ئىران پارلامېنتى ياۋرۇپاغا نېفىت سېتىپ بەرمەسلىكنى ئويلىشىۋاتىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى ئېنىرگىيە كومىتېتى ئەزاسى ناسىر سۇلتانى 25-يانۋار ئىران پارلامېنتىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا نېفىت تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە سۇلتانىنىڭ ئىران پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار بىر تۈرلۈك لايىھىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ، لايىھە ئاساسلىق ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە بىر تېمىممۇ خام نېفىت سېتىپ بەرمەسلىك ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەرنى ئەمدى ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان، دېگەن بايانلىرى نەقىل ئېلىنغان.
سۇلتانىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئايرىش ئۈسكۈنىسى پەقەت ئىران نېفىتىنىڭ سۈپىتىگىلا ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىران خام نېفىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان نېفىت مەنبەسىنى تېپىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدىكەن. سۇلتانى يەنە :«ئىران نېفىت ئىمبارگوسىنى يۈرگۈزۈش خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، شۇڭا ياۋرۇپا ئەللىرى تېخىمۇ يۇقىرى باھا بىلەن نېفىت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن.
ئىران پارلامېنتى ئەزاسى مائىد ھۈسەينىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران پارلامېنتى 29-يانۋار بۇ لايىھە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. مائىد بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ناۋادا بۇ لايىھە تەستىقلىنىپ قالسا، ئىران ھۆكۈمىتى چوقۇم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى نېفىت ئىمبارگوسىنى رەسمىي يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ياۋرۇپاغا نېفىت سېتىپ بەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم» دېگەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 23-يانۋار ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش ۋە ئىران مەركىزىي بانكىسىنى جازالاش قارارنامىسىنى ماقۇللىغان. قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىران نېفىتىنى ئىمپورت قىلىش، خام نېفىت ۋە تەييار نېفىتلارنى يۆتكەپ توشۇشىلا ئەمەس، يەنە ئىراننىڭ نېفىت سودىسىغا مەبلەغ سېلىش ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمەتلىرىگە قاتنىشىشىمۇ چەكلىنىدىكەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بۇ «ئاللىقاچان تۈزۈپ بولۇنغان توختام» بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يۈرگۈزۈلىدىكەن.
ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئەخمىقانە قارارنامىسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ھامان مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىران نېفىت زاپىسى ناھايىتى مول دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى 4-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نېفىت-ئىراننىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە كىرىم مەنبەسى بولۇپ، نېفىت سودىسىدىن قىلىنغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %85 دىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ
مەنبە:http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4016
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-27 01:24 PM