ئالىكساندېر رېباك 1986 -يىلى5ئاينىڭ13-كۈنى بىلروسىيەدە تۇغۇلغان نورۋىگىيەلىك ناخشىچى،مۇزىكانت،ئىسكىرىپكىچى،پىئانىنوس،يازغۇچى ۋە ئارتىس.
2009-يىلى روسىيەنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن"2009-يىللىق ياۋرۇپا ناخشا مۇسابىقىسى"گە نورۋىگىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ ئۆزى ئىجاد قىلغان ناخشا"Fairytale "نى ئېيتىپ 387نۇمۇرغا ئېرىشكەن بۇلۇپ،بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ھېساپلىنىدۇ.ئەڭ دەسلەپ چىقارغان پىلاستىنكىسى"Fairytales " نورۋىگىيە ۋەروسىيەدە شەرەپ تاختىسىدا چىمپيۇن بۇلۇپلا قالماي،يەنە توققۇز ياۋرۇپا دۆلىتىدە شەرەپ تاختىسىدىكى ئالدىنقى 20نىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
ھايات كەچۇرمىشى
ئالىكساندېر رېباك 1986-يىلى5-ئاينىڭ13-كۈنى بىلروسىيەنىڭ مىنىسكىدا تۇغۇلغان بۇلۇپ،4ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نورۋىگىيەگە كۆچمەن بۇلۇپ چىقىپ كىتىدۇ.
بەش ياشتىن باشلاپ پىئانىنو ۋە ئىسكىرىپكا چالىدۇ.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ناتالىيا ۋېلىنسىنېۋنې رېباك(كىلاسسىك پىئانىنو چالىدۇ)،ئىگېرى ئالىكساندېرۋىچ رىباك (داڭلىق كلاسسىك شوخ رېتىم ئىسكىرىپكىچى). ئالىكساندېر رېباك پراۋوسلاۋىيە دىنىدا چۇقۇندۇرۇلغان بۇلۇپ،كىچىكىدىن مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۈسۈپ يىتىلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:مەن ھەمىشە كۈڭۈل خوشلىقىنى ياقتۇرىمەن،قانداق بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ مىنىڭ كەسپىم.ھازىر
ئالىكساندېر رېباك Aker Brygge دا ئولتۇرۇشلۇق.
ئالىكساندېر رېباكنىڭ كەيپىياتىدىكى مەسىللەر
2010-يىلى ئالىكساندېر رېباك غەزەپلىنىش كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىقى ئوبزورچىلارنىڭ"ئالىكساندېر رېباكنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشىدا مەسىلە بار"دېگەن گۇماندا بولدى.2010يىللىق ياۋرۇپا ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ رېپىتسىيەسىدە مۇزىكا كونترول خادىمىنىڭ ئۇنىڭ تەلىپىگە يىتەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ مۇزىكا كونترول خادىمىنىڭ قۇلىغا زەردە بىلەن ئۇرۇپ بارمىقىنى يارلاندۇرۇپ قويغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە،6-ئايدا شىۋىتسىيە تېلۋىزىيە ئىستانىسىدىكى رېپىتسىيەدە
ئالىكساندېر رېباك ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى پولغا قاتتىق ئېتىۋەتكەن،شۇ سەۋەپتىن شۇ قېتىملىق ئۇيۇن قۇيۇشى بېكار قىلىنغان.
ئالىكساندېر رېباكنىڭ ۋاكالەتچىسى شېي ئارېيك تىتنېس(Kjell Arild Tiltnes)ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئالىكساندېر رېباكنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا مەسىلە يوق" دېدى.ئۇيەنە مۇنداق دەيدۇ:
ئالىكساندېر رېباك ئاچچىقىنى پەقەت ئۆزىدىن چىقىرىدۇ،مىنىڭچە ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىشقا
سەۋەبى يوق.ئالىكساندېر رېباك ئىپادە بىلدۈرۈپ:مەن ئەزەلدىن ئۆز ئاۋازىم ھەققىدىكى ئىشنى تىلغا ئېلىپ باققان ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىلغا ئالغۇدەكمۇ مەسىلە ئەمەس.مەن پەقەت ئاددى ئىنسان،ھەرگىزمۇ
كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنداق مۇكەممەلمۇ ئەمەس.قىيىنچىلىققا،ئوڭىشسىزلىققا ئۇچراش يامان ئىش ئەمەس،
مەن مۇشىنچىلىك ئىشقا توختاپ قالسام بولمايدۇ،بۇ مىنىڭ ئۆز-ئۆزەمدىن ھالقىشتىكى مۇھىم ئىش.
ئۈسۈپ يىتىلىشى
ئالىكساندېر رېباك بالىت مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان بۇلۇپ،ياۋرۇپا ناخشا مۇسابىقىسىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقى سەۋەبىدىن ھازىر ئۇقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ تۇرماقتا.2004يىلى ئۇ " Anders Jahre مەدەنىيەت مۇكاپاتى "غا ئېرىشتى.2005-يىلى ئۇ مىنەۋەرلەر پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىگە كىردى.2006-يىلى ئۇ نورۋىگىيە رادىيو شىركىتى ئۆتكۈزگەن تالانت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،ئۆزى
ئىجاد قىلغان ناخشىسى "Foolin" ئۇرۇنلاپ "Kjempesjansen" مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تۆۋەندە بۇ ياش تالانت ئېگىسىنىڭ بىر نەچچە ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىىشىڭلارغا يوللىدىم.
flash=500,350]http://player.youku.com/player.php/sid/XMjAyNjQyODEy/v.swf[/flash][/flash]
مەنبە:ئىزدەنگەنلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-27 03:54 PM