تولۇق ئىسمى ؛ ئېللىيوت يامىن(Elliott Yamin) توغۇلغان ۋاقتى؛(1978-07-20) توغۇلغان جاي ؛ ئامېرىكا كالغورنىيە شىتاتى لوس ئانژىلىس كەسپى ؛ ناخشىچى تۇنجى نەشىرى؛2006-يىل 7-ئاي
يامىن كالغورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانژىلىس شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭ دادىسى Shaul Yamin ئىراقلىق يەھۇدى. يامىن ئوننەچچە ياش ۋاقتىدا كاراokناخشا ئېيتىپ باشقىلار تەرپىدىن ناخشا ئېيتىش ۋە ئاۋاز قاتارلىق جەھەتلاردىن تالانتىنىڭ ناھايتى ياخشىلىقى ئېتراپ قىلىنىغان.گەرچە ئۇ ناخشا-مۇزىيكا جەھەتتە ھىچقانداق سىرتقى ئامىلنىڭ يىتەكلىشىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋە بىكار ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە شۇ يەرلىكJAZZ ئۆمىكىدە ناخشا ئېيتقان.مۇشۇ تەرىيقىدە ئاستا-ئاستا Stevie Wonder ۋەDonny Hathaway قاتارلىق ناخشا چولپانلىرىنىڭ مۇزىيكىلىرىغا قىزىغغان.ئۇ تولۇق ئىككىنچى يىللىق ۋاقتىدا ئوقۇشتىن چىكىنىپ شۇ يەرلىك R & Bرادىئو ئىستانسىدا <ئامېرىكا چولپانلىرى>پىراگىراممىسىغا قاتناشقۇچە قەدەر خىزمەت قىلغان. يامىننىڭ ئوڭ قولىقى %90ئاڭلاش سېزىمىدىن قالغان،16ياش ۋاقتىدا دىئابىد كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ئۇ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دىئابىد كىسىلىنى كونتىرول قىلغۇچى ئوكۇل دورىلار بىلەن تا ھازىارغىچە كىسىلىنى كونتىرول قىلىپ كەلمەكتە.
يامىن 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بوستوندا ئۈتكۈزۈلگەن <ئامېرىكا چولپانلىرى>ناملىق پىراگىراممىغا قاتنىشىپ “A Song for You” دىگەن ناخشىنى ئېيتقان لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىسى نەتىيجىگە ئېرىشەلمىگەن.كېيىن ھوللىۋود ھەپتىلىكىدە ئۇ باھالىغۇچىلار ئالدىغا يەنە بىرقېتىم دەس تۇرۇپ چىقىپ بۇ ناخشىنى يەنە بىر قېتىم ئورۇنلىغان ھەمدە بۇنۇڭغا قېتىپ “Bless the Broken Road”ناملىق ناخشىنىمۇ ئورۇنلىغان.ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سۇغاقلارنى بېشىدىن ئۈتكۈزۈش ئارقىلى 24 كۈچلۈك ئاندىن 12 كۈچلۈكلەر قاتارلىرىغا تاللىنىپ كىرگەن. يامىن نۇرغۇنلىغان كۆپ قىيىنچىلىقلار ئارسىدىن بۈسۈپ چىقىپ ئۆزى كېچىلىك ۋە پىراگىراممىلارغا قاتنىشىپ يۈرۈپ كۆپچىلىككىمۇ خېلى تۇنۇلغاندىن كېيىن 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى NBAھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ2-نەق مەيدانىدا ئامېرىكا دۆلەت ناخشىسىنى ئېيتقان. يىڭى يىل كېلىپ 2007-يىلى ئۇ تۇنجى بولغان ناخشىسى Wait for you 3-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي نەشىر قىلىنىپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا بېغىشلانغان.تۆۋەندە قويىلىۋاتقان ناخشا دەل ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى.
يامىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغاقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئاددىيسى دۇنياغا تۇنۇلغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان،2008-يىلى 3-ئاينىڭ2-كۈنى ئۇ "Idol Gives Back"ئافرىقا كىشىلىرىنىڭ ھاياتى تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش پىراگىراممىسىغا ياردەم قىلىپ ھەمدە ئۆزى بىر گۈرۈپپا تەشكىللەپ ئانگولا (ئافرىقىدىكى بىر دۆلەت)دۆلىتىگە بېرىپ 4كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئاممىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالقىشىغا ئېرىشكەن. يامىن دىئابىد كىسىلى بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان تەشكىللەرنىڭ ۋەكىللىك خادىمى نامزاتى بولغان،مەسلەن <ياش-ئۈسمۈرلەر دىئابىد كىسىلى تەتقىقاد فوندى>(JDRF) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكلىرىدىن تىپىپ كەلگەن پۇللىرىنى ساخاۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىيئانە قىلغان.2007-يىلى10-ئايدا <دۇنياۋىي دىئابىد كىسەللىرى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش مۇسابىقىسى>نىڭ ۋەكىللىك خادىمى بولۇپ تاللىنىپ،بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئو ئۆزىنىڭ بۇرۇن قان تەر تۈكۈپ تاپقان پۇللىرى ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ بارلىق كىرىمىغا جۇڭگولۇق دىئابىد كىسىلى بار ياش-ئۈسمۈرلەرنى دىئابىد كىسىلىنى كونتىرول قىش دورا ئوكۇللىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى <دۇنيا دىئابىد كىسىلى كۈنى>دە يامىن نۇرغۇنلىغان دىئابىد كىسىلى بار ياش ئۈسمۈرلەر بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ<ئەتىرگۈل باخچىسى>دا ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ دىئابىد كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى ئۆگۈنۈش،تۇرمۇش جەھەتتىكى بارلىق كەچۈرمۈشلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا يەنە Wait for you دىگەن ناخشىسىنى سۇندى... مەنبە؛بەيدۇ.قىسقارتىلما تەرجىمەۋە ئۆزەمنىڭ بىلدىغانلىرى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 06:31 PM
|