|
|
|
|
باھادېر لوڭقىسىنى تالېشىش پۇتبۇل مۇسابېقىسى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن :
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى مۇسابېقە مەكىت ناھېيىلىك تەنتەربىيە سارىيىدا 4 كوماندا ئوتتۇرسىدا ئىككى مەيدان ئېنتايىن كەسكىن ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك مۇسابېقە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇسابېقە ئارقىلىق باھادېر لوڭقىسى چىمپيونى تاللاپ چىقىلدى .
1- مەيدان مۇسابېقە قەشقەر ئۈممەت كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى قارا ئالتۇن كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئۈچۈنجىلىكنى تالېشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابېقە نەتىجىسى :
قەشقەر ئۈممەت كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۈرۈمچى قارا ئالتۇن كوماندىسىنى ئۇتىۋالدى. ئۈرۈمچى قارا ئالتۇن كوماندىسىدىكى ئەزمەتلەرنىڭ ماھارىتى تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىتى.
مۇسابېقىدىن كۆرۈنۈشلەر:
2- مەيدان مۇسابېقە قەشقەر غوجىلار كوماندىسى بىلەن مەكىت باھادېر كوماندىسى ئوتتۇرسىدا چېمپيونلىقنى تالېشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابېقە نەتىجىسى :
مەكىت باھادېر كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن قەشقەر غوجىلار كوماندىسىنى ئۇتىۋالدى.
مۇسابېقىدىن كۆرۈنۈشلەر:
كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك باھادېر لوڭقىسىنى تالېشىش 5 كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ نەتىجىسى چىقتى :
چېمپيۇن - مەكىت باھادېر كوماندىسى (مۇكاپات: باھادېر لوڭقىسى، قۇتاتقۇبېلىك كىتاب ۋە 4000 يۈەن نەق پۇل )
ئىككىنجىلىك - قەشقەر غوجىلار كوماندىسى (مۇكاپات: باھادېر لوڭقىسى، قۇتاتقۇبېلىك كىتاب ۋە 3000 يۈەن نەق پۇل )
ئۈچىنجىلىك - قەشقەر ئۈممەت كوماندىسى (مۇكاپات: باھادېر لوڭقىسى، قۇتاتقۇبېلىك كىتاب ۋە 2000 يۈەن نەق پۇل )
تۆتىنجىلىك - ئۈرۈمچى قارا ئالتۇن كوماندىسى (مۇكاپات: 1000 يۈەن نەق پۇل )
(مەكىت ناھىيلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەپەندىم مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا)
(تەنھەركەتچىلەر مۇكاپات قۇبۇل قىلماقتا)
(چېمپيۇن كوماندا مەكىت باھادېر كوماندىسىكى ئەزالار)
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قەيسەرجان مۇتەللىپ (دولانلىق) فوتۇسى، خەۋىرى
|
|
|
|
|
|