<<ۋاي بېشىم>> دەپ ماۋزو قويسام كۆرەگاننىڭ بېشى ئاغرىپ كېتىپتۇ دىمەڭلار،تور ئارىلاۋېتىپ ماۋۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بەك كۈلگۈم كەپ كەتتى....ئۇنى تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا ئوخشىتىپ قويدۇم،قېنى ئەمىسە،قاملاشمىسىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:
1.ئۆي بەك قىممەتلەپ كەتتى...ئۆي بولمىسا قانداقمۇ خوتۇن ئالامەن...! ۋاي بېشىم~~!
2.خوتۇننىڭ تامىقىنى ھەجەپ سېغىندىم،ئۆزەم يا تاماق ئىتەلمىسەم...ۋاي بېشىم~~!
3.بۇ باشنىڭ ئېغىرلىقىدا قانداقمۇ كۆتۈرەمەن....ۋاي بېشىم~~!
4.سېنى شۇنچە ياخشى كۆرسەم نىمىشقا مىنى تاشلاپ كەتتىڭ ؟ مېنىڭ زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى...ۋاي بېشىم~~!
5.ئەمدى كېرىسلودىن قانداقمۇ چۈشەرمەن...ۋاي بېشىم~~!
6.خوتۇنۇمنىڭ ئىشى نىمىدىگەن جاپالىق-ھە! قانداقمۇ باقامەن ما بالىنى...ۋاي بېشىم~!
7.ھاياسىزلىق قىلىپ قىسقا يوپكا كىيىپ كىشىنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالدىم...ئەمدى قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەمەن....ۋاي بېشىم~!
8.بۇنداق كېتىۋەرسەم قىز دوست تاپالمىغۇدەكمەن...ئەمدى قانداق قىلارمەن...ۋاي بېشىم~!
9.تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى قانداق قىلسام ئۆگۈنەلەرمەن...ئادىل ھوشۇرنى نەدىنمۇ تاپارمەن...ۋاي بېشىم~!
10.بۇ خىزمەت پىلانىنى قاچانمۇ ئورۇنداپ بۇلارمەن...ۋاي بېشىم~!
11.چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۈستەلگە چىقمىسام بوپتىكەن...ئەمدى قانداق چۈشۈرمەن...ۋاي بېشىم~!
12.بۇ مۇھەببەت خېتىنى نىمانچىمۇ كىچىك يازغاندۇ...قانداقمۇ ئوقۇپ تۈگىتەرمەن بۇنى..ۋاي بېشىم~!
مەنبە:http://www.haha365.com/gxtp/500780.htm
|