زۇڭتۇڭ تۈزۈمى بىلەن پارلامنت تۈزۈمىنىڭ پەرقى
زۇڭتۇڭ تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىدىلىكى بار :
(1) زۇڭتۇڭ دۆلەت تۈزۈمىدە ھەم ھۆكۈمەت باشلىقى ھەم مەمۇرى باشلىق بولۇپ ، مەمۇرى ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ ، ئۈچ خىل ئارمىيىنى باشقۇرىدۇ ؛
(2) مەمۇرى ئورگانلار ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولىدۇ ، پارلامنت ئەزالىرى قوشۇمچە مەمۇرى ۋەزىپىلەرگە ئارىلاشسا بولمايدۇ ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ قوشۇمچە پارلامنت ئەزاسى بولمايدۇ ؛
(3) سايلانغان زۇڭتۇڭ ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ ، زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامنت سايلىمى ئايرىم – ئايرىم ئۆتكۈزىلىدۇ ، پارلامنتتىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيە بولۇشى ناتايىن ؛
(4) پارلامنت زۇڭتۇڭغا ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ ، زۇڭتۇڭنىڭمۇ پارلامنتنى تارقىتىۋىتىش ھوقۇقى بولمايدۇ . ۋەكىللىك دۆلەتلەر : ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر .
پارلامنت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى – دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىۋىتىلگەن . دۆلەت باشلىقلىق ۋەزىپىسى كۆپىنچە سىمۋول خارەكتىرىدىكى ۋەزىپە بولۇپ ، ھەقىقى مەمۇرى ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ . ھۆكۈمەت باشلىقى پارلامېنىتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە ياكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بىرلەشمە پارتىيىدىن تاللىنىدۇ ، ھوقۇقى پارلامېنىتنىڭ قوللىشىدىن كىلىدۇ ھەم پارلامنېتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورۇن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ . پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە پارلامېنت ۋەزىر (زۇڭلى) گە ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە ، ۋەزىر (زۇڭلى) نى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشكە قىستىسا بولىدۇ . ۋەزىر (زۇڭلى) مۇ خالىغان ۋاقىتتا پالامېنتنى تارقىتىۋەتسە بولىدۇ . ۋەكىللىك دۆلەتلەر : ئەنگىلىيە ، گىرمانىيە ، ھىندىستان ، ئىتالىيە قاتارلىقلار .
زۇڭتۇڭ تۈزۈمىدە ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋىتىلگەن بولىدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىدۇر . ھالبۇكى پارلامېنت تۈزۈمىدە ھوقۇق ئۇنچە ئېنى ئايرىلمايدۇ ، مەمۇرى ئورگان قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ ، ھۆكۈمەت پارلامنتقا مەسئۇل بولىدۇ .
زۇڭتۇڭ تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقا يەنە بىرخىل زۇڭتۇڭ تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مۇجەسسەملەشنى نىشان قىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بولۇپ ، ئۇ يىرىم زۇڭتۇڭ تۈزۈلمىسى ياكى زۇڭتۇڭ – پارلامېنت تۈزۈلمىسى ، دەپ ئاتىلىدۇ . يىرىم زۇڭتۇڭ تۈزۈلمىسىدە ، زۇڭتۇڭنىڭ پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ پارلامېنتنى تارقىتىۋىتىش ھوقۇقى بولىدۇ ، ھەتتا دۆلەت جىددى ئەھۋال كۆرۈلگەندە ، پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ ئالاھىدە ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقىمۇ ھوقۇقلۇق . مەسىلەن : شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
قانۇندىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز قانۇن بلوگىغا مەرھەمەت قىلىڭ .
http://www.kanunblog.com/