سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىرى-مۇھەببەت قانداق تۇرغۇزۇلىدۇ
گۈلزىرە مەمەت
ئوقۇتقۇچىبىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت جەمئىيەتتكى ھەر قانداق بىرمۇناسۋەتكە ئۇخشىمايدۇ. ئۇ شۇنچە ساپ ۋە پاك بىر مۇناسۋەت.
1)سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ئۆز-ئارا چۇشىنىشئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك.
سىنىپسىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ئوقۇتۇش ۋەتەلىم-تەربىيە جەريانىدىكى بارلىق مۇناسۋەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، سىنىپ مۇدىرىنىڭئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەستايىدىل كۇزىتىپ، تەھلىل قىلىپ چۇشىنىشىئاساسىغا قۇرۇلۇشى كىرەك. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھېسياتى كۆپخىل ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغاچقا،بىر قېتىملىق ياخشى نەتىجە ئېھتىمال ئۇلارنىشاتلىقتىن قانائەتلەندۇرۇپ خوشال قىلۋىتىشى، ئەكسىچە بىر قېتىملىق ئىمتاھاندىنئۆتەلمىگەنلىك ئۇلارنى خىلمۇ-خىل ئازاپلار ئىچىگە غەرق قىلۋىتىش بىلەن بىللەبىردىنلا ھەممىدىن ئۇمىدسىزلەندۇرۇپ قويۇشى مومكىن. مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرىئوقوغۇچىلارنىڭ خوشاللىق ۋە قايغۇسىغا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغائادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، روھىي دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن قېزىپ چىقىپ،ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىدىيۋى تەربىيە خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا روھىي جەھەتتىنيۆلەنچۇك بولۇشى لازىم.
2)ئوقۇغۇچىلارغاقاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ بەلگىلىك چېكى بولىشى كىرەك.
مىھىر-مۇھەببەتقاتتىق تەلەپچانلىقنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەبەرگەندە،مىھىر-مۇھەببەتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارغۇلارچە ئامراقلىق قىلىش، بولۇشىغاقويۇپ بىرىشتىن دىرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق كىرەك . سىنىپمۇدىرى ئۆز سالاھىيتىنى يوقىتىپ ، « ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىمايدىغان ،ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىغا ئوخشىمايدىغان» ۋەزىيەتنى شەكىللەندۇرۇپ قويۇشقا،ئوقۇغۇچىلارغا پىرىنىسىپسىز يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.سىنىپ كوللىكتىپنىڭئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزى مەسئول بولغان سىنىپتا يۇز بەرگەن بىرقىسىم مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ قېلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلماسلىققا ھەرگىزبولمايدۇ. ھەر ۋاقىت سەمىمىيىلىك بىلەن ئۆزىگىمۇ، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ قاتتىق تەلەپقويۇش لازىم. ئەلۋەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭمۇ بەلگىلىك چېكى بولىشى كىرەك.ئەگەرچەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يېتىپ قالىدۇ. ھەممىمىزگەمەلۇمكى، ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارنى يېتەكلەش ناھايىتى مۇشكۇل بىرۋەزىپە.شۇنداق بولغاچقا، تەلىم-تەربىيە بېرىشتە ئەڭ موھىمى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئارتۇقچىلىقىنىبايقاپ، شۇ ئاساستا تەربىيە بىرىشىتە چىڭ تۇرۇش كىرەك.
3)سىنىپ مۇدىرى ئۆز تەربىيسىگە سەل قارىماسلىقى كىرەك.
مىھىر-مۇھەببەتئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كېلىپ چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا سىنىپ مۇدىرىئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمۇئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ قاتنىشىپ، ئۆزىنى شۇ سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ھەقىقىي بىرئەزاسىغا ئايلاندۇرىشى كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل پائالىيەتلەرگەتەشكىللىگەندە، چوقۇم ئۆزى ئۈلگە بولىشى كىرەك. چۇنكى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەركىتىئاۋازسىز بويرۇق بولۇپلا قالماستىن،يەنە سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
4)سىنىپ مۇدىرى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر بولىشى كىرەك.
بىرەرئىشقا نىسبەتەن ئىلمىي ئاساستا سۇرۇشتە قىلىش بىلەن قوپاللىق بىلەن سۇرۇشتە قىلىشنىڭئۇنۈمى تۇپتىن پەرقلىنىدۇ.تىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ « يېغىرىغا تىگىش » ياكى«ئېچشقان يىرىگە تۇز سېپىش» ياخشى ئۈنۈم بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچەئۇقۇغۇچىلاردا قىيداش ياكى قارىشلىشىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقاسىنىپ مۇدىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە چوقۇم ياخشى مەسلىھەتچىلىكرولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى دادىل ھالدا ئۆزئۇستىگە ئالالايدىغان ۋە خاتالىقلارنى تۈزۈتەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش كېرەك.
( ئاپتور: بۈگۈر ناھىيلىك2- ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-24 02:49 PM