچاق قىلمايتى،بىر كۈنى يەنە تۆتىمىز ئوخشاشلا ئوينىغىلى چىقىتۇق،كەچلىكى سائەت 1 بولۇپ كەتكەچكە ھەممىمىز بىر مېھماخانىدىنلا ياتاق ئېلىپ ياتىدىغان بولدۇق،لېكىن كىرسەن 4 كارىۋات قويۇلغان بىرلا ياتاق باركەن،كارىۋات ئايرىم بولغاندىن كېيىن مەيلىلا دېدۇق،كىرىپ پەرىزات بىلەن ئىككىمىز بىر كارىۋاتتا ياتتۇق،قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن،يېرىم كېچىدا بىر ئويغۇنۇپ بېشىمنى كۆتۈرسەم پەرىزاتنىڭ يىگىتى ئاياقلىرىنى كەيگىلى تۇرۇپتىكەن،گەپ قىلاي دېدىميۇ لېكىن گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا كۆزۈم يۇمۇلۇپ قالدى،ئەتىگىنى تۇرسام پەرىزات تېخىچە ئۇخلاۋېتىپتۇ،سومكامنى كارىۋاتنىڭ يان تەرىپىگە قويغان ئىدىم،سومكام يوق ياتاقنى ئاختۇرۇپ قېزىۋەتتى،سومكام يوق بولسا تۈگەشكىنىم شۇتى،ئەپسۇس سومكام يەنىلا يوق،ئۆيدىن قېچىپ چىققىنىمنى پەرىزات بىلمەيتى شۇڭا ئارتۇق گەپمۇ قىلالمىدىم،سومكامدا 1000 كوي بارتىلا دېيەلىدىم،پەرىزاتنىڭ لايىقىنىمۇ تاپالمىدۇق،جۈرئەتمۇ يوق،نەچچە كۈن ئۇخلىماي دېگۈدەك تورخانىدا ئولتۇردۇم،جۈرئەت ئاخىرى تورغا چىقتى،لېكىن گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى،شۇنداق قىلىپ ھەممە يوق بولدى،بىر رېستۇراندا ئىشلەيدىغان بولدۇق،ئىككى كۈن تۇرغاندىكىن پەرىزات چىدىمىدىم بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى دېدى،ھە دەپ پەرىزاتنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق،ئاپىسى ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ تازلىق ئىشچىسى ئىكەنتۇق،ئاپىسىغا ياردەملىشەتتىم،ئۆي تازىلاپ دېگەندەك،2 ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پەرىزاتنىڭ ئاپىسى‹‹بۇنداق تۇرىۋەرسىڭىزمۇ بولمايدۇ،ماڭا ياردەملەشسىڭىزمۇ مەن سىزگە بېرەمەن لېكىن سىزگىمۇ پۇل لازىم بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى بىرە يەردە ئىشلەڭ››دېدى مەنمۇ ماقۇل دېدىم بىر ئاشخانىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى،4 كۈن ئىشلىدىم،ئىشلىرىغا پەقەتلا كۆنەلمىدىم،ئىشلىرى بەك ئېغىرتى،بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىمغا تېلىفۇن قىلدىم ساۋاقدىشىمدىن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆينى سېتىۋەتكەنلىكىنى مېنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇكامنىڭمۇ ئوقۇشتىن قالغانلىقىنى بىلدىم،دادامغا تېلىفۇن قىلدىميۇ قويىۋەتتىم،دادامنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامانتى،تىك قاراپمۇ گەپ قىلالمايتىم.

بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما، بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4486
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇلارنى ئويلاپ تۇرسام ئاممىۋى تېلىفۇن سايراپ كەتتى،دادام تېلىفۇن قايتۇرغان ئىدى،تېلىفۇننى ئاپام ئالدى،قىزىم نەدە سىز بىز بارايلى قايتىپ كېلىڭ بولامدۇ،بەك تولا يىغلىغاچقىمۇ كۆزۈم ئېنىق كۆرمەس بولۇپ  قالدى،دادىڭىزنىڭ كەيپىياتىمۇ جايىدا ئەمەس،شۇنداق ئىچىم سىيرىلدى،خەپ شۇ كۈنلەرنى كەينىگە قايتۇرىۋالغىلى بولغان بولسا ماڭا كۈندە پۇل بەرمىسىمۇ،قاتتىق باشقۇرسىمۇ ماقۇل دەيتىم،لېكىن ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى،ئۆيدىكى پۇلنى مەن ئەپ چىقىپ كەتتىم،دادام ئاپاملارمۇ ۋەيران بولدى،ئۇكاممۇ ئوقۇشتىن توختىدى،قانداق قىلاي بولدى  ئۆلۈپلا تۈگەي دېدىم خىيالىمدا،يولدىن شۇنداق قارىماي تۇرۇپ نەچچە ماشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەممۇ كۆرگۈنۈم ئۆلۈمۈم ئەمەس بەلكى شوپۇرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى بولدى،بىر تال پىچاق ئالدىم ئۆزەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن لېكىن قوللىرىم تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى،پىچاقنى يەنىلا ئۆزەمگە سالالمىدىم،جان راستىنلا تاتلىقكەن،قولۇمنىڭ بېغىشىنى كەستىم قان دېگەن شۇرقىراپ چىقىۋاتىدۇ،ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئويلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تارتلىغاندەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى،مۇشۇنداق تۇرۇپ قېنىم ئېقىپ تۈگىگەندە ئۆلىمەن دېگەن ئىدىم،لېكىن ئويلىغىنىمدەك بولمىدى،ئۆيگە كەچ قالغىنىمنى بىلگەن پەرىزات مېنى ئىزدەپ چۈشۈپتۇ،مەنمۇ كاللام قايغاندەك شۇلار ئولتۇرىدىغان بىنانىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىكەنمەن،ئۆلمەي ھوشىمدىن كېتىپتىمەن،بىر چاغدا قولۇ م شۇنداق ئېچىشىپ كەتتى،پۇت-قولۇمدا جان يوقتەكلا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆيدە يېتىپتىمەن،ئۈن سېلىپ يىغلا پ كەتتىم،نېمىشقا مېنى ئۆلگۈلى قويمايسىلەر نېمىشقا،مەن بالا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس دەۋەتتىم،لېكىن پەرىزاتنىڭ ئاپىسى ئۆلسىڭىزمۇ بۇ يەردە ئۆلمەي ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆلۈڭ،نېمۇ ھە دەپ بەرسە ئۆلىۋالىمەن دەپ يۈرۈپتا دېدى،بوغۇلۇپلا قالدى،ئۆيدىكىلەرگە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ يەنە تېلىفۇن قىلدىم،مېنى بېكەتتە ساقلايدىغان بولدى،9-ئاي بولغىنىغا قارىماي پۇتۇمدا تېخى يازلىق ساپما ئاياق بار ئىدى،كىيىملىرىممۇ يېلىڭلا،پەرىزاتمۇ مەن بىلەن ماڭدى،ئاپام ساقلاپ تۇرۇپتۇ،پۇلنى تۆلەپ بىزنى ئېلىپ ماڭدى،كۆڭلۈمگە قورقۇنۇچ كۆزۈمگە ياش كەلدى،ئاپام بۇرۇنقىدىن ئۇرۇقلاپ قارىداپ كەتكەن ئىدى،كۆزلىرىنى بەك تولا چاپاق باغلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى،راستىنلا كۆزىدىن چاتاق چىقىپتۇ،داداممۇ ئۇرۇقلاپ كېتىپتۇ،دادامنىڭ كۆزىگە قاراپ شۇنداق ئەندىكىپ كەتتىم،خۇددى ئۆچى بار دۈشمىنىنى كۆرگەندەكلا قارىدى.
ئەتىسى پەرىزات ھاجەتخانىغا چىقىمەن دەپلا يوقاپ كەتتى،يوقاپ كەتكەن كۈنى بىز باشقا ئۆيگە كۆچتۇق،كېيىن بازارغا چىقىپ ماڭا بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بەردى.يەنىلا ئاتا-ئانىدا ئەپتىگە قاراپ چىدىمىدى،كەچلىگى مەندىن بىر باشتىن سوراشقا باشلىدى،ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا خەق بىلەن ياتاق ئېلىپ يېتىپ يوقاپ كەتتى دېيەلەيمەنمۇ،لېكىن ئۆزەم پاك ئىدىم،ئۇنداق ناتوغرا ئىش قىلمىغان ئىدىم،يالغان توقۇدۇم يەنە بۇ يالغانلارنىڭ ئاخىرىمۇ بېرىپ

بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما، بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4571 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋېلىپ داۋامنى ئۇقاي ؟

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

بەخىت ئىزدىمە،ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13053
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 05:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەن  تۈگەپ قالدىما داۋامى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73721
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 05:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانقىز بۇ ھىكايىمۇ بولغان ئىشمۇ؟  نىمانداق  كۆڭلى قارا قىز ئۇ.

ئاخىرىچۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش