مەشھۇر ئالىم ، ئۇلۇغ فىزىكىشۇناس ئېينىشتىيىننىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى
1.جاپالىق ئىزدىنىش+ توغرا بولغان ئۇسۇل+ قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش= مۇۋەپىقىيەت
2. بىر ئادەمگە باھا بىرىشتە، ئۇنىڭ قانچىلىك مال-دۇنيا تاپقىنىغا ئەمەس بەلكى قانداق تۆھپە ياراتقانلىقىغا قاراش كېرەك.
3.مەن ئەزەلدىن خۇشاللىق ،راھەت پاراغەتنى ياشىشىمدىكى مەقسىتم دەپ قارىمىايمەن ، بۇ خىل قاراشنى مەن پەقەت چوشقىنىڭ خىيالى دەيمەن.
4. پەقەت سەن ئەقىلگە مۇۋاپىق بىرەر ئىشنى قىلالىساڭ ، شۇندىلا سېنىڭ ھاياتىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
5.ئادەتتە كىشىلەر تىرىشىپ قوغلىشىدىغان چاكىنا ئارزۇ___ بايلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، شەھۋەتپەرەسلىك.
مەن ئويلايمەنكى بۇ پەقەتلا بىر ئىپلاسلىق.
6.مۇنداقلا قىلىپ قىلىپ .ئېيىتقاندا قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدىنمۇ خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ.
7.ئومۇمەن كىچىك ئىشلارغا يىنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.
8.بەزىدە پۇل خەجلىمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىىشكە كەتكەن بەدەل تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
9.مەكتەپلەرنىڭ ئەسلىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ،مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان ئادەملەرنى تەربىيەلەش بولۇشى كېرەك .
10.بىر ئۇلۇغ غايىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىش سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرغاندا چوقۇم بۇ ئىشتا مۇۋەپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
11.ئەقىل-پاراسەت ئوقۇش تارىخىدىن ئەمەس بەلكى ئاخىرغىچە ھارماي-تالماي ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ.
12. قۇربانلىق بېرىش بولمىسا ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئتەرەققىيات بولمايدۇ.
13.ئەڭ مۇھىم كەڭ قورساقلىق دۆلەت ۋە جەمىيەتنىڭ شەخىشكە بولغان كەڭ قورساقلىقىدۇر.
14.پەقەت باشقىلار ئۈچۈن ياشىيالىغان ئادەمنىڭ ھاياتىلا ھەقىقىي ھاياتتۇر.
مەنبە : نىمە ئىزلىسىڭىز تېپىلىدىغان بەيدۇ