مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1385|ئىنكاس: 32

بالىلارنى تەپەككۈر قىلىشقا باشلايدىغان مەسىلە ئويلاپ تاپايلى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8440
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 02:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ! پەرزەنىت تەربىيىسىدە بالىلارنى مۇستەقىل ئويلىنىشقا، تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەش بەك مۇھىم دەپ قارايمەن.

   مەن مۇشۇنى ئويلاپ خېلى جىق كىتاپلارنى ( بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ) كۆرۈپ باقتىم . مەيلى خەنزۇچە بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ئىشقىلىپ مېنىڭ ئويلىغان يېرىمغا پەقەت يېققىن كەلمىگەندەك ھېس قىلدىم . ئەمما قاراپ باقساق كىتاپ دىگەن ئالامەت جىق ، لېكىن ھەقىقى جانغا ئەس قاتىدىغىنى بەك ئاز بەك ئازكەن ، ئۇيغۇرچە ماتىرياللارغۇ يوق دىيەرلىككەن . مەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم تورداشلارنىڭ مەدەتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئۆزەمنىڭ ئاز -تولا تەجرىبە ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن كىچىككىنە بىر كىتاپچە نەشىر قىلدۇرۇش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم .يەنى 3ياشتىن 7 ياشقىچە بالىلارغا ماس كەلگۈدەك ، ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكلىشىگە ماس كەلگۈدەك بىر كىتاپچە دىمەكچى . ئومۇمى جەھەتتىكى پىلان كاللامدا ئاساسەن پىشىپ بولدى . ئەمدىكى گەپ ئاشۇ كىتاپچىنىڭ ئىچىنى قانداق توشقۇزىمىز دىگەن مەسىلە بولدى . ئىسمى كىتاپچە بولغان بىلەن خېلى كۈچ تەلەپ قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ھازىرقى بازارلاردىكى چوڭ -چوڭ رەسىملەرنى سىزىپ ، تارتىپ ،قوشۇش ،ئېلىش ، قايسى چوڭ قايسى كىچىك ، قايسى رەڭ ، قانچە تال توشقان قانچە تال بۆجەن باركەن ؟ دىگەندەك قىلساققۇ ئاسانكەن لېكىن مەن دەۋاتقىنىم ئادەتتىكى دېھقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئەمەلى ،ئاددى تەجرىبە قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارنى تەپەككۈرگە ، ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىغان مەسىلىلەر بولسا بولاتتى .، مەسىلەن مۇنداق : (ئەتتىگەن بىز ئىشلىگەن تەجرىبە ) ئاغىزى كىچىك قارىقات قۇتىسى بىر تال ، قارىقات قۇتىسىنىڭ ئاغىزىدىن چوڭىراق مۇز پارچىسى بىر پارچە . بالامغا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ سورىدىم : بۇ مۇز پارچىسىنى مۇشۇ قۇتىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ئېلىپ كەتمەكچى بولساق قانداق قىلساق بولا ؟

بالام : مۇزنى ئۇرۇپ كىچىك-كىچىك قىلىپ سالساق بولىدۇ

. مەن : توغرا ،يارايسەن ! يەنە باشقا قانداق ئامال بار ؟

بالام : (ئويلىنىپ ،ئويلىنىپ ) بىلەلمىدىم

مەن: دەرھال مۇز پارچىسىنى ئالقىنىمدا سىقىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ، ئېرىتىپ سۇ تامچىسىنى ھېلىقى قۇتىنىڭ ئاغىزىغا تامچىلاتتىم ....

بالام : تاپتىم ، مۇزنى ئېرىتىپ قۇتىغا قۇيۇپ ئالساق بولىدىكەن !

مەن : يارايسەن !..........

يەنە بىر مىسال : ھېلىقى بىز كىچىك چاغلاردا ئوقۇغان مەسەلدە بارغۇ ،

تۈلكىنىڭ تۇرنىنى مېھمان قىلىشى تەجرىبە سايمانلىرى؛ ئاغىزى كىچىك كومزەك (بوتۇلكا بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ) ، كومزەككە يېرىم سۇ قاچىلانغان ، ئۇششاق تاش پارچىلىرى . تۇرنا (راست تۇرنىڭىز بولسىغۇ ياخشى بولاتتى ، تۇرنىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز تۇرنا بولىسىز شۇ ) تۇرنا قانداق قىلسا كومزەكتىكى(پوتۇلكىدىكى) سۇنى ئىچەلەيدۇ ؟  يېرىم سۇ قاچىلانغان پوتۇلكىغا ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى سېلىپ ئەمەلى تەجرىبە قىلىمىز .

مۇشۇ مىسالغا ماس ھالدا، مۇنداق مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويساقمۇ بولىدۇ : بالام سېنىڭ پۇتبولۇڭ بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتسە ، بىز ئۇ ئورەككە چۈشەلمىسەك ، قانداق ئامال بىلەن ئالساق بولار ؟ مەن دىمەكچى بولغىنىم، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئويلاپ تاپالايدىغان تورداشلار بولسا مۇشۇ يەردە ئورتاقلاشساق ،نىمىلا دىگەن بىلەن كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەن گەپ . ياخشىراق مەسىللەر ئۇچۇراپ قالسا ئاۋۇ كىتاپچىغا كىرگۈزسەك دىگەن مەقسىدىم بار شۇ . تەلەپ: مەسىلە ئەمەلى ، دېھقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆيىدىلا چۈشۈنۈپ ئەمەلى تەجرىبە قىلالايدىغان ، بالىلارنى بەك قىيناپ كەتمەيدىغانىراق بولسا دىمەكچى . يەنە بىر مەسىلە : نەشىر قىلدۇرۇش جەريانى كىتاپچىنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك .... بۇ ئىشلاردىمۇ يول كۆرسىتەلەيدىغان دوستلار بولسا بىر ھە ھۇ دىيىشىپ بەرسە دىگەن ئۈمىدتىمەن.



مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-25 02:48 PM  


مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14641
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز قېرىندىشىم،سىزگە ياردەم بېرىش قۇلۇمدىن كەلمىسىمۇ گەرچە سىزگە ئۇتۇق ،ياخشى نەتىنجە تىلەيمەن چىن كۆڭلۈمدىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىرىمىز ئۈچۈن خېلى باش قۇتۇرۇپسىز، بارىكاللا سىزگە..!!   بىزمۇ شۇنداقراق كىتابچىلەرگە ئېھتىياج تۇيغانتۇق. .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73629
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3375
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنىت تەربىيىسىدە بالىلارنى مۇستەقىل ئويلىنىشقا، تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەش بەك مۇھىم ،     تېمىنىڭ نىگىزلىك يىرى شۇكە،رەخمەت كېلەچىگىمىزنى ئويلاپ سىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8440
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=39175
بۇ ئۇلىنىشتىكى تېمام مۇشۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم ، توغرا چۈشىنەسىزلەر تورداشلار !

ماڭا ئىلھام ، مەدەت بېرىۋاتقان دوستلارغا تەشەككۈر !!!  

مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت!بالىلار بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ بارلىقى بالىلىرمىزغا بولغان تەربىيە ھەقىقەتەن مۇھىم

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 04:28:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 10 ئىمزايىڭىزنى كۆرۈپ كۈ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12264
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8228
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2918 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 04:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە  تۇرلەرگە ايرىش،مەسىلەن تۇرمۇش توغۇرلۇق بىر مەزمۇن ياكى بىر باب،ماتىماتىكا توغۇرسىدا،تەبىەت توغۇرلۇق،جۇغراپىيە،دىگەندەك مەزمۇنلارغا ايرىپ،اندىن ىچىدىكى مەزمۇنلارنى تولدۇرۇش.مەن چاڭشادىكى خەلىقارالىق مەكتەپتە دەل 3ياشتىن 5ياشقىچە بالىلارنىڭ ياردەمچى وقۇتقۇچىسى.اساسلىق مالىم بولسا گوللاندىيەلىك ،بۇيەردە وقۇيدىغانلار چاڭشادىكى چەتەل شېركەتلىرىدە ىشلەيدىغان چەتەللىكلەرنىڭ باللىرى،شاڭگاڭ، اۋمىن،تەيۋەنلىكلەرنىڭ باللىرىمۇ وقۇيدۇ.لىكىن دولەت ىچىدىكى وقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلمايدۇ،شۇڭا،بالىلارمۇ كۈپ ەمەس.دىمەكچى بولغىنىم بۇ يەردە مەن ياۋروپا بالىلار مارىپى توغۇرلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۈگەندىم.ەگەر ياردەم كىرەك بولسا ،وزىمىزنىڭ باللىرى ۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييارمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73215
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3417
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 04:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىش ئەلنىك كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ قالدى . ئەسلى بۇنداق تەربىيەلەش ئەنئەنىسى 300 يىلنىڭ ئالدىدىلا باشلانغان بولسا ئۇيغۇرلار ئاسىيادىكى خېلى كۈچلۈك مىللەت قاتارىغا ئۆتكەن بولاتتى .
تەربىيە ئامىلى ، تەربىيە كۆرگەن ئانا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئەگەردە ئانىلار ساپاسىز بولۇپ قالسا ئۇنۇڭدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ ساپالىق بولۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولۇدىكەن . ئەكسىنچە بولسا بالىنىڭ ساپالىق بولۇش پرسەنتى شۇنچە يۇقۇرى بولۇدىكەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Acura + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

سەۋەب قىلساڭ ، سېۋەتتە سۇ توختىتىسەن .
تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8440
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 04:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kinder رەھمەت سىزگە !  ‹‹ ئەگەر ياردەم كىرەك بولسا ،وزىمىزنىڭ باللىرى ۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييارمەن.›› مۇشۇ روھىڭىزغا ئاپىرىن !!
مەن دەۋاتقان مەسىلىلەر مېنىڭچىمۇ چوققۇم ئامىرىكا ، ياۋرۇپا مائارىپىدا ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان ! لېكىن بىزدە تېخىچە بىر مۇھىم نۇقتا قاتارىغا ئۆتەلمەيۋاتىدۇ ، ئەمما مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىۋاتقان ياش ئاتا-ئانىلار مۇ ھازىر بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ !
قېنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە ھەمدەمدە بولسىڭىز ، كىم بىلىدۇ بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە ئىشمىز نۆۋىتى كەلگەندە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن پىشاڭلىق رول ئويناپ قالامدۇ -تېخى ، بۇنىمۇ بىر نىمە دىمەك تەس . چۈنكى تەرەققىيات ئىدىيىدىن باشلىندۇ . ئىدىيىنىڭ يۈكسېلىشى تەپەككۈرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ ئەلۋەتتە ! بۇنداق مەسىلەلەر بىلەن باللىرىمىزنى دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرساق خۇددى كۈل توشۇپ كەتكەن مەشنىڭ تۈۋىنى چۇقچىلىغۇچ بىلەن چۇقچىلاپ قويساق ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەندەك ، بالىلارنىڭمۇ تەپەككۈرىنىڭ  ئاستا -ئاستا ئولغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز ئەلۋەتتە !!

مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش