مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 834|ئىنكاس: 9

نىگار ۋە مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 04:07:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتورى: پالۋان

قىزىلگۈل ئىشقىدا بۇلبۇل سايرار كېچە-كۈندۈز يىغلاپ،

نىگار سېنىڭ گۈزەل يۈزۈڭ ئىرۇر پىقىر ئۈچۈن ئاپتاپ.


ھەممە يارى گۈزەل قىزدۇر، مېنىڭ يارىم ئىدۇر باشقا،

ئول نىگار كى قان يىغلاتتى كەتكەچ ئۇنى مەن بىر تاشلاپ.


يۈرەك باغرىمغا بىر خەنجەر ئۇردۇم ئۆزۈم نادانلىقتىن،

شۇنچە گۈزەل، شۈنچە كاتتا نىگارنى مەن كېتىپ تاشلاپ.


بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇردۇم، يالۋاردىم نىگارغا مەن شۈنچە،

رەھىم ئەيلە، بولغا زالىم، ئاپۇ قىلغىل بىر بېغىشلاپ.


نىگارنىڭ جاۋابىن ئاڭلاپ، خوشالىقتىن بولدۇم مەجنۇن،

دېدى نىگار كەلگىن قايتىپ، كەتمە مېنى قايتا تاشلاپ.


ۋا ھەسرىتا، ئېغىر دەردىمگە بۇ دۇنيادا كىم بولغاي داۋا،

نىگار يېنىغا بارالماستىن نادامەتتە قالدىم يىغلاپ.


مېنىڭ بۇ تەك ۋاپادارىم، ئىدىغو ئۇ گۈزەل يۇرتۇم،

جۇدالىقتا يۇرتۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىدىم ئويلاپ.


سۇندى يۇرتۇم ۋىسال گۈلىن، ئالالمىدىم بولغاچ نادان،

ھىجران ئىچرە سەرسان بولدۇم، بولغاچقا مەن ئۇنى تاللاپ.


ۋىسال ئىزدەشكە يۈزۈم يوقتۇر، ھىجراننى تاللىغاچقا مەن،

يۈزسىز بولۇپ ۋىسال تىلەپ، يۈزلىنىمەن ئاڭا يىغلاپ.


كەچۈرىدۇ مېنى نىگار ئاڭا يوقتۇر قىلچە شۈبھەم،

شۇم پەلەكنىڭ سىناقىدىن ئۆتەلمىسەم يەنە ئاتلاپ.


ماڭا رەھىم ئەيلە يارەپ، ئۇچراشتۇرغىل نىگار بىرلە،

تىلەكىم شۇ ئىجابەت قىل، قالماي يەنە مەڭگۈ يىغلاپ.

مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-22 07:09 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yaprak33 + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46146
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6641 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 07:13:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   پالۋاننىڭ قەلب تۇيغۇلىرى خېلى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتكەن بۇ شېئىر مەزمۇن جەھەتتىن خېلى ئەتراپلىق بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ ۋەزىن، تۇراق، رېتىم-ئاھاڭدارلىق جەھەتتىن بەلگىلىك دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرى تېخىمۇ تېرەن بولغان!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11238
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1144 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 08:44:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ !!!



(تۆۋەندە بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش توغرىسىدا

ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بوپ قالدىم ، ئەزىز قېرىنداشلىرىم

ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر ،،،ئەگەر سىز مىنىڭ ئورنىمدا

بولسىڭىز چۇقۇم ......سىزمۇ .........)

مەن ئاخشامدىن بېرى كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا 4-5سائەت كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ

ئەجىر قىلىپ يېزىپ يوللىغان تىمام نىمىشقا سەۋەپسىزلا ئۈچۈرۈلىدۇ ؟؟؟

ئەسكەرتىشقۇ بەردىڭلار لىكىن سەۋەبى نىمىشقا ئېنىق ئەمەس ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يەنە بىر فىلىمنىغۇ مەن توردىن ئۇچرۇتۇپ قېلىپ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن دەپ

قارىغاچقا يوللىغان ئىدىم ئۇنى ئۈچۈرسەڭلارغۇ بەك ئاچچىقىم كەلمىدى،

ئەمما ئانا-تىل ۋە ھاياتلىق توغرىسىدا دىگەن ئىككى پارچە ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي

شېئىرىم نىمىشقا سەۋەپسىزلا ئۈچۈرىلىدۇ ؟؟؟  

ئالدىنقى قېتىممۇ سەۋەپسىزلا ئۈچۈرۋىتىپتىكەنسىلە بىر تىمامنى ، ئۈچۈرسەڭلەرمۇ

ئۈچۈرۈڭلار ، ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئورۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بولىدۇ ،

بۇنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز ،ئەمما سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ ئاندىن ئۈچۈرۋەتسەڭلار

بىز كىيىنكى قېتىملىق تىمىلارنى يوللىغان چاغدا شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىپ تىما

يوللىساق  بولمامدۇ ؟؟؟ مەن ئەسلىي گەپ قىلمايلا چىكىنىپ چىكىتەي دەپ ئويلىغان

لىكىن يەنىلا سىلەرگە دىگۈم كەلدى ، چۈنكى بىمارمۇ دوختۇرغا نەرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى

دەپ بەرمىسە  دوختۇرنىڭمۇ بىمارنى داۋالىشى  تەسكە توختايدۇ   ئەمەسمۇ !!!

ئەگەر ئىنكاسىمنى كۆرۈپ ئاچچىقىڭلار كەلگەن بولسا ماڭا ئىنىق بىر چۈشەنچە

بىرىپ-ئۇچۇر يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ،ئەسلىي قايسى باشقۇرغۇچىنىڭ

ئۈچۈرگەنلىكىنى بىلگەن بولسام شۇ باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئۇچۇر يوللاپ

سوراپ باقماقچى ئىدىم لىكىن ، ئەسكەرتىش ئۇچۇرىدا تۆۋەندىكىدەك

خەتلەردىن باشقىسى چىقمىدى !!!(يەنە قانچىلىك مۇنبەرداش مۇشۇنداق

ئۇقۇشماسلىققا يۇلۇققاندۇ دەيمە،،،،،،،)


سەل چېچىلىپ قالدىم ، ئەيىپكە بۇيرىماڭلار مەنمۇ شۇ مىسرانىمدىكى قېرىنداشلىرىمغا يېڭى تىما

سۇنىمەن ، ياخشى چىقىرىپ سۇنىمەن دەپ بەكرەك تۈجۈپلەپ ئىشلەپتىكەنمەن  ئۇ شېئىرلىرىمغا

يېزىپلا يوللىغان بولسامغۇ يېرىم سائەت ۋاقىت كىتەتتى ھەرقانچە جىق ۋاقىت كەتسە لىكىن

مەن ئۇ شېئىرلارنى 10 دانە نەقىشلىك رامكىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ رەڭلىرىنى تەڭشەپ ،

ئىشقىلىپ ئۆزۈمگە يارايدىغان قىلغۇچە 4-5سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تەستە

ئىشلىگەن ئىدىم ئۇ تېمىنى ، لىكىن باشقۇرغۇچى نىمە سەۋەپ بىلەن نىمە مەقسەتتە

ئۈچۈردى مەن بىلمەيلا قالدىم .................


ئەسلىي مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئايرىم بىر تىما يوللاي

دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لىكىن يەنە بىر مۇنچە ۋاقىت زايا قىلىپ ئەجىر قىلىپ تىما يوللىسام

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتىش بەرمەيلا ئۈچۈرۋەتسە.....ھەيييي....................................

بۇنداق دىسەم بەزىللىرىڭلار گىپىمنى تەتۈر چۈشۈنۈپ خاتا ئويدا بوپ قالماڭلار ....!!!

دوستۇم سىزنىڭچە .......

مىسرانىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا .....ۋۇرررررراااااااااااا دىگەن دەك گەپلەرنى

قىلىپ قويغانغا ، مەدىھلەپ چىرايلىق ئىنكاسلارنى يېزىپ قويغانغا مىسرانىم

تەرەققىي قىلامدۇ ...ياق..بىز يەنىلا شۇ كۆز بۇيايدىغان بۇياقچىلىقتىن تۇلۇق قول ئۈزۈپ

ئەمىلىي ئىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسەك مىنىڭچە ئۇنىڭ ئۈنىمى سەل ياخشى بۇلارمىكىن دەپ

ئويلايمەن ،مىنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىشىممۇ مىسرانىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەمەسمۇ ،،،

ئەلۋەتتە مۇنبەردە ماڭا گەپ تېپىپ بىرەلەيدىغان زۇۋاندارلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس

ئەسكەرتىش : مەقسىتىمنى خاتا چۈشەنمەڭ ،بۇنى يېزىشىم مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى

شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قان-تەر سىڭدۈرۈپ قىلغان ئەمگىكىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن .....


ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى :بۇ ئىنكاسىمنى بولسىمۇ ئۈچۈۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-22 11:20 AM  


ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 10:17:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ شېئىردا ئازراقمۇ قابىلىيىتىم بولمىغاچقا ،مەزمۇنىنى ئوقۇپ چۇشىنەلەيمەن ،بىراق باھا بىرەلمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72726
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 11:15:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 12:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بۇپتىكەن پالۋاننىڭ  شىئېرىيەتلىرىنى كۆرمىگىلى.   قەلمىڭىزگە تەششەككۇر....

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3497
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10853 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 12:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق بىر جاپانىڭمۇ راھىتى بار كەينىدە،
باغقا تىككەن شۇ  كۈچەتنىڭ مىيۋىسى بار كەينىدە.
كىمكى ئۆستۈرسە مېھرى بېغىدا نۇرغۇن گۈل چىچەك،
قان-تەرى ئەجرىگە لايىق ھۆرمىتى بار كەينىدە.





ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 788
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13455
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 1065 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barquk8 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 08:44 AM
ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ !!!

(تۆۋەندە بۇ تىما بىلە ...

مەنمۇ سىز ئۈچرىغان ئەھۋاللارغا ئۇچراۋاتانلارنىڭ يەنە بىرى.مۇنبەردىكى تېمىلىرىمنىڭ كۆپۇنچىسى ئىككىنچى قېتىم يوللىغاندا تەستىقلانغان  .يەنى «تېمىڭىزنى ئۈچۈرۈلدى» دىگەن ئۇچۇرنى كۆرىمەن.نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلمەي بەك ئىچىم پۇشىدۇ.سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر قىلىمەن.قىلغان ئۇچۇرلۇرۇممۇ جاۋاپسىز قالدى.پەقەت«hokumran »ئىسىملىك باشقۇرغۇچى بىر قېتىم ئۇچۇر قايتۇردى.شۇنداق خۇش بولدۇم.سىز ئېيتقانداق سەۋەبىنى بىلەلىسەك بىزنىڭ كىيىنكى قېتىمدا تۈزىتىۋېلىشىمىزغا ياردىمى بولاتتى ئەمەسمۇ!ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرىنىڭ پۇچەك تېما قاتارىدا ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن.شۇڭا قايتىدىن يوللاپ قويىمەن.قىززىق يېرى قايتىدىن يوللىسام تەستىقلىنىپ قالىدۇ.مۇشۇنىڭغا قاراپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى ياكى چۈشەنچىسىدىكى ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.مېنىڭچە باشقۇرغۇچىلارچىلار پەقەت بىرلا بولمىغاندىكىن ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچىلا تۇنجى كۆرۈپلا ئۈچۈرۈپ تاشلىماي باشقا باشقۇرغۇچىلارغا ھاۋالە قىلسا يەنى ئۆچۈرۈشكە بەك ئالدىراپ كەتمىسە دىمەكچى.

كەچۈرۈڭلار مەنمۇ تېمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز سۆلەرنى قىلىپ قويدۇم.تېما ئىگىسىنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  

ئاپتورنىڭ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرى ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونىدا .ئىزدەش نامى:angarxeirliri
سالوننى قوشۈۋېلىپ يېڭى يېڭى مەزمونلاردىن بەھىرلەنگەيسىز

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7028 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 05:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،،ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر گۈزەل ئىكەن. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

<نە ئېلاج؟&

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4124
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9864
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ !!!:qiray121:qiray121

ھەقىقەت ئىگىلەر سۇنماس!  ئېسىل ياشا تەڭتۇشلەر!!!!     خاتالاشمايدىىغان ئادەم يوق!كەڭ قورساقلىققا يەتمەس!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش