مەن يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىىنىڭ مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى (2 قىسىم)، ئاپاق خوجا (2 قىسىم)، تورغاق خوجىلار (2 قىسىم)، ئەخەت تۇردىنىڭ بەختسىز سەئىديىە، يۈسۈپ ئىلياس (قازاقىستانلىق) نىڭ ئېغىر تىنىقلار (2 قىسىم)، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ جاللات خېنىم (2 قىسىم)، باھادىرنامە (6 قىسىم)، موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخىي ئەمىنيە، تارىخىي ھەمىدى قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق <خوجىلار> توغرىسىدىكى چۈشەنچەم دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، تارىخىمىزدا <خوجىلار> نىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن تۆھپىلىرىدىن بالايئاپەتلىرى كۆپ بولغان، بولۇپمۇ ئىسھاقىيە بىلەن ئىشقىيە (يەنى ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق) بولۇپ بۆلۈنۈپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقىنى خار-زار ھالەتتە ۋەيران قىلغان ئاپاق خوجا، دانىيال خوجا قاتارلىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى يىللار ئۆتكەنسېرى بىزگە بىلىنمەكتە، بىز پەقەت تارىخنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئوقۇپ قويۇپلا ئولتۇرۋاتىمىز، خوجىلارنىڭ تەسىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئىلى نەچچە يۈز يىل مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئارقىدا قالدى................
مەن تۆۋەندە كەڭ تورداشلارغا كىتاب ئوقۇپ چىققان ھاسىلاتىمىنى <خوجىلار> ناملىق شئېرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى، ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، كەلمىگەن، ماسلاشمىغان، شئېرىيەت ئۇسلۇبىغا زىت كەلگىدەك يەرلىرى بولسا تەلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر، چۈنكى كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ.......
خوجىلار
*************
بۈيۈك ئەلنى خار قىلىپ، قۇمدەك چاچقان خوجىلار،
كەتمەن چېپىپ ئۆزگىگە، يېتىم قالغان خوجىلار،
خوراپاتلىق، قاششاقلىق، نادانلىق ھەم مەھكۇملىق،
ئاڭقاۋ قىلىپ ھەممىنى ئىللەت تاپقان خوجىلار.
تەپرىقچىلىق تارقالدى خوجا كىلىپ زامانغا،
بوزەك بولدۇق ئامالسىز ئۆزگىلەرگە يامانغا.
دەۋىر سۈردۈق بىر مەھەل تۇغنى تىكىپ داۋانغا،
تۇغىمىزنى سۇندۇرۇپ پۇلغا ساتقان خوجىلار.
نادانلىقتا خەلقىمىز قول بەردىغۇ خوجىغا،
ئېچىپ بىرىپ ئىشىكنى تۆت توك-توكچى غالچىغا،
سەرسان بولۇپ خەلقىمىز چىقىپ كەتتى كوچىغا،
دىنىمىزنى دەپسەن قىپ پايدا تاپقان خوجىلار.
ئاتاپ كەلدى ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىز ئەۋلادى،
جىن-شاياتۇن ئەسلىدە خوجىلارنىڭ ئەجدادى،
<ئەل قىساسى مىنھەلەق>، خەلقىمىزنىڭ ۋايدادى،
دىلىمىزنى خار ئەيلەپ، قوشقا قاتقان خوجىلار.
باشلاپ كىلىپ ياغلارنى ۋەيران قىلدى خانلىقنى،
كۈن بەرمىدى ئاجىزغا يالماپ يۇتۇپ جانلىقنى،
خۇراپاتنىڭ پاتقىقىغا پاتۇردىغۇ خەلىقنى،
كۆز يېشىمىزغا سەۋەبكار گۇناھقا پاتقان خوجىلار.
ئىنساپ، ھايا، ئەخلاقتىن سۆز ئاچىدۇ ۋالاقلاپ،
ئەمەل قىلماس ئۆزلىرى ئىشرەتخانىدا پالاقلاپ،
نادانلىقتا خەلقىمىز قويدەك كەتتى ياۋاشلاپ،
خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ مۇنقەرىز قىلغان خوجىلار.
پەتىۋاسى يانچۇقىدا، ئەۋلىيا پىر دەپ ئۆزىنى،
سۇ ئورنىدا قان ئېقىتتى، مىدىرلاتماي كۆزىنى.
سەجدە قىلدى دالايغا، قايرىپ قويۇپ يۈزىنى،
مەرىپەتنى خاراپ قىلىپ، تەخىتىنى بۇزغان خوجىلار.
پارچىلىدى ئىناق ئەلنى بۆلۈپ ئىككى گۇرۇھقا،
ئايلاندۇردى خەلقنى خاماندىكى تۇلۇققا،
سۇلدى ئىلىم-مەرىپەت، قالدى ھەممە قۇللۇققا،
پىتنە-پاسات ئىللەتكە بازار ئاچقان خوجىلار.
كۈچۈكلىنىپ غالدانغا، پەس قورچاققا ئايلاندى،
جاھالەتلىك باستۇرۇپ، شۇم ھاكىم بوپ سايلاندى،
ئالۋان تۆلەپ ياتلارغا، قۇللۇق قىلىپ باغلاندى،
تارىخىمىزنى كۆيدۈرۈپ، سورۇپ چاچقان خوجىلار.
ئىلىم-ئىرپان، ئىجادنى قويماي بىراق يوق قىلدى،
ۋەيران قىلىپ مىللەتنى ئۆزگىلەرگە قۇل قىلدى،
سېتىپ مىللەت، بۆلۈپ يۇرت، <سەئىدىيە> نى كۈل قىلدى،
جاھالەتنىڭ تونىنى بىزگە ياپقان خوجىلار.
ئۆتۈپ نەچچە زامانلار يېشىلدى خوجىلار سىرى،
سېسىق نامى پۇر كەتتى <خائىن> دەپ خوجىلار پىرى،
سەجدە قىلدۇق مۇناپىقنىڭ گۈمبىزنى ھەريىلى،
نادانلىقتا يىتىلەپ داغدا قويغان خوجىلار.
----تەرسائىي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarsayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 01:41 AM