مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4618|ئىنكاس: 44

شېڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 3120 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 10:12:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېسىق نامى ئالەمگە تارالغان، ئۆزىنىڭ قانخورلۇقى ۋە تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن تارىخ بېتىگە ئىسمى يېزىلغان بۇ جانابى ‹زاتى شېرىپ›نىڭ دىيارىمىزدا قىلىپ ئۆتكەن ئەسكىلىكلىرى ۋە زۇلۇملىرى ھەممىگە ئايان، بىراق ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى زادى قانداق ئۆتكەن بۇنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، شۇڭا بۇ تېمىنى نەلەردىندۇر تېپىپ يوللاپ قويدۇم.

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ۋە تەقدىرىنى بىلىشنى خالايدىغانلارغا ‹تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا› ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن.

سۈرخاندىن


شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

ئاپتورى: سەي جىنسوڭ


1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» دە شاڭ جياڭ دەرىجىلىك مەسلىھەتچى، «مەمۇرى پالاتانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى پىلانلاش كومىتىتى» غا ئەزا بولدى. ئۇ بىر مەزگىل سودىگەرچىلىك قىلىپ موگو، بېلىق سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقتى، بولكىخانا ئاچتى، لىكىن ھېچقايسىسىدا سودىسىنى ئاقتۇرالماي، ئاخىر ئۈيىدە كومپارتىيىگە قارشى ماقالىلەرنى يېزىپ ئولتۇردى.


   ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقى، باشقىلارنى قەستلەيدىغان مىجەزى شۇ چاغلاردىمۇ تۈگۈمەي، شىنجاڭدا ئىشلەپ تەيۋەنگە قېچىپ كىلىۋالغان ئادەملەرنى بۇ كومىنىست، دەپ يۇقىرىغا چېقىپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ غەزىۋىگە قالدى. 1953- يىلى گۇاڭ لۇ، گۇ گېڭيى، سوڭ نيەنسى، لىن جىيۇڭ قاتارلىق 15 ئادەم جياڭ جېشىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا تەيۋەندىكى ئەبەيدۇللا  قاتارلىق 114 كىشى ئەرىز سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. 23- كۈنى شېڭ شىسەي ئۇلارغا رەددىيە بىرىپ: مەن دۆلەتنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم دەپ ئۈزىنى ئاقلىدى ۋە يازغان نەرسىسىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بەردى. ئۇ مۇشۇنداق نارازىلىقلارنىڭ ئىچىدە يەنە جياڭ جېشىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئامان-ئېسەن ئۈتۈپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بىرىلىدىغان بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوردېنلارغا، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيە ئوردېنىغا ئىرىشتى.


   شېڭ شىسەي تەيۋەنگە بارغاندىن كىيىن، «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئون يىلدىن ئەسلىمە»، «قانداق قىلغاندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۋېلىش بۇرچىمىزنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندىغىلى بۇلىدۇ»، «كومىنىزىم ۋە كاپىتالىزىم دەۋرىنىڭ ئۆتمىشى، دىموكراتىيە ئەسىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى» قاتارلىق كىتاپلارنى يازدى. ئۇ تەپ تارتماستىن: ‹  «ئەسلىمە» ئىنتايىن مۇھىم كىتاپ، شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىشلىرى كېرەك، ئۇ مىنىڭ سىتالىن ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن قىلغان بىۋاستە كۈرەشلىرىمنىڭ تارىخى› دىدى. ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەينىڭ كىتاپ يېزىپ، ماقالە يېزىپ كومىنىزىمغا قارشى تۇرۇش، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى تەرغىپ قىلىشتىن باشقا قىلغۇدەك ئىشى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ پۇشاتتى.


   ئۇنىڭ ئەمدى ئۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلغۇدەك ئەھۋالى يوق ئىدى، قۇلىدىنمۇ كەلمەيتتى، ئۈرۈمچىدىكى بوغدا چوققىسىنى ئەسلەپ، سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى. ئۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇستەققىل پادىشا بۇلۇپ ياشىغان ئىدى. ھەربى دەرىجىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاڭ جياڭى بولسىمۇ ، لىكىن خۇڭ پۇ ھەربى مەكتىۋىدە ئۇقۇمىغان. ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، لىكىن مەركەزدىكى ئەمەلدارلار سورۇنى بىلەن ئاز باردى-كەلدى قىلغان ئىدى. شۇڭا تەيبېيگە كەلگەندىن كىيىن كۆپ ئادەملەر بىلەن بېرىش-كىلىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ بېرىش-كىلىش قىلغان ئادەملەرمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭدىن قاچتى. شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە يېقىن  ئۈتۈدىغان بىرمۇ دوس-بۇرادەرلىرى  بولمىدى.


   بۇ دۇنيادىن دېرەكسىز يۇقاپ كىتىۋاتقاندەك ياشاۋاتقان تۇرمۇش ئۇنى تېخىمۇ غەمكىن، خەقلەردىن تېخىمۇ قاچىدىغان قىلىپ قويغاچقا، چەت بىر يەردىن ئۆي ئېلىپ، ئاخىرىقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلىۋاتقىنى خۇتۇنى بىلەن ئەسلىمىسىلا ئىدى. ئۇندىن باشقا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى ئىدى. ئۇنىڭ توختىماي بېشى ئاغرىيتتى، يۈرىكى سالاتتى، پۇت-قوللىرى كۈيىشەتتى. بىر قېتىم قىسقا ۋاقىت كۈزى كۆرمەسمۇ بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان – تۇمۇر كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭغا دۇرا بىلەن داۋالىنىشتىن باشقا ئۈزىنى بىر خىلى تۇتۇشنى، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىماسلىقنى ئېيتتى.


   شېڭ شىسەينىڭ تەيۋەندە تۇققانلىرى يوق ئىدى. ئانىسى بىلەن سىڭلىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان ئىدى. تەيۋەنگە بىللە ئېلىپ كەلگىنى ئىككىنچى ئىنىسى شېڭ شىيىڭ، بەشىنچى ئىنىسى شېڭ شىجىلا  ئىدى. چوڭ ئوغلى كې جىڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چېڭ يېنىدا ئىدى. چوڭ قىزى كې چىن، كەنجى ئوغلى كې ۋىن ئامىرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. شېڭ شىسەي ئىنىللىرى بىلەنمۇ كۆپ باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. ئۆز ۋاختىدىكى «ئاۋام گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى چېن جىيىڭ بىلەن يىلدا بىر – ئىككى قېتىم كۈرۈشۈپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر پىكىر بار ئىدى. چېن جىيىڭ ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم كەلگەن. شىنجاڭنىڭ 1938- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار يېزىلغان، قىممىتى بار «شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم» ناملىق كىتاپنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇ چاغدا خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان ئىدى. |


   1970- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شېڭ شىسەي ئۆز ئۈيىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ، تەيبېي شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 76 يېشىدا ئۆلدى. شۇ چاغدا يېنىدا خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چىڭلار بار ئىدى. ئەتىسى ئۇنىڭ جەسىدى ئامىرىكىدىكى قىزى كەلگۈچە تەيبېي شەھىرى مىنچۇەن كوچىسىدىكى جەسەتخانىغا قۇيۇپ تۇرۇلدى.


   8- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ئائىلىسىنىڭ، سائەت 9 دا دەپنە كومىتىتىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جياڭ جېشى گۈلچەنبىرەك ئىبەرتتى. سابىق غەرىبىي شىمال ئارمىيە-ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى گو جى چياۋ  قاتارلىقلار  ئۇنىڭ جەسىدى ئۈستىگە دۆلەت بايرىقى ياپتى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى «زوڭتۇڭ» جياڭ جېشى بىلەن  «مەمۇرى پالاتا» باشلىقى يەن جياگەن «ساداقەت مۇكاپاتى» بىلەن ئۇنى مۇكاپاتلىغان ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ جەسىدى تەيبېي شەھىرى شىمالىي ياڭ مىڭشەن تېغىدىكى 1- ئۇمۇمى قەبرىستانلىقنىڭ 12- رايۇنىغا كۈمۈلدى. 16 يىلدىن كىيىن خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ نيۇ يوركتا ئۆلدى.



ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13020
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5738 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىينالمايلا ئۆلۇپتۇ بۇ ئىت جاللات

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4143
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4338 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:46:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن ، بەك ئاسان ئۈلەپتۇ بۇ ئەبلەق، ھۇي جۇھۇت، قان قەرزىمىزنى قىيامەتتە بىر بىر لەپ بىرەسەنغۇ

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14859
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 5730 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاللات
جاللات
جاللات

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72732
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىينالمايلا ئۆلۇپتۇ بۇ ئىت جاللات:qiray143:qiray143:qiray143

ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، بىز ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت.

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11412
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3107 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇڭ مېيلىڭغا كۆز تاشلىغىنىنى جاڭ جېيشى بىلەلمىگەن چېغىۋاكەن:qiray11

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئاسان ئۆلىۋاپسىنا قىرى ئوغرى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguz2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 01:03 PM  


يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54326
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3403
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-9-2
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسىرمەيلى ، ئاللاھ ئىگەم قىيامەت كۈنىدە جاجىسىنى بېرىدۇ ، ھازىرمۇ قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقاندۇ مۇنۇ كاپىر

ھارامدىن تاپقان ئاش ئاش ھېسابلانماس ،
ئادالەت ئۈچۈن ئاقمىغان ياش ياش ھېسابلانماس .
كىشى بېشىم بار دەپ مەغرۇرلانمىسۇن ،
سەجدىگە بارمىغان باش باش ھېسابلانماس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54326
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3403
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2011-9-2
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:05:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسىرمەيلى ، ئاللاھ ئىگەم قىيامەت كۈنىدە جاجىسىنى بېرىدۇ ، ھازىرمۇ قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقاندۇ مۇنۇ كاپىر

ھارامدىن تاپقان ئاش ئاش ھېسابلانماس ،
ئادالەت ئۈچۈن ئاقمىغان ياش ياش ھېسابلانماس .
كىشى بېشىم بار دەپ مەغرۇرلانمىسۇن ،
سەجدىگە بارمىغان باش باش ھېسابلانماس .

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3359
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ دەپ،جىياڭجىيشى بۇ قانخور ئىتنىڭ ھەممە ئىشىنى بىلسىمۇ يەنىلا ئۇنى قوغدىغان لىكىن ھوقۇق بەرمىگەن.بىز تارىخى كىتابلاردا ھازىرغىچە جىياڭجىشىنى تىللاپ كېلۋاتىمىز،شۇ تىللىغانلىرمىز قانخور جاللات شىڭشىسەيگىمۇ ھېساپ بولۇپ قالار.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش