مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20352|ئىنكاس: 143

ئەرەبلەرگە زادى نېمە كېرەك؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11504
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7095 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرەبلەرگە زادى نېمە كېرەك؟

ئاپتورى: مەنسۇر مۇئادىل (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

بىر يىل ئىلگىرى، تۇنىسلىق يايمىكەش مۇھەممەد بۇئەزىزىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قاتار ئىسيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرى ئەرەب دۇنياسىنى قاپلىدى، مىسىر، لىۋىيە ۋەيەمەن مۇستەبىتلىرىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. نۆۋەتتە، سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشار ئاسادنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

بۇ ھەرىكەتلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالدى. ئەمما نېمە قىممەت قارىشى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ئىسلاھات كېرەك؟ 2011-يىلى يازدا، ئەرەب دۇنياسىدا قانات يايدۇرۇلغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر خەلق رايىدىكى بىر قىسىم مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەكشۈرۈشتە، %84 مىسىرلىق ۋە %66 لىۋانلىق دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئەرەب باھارىنىڭ نىشانى دەپ قارىغان. بۇ ئىككى دۆلەتتە، پەقەت %9 كىشى بۇ ھەرىكەتلەر ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىغان.

مىسىر، ئىراق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەبلىرىدە يۈزلىنىشلىك سانلىق مەلۇمات بولۇپ، ئەرەب باھارى كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى ئېتراپ قىلىش تۇيغۇسى جەھەتتىكى قىممەت قاراش جەھەتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. 2001-يىلى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى پەقەت %8 كىشى ئۆزىنى مىسىرلىق دەپ قارايتتى، %81 كىشى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايتتى. 2007-يىلىدىكى نەتىجىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولغان.

ئەمما ئەرەب باھاردىن كېيىن، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى: ئۆزىنى مەن مىسىرلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى %50 كە كۈتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلاردىن %2 يۇقىرى بولغان. ئىراقتا، ئاساسلىق ئۆزىنى ئىراقلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى 2004-يىلى جاۋاب بەرگۈچىلەر ئىچىدە %23 بولغان، 2011-يىلى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %57 كە يەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلاردا، بۇ سانلىق مەلۇمات 2003-يىلدىكى %17 تىن 2011-يىلى %46 كە يەتكەن، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %57 تىن %44 كە چۈشۈپ قالغان.


دىندىن خالىي سىياسىيغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش نىبىسىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن. ئىراقتا، ئەگەر سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلسا، ئىراق تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەتتى دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 2004-يىلدىكى %50 تىن 2011-يىلى %70 كە يېتەي دەپ قالغان. مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا پايدىلانغۇدەك سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولغان. مىسىردا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام قانۇنىنى يۈرگۈزىشى «ئىنتايىن مۇھىم» دەپ قارىغۇچىلار 2001-يىلدىكى %48 تىن 2011-يىلى %28 كە چۈشۈپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، بۇ سان 2003-يىلدىكى %69 تىن 2011-يىلى %31 كە چۈشۈپ قالغان.

قورامىغا يەتكەن 3500 نەپەر مىسىرلىق (ئۇلار مۇبارەككە قارشى ھەرىكەتتە قاتناشقان) پۈتكۈل مەملىكەتكە ۋەكىل قىلىدىغان ئەۋرىشكىنى تۈزۈگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئەۋرىشكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئورنى نىسبەتەن يۇقىرى، نىسبەتەن ياش بويتاق ئەرلەر، ئېنتىرنېت ئابونتلىرى، ئاخبارات گېزىتلىرى مۇشتەرىلىرى، شەھەر ئاممىسى ھەمدە زامانىۋى قىممەت قارىشى ۋە ئەركىنلىك ئىدراكىغا چوقۇنغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار ئامېرىكىلىق، ئەنگىلىيەلىك ۋە فرانسىيەلىكلەر بىلەن قوشنا ئولتۇرۇشنى ئېغىر ئالمايدۇ. دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەشكە ئامالسىز، ئەمما دىننىڭ كەڭ قورساق بولماسلىقى قاتنىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى زىت بولۇپ قالدى، بۇ قېتىمقى سايلامدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن سالافى ئەسلىيەتچىلىرى ئاۋامنىڭ جەمئىي %65 ئاۋازىغا ئېرىشتى. مىسىر سايلام ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئامىل، بۇ يەنىلا ھەقىقەت. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %66 تى ئەگەر كۈچلۈك دىننىي ئېتىقادلىق ئادەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، مىسىر تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن قاراشنى «ئىنتايىن قۇۋۋەتلىگەن» ياكى «قوشۇلغان»؛ %57 ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويىشى «ئىنتايىن مۇھىم» ياكى «مۇھىم» دەپ قارىغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مىللەتچىلىك دىندىن غالىپ كەلگەن. دەل %78 ئادەم: ئەگەر دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ئەمما مەسىلىلەرگە دىننىي نۇقتىدىن قارىمايدىغان ئادەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، مىسىر تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان.

ئۇنداقتا، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن مىسىر سايلىمى نەتىجىسى ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئالدى بىلەن، دىننىي تەرەپدارلار كۆپ يىللىق سىياسىي تەشكىللەش ۋە پائالىيەتلەردە مەنپەئەتدار بولغان، شۇڭا قوللىغۇچىلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىگەن، لېكىن ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغان ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىللىشى كەمچىل، يېڭىلا ئېرىشكەن سىياسىي كاپىتالىنى سايلام بېلىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ھېچقانداق ۋاقتى يوق ئىدى.

ئىككىنچىدىن، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسىدە چاتاق بار. ئۇلار مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قارالمىلىرىنى كېڭەيتمىدى، ئەكسىچىە ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى خاتا دۈشمەنگە سەرپ قىلىپ، يىغىلىش تەشكىللەش ئارقىلىق ئارمىيەگە قارشى تۇرۇپ، ۋاقىتنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتتى.

ئاخىرىدا، سايلام نەتىجىسى ئۇنچە چاتاق ئىشمۇ ئەمەس. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى دىننىي ئاشقۇنلۇق ۋە دىننىي ئورگانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىمۇ ئەزگۈچى قانۇننىڭ چەكلىسىمىگە ئۇچرىدى. ئەگەر مۇبارەك ھاكىمىيىتىنى سىياسىي دىننىڭ بايرىقىدا ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسا، مۇسۇلمان ئەسلىيەتچىلىرى تېخىمۇ پايدىلىق ئورۇندا تۇراتتى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنى ۋە دۆلەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەتتى، چەتئەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ چەتكە قاقاتتى.

ئەمما مىسىرلارنى مۇستەبىت ھۆكۈمراندىن قۇتقازغىنى ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىدۇر. بۇ ئەكسىچە ئەركىنلىك تەرەپدارلىنى قانۇنلۇققا ئىگە قىلىپ، مىسىر خەلقىنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئېڭىنى ئويغاتتى. شۇڭا، ئىسلام قانۇنىنى قوللاش تۆۋەنلەپ، دۆلەتنى ئېتراپ قىلىش تۇيغۇسى كۈچەيدى. سىياسىي بەلگىلىك دەرىجىدە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەركىنلىك بولغاچقا، مىسىر ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى بىر مەيدان جاپالىق كۈرەشكە دۇچ كېلىدۇ.

مەنبە: ئاپتورى مەنسۇر مۇئادىل شەرقىي مىچىگان ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سوتسىئولوگىيە پراففىسورى. 2001-يىلدىن 2011-يىلغىچە، ئوتتۇرا شەرقتە كۆپ تۈرلۈك دۆلەت ھالقىغان قىممەت قاراش تەكشۈرۈشىدىكى ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى بولغان.

مەنسۇر مۇئادىل بلوگىدىن  naprat2009تەرجىمە قىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-21 03:31 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XAHZADA8 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
APANDIM0903 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 177   باھا خاتىرىسى

مېنى يىغلىغىلى ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64949
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 718 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرەبلەر (ئەرەب) ئاتالغۇسىدىن ھالقىپ كىتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا (ئەرەب)لەرگە ئۆزلىرى تۇيۇپ-تۇيماي كېرەك بولغىنى نەتىجىسى يوق قۇرۇق ئارزۇ-ئارمان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەغلۇبىيەت خالاس.

ئەڭ ئەپسۇسلىنارلقى (ئەرەب) ئاتالغۇسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامكىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە.

ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىپ بولغان، ئىجرا قىلنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

مۇزلىماقتىمەن.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69195
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇنداقلىقنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.. ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئۈزىگە قانۇن بولغىندىن پەخىرلىندۇ دەپلا بىلدىكەنمەن.. ئاجايىپ.. نىم دەيمىز ئەمدى..  

ئۈزى ئۈچۈن ياشاركەن ھەركىم،
      شۇ كويدىمەن مەنمۇ ھەم بەلكىم.

نېمىلەرنى ئويلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6602
تۆھپە نۇمۇرى: 683
توردا: 4905 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىللەت نىمە ئويلىسا ئويلىمامدۇ، ئىشقىلىپ ئوسال خەلق ئىكەن بۇ، ئىسلامغا كىرىشتىن بۇرۇنمۇ ئەسكى ئىدى،ئۆزى بىرلىشەلمەي،نەچچىسى ئامېرىكىنىڭ غالچىسى بولۇپ،بىر بىرلەپ يوقۇلۋاتىدۇ، ئىراق،لىۋىيە،مىسر دىگەنلەر مەيلى كېيىن قانداق دۆلەت قۇرشىدىن قەتئىي نەزەر ھازىرقىدەك دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققي قىلۋاتقان پەيتتە،ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى نەچچە ئون يىل كەينىگە سۈرۈلدى، بۇ دۆلەتلەر يەنە نەچچە ئون يىل باشقىلارغا باش كۆتۈرۈپ قارايالمايدۇ.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72232
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكمىتىنى (اللە) ئۆزى بىلىدۇ

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10933
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1917 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5701
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 838 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان قايسى بىر خىلغا ئۆزگەرمىسۇن ، پەقەت ۋە پەقەت شۇ ماكاندىكى ئاللاھقا مۆئمىنلەر ئۈچۈن بولىدۇ . چۈنكى بارلىق شەيئىنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ توغرا يولىدىكىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Kurxad + 100 بىلگۈچى پەقەت يىگانە .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11504
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7095 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرەب خەلقىنىڭ دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىش تەلىپىدە بولىشىنى دىننىي تونغا ئورۇنىۋالغان مۇستەبت ھۆكۈمرانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۆكۈمرانلىرى ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە غەربنى تىللايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ياۋروپادا ئوقىتىدۇ، ئەيشى ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ياۋروپادا ھەشىمەتلىك داچىلارنى سېتىۋېلىپ، كۆك كۆز، سېرىق چاچلار نازىنىلار بىلەن كەيپ-ساپا قىلىدۇ. خەلقى نامراتلىقتا قالسىمۇ كارى يوق.
دۆلەت ئىچىدە بولسا خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى قامال قىلىپ، غەربكە قارشى مۇقام توۋلايدۇ، خەلقنى قاتتىق ئېزىدۇ.  ئاخىرى ھەممىسى بېشىنى يېدى.
ئەگەر غەربكە ئۆچ بولسا نېمىشقا ئۆزلىرى غەربنىڭ نەرسىلىرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلىتىدۇ. دىنغا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئىسيانلاردا ھەممىسىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى، قازافىنى قەھرىمان ساناپ يۈرۈيدىغانلار ئارىمىزدا ھېلىھەم بار.

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 1870
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16977
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6602 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنىڭ  قۇرال ياراق بىلەن قىلغان جېڭىگە قارىغاندا  كىنو،تېلىۋېزىيە،ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىدىلوگىيەگە سىڭىپ كىرىپ قىلغان ئۇرۇشىنىڭ ئۈنۈمى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولىدىكەن.ئۇلار بۇ ۋاستىسى ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پارچىلاپ يىگىرمە نەچچە ‹‹مۇستەقىل››دۆلەتكە پارچىلىۋەتتى.ئەمدى نەزىرىنى جۇڭگۇ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىگە قارىتىۋاتىدۇ.ئىراق ئۇرۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ھاۋادىن تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرىنى تاشلاش قاتارلىق ۋاستىلەرنى يۇقارقى ۋاستىلىرىگە قوشۇپ قوللۇنۇپ ئىراقلىقلارنى ئەسلىدىكى سادامنى قوللاشتىن قوللىماسلىق مۇتلەق ئەركىنلىككە تەلپۈنۈشتەك قۇرۇق خەتەرلىك ئارزۇغا گىرىپتار قىلىپ قويدى.
مانا ئەمدى ئەرەپلەرنى بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ ،بىر بىرلەپ پارچىلاپ ھەم يېنىغا تارتىپ ئەرەپ ئىسلاپ دۇنياسىنى بىر چىشلەم بىر چىشلەمدىن يەپ تۈگۈتىۋېتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ يامان غەرىزىنى ياىشى غەرەز دەپ چۈشۈنىۋالغان ئۆكتىچى كۈچلەر ھاكىمىيەت بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىپ، ئىچكى دۈشمەن بولۇپ ئۇيۇشۇپ ھالاكەت قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ.لىۋىيە بىلەن ئىراق بۇنىڭ ياخشى دەلىلى.ئافغانىستانمۇ بار.ھازىر مىسىر بىلەن ئىران،ۋە سۈرىيەلەر خەتەرلىك ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ خوشنىلىرىغا ھەربى ئايرۇپىلان سېتىپ بېرىشى قېرىندىشىنىڭ قولى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋاستىسى خالاس.
مۇنبىىمىزدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئەرەپلەردىن نەپرەتلىنىدىغان ئەزالارنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ مىللىتىمىز ئېتىقادىدىكى خەتەرلىك يىمىرىلىش.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
entel555 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
hvsniya + 100 توغرا پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11504
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7095 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 12:41 PM
ئامېرىكىنىڭ  قۇرال ياراق بىلەن قىلغان جېڭىگە قارىغاند ...

مەن مۇنبەردە ئەرەبلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنى ئاز-تولا ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەمما مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى دېيىشكە قانداق ئاساسىڭىز بار؟
سادام ئىراق خەلقىنى دەھشەتلىك ئەزگەندە، كۇرد مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلغاندا، ئامېرىكا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئۇلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈردى.
قازافى لىۋىيە خەلقىنى دەھشەتلىك ئېزىپ، مۇقەددەس كىتاب قۇرئاننى ئوقۇشىغا يول قويماي، ئۆزىنىڭ كۆك تاشلىق كىتابىنى ئوقۇشىغا مەجبورلىغاندا، يەنە ئامېرىكا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئۇلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈردى، بىر لىۋىيەلىك ھاياجان بىلەن:«ئەمدى قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بولدۇق» دېگىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن.
سېرىبلار ئالبان مۇسۇلمانلىرىنى قىرغاندا، يەنە ئامېرىكا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، كوسوۋونى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈردى.
چېچەنلەر...ئەزەربەيجانلار.....يەنە نۇرغۇن ئېزىلگۈچى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يان بېسىۋاتىدۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغۇدەك.
خوش، باش سۈرىتىڭىزدىكى سىگارت تۇتۇپ تۇرغان دىنسىزنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا چوقۇنىسىز شۇنداققۇ؟

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
koznak + 500 ھەق گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 559   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش