مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 5

ئۇنتۇلماس سەتىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 07:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز سابىق قەشقەر پىداگۇگىكا مەكتىپىنى 2000-يىلى 7-ئايدا غەلبىلىك ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ،ھەرقايسىمىز يۇرت-يۇرتلىرىمىزغا راۋان بولدۇق. ئۇقۇش پۇتتۇرگىلى ھەش-پەش دىگۈچە ئۇن بىر يىلىدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا ئىككى نۆۋەت ساۋاقداشلار يېغىلىشى قىلغان بولساقمۇ ،كۆپ ساندىكى ساۋاقداشلار بۇ يېغىلىشلىرىمىزغا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى سەۋەبى بىلەن كىلەلمىدى. مەن ئون بىر يىل ئالدىدىكى سۆيۈملۈك ساۋاقداشىلىرىمنى چۇڭقۇر سېغىنىپ بۇ ئەسلىمەلەرنى يېزىپ ،ساۋاقداشلىرىمغا، ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇن ھايات قاينىمىدا تىنىمىسىز تېپىرلاۋاتقان دۇسىتلارغا بېشىلايمەن.
ئۇنتۇلماس سەتىرىلەر

ئەخمەتجان ئابلىز
1
1)-ھۇ ،قارىگىر ،سەن دائىملا بىزنى مۇئەللىمگە چىقىپ يۇرۇمسەن؟  بىلىپ قۇي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ؟ - دەيىتتى سىنىپىدىكى كۆپ قىسىم ساۋاقداشلار  سىنىڭ خىزمەتلىرىڭدىن نارازى بولۇشۇپ.
2) – مۇللاخۇن ، كۆك كەپتەرلەنى ئىكلىۋەرمەڭلەر، مۇئەللىمىزنىڭ شەيتىنى ئىشىتىكلىشىپ قالسا ..... ئىش چاتاق چىقىدۇ –دەپ چاقچاق قىلاتتى ساۋاقداشلىرىمىز.
2
1)-سىزنى غىمى يۇق دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىكەنمىز،  لىكىن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن رىئاللىق ھەقىقەتەن بىزنى چۇڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قويدى –دىيىشكەن ئىدۇق ئاشۇ چاغلاردا.
2) –مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن- دەپ ئارقاڭدا قانچىلىغان ئەركەكلەر  كىرىۋالغان ئىدى،لىكىن سەن ئۇلارغا بىرەر قىتىم پۇرسەت بەرمەي ،ئۇلارنى ئارمان بىلەن ئۆلۈپ كىتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدىڭ. (شۇ جىنايەتلىرىڭ ئۈچۈن ......چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم.)
3
-نىمە ؟  بۇ يەنە  سەنمۇ،ئۇيالماسىتىن ئەرگوتۇنىنىڭ شىشىنى ئاتقان ، قارا يازغان خەتلىرىڭ ئۆمۇچۇكنى رەڭگە چىلاپ قۇيۇۋەتكەندەك- دەپ كايىپ كەتتى سىنىپ مۇدىرىمىز ئاچچىقلاپ تۇرۇپ.
4
-ھاي،ئاداش، ئىشتانغا چىققان ،كۆڭۈلگە تايىن دەپتىكەن ، ئۆزىمىزگە  يارشا قىلايلى-دىگەن ئىدۇق سىنىڭ ئاسماندىكى غازنىڭ شۇرپىسنى ئېچۇرىمەن دىگەن چاغىلىرىڭدا.
5
-ۋارقىرىما، بولمىسا قولاققا بىرنى قۇيمەن  دەپلا  قولاققا بىرنى قويغان ئىدى، شۇندىن باشلاپ قولاقتىن چاتاق چىقىپ ياخشى گەپ بولسا ئاڭلايدىغان ،يامان گەپ بولسا ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ-ھە –دەپ بىر-بىرىمىزگە مەنلىك قاراپ قۇيۇشقان ئىدۇق.
6
-نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ قىز بالا سىنى رەت قىلغانكىن -دىيشكەن ئىدۇق ئوغۇللار سىنىڭ بۇدۇشقاقتەك قىلقىڭغا قاراپ.
7
1)-ۋايجان، دەپلا ئايلىنىپ كىتەتتى ئۇ،-بۇلۇڭلار تىز ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپرايلى دەپ كۆتە-كۆتە ئېلىپ مېڭشاتتۇق ئۇنى.
2) مەن ھەقىقەت بۇسۇغىسىدا تۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق نىدا قىلاي، ھىلىقى ئايلىنىپ كىتىش ۋەقەسىدە مىنىڭ باش جاۋابكارلىقىم بار. ئەركەك ئەمەسمۇ؟ لىكىن، مىنى كەچۈرگىن.
8
-يۇيۇنۇپ تۇرۋاتامسەن؟- ياق ،كىلەر ھەپتە يۇيۇنمەن. دەپ قۇياتتى ئۇ قىلچىمۇ خىجىللىق ھىس قىلماستىن.
9
-ماڭ ،ئاداش، بىرىپ ئۇيناپ كىلەيلى دەپ يالۋۇرساقمۇ ،زەرچىمۇ ئىلىنمايتىڭ، بىلسەك ئۆزۈڭنىڭ ھاياتقا تۇتقان يۇلۇڭ بارئىكەن ئەمەسمۇ؟

10
1)-مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەنلىرىڭنى ئاڭلاپ بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ياقا چىشىلەشكەن ئىدۇق، گۈدەك ئىكەنمىز ئەشۇ چاغلاردا ،لىكىن سەن چوڭ بولۇپتىكەنسەن ئۇچاغلاردا.
2) –تۇۋا دەيمەن ، چوڭلاردىن ، كىتابلاردىن ئۇغۇل بالىلارنىڭ قىزلار قىشىغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم ، لىكىن قىز بالىنىڭ ئۇغۇل بالىنىڭ قىشىغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇ زاماندا قىزلار ئۇغۇللارغا ئۆزگەردىمۇ ياكى ئۇغۇللار قىزلارغىمۇ؟ كىيىن بىلسەم ، مانا شۇ ئاشىقلىق سىنى 10يىل تەنھا يۈرۈشكە مەجبۇر قىلىپتۇ. دۇستۇمدىن ئاڭلىسام ، پەرھات-شىرىنلەر ۋىسال تېپىتۇ، ئاخىر پۇشايمان سۇينى ئېچىپتۇ.
11
-دىققەت قىل ،ئاداش، بولمىسا ئاسپرانىت بولۇپ ئوقۇش پۇتتۇرمىگىن يەنە –دەپ چاقچاق قىلاتتۇق سىنىڭ سىنىپ قالغانلىقىڭنى پەش قىلىپ.
12
-گوشباش، سىنىڭ سىنىپقا ھىچ پايداڭ تەگمىدىغۇ؟چاشقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان،ئاش بەرسە تاۋاق قالدۇرمايدىغان ھالىتىڭنى قاچانمۇ تاشلارسەن؟
13
-خىنىم ،كۆڭۈل بەرسە ئالمايدىغان، كۆڭۈل بىرىپ يانمايدىغان ھالەتلىرى بارئىكەن –ھە دەپ سىنى خاتا چۈشىنىپ يۇرگەن ئىكەنمىز  ئاشىقلار.
14
1)-ئادىل ھۇشۇرمەن دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە. ھىلى بىكار ئشىتىن چاتاق چىقىدۇ –دىيىشتۇقيۇ ئارقىدىنلا باگىرىغا ئات  مىنگەندەك ئولتۇرۇپ قالدىڭ ئەمەسمۇ؟
2) –ماركىس ئەپەندى، كەلگۈسى دۇنيانىڭ خەرتىىسنى سىزىپ قۇيدىڭىزمۇ؟ -دەپ چاقچاق قىلاتتى ساۋاقداشلار.
15
-بول ، يۇدە، دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭايلى دەيتۇق. سەن خۇددى ئونىڭ ئۈچۈن يارالغان سادىق ئىشەكتەك چاپاتتىڭ ،ئۇ ساڭا كۆنۇك ئىدى ،سەنمۇ ھەم.
-ئسىڭدىمۇ ، بىز سىنىڭ رەسىمىڭنى لايھىلەپ بەرگەنلىرىمىز، سەن ئاشۇ چاغلاردا ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىدىن يىغلىغانمۇ ياڭى .....
16
-نىمە؟ يەنە سىنىڭ ئۆيۇڭگە بارىمىزمۇ؟  خىجىل قىلما دەپ قۇياتتۇق،لىكىن يەنىلا سىنىڭ ئۆيۇڭگە چاپاتتۇق. رەمەتلىك تەۋەككۇل ئاكام مەرت ،سىخى ،ئوقۇمشۇلۇق ئادەم ئىكەن  ئەمەسمۇ ؟قىلىقىلىرىمىزنى كۆتۇرەر ئىدى.
17
-ھىلى بىرنى تېىپمەن بىكا، دەپ تۇراتتىڭ. قىزلاربىلەن بىر ياتاقتا ياتدىغانلىقىڭنى، ئۆزۈڭنىڭ ئوغۇل بالا يىرىدىن بىر يەرلىرىڭنىڭ كەم ئىكەنلىكىڭنى ئويلىماي.
18
-نىمانچىلا ئۆزۈڭنىڭ جىننى قىينايسەن؟  ساڭا ئاشۇ چوڭ-چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتىنىشىش نىسپ بولارمۇ؟ -دىيشىكەن ئىدى كۆرەلمەسلەر ،سەن بىلەن يۇرەلمەسىلەر.
19
-ھەي،ئىسمىڭ بەك ئۇلۈغ ،نامىڭ قۇرۇق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ باتۇر دىگەن قانداق بولىدۇ؟ ئاتا-ئاناڭ بىلمەي قۇيۇپ قۇيغان مەتۇ  ئىسىم ئوخشىمامدۇ؟- دەيتۇق سىنىڭ جۈرئەتسىز، قۇرقۇنچاق  ھالىتىڭگە قاراپ.  ئۇن يىلىدىن كىيىن ئاران ئويلەندىڭ، سەن ھەقىقەتەن باتۇرغا خاس ئڭش قىلغان ئىدىڭ ...
20
-قارىغىنە، بۇرۇتلىرىڭ خەت تارتقان بولسىمۇ،قىلىقلىرىڭ سەپ تارتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ نىمانداق كىچىك بالىدەك ئشىلارنى قىلىپ يۇرۇيسەن؟
21
1)-ئوھوي ،ئاداش، بىر پۇتغا چۇخەي كىيىپ ، بىر پۇتىغا پىتىنكە كەيگەن ئىش نەدە بار؟ - قۇياڭلا ،دائىم ھەق ئىش قىلىمەن دەيسىلەر، مۇشۇ ئىشىڭلار ھەق بولدىمۇ؟ بىچارە پۇتىلار.
2)تۇۋا دىگۈلۈك ئادەمنىڭ بۇرنۇدىن ئىس،ماڭقا چىققىنى كۆرگەن ، لىكىن لەغمەن چىققىنى كۆرمىگەنئىدىم ئەمدى كۆرۈپ ھەيران بولغان ئىدۇق.
3) سەن قۇم باشقان شەھەرنى كۆرگەن بىلەن تۈك باسقان شەھەرنى كۆرمىگەن ئىكەنسەندە ، قۇرقۇپ كىتىپ ئىشتانغا  چىقىرۋەتكەنمىدىڭ ئاشۇ چاغلاردا  .... ئەمدى ئاڭلىسام ، نى-نى ئىزلارنى قالدۇر مېڭۋىتىپسەن ئاپرىن ساڭا ....مىكجىن...
22
-يىغىلىما ،ئاداش، تۇرقىڭغا قارسا پالۋان كۆرۇندىكەنسەن،ئەمما قىز بالا ئالدىدا يىغىلايدىكەنسەن ئەمەسمۇ؟ تاتىلىق سۆزلەرنىمۇ ئۆگىنپ قۇي ،ئەسقاتار گاھىدا-دەپ مىسكىن ،بىچارە روھىڭغا تەسەللىي بىرەتتۇق ئۇھىسىنىپ تۇرۇپ.
23
-سىنىپنىڭ گۈلى، مەكتەپنىڭ تولى دىسەك ئىشەنمەي يۇرىۋىرەمسەن؟ سەندىكى قامەت، سالاپەت،ئىسىت  -دىيىشىپ يۈرەكلىرىمىز ئېچىشىپ كىتەتتى.
24
-ئېگىز ئاخماق، نەپسىڭنى يىغ دىسەك  ئاڭلىمىدىڭ،ئاخىر ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ- دەپ تەنە قىلىشقان ئىدۇق ياتاقداشلىرىڭ.
25
-شۇينىدەك ساڭگىلاپ يۇرىمەي ،بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقساڭچۇ؟ -دەپ سىنىڭ ئىتتىپاق خىزمەتلىرىڭدىن نارازى بولۇشاتتۇق.
26
-ھوي،ماڭغىنە، دوڭگە، قىلغان ئىشىڭنى، توگىدەك بۇيۇڭ بولغىچە ، توگىمىدەك ئەقلىڭ بولسا ئىدىكاشكى- دەپ زاڭلىق قىلاتتۇق سىنى.
27
-قاراڭلار! ئاۋۇ ،ئەينۇنى، كۆزلىرىگە ياغاچنى تىرەپ قۇيۇپ  ئۇخلاپ كەتىكىنى ، كۆزۈڭنى ئاچە ،ھو ناكەسىتى، بۇ دەۋىر ئۇخلايدىغان دەۋىر ئەمەس، ئويغىندىغان دەۋىر – دەپ ئاچىچىقىلاپ كەتكەن ئىدى‹‹ سۇغۇق›› مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
28
-خىنىم، ھىلىقى سرىتمىلىق چاپىنىڭىزنى كىيىپ چىقمامىسىز؟  دەپ چاقچاق قىلاتتۇق قىلىنلىق قىلىپ  ،لىكىن سەن خىجالەت بولماستىن ، چاپاننىڭ سىرىتمىسى بوزۇلۇپ قاپتىكەن دەپ رەدىيە بىرەتتىڭ.
29
-ھو،سىرىق ئوت، قارمامسەن سىنىپنىڭ تازىلىققا ؟ كۈندە دىگۈدەك تازلىق قىلساقمۇ نومۇر ئالالمىغان؟ -دىگەن دادلاشلىرىمىزھىلىمۇ نومۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلغان چاغلاردا كىلىدۇ يادىمىزغا.
30
-نىمە؟ئۇگەي ئاپام بار دىدىڭما؟ بىلىدۇق، سەندە غەم ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن ،ئۇگەي ئاپىنىڭ قولغا قالىمغانلار ئۆز ئاپىنىڭ  قەدىرىگە يەتمەس ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتەر- دەپ تەسەللىي بىرەتتۇق كىر يۇيغان چاغلىرىڭىدا.
31
-نىمە دىدىلە ،مۇئەللىم ،ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قالامدۇ ئۆز بالسىنىڭ. - توۋا دىدىم ،بالا بولسا شوخ بولسا ، ياكى يۇق بولسا دىگەن دەپ توغرا گەپگەن –دىگەنئىدى مۇئەللىممىز سىنى ئۇنتۇپ قالغان چاغلارنى ئەسلەپ.
32
-توۋا ،قىزلاردىنمۇ ‹‹ۋۇسۇڭ›› چىقىدىكەن-ھە!  بىز كۆرگەن ‹‹ۋۇسۇڭ›› ئەر ئىدى،  بۇچىشى ‹‹ۋۇسۇڭ››مۇ يا دەپ ئوغۇللار مازاق ئارلاش چاقچاق قىلاتتۇقيۇ، گەپ قىلالمايتۇق.
33
-بۇ مەكتەپ ،سىزنىڭ سەيلەيدىغان باغچىڭىز ئەمەس،ئاشۇ بىچارە مەسۇمەنى ئۇنداق خارلاپ كەتمىگىن ،رەھىمجان ،رىھىم قىل-دەپ نەسھەت قىلساق پەرۋا قىلماي  يۇرەتتىڭ.
34
-بۇۋىم،مۇسۇلمانغا نىمە پەرز؟ سۇرىغىمىز كىلەتتىيۇ،لىكىن  مۇز ياغار قاپاقلىرىڭ بىزنى ئېغىز ئېىچىشتىن يالتىيتاتتى، ھەر نىمە بولسا سىز بولغاچقا شەرمى –ھايا ،ئىزا-ئاھانەت ئازراق  بولسىمۇ يۇققان ئىدى بىزلەرگە.
35
-قاراڭلار!ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ،نەشخۇرنىڭ كۆزىدەك پارقىراپ كەتىكىنى- دىگەن ئىدى ئۇلۇغ ئوغلى ئۇبۇلقاسىم ئەپەندىم  رەمەتلىكىنىڭ بالدۇرلا دۇنيادىن كىتىشىدىن بىخەۋەر ھالدا.
36
-ھەي،نوچى ئۈرۈمىچىنىڭ ھاۋاسى قانداق ئىكەن، يەنە قاچان ئۇچىسىلەر ئۇياقلارغا-دەپ پات-پات سۇئال قۇيۇپ قۇياتتۇق ساڭا.
37
-نىمىنى كۆرۇپ قالدىڭ ؟ ئاغزىڭنى يىغ،  ئوغۇل بالا دىگەن ئوغۇل بالىنىڭ قاياشى ئەمەسمۇ؟ -دەپ ئالداپ ئۆتكەن چاغلىرىمىز بولغان ئىدى.
38
-ئا،ئاداش،دائىمىلا پو ئېتىپ يۇرۇيدىكەنسلە، پۇنىڭ كىلوسى نەچچە پۇل بولىۋاتىدۇ؟ - دەپ ھەربىر ئېغىز گىپىڭلارغا دەشنەم بىرەتتۇق.
39
-خىنىم،سلى بىر قىز بالا بولغانكىن ،ئۆزىىڭىزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ يۇرىسىڭىز بولمامدۇ؟ بىلەمسىز تۇشۇك مارجان يەردە قالمايدۇ.
40
- قىز بالا بولغانكىن ئوغۇل بالا بىلەنمۇ ئارلىشپ قۇيۇڭ جۈمۇ؟ چامىسى يۇق كىسەك، ئىشقى يۇق ئىشەك دىگەن نامغا ئىگە بولۇپ قالماڭ يەنە .
41
- نىمە ، يەنە بەنزىچۇغا بارامسەن؟ دەيتۇق سىنىڭ سىرتىقا ماڭغىنىڭنى كۆرسەكلا، ئەمما سەن بەكمۇ يىراق بەنزىچۇغا كىتىپسەن .ئەلۋىدا، دۇستۇم،  بەنزىچۇدىن  بىزگىمۇ ئورۇن ئېلىپ قۇيغايسەن، بىز چۇقۇم بارىمىز.

42
-ھە، يىلاندەك قارايسىلىغۇ؟ ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭلار بارمىدى؟ سىلىغۇ گەپ قىلغىلى بولمايدۇ، مەكتەپتە چوڭ داداڭلا با-دەيتى دائىم چىرايدىن مۇز تۇكۇلۇپ تۇردىغان ،باشقىلار تەرەپىدىن سۇغۇق دەپ ئاتاق ئالغان مۇئەللىمىز ئارسىلان.

43
-ئەي بەكمۇ چىرايلىق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇمايلا كىتىپ قالدى يۈرەكلەرنى ئارماندا قۇيۇپ –دىيشكەن ئىدۇق ساۋاقداشلار ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارنى ئەسلەپ.

44
ئىسىمى ئەجەبمۇ غەلتە ئىكەن ، قاراڭلار ئۆزىمۇ دەپ مازاق قىلىشقان ئىدۇق سامساق قارىغا قاراپ.


ئەگەردە مىنىڭ ساۋاقداشلىرىمىدىن بىرەرسى بۇ يازمىلىرىمنى كۆرۇپ ، ئۆزىنىڭ سېغىنىش  ئىستەكلىرىگە مەلىھەم قىلسا ، مەن ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ئەجىرلىرىمىدىن سۆيۈنگەن بۇلاتتىم.

ئەسكەرتىش؛ رايۇنمىزنىڭ  ھەرقايسى جايلىرىدا  مىللىي مائارىپمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس توھىپىلەرنى قۇشۇپ كىلۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن تېلىفۇن قىلىشنى ئۈمىد قىلمەن. تېلىفۇن نومۇرى؛13579085346

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5248
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 11:29:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىق ‹‹قەشقەر پىداگۇگىكا مەكتىپىى››؟ -

بار غۇ بۇ مەكتەپ .

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 12:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray124

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55056
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2131 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 02:28:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray124

شۇكرى اللا

ئۇچقۇن يالقۇنغا ئايلانغاندا...

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16650
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8508
تۆھپە نۇمۇرى: 593
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 02:18:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
تۈن قانچە قاراڭغۇلاشسا ،يۇلتۇزلار شۇنچە رۇشەنلىشىدۇ  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74036
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3020
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 10:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(سەتىر )............:qiray1

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش