بالىلارنى باغچىلارغا باشلايلى!
سۆز ئۇينى
(ب بىلەن باشلانغان )
بايرىمىنى بالىلار،
باغچىلاردا باشلىسۇن.
باغچىلارغا بېرىشقا،
بەلنى بەلەن باغلىسۇن.
بالىلار بىزنىڭ باغرىمىز، بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز، بالىلار بىزنىڭ بايلىقىمىز. بالىلار بولغاچقا بىز بەك بەختىيار، باياشات، بەختلىك. بىزنىڭ بارلىقىمىز بالىلارنىڭ بەختى بىلەن باغلانسۇن. بىز باغۋەنلەردە بالىلارنى باقىدىغان بەلگە بولسۇن. بالىلاردىمۇ بالىلىق بەلگە بار؛ بالىلار بەزىدە بەڭۋاش، بەزىدە بىپەرۋا، بەزىدە بىخىل، بەزىدە بەتخەج، بەرىبىر بالىدۇر- بالا.
بىز بالىلارنى بۆشۈككە بۆلىۋالماي، بىلىدىن باغلىۋالماي، بۆشۈك بەلۋېغىدىن بۇشتۇپ، باكار بولساقلا بۈگۈنكىدەك بالىلار بايراملىرىدا بالىلا بىلەن بىللە بۇلۇپ، باغچىلارغا باشلاپ بېرىپ باغچىلاردىكى بىلىم بايلىىقلىردىن بەھۇزۇر بەھىرلەندۈرەيلى!
بالىلارنى بىزدە بار بولغان بالىلار باغچىلىرىغا، بوشلۇقتىكى بوستانلىققا، باغلارغا بۇلۇپمۇ بىزنىڭ بەشكىرەمگە باشلاپ بارايلى! بېلىڭلاركى بىز بالىلارنى باشلاپ بارماقچى بولغان باغچىلاردا، باغۇ-بوستانلىق بوشلۇقلاردا، بەشكىرەمنىڭ بوستانلىق باغلىرىدا بالىلار بەھىرلىندىغان بىلىم بايلىقلىرى بار. بۇ بىلىملەرنى بالىلار بەك بىلەلمەيدۇ، بىز بىلەلەيمىز. بىز بىلدىغان بىلىملەرنى بەركەتلىك بارمىقىمىزدا بالىلارغا بىۋاستە بىرەيلى.
بالىلار بىلىم بەيگىسىدە بىلىمنى بالدۇرراق بىلىشكە باشلىسا، بىزنىڭ بالىلارنى بىقىشتىكى بېسىمىمىز، بالىلارغا بىرىدىغان بەدېلىمىز بەكرەك بۇشايدۇ. بۇلۇپمۇ بالىلار بەشكىرەمگە بارسا بەشكىرەمدىكى بىھىشنىڭ بارلىق بەلگىلىرنى بىلۋالىدۇ.
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىھىشنى باشقۇردىغان باھادىرخان بىرىنچى بۇلۇپ بىھىشنىڭ باغۋەنچىلىك بۆلمىدىكى بوستان بۇۋاينى باشلاپ بەشكىرەمگە بېرىپتۇ. بوستان بۇۋاي بەشكىرەمدە بىھىشنىڭ بەركەتلىرنى بېخلاندۇرۇپ بارا-بارا باغ-باراڭلارنى بېيتىپتۇ. بۇ باغلارغا باھا بىرىپ بىرسىنى بايلا، بىرسىنى باغ ئېرىق، بىرسىنى بويلا، بىرسىنى بەش توغراق ... بولسا بۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلەپتۇ.
بەشكىرەمدىكى باغلارنىڭ بۇ بەلگىلىرنى بالىلار بايقاپ بىلەلىسە: بېيجىڭنىڭ باغچىلىرنى، بىرازىليەنىڭ بېلىقلىرنى،بومباينىڭ بايلىرنى، باغداتنىڭ بانكىسىنى بىلەلەيدىغان بۇلىدۇ.
بۇقېتىمقى باھار بايرىمىدا بارلىق بالىلارغا بىزنىڭ بەشكىرەمگە بىرىشقا << بەخىت >> باغىقىنى بىرىمەن. بالىلار بالدۇرراق بەلنى باغلاپ بىر-بىرىڭلارنى باشلاپ بەشكىرەمگە بېرىپ باھار بايرىمىنى بىللە بەس-بەستە باشلايلى!
ئاپتۇرى:مەخەتجان ئابدۇرېھىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 09:54 PM