مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 6

‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلى- بالىلارنىڭ يىقىن دوستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2912
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 06:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلى -بالىلارنىڭ يىقىن دوستى
ئەخمەتجان ئابلىز
ئىسىمدە شۇنداق تۇرۇپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ،بۇرۇن ‹‹ئۈمىد چېچەكىلىرى›› نامىدا چىقىدىغان ،ھازىر  ‹‹پەرۋاز›› نامى بىلەن نەشىر قىلىندىغان  بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى بىلەن دوسىتلۇق زەنجىرىنى باغلىغان ئىدىم.ھازىر باللىقىم بىلەن ئاللىقاچان خۇشلىشىپ،ياشلىق دولقۇنلىرىدا ئۈزىۋاتقان ،ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ كىلۋاتقان بولساممۇ ،لىكىن ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىلەن بولغان دوسىتلۇق رىشىتىم ئۈزۈلگىنى يوق. ‹‹پەرۋاز ›› ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىلىرى  قۇلۇمغا تەگكەندە خۇشاللىقىمىدىن شۇنداق  ئىخلاس بىلەن ھەربىر سەھىپلىرىنى ئۇقۇپ چىقىمەن. ‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلىنىڭ بەت،سەھىپىلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدىن مول ، رەڭدار بولۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كىتىمەن. مانا مۇشۇ چاغلاردا ، ئەينى يىللارنى ئىخىيارسىز ئەسلەپ قالىمەن.  بىلەمسىز؟ ئاشۇ  يىللاردا ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇش بىزدەك تەكلىماكاننىڭ سىرلىق ۋادىلار، يىشىل بوستانلىقلىرىدا ياشاۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئەڭ تەس ،بەسى مۇشكۈل ئىش ئىدى. مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلارىمىز بىز  بالىلار ئۈچۈن 60-70كىلومىتىر يىراقلىقىدىكى ناھىيە مەركىزىگە بىرىپ ،‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشىتىرى  بولۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن ژۇرنال نەشىرىدىن چىقىپ نەچچە ئايلارغىچە قولىمىزغا تەگمەيتى،  كۆزىلىرىمىز تەقەززالىق ئىچىدە پوچتىياليۇننىڭ يولىغا،قەلىبلىرىمىز ژۇرنالغا تەلمۇرەتتى. ژۇرنال قولىمىزغا تەكگەن ھامان قولدىن قولمىزغا  ئۆتكۈزۇپ سۆيۈپ ئۇقۇيتۇق، ژۇرنالنىڭ سەھىپىسى ،رەڭدار بەتلىرى ھەققىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قىلشاتتۇق.ژۇرنالنىڭ رەڭدار بەت يۈزىدە نامايەن قىلىنغان ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى››نى ئۇستاز تۇتۇپ ،ئۇنىڭدىن ماقالە يېزىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئۆگنىپ  مەكتەپ گېزىتى، سىنىپ گېزىتلىرىدە ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇراتتۇق؛‹‹قەلىب ئۈنچىلىرى››دە تەڭتۇشلارنىڭ تىمىسى سەرخىل،مەزمۇنى قىزىققارلىق ،تەسىرلىك،بىز  بالىلارنىڭ ئوماق، چۇچۇك  تىلى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرى  بىلەن   مول روھى  ئۇزۇق ئالاتتۇق.‹‹رۇجەك››تىن بىز تېخى  ئاڭلاپ باقىمىغان دۇنيادىكى  ئاجايىپ يېڭلىقلاربىلەن تۇنۇشىۋالاتتۇق؛‹‹ئەدىبلىرىمىز››بۇستانىدا بىز بالىلارنىڭ  ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىپ ،ياراملىىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن  جاپالىق ئىشلەپ ،مەنىۋى ئۇزۇق بىرىپ كىلۋاتقان تاغا-ھەدىلەر بىلەن ئەسرالىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئىسل-دۇردانە  ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ،ئالەمچە شادىلىققا چۈمەتتۇق، ئۇلارنى  ئۇستاز تۇتۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئوخشاش  بالىلار ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئەھىد قىلىشاتتۇق؛‹‹تىل-تىللادىن قىممەت›› سالۇنىدىن دۆلەت تىلى ،چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ ،كۆپ خىل تىل ئۆگىنىپ  كەلگۈسىگە مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا مۇۋاپىقىيەت بولاتتۇق؛‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››دىن ئۆگنىش ، تۇرمۇش،ئائىلىدە ئۇچرىغان  قەلبىمىزدىكى تۈگۈنلەرنى يىشىپ ، ھاياتلىق مۇساپسىگە يىڭى قەدەم تاشلايتۇق؛‹‹خاسىيەتلىك ئۇيۇنلار›› ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ،ھازىرقى زامانىۋى ئۇچۇرلاشقان،ئىلىكتىرۇن  دۇنيا تەرىپىدىن  بۇغۇلغان ،ئۇنتۇلۇپ يۇقۇلۇشقا يۈزلەنگەن بىباھا قىممەتلىك  ئۇيۇنلارنى ئويناپ ، كۆڭلىمىزنى خۇش ،دىللىرىمىزنى شاد قىلىپ ئىناقلىق ، ئىتتىپاقىلىق گۈللىرىنى پۇرەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ،غالىپانە روھنى يىتىلىدۇرەتتۇق،‹‹مارجانبۇلاق›› لىرىك قايناق ھىسيات دۇنياسىغا باشلاپ، سۈپسۈزۈك  ئابى زامىزەملىرىدىن ، چاڭقىغان دىلىرىمىزغا مەلىھەم  بىرەتتى.‹‹تاغنىڭ ئارقىسدا تاغ بار›› سەھىپىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەت، مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ،دۆلەت ئەھۋالى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ،مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ  چىقاتتۇق- دە،مۇشۇنداق بەخىتيار زامانغا ئېرىشتۇرگەن ئۇلۇغ  ۋەتىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ ،ياخشى ئوقۇپ جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلايتۇق،‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا›› ھىكايىلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئۇلاردىن ئۆزىمىزگە كۈچ-قوۋۋەت ئالاتتۇق.‹‹مەغرىبتە-مەشرىقتە ››جاھاننامە ئەينىكىدىن  بىز بالىلار دۇنيانىڭ  ئىلغار بولغان مائارىپ تەربىيسى بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىجابى  تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلشقا تىرشاتتۇق،‹‹ كىم ئەقىللىق›› مەيدانىدا ئۆزىمىزنىڭ زىھىنى سىناپ ،بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلىشەتتۇق،ئەقىل بەيگىسىگە چۈشەتتۇق، تەپەككۇر دولقۇنلىرىدا غۇلاچ كېرىپ ئۈزەتتۇق.
قىسقىسى ،‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىز بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ، دىللىرىمىزنى يۇرتىدىغان مەشئەل، ئالغان ئىلگىرلىشمىزدىكى ماياك ئىدى. لىكىن ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،شۇنى كۆرۇپ يەتتىمدىكى ، بالىلار تىلۋۇزۇر، كۆمپىيۇتىر قاتارلىق زامانىۋى ئىلىكتىرۇن دۇنياسىغا ئەسرا بولۇپ ،ئۆزنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىنى ئۇنتۇپ كىتىپتۇ، مەكتەپلەر بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ،ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇش  ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۇەن چىقىرىپ بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ ،ژۇرنالنى  ھەرئايدا قولغا تەككۈزىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنى سۆيۈپ ئۇقۇيدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ   يۇقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى سومكىلاردا،ئۇستەللەرنىڭ تارتىمىلىرىدا ھەتتاكى ئەخلەت سىۋەتلىرىدە زارلىنىپ يىتىپتۇ.بۇ ئىش بىزنى ئېچىنىش ئىلىكىدە ئۇيلاندۇرماي  تۇرالمايدۇ؟ قىنى ئېيىتڭلارچۇ بالىلار! بىز مۇشۇنداق قىلساق پەرۋاز ژۇرنلىغا، پەرۋاز ژۇرنىلىنى رۇياپقا چىقىرىش يولىدا ئۈن –تىنسىز جاپاللىق ئىشلەۋاتقان تاغا-ھەدىلەرگە قانداقمۇ يۈز كىلەلەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئەجىر –مىھنەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھەمىمىمىز ‹‹پەرۋاز››نى سۆيۈپ ئۇقۇيلى، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە مەنىۋى كۈچ  ئاتا قىلايلى.  

      
  (ئاپتۇر:يوپۇرغا  ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2912
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 07:37:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىرى -ئوقۇتقۇچى بولغانلار چۇقۇم بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولالايدۇ. ھازىر باللىرىمىز كىتاب ئوقۇشتىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتتى..........

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 75519
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 08:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۈمىد چىچەكلىرى بىلەن تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم.
بولۇپمۇ تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلىنىڭ باش تىمىسى :[ بالىلار چوڭ بولىۋېرىدۇ،بىراق <<تارىم غۇنچلىرى >>مەڭگۈ بىر بالا ] دىگەن جۇملىسىنى بەك ياقتۇراتتىم.
مۇھەرىر ئاكا -ھەدەشلەر،تىلۋىزىيە ئىستانىسىدىكىلەر،مائارىپچىلار،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز بىزنىڭ مەكتەپنى باش قىلىپ ھەردائىم لاگىر ،دالا ساياھەتلىرى، ئۆسمۈرلەر پائالىيەتلىرىنى ئۈيۈشتۇراتتى،ھەرتۈرلۈك ئۆسمۈرلەردۇنياسىكى  ئىش-ئىز،يازما-ماتىرىياللارنى،يېڭلىقلارنى ئاشۇ ژورناللاردىن بىلەتتىم. تارىم غۇنچىلىرىغا ئەۋەتكەن ئەسرلىرىمگە قەلەم ھەققىگە بىر مۇنچە ژورنال ،رەسىملىك بالىلار كىتابى، قۇۋەت تالقان ئەۋەتەتتى(ئۇ چاغلاردا قەلەم ھەققىگە ماددىي بۇيۇملار بېرىلەتتى) ھەر قېتىم ئۇ ‹‹بايلىق››لىرىمنى ئېلىپ تەنەپپۇسقا چىقشىمغا مەكتەپتىكى يۇقرى سىسنىپتىكى بالىلار ئالداپ ئېلۋالاتتى....   

ماددىيسى تولۇق،ئاتا-ئانالىرى بار تۇرۇپمۇ بالىلىرىمىز يىتىم بولماقتا، ئۆزلۈك ۋە كىملىكنى بىلمەي ئاتا-ئانلارغا قاراپ تەلمۈرمەكتە، ئەينى چاغلاردىكى مەھەلىلەردە ( ئاق تاش كۆك تاش دەريا بويى سۈزۈك تاش  ئوينايدىغان بالا بامۇ؟) دىن باشلانغان بالىلىقىمىز بىر جاھان ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-22 08:37 PM  


تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20344
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5346 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 10:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۈمىد چېچەكلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيتىم ... ھازىرقى بالىلار نېمە بۇلىۋاتىدىكىن ...

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9425 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 03:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىز بالىلار شۇ مىنۇتلارنى شۇ كىتاپلارنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كەتتۇقكى بۇرۇنقى ژورنالنى سىنىپتا نەچچە رەت كۆرىۋەتتۇق . قايتا نەشىر قىلىنسا قايتا تارقاتسا دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇردۇق .

ماڭغان يولۇڭدا غېرىپسەن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن يالغۇزلۇق ھىس قىلما!ساڭا قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەيۈسلىنىپمۇ كەتمە. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبى دۇنيا بىلەن باغلانغان چاغدا ، ئى قەلبى بىلەن يالغۇز قىلىش سۈيگۈسىگە چۈمۈلگەن ئىنسان ساڭا مۇبارەك بولسۇن.

al,bu mening yurikim

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10998
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7262
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:48:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تېما ئىگىسىنىڭ مۇنۇ ماقالىسى تولىمۇ ئۆزگىچە چىقىپتۇ. مۇمكىن بولسا بۇ ماقالىنى  ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مەن بۇ سۆيۈملۈك  ژۇرنالنىڭ دائىملىق ئوقۇرمەنى ھەم ئاكتىپ ئاپتورى. دائىم بالىلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىمنى ، يېقىندا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا قۇرغان   ئەلتۇغ بالىلار ئەدەبىي ئىجادىيەت تەربىيەلەش سىنىپىمدىكى ۋە مەكتىپىمدىكى  يېزىقچىلىق  كۇرژىكىدىكى  ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەسەرلىرىنى  ئىزچىل ئەۋەتىپ تۇرىمەن.بۇ ژۇرنالنىڭ   2011-يىللىق 10-ساندا بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ‹‹دادامنىڭ ئايىىغى›› ناملىق تولىمۇ تەسىرلىك بىر ھېكايىسىنى ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم. جەمئىيەتتە خېلى ئوبدان تەسىرى بولدى.
يەكەندە بۇ ژۇرنال ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇ ژۇرنالنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. سىنىپلىرىمىزدا بۇ ژۇرنال ئۆزگىچە جۇلالىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى سەر خىل ماقالە-ئەسەرلەرى بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
    كەڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشقا يېتەكلىگەن بولسا، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن بالىلىرىغا بۇ يېقىن دوستىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا، يېزىقچىلىق كۇرژىك يېتەكچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنى بۇ ژۇرنالغا ئەۋەتىپ تۇرغان بولسا ئىدى، بالىلىرىمىز  تولىمۇ يېقىملىق ھەم گۈزەل يېڭى بىر دۇنيانى تېپىۋالغان بولار بولار ئىدى...

ئۆز-ئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم، سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ. بىراق،ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم، ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!

al,bu mening yurikim

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10998
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7262
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 03:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە مۇشتەرى بولۇڭلار. ئاران 30 يۈەن.

ئۆز-ئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم، سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ. بىراق،ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم، ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش