hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:55 AM
ھەممىمىز ماختايمىز، پەخىرلىنىمىز، لېكىن كىيىدىغان ...
ھەممىمىز ماختايمىز، پەخىرلىنىمىز، لېكىن كىيىدىغانلارنىڭ تايىنى يوق.
ئەڭ ئاخىرقى ھېلىقى خۇتۇننى چىقارمىساڭلارمۇ تېما مەقسىدىنى چۈشىنەتتۇق
سىزگە نېمە ئىش قىپتىكەن دىلنار ئابدۇللا؟گەپ بولسا ئۇچۇق دەڭ،مۇنبەردە سەنئەتچىلىرىمىز توغۇرسىدا يۇشۇرۇن گەپ قىپ يۈرمەڭ!
شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ماكانى،قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى ياراتتۇق ھەم يوقاتتۇق،ئۇزۇن يىللىق غەپلەت ئۇيقۇسى،تەۋەرۈك مىراسلارنى ياستۇققا قويىۋىلىپ،نۇرغۇن يىللارنى نادانلىقتا ئۆتكۈزۋەتتۇق.يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىش قايتا ئېچىلىش بىزلەرگە تارىىخي ئەڭگۈشتەرنى قايتا تېپىشىمىزغا،ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.دۆلىتىمىز ئازاد بولغان مەزگىللەردە ،بىزنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىمىز تازا روناق تاپالمىغان ئىدى،يېڭى سەنئەت نۇمۇرلىرىمۇ يوق دېيەرلىك،بۇرۇنقى سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆپ تەكرار بۇلۇپ كەتكەچكە،خەلق ئاممىسىنى جەلپ قىلالماي كەلگەن ئىدى.
دىلنار ئابدۇللا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن،1985-يىلى يىپەك يولى ئۇسۇل كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان،ياپۇنىيە،چاۋشىيەن قاتارلىق دۆلەتلىرىگە بېرىپ،ئۆزگىچە مىتۇد يارىتىپ،چەتئەللىكلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.شۇ چاغدا ئۇيۇن قۇيۇۋاتقان مەزگىللەردە،بەلكىم ئۆزلىرى كىچىك بولغىيتىلا،جىق ئىشلارنى بىلمەيتىڭىز،ئەمدى،خۇنەندىكى بىر پىرۇگراممىنى كۆرۈپ،ئۇنداق سەپسەتە،قۇرۇق سۆز-چۆچەكلەرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمەڭ قېرىندىشىم!
دىلنار ئابدۇللا ياپۇنىيەدە ئۇيۇن قۇيۋاتقان چاغلىرىدا سىز بەكلا بىر كىچىك بالا بولغىيتىڭىز،شۇ چاغدا،سوۋىت ئىتىپاقى،تۈركىيەدىنمۇ ئۇسۇل ئوينايدىغان سەنئەتچىلەرمۇ كەلگەن،لېكىن،دىلنار ئابدۇللادەك ئالقىشقا سازاۋەر بولالمىغان.
شۇ چاغدا ياپۇنىيەنىڭ بىر مۇتەخەسىسى دىلنار ئابدۇللاغا مۇنداق دېگەن:
سىلەر ئۇيغۇرلار تولىمۇ گۈزەل كېلىدىكەنسىلەر،ئۇسۇلىڭلار ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن....-دېگەن ئىكەن.
ئەنئەنىنى بىلمەي تۇرۇپ،يېڭىلىق يارىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش،دىلنار ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىغا خاس تۈركلەرنىڭ،ئۆزبىكلەرنىڭ ئۇسۇلىنى،كانادا تاق-تاق ئۇسۇلنى،جاز ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن،ئەلۋەتتە ،ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تىرىشچانلىقى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.شۇ چاغدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇسۇلچىلار جەمىيتىنىڭ رەئىسى قەمبەرخانىم
دىلنار ئابدۇللاغا:
-ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ ھاياتى سىلەر بىر ئەۋلادقا قاراشلىق -دېگەنىكەن.
دىلنار ئابدۇللادىكى ئىزدىنىش روھى،ئەقىل،ۋىجدان ۋە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەتكارلارنىڭ ۋەكىلى.ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇرغۇپ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىكىنى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن يۈزلەشتۈردى،سەھنىدە نامايەن قىلدى.
سەنئەتسىز مىللەت بولمايدۇ،بىر سەنئەت ئارقىلىق،شۇ مىللەتنىڭ قىممىتىنى،غورۇرىنى،قەدىر-قىممەتنى چۈشىنىش مۇمكىن.
سەنئەتچى خەلق ئۈچۈن يىغلاپ،كۈلكىسىگە كۈلۈپ،خەلقىنىڭ پىكىرىنى شۇ سەھنىدە ئۇرۇنلاپ،نامايەن قىلىدۇ،ئۇنىڭ سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى خەلق ئۈچۈن بېغىشلانغان بولىدۇ،بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز،قەدىرلىشىمىز كېرەك.
سىزنىڭ بىر پىرۇگراممىنى كۆرۈپلا،دىلنار ئابدۇللاغا قالايمىغان پىتنە گەپلەرنى قىپ يۈرمەڭ،مىللىتىڭىز ئۈچۈن ھېچقانداق
ئىش قىپ بېرەلمەي،سەنئەتكارلىرىمىز توغۇرسىدا قالايمىقان جۆيلۈپ يۈرمەڭ،سىزنىڭ قالايمىقان تۆھمەت چاپلايدىغانغا،پىتنە-پاسات گەپلەرنى قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق،بۇنداق قۇرۇق ،ئاقماس،قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي،مىللەتنى ئاغزىدا سۆيگەن،ئەمەلىيەتتە ھېچنىمە قىپ بېرەلمەي،مۇنبەردە گەپ تارقىتىپ يۈرمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەن ئاخىرىدا شۇنى دەپ قوياي،مىللەت ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىپ بېرەلمەي،مىللەتنى سۆيىمەن دېيىش قۇرۇق شوئاردىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىزگە لازىمى،ئەمىلىي نەپ تېگىدىغان،بىزنى تەرەقىياتىقا،مەدەنىيىتىمىزنى جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردىغان ،ھەر قانداق ئىشنى ئەمەلىي ھەركىتىدە قىلالايدىغانلار كېرەك،سىزدەك قۇرۇق شوئار توۋلاپ يۈرگەنلەر ھاجەت ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-22 02:48 AM