مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1260|ئىنكاس: 15

مايمۇننىڭ ئادەمنى ئۇسۇلغا سېلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5560
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 04:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                  مايمۇننىڭ ئادەمنى ئۇسۇلغا سېلىشى  

                                                    (ھەجۋى)

   
  يېقىندا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغانمىش. 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قوياش سېستېمىسىنىڭ مەركىزىدە ئالەمنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلارمىش. يىغىنغا <<قوياش سېستىمىسىغا تەۋە ھەر   قايسى پىلانېتلاردىكى جانلىقلارنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىدۇ، شۇڭا ھەر پىلانېتلاردىكى جانلىقلار تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ ۋاقتىدا قاتنىشىڭلار !>> دەپ ئۇقتۇرۇش تارقالغانمىش .
    يەر شارىدىكى جانلىقلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىكىن كېيىن، يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يىغلىپ، يىغىنغا بارىدىغان ۋەكىللەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. كۆپ تالاش-تارتىشتىن كېيىن مايمۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ:
- كۆپچىلىك مىنىڭ قارىشىمچە قۇياش مەركىزىدىكى يىغىنغا ھەممىمىزگە ۋاكالىتەن ئادەملەر بېرىپ كەلسە دەيمەن، بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
  1. ئادەملەرنىڭ تەرەققىياتى باشقا مەخلۇقلارنىڭكىگە قارىغاندا بەك يۇقىرى، ھەم ئادەملەر مارىسقا قەدەر    بېرىپ باققان، ئادەملەرنىڭ ئۇچار كىمىلىرىمۇ بار  .
2. ئادەملەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بەك يۇقىرى، بانكىدا ساقلاۋاتقان پۇلىمۇ جىق .
3. ئادەملەر باشقا مەخلۇقلارغا ۋەكىل بولۇپ بارسا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىگە. مەسىلەن: ئادەملەر ھەم ئوتخور ھەم دانخور ھەم گۆشخور.
    مايمۇننىڭ بۇ  تەكلىپىگە  ناھايىتى كۆپ مەخلۇقلار  قوشۇلۇپتۇ. ئادەملەرنىڭ قوياش مەركىزىگە بارىدىغان ئالاھىدە ۋەكىللىرى مايمۇننىڭ بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ.
    ئەمما بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىشەكنىڭ ۋەكىلى قول كۆتۈرۈپ:
- خوش، ئادەملەر بىزگە ۋاكالىتەن بارسىمۇ بولىدۇ، ئەمما قوياش سېستىمىسىدىكى يىغىندا يوقلىما قىلىپ (ئىشەكنىڭ ۋەكىلى كەلدىمۇ؟) دىسە ئادەم قول كۆتۈرۈپ(كەلدىم) دەيدۇ، ئۇنداق بولسا سەھنىگە چىقىپ ئۆزۈڭنى تونۇشتۇر دىسە، سەھنىدە مەندەك ھاڭرىيالامدۇ ؟مەندەك ھاڭرىيالمىسا مىنىڭ ئوبرازىمغا داغ تەگمەمدۇ ؟ شۇڭا ئۆزۈم بېرىشىم كېرەك. چۈنكى مەن يەر شارىدا بىردىنبىر  ئېشەك.
    شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئارقىدىنلا  كالىنىڭ ۋەكىلى، ئىتنىڭ ۋەكىلى، قاغىنىڭ  ۋەكىلى ........ قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرى چىقىپتۇ. ئادەمنىڭ  ۋەكىلى بۇ مەخلۇقلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئويلىنىپ قاپتۇ.
  (مەن مەركەزگە ۋەكىل بارغان ئىكەنمەن، چوقۇم  باشقىلارنىڭ  رولىنى ياخشى  ئېلىشىم كېرەك، بۇ مەخلۇقلارنى مايمۇن جانابلىرىنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئوسال قىلىشىم كېرەك.)
-مايمۇن جانابلىرى، مەن دېگەن ئادەم، ئادەم دېگەن قايسى ئىشلارنى قىلالمايدۇ دەپ مايمۇننىڭ كۆزىگە  قاراپتۇ.
مايمۇن ئادەملەر ۋەكىلىنى ئايرىم ئورۇنغا چاقىرتىپ پىكىرلىشىپتۇ. ئادەملەر ۋەكىلى مايمۇنغا مۇنداق دەپتۇ:
    - ئۇ مەخلۇقلار دىسە دەۋېرىدۇ. سىلە ئۆزلىرىنىڭ قارشى بويىچە مىنى بەلگىلەۋەرسىلە ، مەن چوقۇم  سىلىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن  قۇياش مەركىزىدىكى يىغىنغا ماڭغۇچە ئۇنداق دۆت مەخلۇقلارنىڭ رولىنى ئۆزىدەكلا ئېلىپ، يىغىنغا  قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا  ئېرىشىمەن .
مايمۇن ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن ئادەملەر ۋەكىلىنى ھەم ئۆزىگە شۇنداقلا يەر شارىدىكى باشقا مەخلۇقلارغا ۋاكالىتەن 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قۇياش  سېستىمىسىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا بېرىشقا  كۆرسىتىپتۇ. ئادەملەر ئىچىدىكى ۋەكىللەر  قوياش مەركىزىدىكى يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقۇدەكمىش. بەزى ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ  كېتىشى شۇ سەۋەپتىن بولۇۋاتقان يېڭى تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسىمىش.
ھەي ئەقىللىق ئىنسانلار، ئويلاپ كۆرۈڭلاركى: بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارغا بېرىدىغان تەسىرى قانداق   بولار؟ شۇڭا نۇرغۇنلىغان سوئاللار تۇغۇلماقتا .
   1.  ئادەم دېگەن نېمە؟ 2. ئېشەك دېگەن نېمە ؟  3. كېچىنىڭ  گۈزەللىكى قەيەردە ؟
   4.  ھالۋا بىلەن تېزەكنىڭ پەرقى قەيەردە ؟
                                 
                                     ئالتۇندىن ھەل بەرسەڭمۇ كىسەكتۇر-كىسەك،
                                     گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك.
                                    ئېشەكتۇر ئۇ ئېشەك، بەرىبىر ئېشەك ،.....
                                    دېمەك بۇ ھېكمەتنى زۆرۈر بەك بىلمەك.

                                         ئاپتورى: مەخەت ئابدۇرېھىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 08:24 PM  


ھۆپۆپۆپ چۈش

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3136
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 07:26:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2212
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9420 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 07:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  دەۋىر تەرەقىي قىلىۋاتقان بىلەن ئەمما بۇ تەرەقىياتنىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كىتىپ بارىدۇ .
مىنىڭچە قارىشىمچە : ئىنسانلار بۇرۇن ئىپىدائىي ھالەتتىن تەرەقىي قىلغان ھالەتكە ماڭدۇق ئەمدى ئىپىدائىي ھالەتنى تەرەقىيات دەيدىغان بۇلىۋالدۇق. :qiray9:qiray6

ماڭغان يولۇڭدا غېرىپسەن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن يالغۇزلۇق ھىس قىلما!ساڭا قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەيۈسلىنىپمۇ كەتمە. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبى دۇنيا بىلەن باغلانغان چاغدا ، ئى قەلبى بىلەن يالغۇز قىلىش سۈيگۈسىگە چۈمۈلگەن ئىنسان ساڭا مۇبارەك بولسۇن.

جىسمىڭدا قىزلارغا خاس نازىڭ ،ق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8076
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 4319 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 07:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا قىززىق ،بەك توغرا ئىپادىلىنىپتۇ ھە ،ھەي توۋا ،ئادەملەر كۆپ قىرلىشىپ كەتتى ھازىر ،بۇرۇنمۇ شۇنداقمىتى يا:qiray134:qiray134

يىقىلساڭ زارلىما ،ئۈمۈد ئۈزمە ھەم
ھاياتنىڭ يازىدىن قىشى  تولا ھەم
تاغلاردەك مەزمۇت تۇرامسەن بەردەم
كۆرۈپ باق بۇ ھايات سىناقىدا ھەم

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 313
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 08:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېشەك بولسىمۇ ئەقلى باركەن.بىزنىڭ خەلق ۋەكىللرىمۇ ئۆگىنىپ قويسا بولامدۇ نىمە.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7535
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 08:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال قانچە ؟ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمىز يېڭىلىققا شۇنچىلىك ئامراق ئۇلار يېڭىلىق دىسە قانداق ھۇنەر بولسا جېننى تىكىپ ئۇگىنىدۇ . بىز ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ شۇنچىلىك كۇچىسەكمۇ بىزنىڭ تەربىيەلىرىمىز باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان يېڭىلىققا تەڭ بولالمايدۇ . مۇشۇنداق روھى ھالەت بىلەن مېڭىۋاتقان باللارغا قانداقمۇ ئۇمۇت باغلىغىلى بولار دەيمەن .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 08:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئادەملەر باركى قىلغان قىلىقىنى ھايۋانلارمۇ قىلمايدۇ ........

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53615
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1020
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 09:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاستىغا يېزىلغان رۇبائىنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم ،بەك كەپتۇ!

بەزىلەردە ئۇقۇشماستىنلا كاللا بولۇپ قالغان ،ئۇلارغا يىلىكلا بولسا يېتەتتى........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41408
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 12
توردا: 1826 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 09:37:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىلىك ئەسەركەن،  ۋەكىل، قۇرۇلتاي، .......   ھەقىقەتەن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ، بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسا.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2148
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 11:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز ھارقى ئادەملىرمىز ھەممە ھايۋانلارنى دوراپ بولدۇققۇ مانا:qiray122:qiray122

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش