
دۇردانىــــــلەر خـــــەزىىــــنىــــــسى ( 5 )

ۋىجدانىڭنى ساقلىغىن ئۆلمە ، ۋىجدانسىزغا قاراپمۇ كۈلمە .

ناۋادا بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ ئېتىراپ قىلسىڭىز ، ئۇ ھالدا خاتالىقمۇ سىزگە پايدىلىق بولىدۇ . چۈنكى ، خاتالىقنى ئېتىراپ قىلغاندىلا ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتى كۈچىيىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئىپتىخارى ئۆسىدۇ .

ئۆزىڭىز ساقلىيالمىغان سىرنى باشقىلارمۇ ساقلىيالمايدۇ .

تىلىڭنىڭ ئەقىلىڭنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويما .

بىردەملىك ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن يۈز كۈنلۈك غەمدىن قۇتۇلار .

ھەزىل چاقچاق ، ئاچكۆزلۈك ، ئاغزى بوشلۇق ، شاللاقلىق بۇ تۆت نەرسە ئادەمنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ .

مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالمايدىغان ئادەم ئۇنىڭغا ئەڭ قىزىقىدۇ .

تۇنجى ئىسمىڭنى ئاتا - ئاناڭ قويىدۇ ، يامان ئىسمىڭنى ئۆزۈڭ قويىسەن .

دۇنيانى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىلا ئاندىن ئائىلىدىن باشقا گۈزەل جاينىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىسەن .

ئەگەر ئۆزۈڭ خاتا قىلساڭ ناماقۇل بول . بۇ سەندىكى گۈزەل پەزىلەت .

كومپىيۇتېر ئالدىدا : شــــەرمىـــــناز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 11:29 PM