مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 8

ئىلى ھاكىم بەگلىرى توغرىسدا مەلۇمات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33990
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 03:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى ھاكىم بېگى مەنسىپى ئۈچىنىچى دەرىجىلىك مەنسەپ بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھەربىي مەھىكىمە تۈزۈمى دەۋرىدە ئىلى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشنى باشىقۇرۇش ئۈچۈن، تەسس قىلىنغان مەخسۇس ئەمەلدۇر. دەسلەپتە چىيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى (مىلادى 1760-يىلى) تەسس قىلىنغان. ئىلى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشى تارىختا <<مۇسۇلمانلارنىڭ تېرىقچىلىقى>> دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەمەلدارلار گۇرۇھىنىڭ بارلىق خادىملىرىغا قارىتا نورما بېكىتىپ ئىجارە-يىغىشنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى، يەنى بىر ئائىلە يىلغا 16 كۈرە ئاشلىق تاپشۇراتتى، ئىلىدىكى 6000 ئائىلە بوز يەر ئاچقۇچى دېھقان بويىچە ھېسابلىغاندا تاپشۇرىدىغان ئومۇمىي ئاشلىق 96 مىڭ كۈرە بولۇپ، بۇنى ھاكىمبەگ يامۇل مەھكىمىسى يىغىپ يۇقىرىغا تاپشۇراتتى. چىيەنلۇڭنىڭ 54-يىلى (مىلادى 1789-يىلى) چىڭ ئوردىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ھېسابقا ئېلىپ، 4000 كۈرە ئاشلىق ئىجارىسى قوشقانلىقتىن ئومۇمىي تاپشۇرىلىدىغان ئاشلىق يۈز مىڭ كۈرىگە يەتتى. بۇ شۇ جايدىكى ئەسكەر ۋە پۇقرالار ئېستىمال قىلىدىغان ئاشلىقنىڭ %62 نى ئىگىلىگەنلكتىن  <<مۇسۇلمانلارنىڭ تېرىقچىلىقى>> نىڭ ئەھمىيىتى زور ئىدى. شۇڭا چىڭ ئوردىسى ئىلى ھاكىمبەگلىكىگە ئادەم تاللاشقا باشتىن-ئاخىرى ئەھمىيەت بىرىپ كەلدى، تۇنجى ئىلى ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن مۇسا شىنجاڭدا چىڭ ئوردىسىغا ئەڭ ئاۋۋال بەيئەت قىلغان تۇرپان ۋاڭى ئىمىن خوجىنىڭ ئىككىنىچى ئوغلى بولۇپ، فو گو گۇڭ (دۆلەتكە ياردەم بەرگۈچى تۆرە) لۇققا نائىل بولغان.
2-نۆۋەت ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەن ئورانزىپ، مۇسانىڭ ئىنىسى بولۇپ، 39 يىل ۋەزىپىدە ئولتۇرۇپ ئىلگىرى-كېيىن 1-دەرىجىلىك تەيجى بولغان، ئۇنىڭغا 1-دەرىجىلىك تەيجىنى ئۆمۈرلۈك تۇتۇشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا، ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن. ئەمما مەنسەپكە ئىگە بولغان ھاكىمبەگلەر مەنسەپ تۈرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا كۆچمە ئەمەلدار بولۇپ، مەنسەپكە ۋارسلىق قىلىشقا بولمايتتى. بۇ تەرىپى گىرافلىق ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئوخشىمايتتى. بۇ توغرىلىق پادشاھ چىيەنلۇڭنىڭ ئىلى ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەشكە بۇلۇش-بولماسلىقى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدە ئېنىق بەلگىلمە بار بولۇپ، 15 ئادەم (قېتىم) تەيىنلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىزى ئىمىن غوجا ئەۋلادىدىن تەيىنلەندى. بۇ جەمەت ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نامى چىققان مەرتىۋىلىك جەمەت بولۇپ، ئۇلار ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، مەيلى چىڭ سۇلالىسى، جۇڭخۇا مىنگۇ (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) - دىن تارتىپ يېڭى جۇڭگۇغىچە ئىزچىل ئىلىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە زۆرۈر رول ئوينىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆلكە تەسس قىلىنغاندىن كېيىن بەگلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1. مۇسا ئىمىن غوجا . چىيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى (مىلادى 1760-يىلى) 4-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، چىيەنلۇڭنىڭ 31-يىلى (مىلادى 1766-يىلى) كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

2.ئورانزىپ ئىمىن غوجا. چىيەنلۇڭنىڭ 31-يىلى (مىلادى 1766-يىلى) ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، چىياچىڭنىڭ 10-يىلى (مىلادى 1805-يىلى) 8-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

3.مېلىكىزات ئورانزىپ . چىياچىڭنىڭ 10-يىلى (مىلادى 1805-يىلى) ئاۋۋال ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، كېيىن تەيىنلىنىپ، تەخمىنەن چىياچىڭنىڭ 19-يىلى (مىلادى 1814-يىلى)  كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

4. توختى (توقىلەك) . جىياچىڭنىڭ يىللىرىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس. ئىشىك ئاغا بەگلىك مەنسىپى بىلەن مېلىكىزاتنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان.

5. ئىسھاق. جىياچىڭ يىللىرىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، تەپىسىلاتى ئېنىق ئەمەس. بۈگۈرگە ھاكىمىبەگ بولۇپ يۆتكەلگەن.

6. مۇھەممەد ئىمىن .  جىياچىڭنىڭ يىللىرىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس. ئىشىك ئاغا بەگلىك مەنسىپى بىلەن ئىسھاقنىڭ ئورنىغا  ھاكىمبەگلىككە ئولتۇرغان.

7. خوشنىزات مېلىكىزات. 1-درىجىلىك ئىشىكئاغا بەگلىك مەرتىۋىسى بىلەن مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئورنىغا ھاكىمبەگلىككە ئولتۇرغان (تەيىنلەنگەن). چىياچىڭنىڭ 21-يىلى (مىلادى 1816-يىلى) تەخىتكە ئولتۇرغان.  چىياچىڭنىڭ 23-يىلى (مىلادى 18164-يىلى)  كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

8. خالزات خوشنىزات . چىياچىڭنىڭ 23-يىلى (مىلادى 1818-يىلى)  تەخىتكە چىققان. 25-يىلى (مىلادى 1820-يىلى) مەنسىپى تۆۋەنلىتىلىپ ئىشىكئاغا بەگلىكىگە چۈشۈرۈلگەن،كېيىن يەنە ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەن، داۋگۇاڭنىڭ 25-يىلى (مىلادى 1845-يىلى ) 8-ئايدا ھاكىمبەگلىك مەنسىپىدە تۇرغان چاغدا پايتەخىتكە چاقىرتىلغان.

9. بەكرى ئاخۇن.  چىياچىڭنىڭ 25-يىلى (مىلادى 1820-يىلى)  مۇۋەققەت ھاكىمبەگ بولغان.

10. دۆلەت. بەكرى ئاخۇننىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان. تەپسىلىي يىل، ئاي، كۈنلىرى ئېنىق ئەمەس.

11. چورۇق (مۇھەممەد ئىمىن) . ئىشىكئاغا بەگلىك نامى بىلەن ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەن. داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى (مىلادى 1824-يىلى ) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

12. خالزات خوشنىزات. داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى (مىلادى 1824-يىلى ) ۋەزىپىگە تەيىنىلىنىپ، شىيەنفېڭنىڭ 4-يىلى (مىلادى 1854-يىلى) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

13. مەزەمزات خالزات. شىيەنفېڭنىڭ 8-يىلى (مىلادى 1858-يىلى) ئىشىكئاغا بەگلىك مەرتىۋىسى بىلەن  ھاكىمبەگلىككە تەيىنىلەنگەن. توڭجىنىڭ 3-يىلى (مىلادى 1864-يىلى) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

14. ئابدۇروسۇل. توڭجىنىڭ 3-يىلى (مىلادى 1864-يىلى) ۋەزىپىگە تەيىنىلىنىپ، توڭجىنىڭ 4-يىلى (مىلادى 1865-يىلى) 7-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

15. ئىلياسخان مەزەمزات (بوۋاق غوجا). گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى (مىلادى 1883-يىلى ) 5-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنىلىنىپ، گۇاڭشۈنىڭ 18-يىلى (مىلادى 1892-يىلى) 7 ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 03:37 PM  


ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ  كەلگۈسىگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72732
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 04:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى ئۇنتىماسلىق كىرەك :qiray11

ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، بىز ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت.

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 05:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئاستانىلىك ئىمىن خوجىنىڭ ئەۋلاتلىرى :qiray14

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 05:31:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چورۇق ھېكىمدىن باشقا  ھەممىسى  مانجۇنىڭ غالچىلىرى .

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

بىزكىم ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5122
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 06:48:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ يېقىن زامان تارخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن  رومانلارنى ئۇقىسام بەك ئەرۋيىم ئۇچىدۇ جۇمۇ ھەي.....،.

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 07:16:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ كىتابلارنى ئوقۇغانسىرى ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولىدۇ :qiray161

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 10:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممىتى بار تارىخى بىلىملەر ئىكەن .بۇنىڭ ئىچىدىكى چۇرۇق ھېكىم دېگېنى ئاق ئۆستەڭنى چاپتۇرغان ئەمەلدار شۇغۇ دەيمەن .خەلىقچىل ئادەم دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:30:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممىتى بار تارىخى بىلىملەر ئىكەن .
http://www.kuznak.com/

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:43:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىلى دىيارىدا    نۇرغۇنلىغان تارىخنى بىشىدىن ئۆتكۆزەگەن
                      تارىخى ئۇزۇن شەھەر بۇ                 ھەي ئويلىساملا ئىچىم ئىچىشىدۇ جۇمۇ.............................................

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش