خەنزۇتىلى دەرسىدەئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرى
گۈلزىرە مەمەت
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش سەنئىتىدەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنىقوزغاپ، يېڭى دەرسكە جەلب قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ ياخشىئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە جەلب قىلارلىقدەرىجىدە باشلاپ كىرەلىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدۇ ۋە تەپەككۇرىنىجانلاندۇرالايدۇ ھەم شۇ بىر سائەتلىق دەرستە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ياخشى ئاساسسالالايدۇ. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش دائىم بىر خىل ئۇسۇلدا بولىۋەرسەئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن زېرىكتۈرۈپ قويۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىدەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرى دەرسلىك مەزمۇنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلم سەۋىيىسى،ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا قوللانغان يېڭىدەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرىدىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
(1) شۇسائەتلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىدىئوم، تۇراقلىق ئىبارە، ماقال-تەمسىل،ھېكىمەتلىك سۆز ۋە ئەقىلىيە سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەھلىلقىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى دەرسكەباشلاپ كىرگەندە، شۇ بىر سائەتلىك دەرس مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك ئەلا بولغانئۆگىنىش مۇھىتى ياراتقىلى بولغاندىن سىرت، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىقئىبارىلەرنىڭ رولىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭماقال-تەمسىل قاتالىق تۇراقلىق ئىبارىلەرنى يىغىپ توپلاش، ئۆگىنىش تەتقىق قىلىشتۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى ۋەمۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «ئوت-چۆپ ئۈستىدە يېتىپ قوپۇپ، ئاچچىق ئۆتنىتېتىماق»، «دۈمبىسىگە تىكەن ئارتىۋېلىپ ئۆز جىنايىتىدىن كەچۈرۈم سوراش»، «قۇلاقنىئېتىۋېلىپ قۇڭغۇراق ئوغرىلاش»، «كېمىگە بەلگە قويۇپ خەنجەر ئىزدەش»، «دۇ ئېنىڭئۇۋاللىققا قېلىشى»، «ئاي پەرىسىنىڭ ئايغا ئاتلىنىشى»، «قارا ئۆرۈككە قاراپئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش» قاتارلىق تۇراقلىق ئىبارىلەر زادى قانداق كېلىپ چىققان،قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ دىگەندەك سوئاللارنى قويۇش.
(2)ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا بەدىئىي فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپكىرىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىدەرسكە باشلاپ كىرگەندە دەرسلىكتىكى بىر قىسىم مۇرەككەپ نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىۋاستە كۆرگەن كونكرت ئادەم، ۋەقە ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيھەرىكىتىگە باغلاپ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: 9-يىللىق خەنزۇتىلىكىتاپتىكى «ئۆمۈچۈك ۋە گېنرال» دىگەن دەرسنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشتە ئاۋال بۇ دەرسنىڭVCD پىلاستىنكىسىنى كۆرسىتىپ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان بىر گېنىرالنىڭ قېچىپيۇرۇپ بىر ئۆڭكۈرگە يۇشۇرنىۋالغانلىقى، ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن كىرىش جەريانىدا ئۆمۈچۈكتورىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، قارشى تەرەپ دەشمەن ئەسكەرلىرى ئىز قوغلاپ كېلىپبولغۇچە ئارىلىقتا ئۆمۈچۈكنىڭ بۇزۇلغان تورنى يەنە ياماپ قۇراشتۇرۇپ ئەسلىھالىتىگە ئەكىلىپ بولغانلىقى، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆڭكۈر ئېغىزى ئەتىراپىدەتۇرۇپ «ئېنىقكى بۇ ئۆڭكۈرگە مۇكۇنىۋالمىغان، ئەگەر بۇ ئۆڭكۈرگە يۇشۇرنىۋالغانبولسا ئۆمۈچۈك تورى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى...» دەپ مۇلاھىزە قىلىشىپ كېتىپقالغانلىقى، گېنىرالنىڭ ئۆڭكۈر ئىچىدە تۇرۇپ ئويغا پاتقانلىقى، يەنى ئۇ ئۆزكۆڭلىدە بۇ كىچىككىنە ئىشتىن ئىلھام ئېلىپ «بۇ ئۆمۈچۈك مېنى قۇتقۇزۇپلا قالماييەنە مېنى تەربىيەلىدى، مېنى چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە قىلدى» دەپ ئويلاپ قايتىدىن كۈچتوپلاپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىدەك ۋەقەلىكنىكۆرسىتىپ، ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنىڭ بىر ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغانلىقىدەكپاكىتنى ھەقىقي ھېس قىلدۇردۇم.
(3)شېئىر، ناخشا ياكى مۇزىكا ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش. شۇ بىر سائەتلىكدەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرەر شېئىرنى دېكىلىماتسىيە قىلىش ياكى مەلۇمناخشىدىن ئارىيە ئېيتىپ بېرىش ۋە ياكى ئۈنئالغۇدا قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭدىن قىسقاسوئاللارنى سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندە ئوقۇغۇچىلاردا دەرسكە جەلبقىلغىلى بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇتىلى پېنىنىڭ ئۆزىگە خاسئالاھىدىلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن خەنزۇتىلىدەرسىگە بولغان تونۇشىنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
(4) كونكرىت شەيئىي ياكى كۆرسەتمىلىك رەسىمنى كۆرسىتىشئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپكىرىشتە بىرەر كونكرىت شەيئىي، كۆرسەتمىلىك رەسىم ياكى ھەجىۋى رەسىمنى
ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭى دەرسنى باشلىغاندائوقۇغۇچىلاردا تېخىمۇ ھاياجانلىنىش ھېسىياتىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن:«ساۋچۇڭنىڭ پىلنى جىڭلىشى»، «يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە كۆرەڭلەپتۇ»، «مۇلەننىڭھەربىي سەپكە قاتنىشىشى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈشتىن ئاۋال، ئوقۇغۇچىلارغا بۇدەرسلەرنىڭ كۆرسەتمىلىك رەسىمىنى كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدەچۈشەنچىگە ئىگە قىلدىم. خەنزۇتىلى يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىدا يۇقىرقى يېڭى دەرسكەباشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا يەنە يۇمۇر سۆزلەش، سىنئالغۇ فىلىملىدىن پارچەكۆرسىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى شېئىر، قوشاق، ماقال-تەمسىل ئېيتقۇزۇشقاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكەتامامەن بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى دىمەي بولمايدۇكى، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكەباشلاپ كىرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بارلىق مەزمۇنلار ئوقۇتۇش نىشانى بىلەن باشلانغانبولىشى، چوقۇم ئىلمىي بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە، بىلىش دائىرىسىگەئۇيغۇن بولىشى، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇش ھەم قىسقا، تاللانغان، خىلمۇ-خىل، رەڭدار،ئۆزگىچە، جەلب قىلارلىق بولىشى كېرەك.
(ئاپتور: بۈگۈر ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرامەكتەپتىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-24 02:35 PM