ئەرلەرنىڭ ئەڭ سىرلىق 18 خىل مەخپىيەتلىكى
1. ئەرلەر ئاسانلا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،لېكىن ئاسانلىقچە كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ.
2.ئەرلەر <<ھېسسيات پادىشاھلىقى>>دا مۇتلەق نادان پادىشاھتۇر، پەقەت ئاياللار خوشامەتچىلىك قىلىشقا رازى بولسىلا،ئەرلەر ھەر قانداق ئىشقا ماقۇل بولىدۇ.
3.ئەرلەر ئومۇميۈزلۈك سىرتقى كۆرۈنۈشى مۇلايىم قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ، پۈتۈن زېھنىنى كەسىپكە ۋە باشقا ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا رازىكى،ھەرگىز ئاياللارنى ئىتائەت قىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ.
4.ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى بەك قەدىرلىگەن ئاياللارغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
5.ئەرلەرنىڭ ھەممىسى قىزلارنىڭ جىندەك چاپلىشىۋېلىشىدىن قورقىدۇ،لېكىن مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزلىرى قوغلاپ يىتەلمىگەن قىزلارغا ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىدۇ.
6.ئەرلەرنىڭ دائىم قىلىدىغان خام خىياللىرىدىن بىرى،دوستلۇق چېگرىسىدىن ھالقىغان شۇنداق بىر گۈزەل نازىنىنغا ئېرىشىش.
7.ئەرلەر پۈتۈن زېھنى كۈچى ۋە ئەقىل-ئىدراكىنى ئىشقا سېلىپ،ئۆزىنىڭ مۇھاببىتىنى تاللايدۇ ۋە ھېسىىي جەھەتتىن ئۇ قىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.ئەمما بۇ قىزنىڭ ياخشى خوتۇن بولالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن چاغدا،ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ ھەم قايتىدىن تۇرمۇش قۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرسىنى ئىزدەيدۇ.ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە،مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىش ئىككى ئىش، كۆپىنچە چاغلاردا ئەرلەر توي قىلىشنى كەينىگە سۆرەيدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرگەن قىزى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ياخشى خوتۇن ئەمەسلىكىدۇر.
8.ئەرلەرنىڭ خوتۇنىغا بولغان تەلىپى بەلكىم مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتنىڭكىدىن تۆۋەن بولىشى مۇمكىن،لېكىن سىېرتقى قىياپىتى ۋە مىجەز-خاراكتىرى جەھەتتىكى تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى.
9.ئەقىللىق ئاياللارغا مەپتۇن بولىدىغان ئەرلەر كۆپ ئەمەس،بۇ خىل ئاياللار بىلەن بىرگە بولغان ئەرلەر دائىم ئۆزىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ھېس قىلىدۇ.
10.ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاياللار بار سورۇندا،ئەرلەردە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ: گېپى كۆپىيىدۇ،ئەقىللىق كۆرۈنىدۇ،باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا سېخى بوپ كېتىدۇ،گەپ-سۆزلىرىدە ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى كۆز-كۆز قىلىدۇ،ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۆرىندۇ،گەپ-سۆزلىرى يۇمۇرىستىك بوپ كېتىدۇ.
11.ئەرلەر---ھەم پىشقان ئەركەكلەرنىڭ ھەم كىچىك سەبى بالىلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر. پىشقان ئەركەكلەرنىڭ تەرىپى ئاياللارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كىچىك سەبى بالىلارنىڭ تەرىپى بولسا،ئۆزىنىڭ ئەجىز تەرىپىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە ئىككىلىنىپ قالىدۇ، ئاسانلا بالىلارغا ئوخشاش گوللىنىپ قالىدۇ.
12.ئەرلەر ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئاياللارنى قوغلاش ئۈچۈن بارلىق ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىدۇ،قوغلاپ يەتكەندە بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەركىنلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئاندىن ھېس قىلىدۇ.
13.ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايىغا ئوۋ ئوۋلاش،قوغلاپ تۇتۇش،ئېرىشكەندىن كىيىن ئۇنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۆينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىتائەتمەن <<جانىۋار>>غا ئايلاندۇرۇش پىسخىكىسى يوشۇرۇنغان بۇلىدۇ.
14.ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان مەنمەنچىلىك پىسخىكىسى بار،شۇڭا ئەرلەر ئۆزىگە دەرد تۆككەن ئاياللارنى ئاسانلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
15.ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ ، بىر ئايال بىلەن دائىم ھەممىلا جايغا بېرىشنىڭ بىر خىل زېرىكىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى،شۇڭا باشقا ئاياللار بىلەن لايىقىدا كۆرۈشۈشنىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ۋە بوشىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، قەتئىي باشقا مەقسىتىنىڭ يوقلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
16.ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە، ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەر قانداق قۇربانلىق بېرىشكە تەييار بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئەرلەر بولسا ئاياللىرىنىڭ ناھايىتى ئىقتىدارلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
17.ئەرلەر ئۆزىنى باشقىلارغا ئوڭايلا ئاشىق بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ،شۇڭا دائىم ئاياللارنىڭ نەزىرىدە سېپى ئۆزىدىن ۋاپاسىز بوپ قالىدۇ.
18.ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى قىزغىن مېھرىبانلىقنىڭ دەرىجىسى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقى بىلەن ئۆلچىندۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت مەن تەرجىمە قىلغان ئەسەر،مېنىڭ پىكرىم ئەمەس،شۇڭا تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا ئىجابى ئىنكاسلارنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! تەرجىمىدە بەزى خاتالىقلار ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، توغرا چۈشىنەسىلەر~~!
مەنبە:http://wenwen.soso.com/z/q2006665893.htm?pid=mail.wen18