مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 9

قانداق سەۋەبلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 07:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق  سەۋەبلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئەخمەتجان ئابلىز
(يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)
تەنتەربىيە  ھەرىكىتى بەدەن ھەرىكىتىنى ئاساسىي ۋاستە قىلغان چېنىقىش پائالىيىتىدىن  ئىبارەت بولۇپ  ،تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن مۇۋاپىق ،ئىلىمىي شۇغۇللانمىغاندا تۈرلۈك  زەخىمىلىنىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تەنتەربىيە ھەرىكىتدىكى زەخىملىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. ئىدىۋىي سەۋەب تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپىنچە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىكى زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىغانلىقى،بىخۇتلۇق قىلغانلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىك.
2.تەييارلىق ھەرىكىتىدىكى يىتەرسىزلىكلەر (1) تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلماسىلىق،(2)تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى تۇلۇق ئىشلىمەسىلىك، قول ئۈچىدىلا ئىشلەپ قۇيۇش،(3) تەييارلىق ھەرىكىتىنىڭ مەزمۇنى بىلەن  دەرس ۋە مەشىق مەزمۇنى ئۆزئارا ماسلاشماسىلىق ،(4) تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىقىدارى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولۇپ كىتىش، بۇنداق بولغاندا ئورگانزىم ئاساسى  مەزمۇنىغا كىرىشمەي تۇرۇپلا چارچاپ ئاسانلا زەخمىلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. (5) تەييارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاساسى ھەرىكەتنىڭ ئارلىقى بەك ئۈزۈن بولۇپ كىتىش ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار  تەييارلىق ھەرىكىتىنى ئىشلىتىپ بولۇپ ،ئاساسى مەزمۇنغا ئۆتۇش ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ،تەنقىد تەربىيە بىرىش، قۇرۇق گەپ قىلىش ، ھەرخىل نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتۇرغا قۇيۇش  قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ  ياكى ئاساسى مەزمۇننى ئەزمىلىك بىلەن سۆزلەپ ۋاقىتىنى ئۆتكۈزۈۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن سۇۋۇپ ئەسىلدىكى ھالىتىگە قايىتىپ ئاسانلا زەخىملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
3.تېخنىكا جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەر ۋە سەۋەنلىكلەر تېخنىكا جەھەتتە ،ئادەم ئورگانزمنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىلىكى ۋە ھەرقايىسى سىسىتېما ،ئەزالارنىڭ فونكىسىيىلىك پائالىيەت قانونىيىتىگە خىلاپ ھالدا  ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرغاندا ،ھەرىكەتنى ئىشلەش جەريانىدىكى توغرا بولمىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ،ھەرخىل بەدەن ئامىللىرىنى يېتىشتۇرۇش جەھەتتىكى  يىتەرسىزلىكلەر ئاسانلا زەخىملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4.ھەرىكەت مىقىدارى ئېغىر بولۇش  تەنتەربىيە دەرسى ۋە تەنھەرىكەت مەشىقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك ،ئاناتوميىلىك ئالاھىلىكىنى ئويلاشماي ،ھەرىكەت مىقىدارىنى  ئۇلارنىڭ ئورگانزمنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئاشۇرۋەتكەندە ،بەدەن ئەزاللىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاسانلا زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
5. بەدەن ئەزاللىرىنىڭ فونكىسيەلىك ھالىتى ياخشى بولماسىلىق  ئادەم ئورگانزمى ياخشى بولىمغان بولسا، يەنى ياخشى دەم ئالالمىغان ،ئۇيقۇسىرىغان  بولسا ،كىسەل تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغان بولسا ،ياكى كىسەللىك ھالەتتىن ساقىيىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاسىتدا ھەرىكەت قىلسا ئاسانلا زەخىملىنىش يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن ؛ قىز ئوقۇغۇچىلار ھەيىز كۆرگەن مەزگىلىدە  ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسىلىقى كىرەك ،بولمىسا  كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
6.تەشىكىللەش ئۇسۇللىرى ياخشى بولماسىلىق تەنتەربىيە دەرسى ، مەشىقى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلماسلىقى،تەنھەرىكەت مەشىقى ۋە مۇسابىقىلەرنى قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرۇش،ئاساندىن قىيىنغا، تىيىزدىن چۇڭقۇرغا ، ئاددىلقىتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ئىلگىرلەش پىرىنسىپقا ئەمەل قىلماسىتىن  ،بىراقلا ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئىلان قىلىش ،قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۇشكە ئالدىراش قاتالىق سەۋەبلەرمۇ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7.ھەرىكەت قۇپال، قائىدىگە خىلاپ بولۇش تەنتەربىيە دەرسى ۋە مۇسابىقىلەردە قۇپال ھەرىكەت قىلىش ،بەلىگىلەنگەن ھەرىكەتنى قىلماسلىق ، دەرس ئىنتىزامى ۋە مۇسەبىقە قائىدىسىگە رىئايە قىلماسىلىق،مەسئۇليەتنى بىر-بىرگە ئېتتىرىش ، بىر-بىرنى ئەيىپلاش  قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ  زەخىملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8.مەيدان ۋە ئەسلىھەللەرنى يېتەرسىزلىكلەر تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنىڭ تۈز –تەكشى بولماسىلىقى، شېغىل، خىش پارچىلىرى ۋە داشقاللارنىڭ بولۇشى ،يۈگۈرۈش يولىنىڭ تېيىلغاق ياكى ئېگىز-پەس بولۇشى، قۇم ئورەكلىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بولماسىلىقى ، تەنھەرىكەت ئەسلىھەللىرىنىڭ  بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسمۇ رىمۇنىت قىلىنماسىلىقى ،خاتا ئورنىتىلىپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ زەخمىلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9.قوغداش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدىبىرلىرنى قوللانماسلىق  تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇستەقىل ھەرىكەت ئىشلەش جەريانىدا  ئوڭايلا زەخىملىنىش ھادىسنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن .مەسىلەن، ماھىرلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش ۋاقىتىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ يان تەرىپىدە ياردەم بىرىش بىلەن بىللە قوغداش تەدىبىرنى قوللانمىغاندا ، ئوقۇغۇچى يىقىلىپ چۈشۈش، يۈكۈنۈپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
10.ھاۋا كېلماتىنىڭ تەسىرى  تېمپىراتۇرا بەك يۇقىرى بولغان ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا چارچاش، ئېسىسق ئۆتۇپ كىتىش يۈز بىرىدۇ. ئەگەر تېمپىراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا ،ئۈششۈك ،مۇسكۇللار تارتىشىپ قىلىش، بۇغۇملارغا ھەرىكەتكە ماسىلىشالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ ،يەنە نەملىك ،ئېسسىقلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇش ،كۆپ تەرلەش جەريانىدا ئورگانزم كۆپلەپ تۇز ۋە سۇلارنى يۇقىتىش ، يۇرۇقلۇقنىڭ بەك كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىمۇ زەخىمىلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئامىللاردۇر.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، يۇقارىقى ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسى ۋە مەشىقى جەريانىدا ئاسانلا زەخمىلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى  تەكىتلەنگەن نوقتىلارغا ئەھىمىيەت بىرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەريانىدا زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.


بۇ ماقالە شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى 2010-يىلى 5-سانىدا ئېلان قىلنىغان

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-22 07:35 PM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 07:20:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەنتەربىيە ئوقۇتۇشتا قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

تەنتەربىيە ئوقۇتۇشتا قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئەخمەتجان ئابلىز
( يوپۇرغا ناھىيە ئاخونلۇقۇم يىزىلىق  مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)
تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئوقۇتۇشى- مائارىپ فاڭجىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ،ساپا مائارىپىنى ئەمىللەشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى.يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئوقۇتۇشتا ئىلىگىرىكى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ئىسلاھ قىلىنىپ ،‹‹ساغلاملىق بىرىنجى›› دەيدىغان يىتەكچى ئىدىيە تورغۇزۇلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتى، خاراكىتىرى، ئەھىمىيىتى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ،ئوقۇتۇشنى باھالاش ،ئوقۇغۇچىنى باھالاش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.بۇھال بىز تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىسپەتەن  ئېيىتقاندا ،ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئۈزلۈكىسز ئىزدىنىشمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۇرلۇكىنى قايىتىدىن  تۇنۇتتى. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئوقۇتۇشى –ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىتە ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت ئېلىپ باردىغان، ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىغان بولغاچقا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقىلى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ –يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق  دەرسى ئوقۇتۇشتا  تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىشمىز  لازىم.
1. دەرس تەييارلاشقا ئەھىمىيەت بېرىش  دەرس تەييارلاش دەرس ئۆتۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەت. دەرسنى ياخشى تەييارلاش دەرسنى ياخشى ئۆتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دەرس تەييارلاشتا شۇ سائەتلىك دەرستە يەتمەكچى بولغان نىشان،دەرسنىڭ مۇھىم ،قىيىن نوقتىلىرى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئالدىدىن ئويلاش لازىم.دەرسنى ياخشى تەييارلىغاندا ،دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ پىلانلىقلىقى ۋە ئالدىدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيىتكىلى،ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.دەرس تەييارلاش جەريانى يەنە كىلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئېلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆستۇرۇش جەريانىدۇر.ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئېلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆستۇرۇپلا قالماستىن مۇھىمى،ئوقۇتۇش تەجىرىبىسىنى توپلايدىغان ،خۇلاسىلايدىغان ۋەئوقۇتۇش ئىقىتدارىنى ئۆستۇردىغان جەريانىدۇر.ئوقۇتقۇچى قانچە ئاڭلىق تۈردە ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجىرىبىسىنى خۇلاسلەپ بارسا،قانچە كەمتەرلىك بىلەن باشىقلارنىڭ تەجىرىبىللىرىنى قوبۇل قىلسا،ئۇنىڭ دەرس تەييارلىقى شۇنچە مۇكەممەل ،ئەتراپلىق بولۇپ ،ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۇرۇشگە بەلىگىلىك ئاساس سالالايدۇ.
2.دەرستىن بۇرۇن مەيدان ،سايمان -ئۈسكۈنلەرنى تەييارلاشقا ئەھمىيەت بېرىش مەيدان-سايمان،ئۈسكۈنىلەر ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت ئېلىپ باردىغان سورۇن  ۋە بىۋاستە قول تۇتۇپ   ئشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەردۇر .مەسىلەن ئالايلۇق؛تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنىڭ تۈز بولماسىلىقى، شېغىل، خىش پارچىللىرى ۋە داشقاللارنىڭ بولۇشى ،يۈگۈرۇش يولىنىڭ تېيىلغاق ياكى ئېگىز-پەس بولۇشى، قۇم ئۆرەكلىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بولماسىلىقى ، تەنھەرىكەت ئەسلىھەللىرىنىڭ  بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسمۇ رىمۇنىت قىلىنماسىلىقى ، مۇقىم ئورنىتىلماسلىق ... قاتارلىق ئەھۋاللار ھەرقاچان مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ.شۇڭا مۇمىكىن بولسا ھەر قىتىملىق دەرس باشلاشتىن بۇرۇن مەيدان،سايمان-ئۈسكۈنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى  تەكشۇرۇپ چىقىشى لازىم.
3.دەرس باشلاشتىن  بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىكە چىققاندا يانچۇقتىكى ئاچقۇچ، قەلەمتۇراچ،چاچ قىسقۇچ ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ چىقىدىغان ،كۆرۇش قۇۋىتى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار كۆزەينەك تاقاپ چىقدىغان  ،قىزلاركۆڭلەك،يوپكا كىيىش، سولياۋ چەملىك ئاياغ ، لاتا خەي ياكى خۇرۇم ئاياغ  كىيىپ چىقىدىغان ئەھۋاللارنىڭ باريۇقلىقىنى ئەستايدىل تەكشۇرۇپ چىقىشى،ئازادە، ھەرىكەت قىلىشقا ئەپلىك بولغان ، ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت كىيىمى ،تەنھەرىكەت ئايىغى كىيشىنى تەشەببۇس قىلىش،كىسەل ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا دەرس ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، دەرسىكە قاتنىششقا مەجبۇرلاشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولۇپمۇ قىزلار ھەيىز كۆرگەن ۋاقىتتا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك.
4.تەييارلىق ھەرىكىتىنى تۇلۇق ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش  تەييارلىق ھەرىكىتى -تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى ،تەييارلىق ھەرىكىتى بولسا بەدەننىڭ مۇسكۇللىرىنى ۋە سېڭىرلارنى ئالدىنئالا كېرىش،سۈزۈش ئارقىلىق بەدەننى قىزدۇرۇپ ،مۇسىكۇللارنىڭ ئىلاسىتىكلىقىنى ئاشۇرۇش  رولىنى ئوينايدۇ،شۇڭا تەييارلىق ھەرىكىتىنى  ئەستايدىل ياخشى ئىشلىگەن چاغدا بەدەننىڭ ھەرىكەتكە ماسىلشىش ئىقىتدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ،ھەرىكەت جەريانىدا  ھەرقايىسى ئەزا،سىسىتىملارنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
5.ئوقۇتۇش  مەزمۇننىڭ كۆپ خىل،ئويۇن خاراكتىرىگە ئەھىمىيەت بېرىش  تەنتەربىيە دەرس مەزمۇنى چۇقۇم ئوقۇغۇچىلار بەدىننىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئۈنۈملۈك تۈردە بەدەن چېنقتۇرۇش،تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش،كۆڭۈل ئېچىش تۈسىنى ئالغان  بولۇشى لازىم.دەرس مەزمۇنىدا كۆرسىتىلگەن ۋاقىت،رەتكە تۈرغۇزۇلغان تەرتىپلەرقەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلىشى،پەيدنپەي يۇقىرى كۆتۇرۇلۇشى،ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خۇسۇسىيتىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم.بىر سائەتلىك  تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتۇشتا يېڭى  دەرس ئىسلاھات تەلىپىنى چىقىش قىلىش، دەرس مەزمۇنى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ  ، دەرس مەزمۇننىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، بۇ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغىيالايدىغان ،پىسىخىكسىغا ماس كېلىدىغان ،ئوقۇتۇش مەزمۇننىڭ قىيىنلىق  ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلىش قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتكە قاتىنىشىش تەشەببۇسكارلىقى ،ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە پايدىلىق بولۇشى ،ئويۇن تۈسى ئالغان بولۇشى كېرەك.
6. ھەرىكەت مىقدارى ۋە ۋاقىتىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى ئوقۇتۇشتا ھەرىكەت مەشىقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك ،ئاناتوميىلىك ئالاھىلىكىنى ئويلىشش، ،ھەرىكەت مىقىدارى  ئۇلارنىڭ ئورگانزمنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ،ھەرىكەت ۋاقىتنى بەك ئۈزۈن قىلماسلىق،بەدەن ئەزاللىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىش سەۋەبىدىن  زەخىملىنىش ھادسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
7. ساغلاملىق تەربىيىسى  ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەنتەربىيە ئوقۇتۇشتا ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ، ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە گىگىنسى ،ساقلىقىنى ساقلاش ،پىسىخىكا ساغلاملىق ،جىسمانىي ساغلاملىق ھەققىدە بىلىم بىرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي ،توغرا ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بەدەن چېنقىتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگەللىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز بەدىننىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ئالاھىلىكى ۋە تەنتەربىيە بىلەن جىسمانىي،روھى ساغلاملىقنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىقىتدارىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك.
8.ئىدىۋىي-ئەخلاقىي تەربىيە سېڭدۇرۇشكە ئەھىمىيەت بېرىش ئەخلاقىي تەربىيە – ساپا مائارىپىنىڭ  يادرۇسى،تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئوقۇتۇشتا ،ئوقۇغۇچىلارغا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش،ئۆزئارا كۆيۇنۇش، سۆز-ھەرىكەتتە مۇلايىم،ئەدەبلىك بولۇش  ،سەممىي راستچىل بولۇش،ئادىللىق ،باراۋەرلىكىنى ياقلاش،ئىجىتمائىي ئەخلاقىقا رىئايە قىلىش .كۆللىكتىپنى سۆيۇش ،ئىتتىپاقلىشىش ،ھەمكارلىشىش،ئۆزئارا ياردەم بېرىش،بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگرىلەش،كۆللىكىتىپنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش  ،قۇرقىماس، باتۇر،جەسۇر، قائىدە –تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشتەك ئسىل-ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
9. ئوقۇتۇش تەشىكىللەشنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا ئەھىمىيەت بېرىش  تەشىكىللەش –ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتنى ئەتراپلىق ،پىلانلىق،سىسىتىملىق ئېلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇسۇل شۇنداقلا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتىنىڭ رۇشەن ئىپادسى.تەشىكىللەش ياخشى ،ئەتراپلىق، پىلانلىق ،تەرتىپىلىك ،سىسىتىملىق بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق  دەرسىتە خۇشاللىقتىن بەھىرمان بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى ۋە تۈرلۈك ھادىسلەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
10.بىخەتەرلىك كۆز قارشىنى تۇرغۇزۇپ،قوغداش ۋە ياردەم بىرىشكە ئەھىمىيەت بېرىش  تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.قوغداش ۋە ياردەم بىرىشتە ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا ماسلىششنى ئىشقا ئاشۇرشى كېرەك . ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ،خالىغانچە قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىق، ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش ،بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى ئىشلەش،  خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرشىتىن ساقىلىنىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرىكەت ئىشلەش جەريانىدا  ئوڭايلا زەخمىلىنىش ھادىسى  كېلىپ چىقىش مۇمىكىن .مەسىلەن؛ ماھىرلىق ھەرىكەتلەر، قوش ۋە يالاڭ تورنىك، تاينىپ سەكرەش ...قاتارلىق تۈرلەردىكى ھەرىكەتلەرنى  ئىشلەش ۋاقىتىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا ياردەم بىرىش بىلەن بىرگە قوغداش تەدىبىرنى ئىشلمىگەندە ئوقۇغۇچى يىقىلىپ چۈشۈش، پۇكلىپ قىلىش، تېيىلىپ كىتىش ...قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ھادىسى كىلىپ چىقىدۇ.
11.ھاۋا رايىغا ئەھمىيەت بېرىش چاڭ-تۇزان، شامال-بۇرانلىق، قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە مەيدانغا ئېلىپ چىقماسلىق، تېمپىراتۇرا بەك يۇقىرى بولغان ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا چارچاش، ئېسىسق ئۆتۇپ كىتىش يۈز بىرىدۇ. ئەگەر تېمپىراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا ،ئۈششۈك ،مۇسكۇللار تارتىشىپ قىلىش، بۇغۇملارغا ھەرىكەتكە ماسىلىشالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ ،يەنە نەملىك ،ئېسسىقلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇش ،كۆپ تەرلەش جەريانىدا ئورگانزم كۆپلەپ تۇز ۋە سۇلارنى يۇقىتىش ، يۇرۇقلۇقنىڭ بەك كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىمۇ  سالامەتلىككە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ھاۋا رايىنى ئىگەللەپ تۇرۇپ ،مەيدان دەرسىنى ئورۇنلاشۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
12.دەرس ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى بەدەن بۇشۇتۇش ھەرىكتىنى ئىشلەشكە ئەھىمىيەت بىرىش  بەدەن بۇشۇتۇش ھەرىكىتى-ئادەم بەدەن ئورگانزملىرىنىڭ  تىنىچ ھالىتىكە قايىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلدىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ھېرىپ –چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كىيىنكى سائەتلىك دەرسكە ئاكتىپ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا  ئاساس بولىدۇ.
13.دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش خاتىرسىنى ئەستايدىل يېزىشقا ئەھىمىيەت بېرىش  دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش يېڭى دەرس ئىسلاھاتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئوقۇتۇش جەريانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇ دەرس جەريانىدا قولغا كەلتۇرگەن مۇھاپىقىيەتلەر، كەتكۇزۇپ قۇيغان تەرەپلەر،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىگە بولغان تەلەپ –پىكىرلىرى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزنى باھالىشى ،ئوقۇغۇچلارنى باھالاش قاتارلىق  تەرەپلەرئۈسىتىدە ئىزدىنىپ ،كىيىنىكى قىتىملىق دەرسلەر ئۈچۈن يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگەئوقۇتقۇچنىڭ كەسىپى ساپاسنى يۇقىرى كۆتۇرۇش، ئوقۇتۇش ئىقىدارىنى ئۆستۇرۇش رولىنى ئويناپلا قالماستىن ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پەن –تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ بەلگىلىك ئاساس بولىدۇ.
قىسقىسى، بىر سائەتلىك تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئوقۇتۇشتا يۇقىرىقى   تەرەپلەرگە ئەھىمىيەت بەرگەندە،دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قولغا كەلتۇرۇپلا قالماسىتىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ  ،كەلگۈسىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز-باسارلىرىنى تەربىيلەپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

ھۆپۆپۆپ چۈش

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3136
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 08:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10534
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1533 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 08:41:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئوخشىمامسىز

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1588
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17099
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2161 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 09:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تەنتەربىيە  مائارىپ  تورى ئېچىپ  شۇ  يەردە،ياكى  شىنجاڭ  مائارىپ ژورنىلىدا  ئېلان  قىلىپ بېقىڭ.  چوقۇم ئالقىشقا  ئېرىشىسىز....

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 39118
تۆھپە نۇمۇرى: 2297
توردا: 6057 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 10:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يۇقىرىدىكى ئۈچ نەپەر مۇنبەردىشىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم.    رىشتەم، سانجار ۋە ھېكمەت-ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداشلىرىم، سىلەر  ھازىرغىچە 500~800 پارچىدىن كۆپرەك  ھەر خىل تېما-ئىنكاسلارنىڭ ئىگىلىرى. شۇنداق ئىكەن، تېخى تۈنۈگۈنلا مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرىپ، خېلى ياخشى تەتقىقات تېمىلىرىنى يوللىغان مۇنبەردىشىمىز سايىلنى قارشى ئېلىشىڭلا، نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلار كېرەك ئىدىغۇ دەيمەن! مەيلى ئۇ مۇنبەردىشىمىز قايسى پەن ئوقۇتقۇچىسى بولسۇن، ياكى ئىمتىھان سوئالىغا توردا جاۋاب بەرسۇن، ئىشقىلىپ، ئۆز ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى بىزگە سۇنۇپتىغۇ؟!
   باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلايلى، كەسىپنى قەدىرلەيلى. بۇنداق بىرەر تەتقىقات ماقالىسى ئەمەس، ۋاقتى كەلسە، بىر-ئىككى بەت تەسىرات ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ كەم دېگەندە بىر نەچچە ۋاراقنى يىرتىپ زايا قىلىپ، نەۋۋە قېتىم قايتا باشلىشىمىز بەزىلىرىمىزگە ئادەتقۇ؟!
   مۇنبەردىشىمىز سايىل، بىلىسىز: مۇنبەر دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ! ئۆزىڭىز توغرا دەپ تاللىغان يولىڭىزدىن تەۋرەنمەڭ! مۇشۇنداق ماقالىلىرىڭىز ئۈچۈن مۇنبىرىمىز بوشلۇقى دائىم ئوچۇق!

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17453
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4956
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 1047 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 11:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بەلەن گەپ قىلىپىسىز،  ماقالىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ!`  داۋاملىق تىرشىڭ، سىزنى قولليمەن. بۇنڭدىنمۇ ياخشى ماقالە يازالايسىز!~~

پۇتبۇل مۇنداقلا نەرسە ئەمەس ، ئۇنڭدا نۇرغۇن نەرسە بار ،  بىلسە !~

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1588
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17099
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2161 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 03:04:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray121:qiray121

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 39118
تۆھپە نۇمۇرى: 2297
توردا: 6057 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 07:36:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 03:04 AM

  ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىيەت ئەمەسقۇ؟! مۇشۇنداقمۇ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بارمۇ؟!

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 07:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ئەركزات ،سىزنىڭ مىنى قوللىغانلىقىڭىزغا چىن قەلىبىمىدىن رەھمەت ئېيىتمەن. مەن ئۈچۈن تۇرداشلارنىڭ ئاچچىق بايانلىرى مىنىڭ تۇختاۋسىز ئىلىگىرلىشىمىگە ھەمدەم بولغۇسى. سىز ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئىيىتىمەن. چۈنكى بىزدە دوسىت يىغىلىتىپ ئىيىتار، دۇشمان كۈلدۇرۇپ دىگەن گەپ بار .ھىچقىسى يۇق. مەن ئۆزلۈكمنى ئىزدەۋاتقانلاردىن بىرىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش