مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2649|ئىنكاس: 17

سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇنۋىرستىتلىرى ۋە قوبۇل قىلىش شەرىتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72309
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 01:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
دارۇلھەدىس خەيرىيەت بىلىمگاھى(دارالحديث الخيرية)



   

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھى 1933-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بىلىمگاھ ھەر قايسى ئىسلامىي بىلىملەردە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان. ھازىر دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا 40تىن كۆپرەك مەملىكەتنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدۇ، ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 2008-يىلى 3000غا يەتكەن. ھەقسىز بىلىم بېرىدىغان بۇ بىلىمگاھتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىپ قوپىشى، دەرسلىك كىتابلىرى بۇ بىلىمگاھ تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدۇ. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا 130دوللار، بويتاق ئوقۇغۇچىلارغا 70دوللار مىقدارىدا ئوقۇش پۇلى بېرىلىدۇ.




دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ دەرسلىكلىرى

   

دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ دەرسلىكلىرى ئاساسەن ئىسلامىي بىلىملەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، پەننى بىلىملەرمۇ بار. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنى تولۇپ يادلاش، تەپسىر ۋە قۇرئاننى توغرا قىرائەت قىلىش بىلىملىرى، ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىملىرى، ئەقىدە ئىلىملىرى، شەرىئەت ۋە قانۇنشۇناسلىق بىلىملىرى، ئەرەب تىلى بىلىملىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىسلام تارىخى، دۇنيادىكى دىنلار ۋە مەزھەپلەر ھەققىدە بىلىملەر، كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن تاشقىرى، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق پەننىي دەرسلىكلەر ئوقۇتىلىدۇ.




دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ سىنىپلىرى



دارۇلھەدىس بىلىمگاھى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىنىستىتوت ۋە فاكۇلتېتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 6يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3يىللىق، ئىنىستىتوت 3يىللىق، فاكۇلتېت 4يىللىق بولۇپ، دارۇلھەدىسنىڭ دىپلومى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دىپلوملىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئوخشاش دەرىجىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ھازىر 10غا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.




دارۇلھەدىس بىلىمگاھىغا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى




دارۇلھەدىس بىلىمگاھىغا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1)   ئوقۇغۇچىنىڭ مۇسۇلمان، ئەخلاقى گۈزەل، دىنىغا مۇستەھكەم ۋە تەقۋا بولىشى.

(2) ئوقۇغۇچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى(ئىقامەت)گە ئىگە بولىشى.

(3)ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇشقا ئاتىغان بولۇپ، ئوقۇشتىن باشقا خىزمەت، ھۈنەر-كەسىپ ۋە تىجارەت ئىشلىرىدىن قول ئۈزگەن بولىشى.

(4) ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنتىزامچان بولۇپ، دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدىكى مەسئۇللارغا تولۇق ئىتائەت قىلىشقا ئەھدە بېرىشى.

(5)ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان كەرىمنى توغرا ئوقۇيدىغان ۋە چىرايلىق خەت يازالايدىغان بولىشى.

(6)ئوقۇغۇچىنىڭ تەن ساقلىقى جايىدا ئىكەنلىكىگە رەسمىي تىببىي ئورگاندىن ئىسپات خېتى ئېلىپ كېلىشى.

(7)تولۇقسىزدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا،  %75دىن كەم دەرىجە ئالمىغان بولىشى.

(8)تولۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقسىزنىڭ ئاخىرقى يىلىدا%75 دىن كەم دەرىجە ئالمىغان بولىشى.

(9)فاكۇلتېتتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقنىڭ ئاخىرقى يىلىدا %75دىن كەم نومۇر ئالمىغان بولىشى.

(10)ئوقۇغۇچىنىڭ ياش ئۆلچىمىدە، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ 12ياشتىن كىچىك، 18ياشتىن چوڭ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ15 ياشتىن كىچىك20 ياشتىن چوڭ، فاكۇلتېتتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ18 ياشتىن كىچىك،30ياشتىن چوڭ بولماسلىقى.

(11) تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغا ئوقۇغۇچىنىڭ 3پارىدىن، ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ 6پارىدىن، ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ 9پارىدىن، تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ 12پارىدىن، ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ15پارىدىن، ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ 18پارىدىن، فاكۇلتېتنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ21پارىدىن كۆپرەك قۇرئان يادلىغان بولىشى.

(12) ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتتۈەگەن مەكتىبى بىلەن دارۇلھەدىسقا كىرمەكچى بولغان ۋاقتى ئوتتۇرىسىدا 2 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولىشى.

(13) بىرەر مەكتەپتىن ئەخلاقىي يېتەرسىزلىك سەۋەبلىك قوغلانغان بولماسلىقى.

(14)دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن تەلەب سۇنغۇچىنىڭ 4پارچە رەسىم، دارۇلھەدىستىكىلەر تونۇيدىغان ئىككى مەشھۇر ئالىمنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى، ئۆزى نامىدىن بىر تەلەب خېتى، دىپلومىنىڭ ئەسلىسى، كىملىك گۇۋاھنامىسىنىڭ ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇش رۇخسىتى(ئىقامەت)نىڭ ۋە پاسپورتىنىڭ سۈرىتى قاتارلىقلارنى ھازىرلاپ دارۇلھەدىس قوبۇلخانىسىغا تەقدىم قىلىشى تەلەب قىلىنىدۇ.




ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتى(جامعة أم القرى)




سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتى 1967-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1926-يىلى مەككىدە قۇرۇلغان «ئىلمىي ئىنىستتوت»، 1936-يىلى«دەۋەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئىنىستتوتى» ۋە 1958-يىلى تائىف شەھىرىدە قۇرۇلغان«دارۇ تەۋھىد» قاتارلىق بىلىمگاھلارنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلەرنىڭ بىرىدۇر.




ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فاكۇلتېتلىرى


ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتى شەرىئەت، ئىسلام تەتقىقاتى، ئەرەب تىلى، دەۋەت، تىبابەت، قاتارلىق فاكۇلتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، ئىژىنېرلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، بىناكارلىق، دورىگەرلىك قاتارلىق جەمى 22 فاكۇلتېتنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2300مۇئەللىم ئىشلەيدۇ. ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتى سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە فاكۇلتېتلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇنىۋېرستېت ھېسابلىنىدۇ.ھازىر ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلارغا يىلدا بىر قېتىم ۋەتىنىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ھەقسىز بىلەت ئېلىپ بېرىش، ئۇقۇغۇچىلارغا ئايدا 240دوللار ياردەم پۇلى بېرىش، دەرسلىك كىتابلارنى ھەقسىز بېرىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېتىپ قوپىدىغان جايلىرىنى تەمىن ئېتىش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى قاتارلىق تەرەپلەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باشقا ئۇنىۋېرستېتلىرىگە ئوخشايدۇ.ھازىر ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرستېتىدە 10دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىلىم تەھسىل قىلماقتا. ئۇنىۋېرستېتنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.uqu.edu.sa  




مۇھەممەد ئىبنى ئەلى سەنۇسى ئۇنىۋېرستېتى(جامعة محمد بن علي السنوسي)




بۇ ئۇنىۋېرستېت 1841-يىلى لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، لىۋىيىدە تەسىس قىلىنغان ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن بۇ ئۇنىۋېرستېت ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشتىن تاشقىرى ئىنسانىي ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىتىدىغان بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە نامى ئۆمەر مۇختار ئۇنىۋېرستېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. لىۋىيە ۋە چەتئەللەردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بۇ ئۇنىۋېرستېتتا بىلىم تەھسىل قىلىدۇ.




مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى(الجامعة لإسلامية بالمدينة المنورة)




مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى«ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى» 1961-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ تەركىبىدە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرمۇ بار. ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدە شەرىئەت، دەۋەت، قۇرئان ئىلمى، ھەدىس، ئەرەب تىلى قاتارلىق فاكۇلتېتلار بار. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە«ئەرەب ئەمەس مىللەتلەرگە ئەرەب تىلىنى ئۆگىتىش ئېنىستتوتى»بولۇپ، 1966-يىلى قۇرۇلغان.




مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سىنىپلىرى



تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3يىللىق، ئىنىستىتوت 3يىللىق، فاكۇلتېت 4يىللىق بولۇپ، ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دىپلومى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دىپلوملىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئوخشاش دەرىجىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرستېتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، ھازىر بۇ ئۇنىۋېرستېتتا 50دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىلىم تەھسىل قىلماقتا.




مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەمىنلىشى




بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىپ قوپىشى، دەرسلىك كىتابلىرى ئۇنىۋېرستېت تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدۇ. فاكۇلتېتتا ئوقۇۋاتقانلارغا ھەر ئايدا 226 دوللار، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقانلارغا100دوللار، تولۇقسىزدىكىلەرگە80دوللار ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئەمما ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارغا240دوللار بېرىلىدۇ. فاكۇلتېتتا ۋە ماگېستىرلىق، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارغا يىلدا بىر قېتىم 226دوللار كىتاپ پۇلى بېرىلىدۇ. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ئۆي تەمىن ئېتىلىدۇ. ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا يىلدا بىر قېتىم 300دوللار ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ. ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ۋەتىنىگە بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىدۇ.




مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى




مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن دىپلومى بولىشى ۋە ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياكى باشقا دۆلەتلەردە كۈچكە ئىگە دىپلوم بولىشى.

(2) ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا چەتكە چىقالايدىغان پاسپورت تەييار بولىشى.

(3) تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومىنى ئالغان ۋاقتتىن 5 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولىشى.

(4) ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقى گۈزەل، ئۆزى چىۋەر بولىشى.

(5) ئوقۇغۇچىنىڭ تەن ساقلىقى جايىدا بولۇپ، ئۇنىۋېرستېتنى ئوقۇشقا لاياقەتلىك بولىشى.

(6) ئوقۇماقچى بولغان كىشى بىرەر ئورگاننىڭ كادىرى بولسا، ئىش ئورنىدىن ئۇنىڭ ئۇنىۋېرستېتنى ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىلگەن بولىشى.

(7) ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا بىرەر ئۇنىۋېرستېتتىن قايسىبىر سەۋەب بىلەن قوغلانغان بولماسلىقى.

(8) ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى قوبۇل قىلىنغا ۋاقىتتا 25 ياشتىن چوڭ بولماسلىقى.

(9) ئوقۇغۇچىنىڭ مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى بەلگىلىگەن شەرتلەرنى تولۇقلىغان بولىشى ۋە ئۇنىۋېرستېت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشقا ئەھدە بېرىشى.

(10) ئۇنىۋېرستېتنىڭ قۇرئان كەرىم فاكۇلتېتىغا كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئالغان بولىشى.

(11)ئوقۇغۇچىغا ئۆزى ئوقۇغان مەكتەبتىكى ئۇستازى بىر پارچە ۋە تونۇلغان ئۆلىمالاردىن بىرەرسى يەنە بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشى.

يۇقىرىقى شەرتلەرنى  ھازىرلىغان ئوقۇغۇچى ئېنتېرنېتتىن تۆۋەندە بېرىلىدىغان ئادرېسقا كىرىپ، تەلەب قىلىنغان جەدۋەللەرنى تولۇق تولدۇرۇپ، كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى سكاين قىلىپ سېلىپ، ئۆزىنىڭ تېلېفون نومىرىنى ۋە ئېلخەت ئادرېسىنى يېزىپ ئەۋەتىدۇ. تەلەب ئاۋغۇست ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىلىدۇ ۋە  ھەر يىلى سىنتەبىر ئېيىدا ئۇنىۋېرستېتكە قوبۇل قىلىنغانلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا يېتىپ كېلىدۇ.

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.iu.edu.sa.com




ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنىۋېرستېتى(جامعة إمام محمد بن سعود)


بۇ ئۇنىۋېرستېت 1974-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى بار. ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندونىزىيە ۋە جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنىستتوتلىرى بار. بۇ ئۇنىۋېرستېت دىنىي ئىلىملەردىن باشقا ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك بولغان پۈتۈن ئىلىم-پەن تۈرلىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئەڭ كۆپ فاكۇلتىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرستېت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سۇئۇد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دىپلومى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەرقايسى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دىپلوملىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئوخشاش دەرىجىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلەش ۋە باشقا جەھەتلەردە مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىغا ئوخشاشتۇر.

بۇ ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. ھازىرمۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇپ كېلىۋاتىدۇ.


ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سۇئۇد ئۇنىۋېرستېتىگە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى


ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سۇئۇد ئۇنىۋېرستېتىگە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومىغا ئىگە بولغان بولىشى.

(2) ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومىنى ئالغان ۋاقتىدىن 5 يىلدىن، سىرتتىن قاتنىشىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دىپلوم ئالغان ۋاقتىدىن 4 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن بولىشى.

(3) ئوقۇغچىنىڭ ئەخلاقى گۈزەل، دىنىغا مۇستەھكەم بولىشى.

(4) ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 2 پارا قۇرئان يادلىغان بولىشى.

(5) ئوقۇغۇچىنىڭ تەن ساقلىق جەھەتتىن ساغلام بولىشى.

(6) ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ياكى قايسىبىر مۇئەسسەسىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئوقۇش ئۈچۈن رۇخسەت ئالغان بولىشى.

(7) ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىلىدىكى ئىمتىھاندىكى دەرىجىسى80دىن كەم بولماسلىقى.

ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.imamu.edu.sa




تۈركىيىدىكى ئىمام، خاتىب ئىنىستتوتى(Imam Hatip Lisesi)




تۈركىيىدىكى ئىمام، خاتىب ئىنىستتوتلىرىنىڭ تارىخى 1913-يىلى تۈركىيىدە مەسجىدلەرنىڭ ئىمام ۋە خاتىبلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قورۇلغان«مەدرەسەتۇل ۋائىزىن»، كېيىنچە،«مەدرەسەتۇل ئىرشاد» دەپ ئاتالغان قەدىمىي مەدرەسەلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ. كېيىنچە بۇ مەدرەسەلەر «مەدرەسەتۇل ئەئىممە ۋەل خۇتەبا» (يەنى ئىمام ۋە خاتىبلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىبى» دەپ ئاتالغان ۋە 1924-يىل3-مارت كۈنىگىچە شۇ بويىچە داۋام قىلغان.1924-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ مەكتەبلەرنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا29غا چىقىرىلغان. بىراق بۇ مەكتەبلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئالاھىدىلىكلىرى يوقالغان بولۇپ، مۇئەللىملىرى دىنىي ئىلىملەردىن خەۋىرى بولمىغان ئادەملەر بولغانلىقتىن، دەرس ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەل تىلى ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىتىش بىلەن ئۆتەتتى، دىنىي دەرسلەر يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەكتەبلەرنىڭ غايىسى ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى سۆيىدىغان ۋە دىنىي پائالىيەتنى دۆلەت قانۇنىغا كۆرە ئېلىپ بارىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش بولۇپ، دىن ئىككىنچى پىلاندا ئىدى. 1930-يىللارغا كەلگەندە بۇ مەكتەبلەر تاقىۋېتىلگەن. 1949-يىلىغا كەلگەندە، بۇ مەكتەبلەر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئەسكەرلىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 10ئايلىق كۇرس بېرىش سۈپىتىدە قايتا ئېچىلغان. 1972-يىلى 22-ماي كۈنىدىن ئېتىبارەن،« ئىمام ۋە خاتىبلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەبلىرى» تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان 4 يىللىق ئىنىستتوتقا ئۆزگەرتىلىپ، نامى « «Imam Hatip Liseleri دەپ ئاتىلىدىغان بولغان ۋە 1974-يىلىدا بۇ ئىنىستتوتلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈملىرىمۇ ئېچىلىغان، يېڭىدىن 29 ئىنىستتوت ئېچىلىپ، سانى 101گە چىققان.




بۇ مەكتەبلەر شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 1976-يىلى قىزىنى «ئىمام ۋە خاتىب ئىنىستتوتى»دا ئوقۇتۇش يولىدا ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان بىر ئادەمنىڭ سەۋەبى بىلەن رەسمىي قانۇن چىقىرىلىپ، بۇ ئىنىستتوتلارغا قىزلارمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان بولغان. 1980-يىلىدىكى ئەسكەر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ ئىنىستتوتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خالىغان ئۇنىۋېرستېتلەرگە كىرىش ھەققى ئېتىراپ قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئۇلار پەقەت ئۇنىۋېرستېتلەرنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىغىلا كىرەلەيتتى. 1997-يىلى16-ئاۋغۇست كۈنى باش مىنىستىر مەسئۇد يىلمازنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 4306-نومۇرلۇق قانۇن چىقىرىلىپ، بالىلارنى 8 يىللىق مەجبۇرى ئوقۇتۇش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئىمام ۋە خاتىب ئىنىستتوتى»نىڭ ئوتتۇرا مەكتەبلىرى تاقىۋېتىلىپ، 4 يىللىق ئىنىستتوتلا قالغان. شۇنداق قىلىپ «ئىمام ۋە خاتىب مەكتەبلىرى» 8 يىللىقتىن 4 يىللىققا چۈشۈپ قالغان. ھازىرغىچە ئەھۋال شۇ بويىچە داۋام قىلماقتا.




تۈركىيىدىكى ئىمام، خاتىب ئىنىستتوتىنىڭ دەرسلىكلىرى




تۈركىيىدىكى ئىمام، خاتىب ئىنىستتوتىنىڭ دەرسلىكلىرى ئاساسەن دىنىي دەرسلىكلەر بولۇپ، ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاقتىن باشلاپ، ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە-سىتېملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر قايسى ئىنىستتوتلاردا ئوقۇتىلىدىغان پەننىي دەرسلىكلەرنىمۇ ئوقۇيدۇ. ئىمام ۋە خاتىپ ئىنىستتوتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرستېتلەردىن ئۆزلىرى خالىغانلىرىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرەلەيدۇ.

ئىمام ۋە خاتىب ئىنىستتوتىنىڭ مۇئەللىملىرىنىڭ تور ئادرېسى: www.imamhatipogretmeni.com




تۈركىيىدىكى ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرى(Ilahiyat fakulteleri)




تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرستېتلەرنىڭ تەركىبىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرى»دىنىي دەرسلەر ئۆتۈلىدىغان فاكۇلتېتلار بولۇپ، 1925-يىلى7-ئۆكتەبىر كۈنى«دارۇلفۇنۇن»غا قوشۇۋېتىلگەن  قەدىمىي مەدرەسەلەردىن«فاتىھ»ۋە«سۇلايمانىيە» مەدرەسەلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى بۇ مەدرەسەلەر«دارۇلفۇنۇن»نىڭ ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرى سۈپىتىدە داۋام قىلغان بولسىمۇ 1933-يىلى رەسمىي تاقىۋېتىلگەن. 1992-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى([1]) تەركىبىدە يېڭىدىن«ئىلاھىيات فاكۇلتېتى»ئېچىلغان. 1996-يىلىغا كەلگەندە، ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرىدا باكلاۋۇرلۇقتىن باشقا يەنە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى بېرىلىدىغان. ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرستېتلەرنىڭ تەركىبىدە ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرى كۆپتۇر. تۈركىيىدىكى ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرىنىڭ سانى32گە، ئوقۇغۇچى سانى 72000گە يەتكەن.  




ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرىنىڭ دەرسلىكلىرى




تۈركىيىنىڭ ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىكلەر تەپسىر، ھەدىس، فىھى ۋە بۇلارنىڭ ئۇسۇللىرى، ئىلمى كالام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ئاساسلىق دەرسلىكلەر بولۇپ، ئەرەب ئەدەبىياتى، پەلسەپە، ئەخلاق، ئىسلام تارىخى، دىنلار تارىخى قاتارلىقلار دەرسلىكلەرمۇ ئۆتۈلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەرەب، پارس، ئېنگىلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىمۇ بۇ فاكۇلتېتلارنىڭ دەرسلىكلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالماقتا.  




مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى(International Islamic University Malaysia)




مالايشىيا خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئورنى مالايشىيا پايتەختى كولالامپۇر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى گۇمباك شەھىرىدە بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرستېت 1983-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، پاكىستان، مالدىف قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىس قىلىنغان. بو ئۇنىۋېرستېت ئىسلامىي بىلىملەردىن باشقا، ئىجتىمائىي، مېدىتسىنا، دارىگەرلىك ۋە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. ئۇنىۋېرستېتنىڭ رەسمىي تىلى ئېنگىلىز تىلىدۇر.

مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ھەر جەھەتتىن ئىلغارلىرى بىلەن داڭق چىقارغان ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستېت بولۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىدىن تاشقىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋۇستىرالىيىلەردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلماقتا. 100دىن كۆپرەك دۆلەتتىن بالىلار كېلىپ ئوقۇيدۇ.  ئانا ۋەتىنىمىزدىن كېلىپ بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ يۈزلەرچە بار.مالايشىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدە 30مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بىلىم ئالماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىن %10نى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھەر يىلى 2000دىن كۆپرەك بالا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرستېتقا تۆلەيدىغان پۇلى فاكۇلتېتلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر يېرىم يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرستېتكە 560دوللاردىن 620دوللارغىچە پۇل تۆلەيدۇ. ئەمما مالايشىيالىق ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500دوللاردىن پۇل تۆلەيدۇ. بۇ ئۇنىۋېرستېتتا مۇسۇلمان ئەمەس بالىلارمۇ ئوقۇيدۇ.

ئۇنىۋېرستېتنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.iiu.edu.my




ئىسلام ئاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتى(International Islamic University Islamabad)




ئىسلام ئاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئورنى پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئاباد شەھىرىدە بولۇپ، 1980-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، پاكىستان، مالايشىيا، مالدىف قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىس قىلىنغان. بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئىسلامىي ئىلىملەردىن باشقا ھەر ساھە ئىلم پەنلىرىمۇ ئوقۇتىلىدۇ، بۇ ئۇنىۋېرستېتقا 60 تىن كۆپرەك مەملىكەتتىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ۋە ھازىر 10مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىسى بار. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئانا ۋەتەندىن چىقىپ بۇ ئۇنىۋېرستېتتا بىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇپ كەلمەكتە.ئىسلام ئاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ فاكۇلتېتلىرى ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى فاكۇلتېتى، ئىسلامىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى، شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى، تېخنىكا ۋە ئېنژىنىرلىق فاكۇلتېتى، شىركەت باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، ئىجتىمائىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى قاتارلىق فاكۇلتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلام ئاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.iiu.edu.pk




ئىمان ئۇنىۋېرستېتى(جامعة الإيمان)

   

بۇ ئۇنىۋېرستېتنى ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ئابدۇلمەجىد زەندانىي تەرىپىدىن 1993-يىلى يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى بار.

ئەپسۇسكى، بۇ ئۇنىۋېرستېت2004-يىلىدى بىرى ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىدۇ، دېگەن تۆھمەت بىلەن قارىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا داۋام قىلماقتا. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بىلىم ئالماقتا.

ئىمان ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.jameataleman.org

‏  

ئامېرىكا ئوچۇق ئۇنىۋېرستېتى(the American Open Universty)

   

ئامېرىكا ئوچۇق  ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئورنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە بولۇپ، 1995-يىلى تەسىس قىلىنىپ، 1996-يىلى رەسمى دەرس باشلىغان. بۇ ئۇنىۋېرستېت ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە ئىسلام تەربىيىسى ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن تەسىس قىلىنغان مۇستەقىل بىلىمگاھى بولۇپ، ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن ئىختىساسلىق كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي تور ئادرېسى: www.aou.edu





--------------------------------------------------------------------------------


([1])  ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى تۈركىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن بىرى ۋە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئۇنىۋېرستېت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيىدە ئوسماننىيلارنىڭ سۇلتانى ئىككىنچى ئابدۇلھەمىدخاننىڭ پەرمانى بىلەن 1900-يىلى31-ئاۋغۇست كۈنى«دارۇلفۇنۇن» نامىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرستېت ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسـتېت 1933-يىلىغىچە «دارۇلفۇنۇن ئۇنىۋېرستېتى»دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىپ، شۇ يىلى1-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن 2252-نومۇرلۇق مەخسۇس قارار بىلەن«ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى»گە ئۆزگەرتىلگەن.  

مەنبە:مەرىپەت مۇنبىرىhttp://www.merifet.com/forum.php?mod=viewthread&tid=243#lastpost
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-23 05:31 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
attergul + 97 ئاللا رەخمەت قىلسۇن..
barquk8 + 99 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 196   باھا خاتىرىسى

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11199
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1124 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 01:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما ئىكەن ....
موشۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىغاي......

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 02:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدۇق ،  تېما ئىگىسىگە كۆپ  تەشەككۈرلەر بولسۇن  !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 02:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنىۋېرستېتى(جامعة إمام محمد بن سعود)

           شەرتى ھەجەپ يۇقۇركەن نا    ئاللاھ بىزنىمۇ ئوقوشقا نىسىپ قىلىلار

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 03:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە   ،،  

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11491
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 03:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالامنى ئاتاپ قوياي

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 03:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتىنىمۇ تونىتىۋاتماي تايىنلىق!
لېكىن ئېسىل تېما بوپتۇ............. بارىكاللا

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9149
تۆھپە نۇمۇرى: 1200
توردا: 4005 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 03:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەرنىڭ ئۇ يەرلەرگە بېرپ ئۇقۇش  پۇرسىتى يوقققۇ  شۇ شۇ شۇ شۇندامۇ باللا
:qiray15

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39266
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 06:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ ئاللاھ نىسىپ قىلسا قىزىمنى ئەۋەتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25523
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5007
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 826 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 08:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  نىسىپ  قىلا  شۇنداق جايلاردا  بىلىم ئىلىشقا....................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش